ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ تېخى خىزمەت ئىزلەپ يۈرگەن شۇ ۋاقىتلاردا بىكارچلىقتا چەتئەل تىلى ئۆگەنمەكچى بولۇپ بىر كۇرسقا كىردىم، بۇ كۇرستا بىر ياش ئەر مۇئەللىم دەرس سۆزلەيدىكەن، يېشى 30لار ئەتراپىدىكى بۇ مۇئەللىم ئېنگىلىز تىلى ياپۇن تىلىنى شۇنچىكى راۋان سۆزلەيدۇكى خۇددى ئىككىنچى ۋە ئۈچىنچى ئانا تىلىدەكلا. دەرستىن چۈشكەن ۋاقىتلاردا بىر پاراڭلىشىپ قالاتتۇق، ئۇ بىر مەزگىل ساياھەت يىتەكچىلىكى قىلغان بولۇپ، ئۆز بېشىدىن ئۆتكۈزگەن ئىشلارنى بىزگە سۆزلەپ بېرەتتى.
بىر قېتىم ئۇ ساياھەت ئۆمىكىنى باشلاپ شىياڭگاڭ بارماقچى بولۇپ، خەينەن ئۆلكىسىنىڭ سەنيا شەھىرىدىكى بىر مېھمانخانىدا قونالغۇ قىلىپتۇ، ساياھەت يىتەكچىسى بىلەن شوپۇر ئادەتتە مېھمانلار بىلەن ئورتاق دەرىجىدە تۇرمايدىكەن، شۇڭا ئۇلارغا مېھمانخانىنىڭ ئەڭ چەتتىكى بىر ئۆيدىن ياتاق ئېچىپ بېرىپتۇ، شوپۇرنىڭ تىگى سەنيالىق بولغاچقا تۇققانلىرىنى يوقلاش ئۈچۈن ئۆيىگە كىتىپتۇ، ئوقۇتقۇچۇم ئامالسىز يالغۇز بۇ ياتاقتا ياتماقچى بوپتۇ، پاكىز تازىلانغان بۇ ياتاقتىن خېلىدىن بېرى ئادەم تۇرمىغانلىقى چىقىپ تۇراتتى. ئوقۇتقۇچۇم ساياھەتچلەرگە ھەمراھ بولۇپ كەچلىك بازارنى ئايلىنىپ كىرگۈچە ھېرىپ كېتىپ بالدۇرلا ئارام ئالماقچى بولۇپتۇ. يېرىم كېچىدە ئوقۇتقۇچۇم تۇيۇقسىز مۇزلاۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىپتۇ. ئويغىنىپ قارىسا يەردە ياتقۇدەك. قىززىق! ئۆزىمۇ سەزمىگەن ھالدا دومىلاپ كەتكەندەك ھېس قىلىپتۇ. ئۇ قايتىدىن كارۋاتقا چىقىپ يېتىپتۇ، كۆزى ئەمدى ئۇيقۇغا بارغاندا بىرى مۇرىسىدىن تارتقاندەك بىلىنىپ ئويغىنىپ كىتىپتۇ، قارىسا يەنە يەردە ياتقۇدەك. بۇ قېتىم ئۇنىڭ سەل ئاچچىقى كېلىپتۇ. قانداق كېچە بولدى بۇ. ھېلىلا كارۋاتتا ئىدىم..ئۇ شۇ خىياللار بىلەن غۇدۇڭشىغىنىچە كارۋاتقا چىقىپ يېتىپ كۆزىنى يۇمۇشىغا يەنە بىرى مۇرىسىدىن تارتقاندەك قىلىپتۇ. ئۇ بۇ قېتىم بۇنىڭ بىر خىيالىي سېزىم ئەمەسلىكىنى ھېس قىلىپتۇدە ئورنىدىن تۇرۇپ كىتىپتۇ.
-قانداق نىمە سەن؟ ئادەمنى ئۇخلىغىلى قويامسەن يوق؟
-كەچۈرۈڭ مېنىڭ كارۋىتىمدا يېتىۋاپسىز، مەن نەدە ياتىمەن.
-كىمسەن ئۆزۇڭ، قانداق كىردىڭ ياتاققا؟
-مەن شىياڭگاڭدىن كەلگەن ساياھەتچى ئىدىم، بىر يىل ئىلگىرى ساياھەت بىلەن بۇ يەرگە كەلگەن، ھاراق ئىچىپ ۋاننىدا يۇيىنىۋاتقاندا سۇدا تۇنجۇقۇپ ئۆلگەن. يۇرتۇمغا كىتەلمەي مۇشۇ ياتاقتا ئاۋارە بوپ يۇرۇيمەن.
ئوقۇتقۇچۇم دەسلەپتە ئۇيقۇچىلىقتا بۇنىڭدىن بەك قورقۇپ كەتمەپتۇ. خۇددى بىرى كىرىپ چاقچاق قىلىۋاتقاندەك ھېس قىلىپتۇ.
-بولدى چاقچاق قىلما، مېنى قانداق قىلسۇن دەيسەن، مېنىڭ بەك ئۇيقۇم كېلىپ كەتتى. ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
-مېنى يۇرتۇم شىياڭگاڭغا يەتكۈزۈپ قويۇڭ.
-بولىدۇ، بولىدۇ، ئاۋال مېنى ئۇخلىغىلى قويغىن، ئەتە سېنى يەتكۈزۈپ قويىمەن.
