جۇڭگو ئاخبارات تورىنىڭ 31-مارت خەۋىرى: چەتئەل ئاخباراتلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، پاكىستان ساقچىلىرى دېيىشىچە، پاكىستاننىڭ غەربىي شىمالىدا 31-مارت يول بويىغا ئورنىتىلغان بومبا پارتلىتىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، ئىسلام قاتتىق قوللار گۇرۇھى پارتىيىسىنىڭ ئاتامانى قاتارلىقلار ئولتۇرغان ماشىنا ئەترىتى بومبا ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان، نۆۋەتتە ئاز دېگەندە 10 ئادەم ئۆلگەن، 20 ئادەم يارىلانغان، مەزكۇر پارتىيىنىڭ ئاتامانى يارىلانمىغان.
خەۋەرگە ئاساسلانغاندا، پاكىستاننىڭ چارسادا بازىرىدا يۈز بەرگەن بومبا ھۇجۇمى ۋەقەسى نەچچە كۈن ئىچىدە «جەمىئەت ئۆلىما ئىسلام پارتىيىسى- Jamiat Ulema » نىڭ ئاتامانى مۇلانا فەزلۇر راخمانغا قارىتىلغان ئىككىنچى قېتىملىق ھۇجۇم دەپ قارالغان.
يەرلىك ساقچىنىڭ دېيىشىچە، پارتلاشتا 10 ئادەم ئۆلگەن، ئۆلگىچىلەر ئىچىدە ئاز دېگەندە بىر ساقچى بار ئىكەن؛ باشقا يەنە ئاز دېگەندە 20 ئادەم يارىلانغان. راخمان يارىلانمىغان، ئەمما ئۇ ئولتۇرغان ماشىنا پارتلاشتا ئازراق زەخىمگە ئۇچرىغان.
تېلىۋىزىيەدىكى كۆرۈنۈشتىن، يول بويى بومبىسىنىڭ كۈچىنىڭ ناھايىتى زورلىقىنى، بىر ساقچى ماشىنىسى ۋە نەچچە سودا رەستىسىنىڭ پارتلاشتا زەخىمگە ئۇچرىغانلىقىنى كۆرىۋالغىلى بولىدىكەن.