يەر شارى تورىنىڭ 31-مارت خەۋىرى: لىۋىيە ھۆكۈمىتىنىڭ باياناتچىسى 31-مارت بىلدۈرىشىچە، لىۋىيە رەھبىرى قازافى ۋە ئۇنىڭ نەچچە ئوغلى يەنىلا لىۋىيە چېگرىسى ئىچىدە بولۇپ، ئۇلار لىۋىيەدە «ئەڭ ئاخىرىغىچە» قېلىش ئىرادىسىگە كەلگەن. رېيتر ئاگېنتلىقىنىڭ ئۇچۇرىغا ئاساسلانغاندا، لىۋىيە ھۆكۈمىتىنىڭ باياناتچىسى مۇسا ئىبراھىم 31-مارت زىيارەتنى قوبۇل قىلغاندا «قازافى ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرى ھېلىمۇ لىۋىيەدىمۇ» دېگەن مەسىلىگە جاۋاب بېرىپ:«خاتىرجەم بولۇڭلار، بىزنىڭ بارلىق ئادەملىرىمىز بۇ يەردە. بىز لىۋىيەدە ئەڭ ئاخىرىغىچە تۇرىمىز. بۇ بىزنىڭ دۆلىتىمىز، بىز ھەر بىر جەڭ سېپىدا چىڭ تۇرىمىز» دېگەن.
فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ ئۇچىرىغا ئاساسلانغاندا، ش ئا ئە ت لىۋىيەگە قارىتىلغان ھەربىي ھەركەتكە قوماندانلىق قىلىش ھوقۇقىنى رەسىمىي تاپشۇرۇپ ئالغان. 3-ئاينىڭ 27-كۈنى ئاخباراتلار خەۋەر قىلىپ، ش ئا ئە ت ئامېرىكىنىڭ قولىدىن لىۋىيەگە قارىتىلغان ھەربىي ھەركەتكە قوماندانلىق قىلىش ھوقۇقىنى ئۆتكۈزۈۋالىدىغانلىقىنى خەۋەر قىلغان، ئەمما كېچىكتۈرۈلگەن ئىدى.