شۇنداق قىلىپ بۇ بىر كىچە ئۆتۈپ كىتىپتۇ. ئەتىسى ئۇستازىم ياتاقتا باشقا بىنورمال ئىشنىڭ بارلىقىنى ھېس قىلماپتۇ، كېچىدىكى ئىشلارنى چۈشۈم بولسا كېرەك دەپ ئويلاپ، ساياھەت ئۆمىكىنى باشلاپ شىياڭگاڭ، ئاۋمىن قاتارلىق جايلارنى ساياھەت قىلىپ قايتىپ كەپتۇ. كېچىدىكى ئەرۋاھنىڭ ئىشىنى ئۇ تامامەن ئۇنتۇپ قاپتۇ. بىر يىلدىن كېيىن ئۇستازىم يەنە مەلۇم سەۋەبلەر بىلەن يەنە شىياڭگاڭغا بارماقچى بولۇپ، يەنە شۇ مېھمانخانىنىڭ ئەشۇ ياتىقىغا چۈشۈپتۇ. يېرىم كېچىدە بىرى ئۇنىڭ بېشىنى سىلاۋاتقاندەك ھېس قىلىپتۇ، قۇلىقىغا << مېنى ئالدىدىڭىز، بەك ئىشەنچىسىز ئادەمكەنسىز. >> دەپ يىغلامسىراپ سۆزلىگەن سۆزلىرى ئاڭلىنشقا باشلاپتۇ. ئوقۇتقۇچۇم تۇيۇقسىز ئويغىنىپ كىتىپتۇ دە ئەتراپقا قارىسا قاراڭغۇ بۇلۇڭدا بىر سايە دۇغدىيىپ ئولتۇرغىنىچە يىغلاۋاتقۇدەك. ئوقۇتقۇچۇم بۇنىڭدىن قورقۇپ ياتاقتىن قېچىپ چىقىپتۇ دە مۇلازىمەت پۇكىيىگە بېرىپ << ياتاقتا بىر نەرسە باركەن، يىغلاۋاتىدۇ، ئۆزىنى شىياڭگاڭلىق ساياھەتچى دەۋاتىدۇ، ئىلگىرى بۇ يەردە بىرەر ئىش يۈز بەرگەنمۇ؟>> دەپ سوراپتۇ. مۇلازىمەتچى قىز ئوقۇتقۇچۇمنىڭ كۆزىگە بىر پەس قارىۋېتىپ: ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
-ئىلگىرى بىر شىياڭگاڭلىق ساياھەتچى سىز تۇرغان شۇ ياتاقتا يۇيىنىۋېتىپ تۇنجۇقۇپ ئۆلۈپ قالغانىكەن، كېيىن ئۇ ياتاققا چۈشكەنلەرنىڭ ھەممىسى ياتاق ئالماشتۇرۇشنى تەلەپ قىلىدىغان بولىۋالدى، بىزمۇ بىرەر نەرسىنى ھېس قىلغاندەك بولدۇق، ياتاق توشۇپ كەتمىگەن ئەھۋالدا بىز ئۇ ياتاقنى سىرتقا ئاچمايتتۇق. ئۇ ساياھەتچىنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر كەلگەن بولسىمۇ ئەمما ئۇ مەزگىللەردە سارس كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئالاھىدە مەزگىلى بولغاچقا جەسەتنى شىياڭگاڭغا ئۆتكىلى قويمىدى، ئامال يوق سەنيا شەھىرىگە دەپنە قىلىنغان ئىدى. ئوقۇتقۇچۇم مۇلازىمەتچى قىزنىڭ سۆزىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن ياتاققا قايتىپ كىرىپتۇ. ئاندىن ھېلىقى قاراڭغۇ سايىگە: ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
ئالدىنقى قېتىم مەن بىر قارا چۈش كۆردۇممىكىن دەپتىمەن، كەچۈرگىن، بۇ قېتىم مەن سېنى يۇرتۇڭغا يەتكۈزۈپ قوياي.
ئۇقۇتقۇچۇم كونىلاردىن << ئەرۋاھلار كۈنلۈك ئارقىلىق يوشۇرۇنىدۇ ھەم ئالاقە قىلىدۇ، ئۇزاق تۇرۇپ كەتكەن ئەرۋاھلارغا ماي سۈركەلگەن كۈنلۈك ئىشلىتىلىدۇ>> دىگەندەك سۆزلىرىنى ئاڭلىغان بولۇپ، سىرتتىن مايغا چىلانغان بىر كۈنلۈكنى ئەكىرىپ ئېچىپ قويۇپ ئۇخلاپتۇ، ئەتىسى تۇرغىنىدا كۈنلۈكنىڭ يېپىلىپ قالغانلىقىنى بايقاپتۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇ كۈنلۈكنى ئېلىپ ساياھەتچىلەر بىلەن شىياڭگاڭغا بېرىپتۇ، ئاندىن كۈنلۈكنى ئۇنىڭ تۇققانلىرىغا تاپشۇرۇپ بېرىپتۇ، تۇققانلىرى كۈنلۈكنى ئالغاندىن كېيىن دەرھال ئۆلگۈچى ئۈچۈن قايتىدىن نەزىر چىراق ئۆتكۈزۈپ، قايتا دەپنە قىلىپتۇ. شۇندىن كېيىن سەنيادىكى ئۇ مېھمانخانىدىكى ئاۋارە ئەرۋاھ پەيدا بولمايدىغان بوپتۇ. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
ئوقۇتقۇچۇم بىزگە دايىم : <<ئادەم ئۆزىنىڭ لەۋزىدە تۇرىشى كېرەككەن، بولۇپمۇ ئەرۋاھلارغا ئالدىراپ ۋەدە بېرىشكە بولمايدىكەن، >> دەيتتى.