لى مېينىڭ ئاتا – ئانىسى ئۈرۈمچى شەھىرى چاڭجياڭ يولىدىكى سودا شەھەرچىسىدە سودا قىلاتتى . ئۇلار سودا – سېتىقچىلىقنىڭ ئالدىراشچىلىقىدا لى مېينىڭ ئۆگىنىشىگە تازا كۆڭۈل بۆلۈپ كېتەلمىدى ، نەتىجىدە لى مېي تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتكۈزۈپلا مەكتەپتىن توختىۋالدى . شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ جەمىئىيەتتىكى بىر قىسىم ئويۇنچى قىزلار بىلەن ئارىلىشىپ ، كۈنلىرىنى تورخانا ، دېسكوخانىلاردا ئۆتكۈزۈشكە باشلىدى . ئەمدىلا 18 ياشقا كىرگەن لى مېينىڭ بويى ئېگىز ھەم چىرايلىق بولسىمۇ ، سەل سېمىز ئىدى . 2006 – يىلى ئۆكتەبىرنىڭ مەلۇم بىر كۈنى ئۇ توردا تونۇشۇپ مۇھەببەتلەشكەن يىگىتىنىڭ تەكلىپى بىلەن ئۇلارنىڭ ئۆيىگە باردى . يىگىتنىڭ ئاپىسى ئۇنىڭغا :
www.iz.la
– قىزىم چىرايلىق بولغىنىڭىز بىلەن سەل سېمىز ئىكەنسىز ، مەندە بىر خىل ئورۇقلىتىش دورىسى بار ، بىر قېتىم ئوكۇل قىلىپ ئۇرسىڭىز ئىككى كۈندىلا ئۈنۈمى كۆرۈلىدۇ . سىناپ باقامسىز ؟ – دەپ سورىدى .
ئەسلىدە بۇ ئانا –بالا زەھەر ئېلىپ ساتقۇچىلار بولۇپ ، لى مېى شۇ تاپتا ئۆزىنىڭ زەھەر ئۇۋىسىدا تۇرۇۋاتقانلىقىنى خىيالىغىمۇ كەلتۈرمىگەنىدى ، ئۇ بۇرۇندىنلا ئورۇقلاشنى خىيال قىلىپ يۈرگەچكە ، ۇب ئايالنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ ئىنتايىن خۇش بولۇپ كەتتى . شۇنداق قىلىپ ، سۇيۇقلاندۈرۇلغان خېروئىن شپرىس ئارقىلىق ئۇنىڭ تومۇرىغا ئۇرۇلدى . خېروئىننىڭ مىقدارى بەك كۆپ بولۇپ كەتكەچكە ، دېسكوخانىدا بىر كېچە مەيداندىن چۈشمەي ئۇسسۇل ئوينىدى . ئىككى كۈندىن كېيىن لى مېي يىگىتىنىڭ ئۆيىگە ھېلىقى ‹‹ ئورۇقلىتىش ئوكۇلى ›› نى ئۇرۇپ قويۇشنى تەلەپ قىلىپ كەلدى . ئىز تورى بەك ياخشى
– بۇنىڭدىن كېيىن دورا لازىم بولسا تارتىنماي ئۇدۇل كېلىۋېرىڭ ، – دېدى ھېلىقى ئايال .
شۇنىڭدىن كېيىن لى مېي بۇ ئايال بىلەن كۆڭۈل ئېچىش سورۇنلىرىغا بېرىپ ئوينىدى ھەم ‹‹ ئورۇقلىتىش ئوكۇلى ››لازىم بولغاندا ، تارتىنماي سوراپ تۇردى .
– ئەمدى ئوكۇل لازىم بولسا پۇل تېپىپ كېلىڭ ، بىكارغا بېرىۋېرىدىغان ئىش يوق ! – دېدى بىر كۈنى ھېلىقى ئايال سوغۇق تەلەپپۇزدا .
لى مېي شۇ چاغدىلا ئاتالمىش ئورۇقلىتىش ئوكۇلىنىڭ دەل خېروئىن ئىكەنلىكىنى ، ئۆزىنىڭ ئاللىبۇرۇن زەھەرگە خۇمار بولۇپ قالغانلىقىنى ھېس قىلدى . ئۇ پۇل تېپىش مەقسىتىدە دېسكوخانىلاردا ئىشلىدى . بۇ چاغدا ئاتا – ئانىسى ئۇنىڭ زەھەرگە خۇمار بولۇپ قالغانلىقىدىن خەۋەرسىز ئىدى . شۇ ئارىدا ئۇ مەلۇم ئىدارىدە ئىشلەيدىغان چېن گاڭ بىلنە تونۇشۇپ ، ناھايىتى تېزلا مۇھەببەتلەشتى ۋە بارا – بارا ئۇنىڭغىمۇ زەھەر چېكىشنى ئۆگەتتى . شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ زەھەر سېتىۋالىدىغان پۇلدىن خاتىرجەم بولدى ، لېكىن بۇ كۈنمۇ ئۇزاققا بارمىدى . چېن گاڭ مەجبۇرىي زەھەرسىزلەندۈرۈش ئورنىغا ئاپىرىۋېتىلدى . لى مېينىڭ ئىقتىسادىي مەنبەسى يەنە ئۈزۈلدى . ئۇ ئامالسىز ئۆيىدىكى نەرسىلەرنى سېتىقا ۋە ئوغرىلاشقا باشلىدى . شۇ ئارىلىقتا ئۇ زەھەر ئېلىپ – ساتىدىغان قوشكېزەك ئاكا – ئۇكا بىلەن تونۇشۇپ قالدى . ئۇلارمۇ دەسلەپتە ئۇنى زەھەر بىلەن ھەقسىز
تەمىنلىدى ، كېيىن بارا – بارا پۇل تەلەپ قىلىشقا باشلىدى .
تۇتقۇن قىلىنغان قىز
لى مېينىڭ زەھەر خۇمارى كۈچەيگەنسېرى خەجلەيدىغان پۇلىمۇ كۆپەيدى . ئاتا – ئانا قىزىدىكى نورمالسىزلىقلارنى كۆرۈپ ، ئۇنىڭ زەھەرگە خۇمار بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدى ۋە كۆپ نەسىھەت قىلدى ، لېكىن بىر چېكىم خېروئىن ئۈچۈن ھەرقانداق ئىش قىلىشقا تەييار تۇرىدىغان لى مېيگە ئاتا – ئانىسىنىڭ نەسىھەتلىرى قانداقمۇ كار قىلسۇن ؟ شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ ئۆيىگە ئايدا بىرەر قېتىم بارىدىغان ، ھالغان چاغلاردا بۇلۇڭ – پۇچقاقلاردا زەھەر چېكىپ يۈرىدىغان بولدى . ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
– ئاپا ، مېنى باشقىلار تۇتقۇن قىلۋالدى ، تېزدىن پۇل ئەكىلىپ بەرگىن!– لى مېي بىر كۈنى ئاپىسىغا يىغلاپ تېلېفون بەردى – مېنى تۇتقۇن قىلىۋالغانلار 7000 يۈەن تەلەپ قىلىدىكەن ، پۇلنى تېزرەك ئەكىلىپ بەر !
– ئۆيدە نەدىمۇ ئۇنچە كۆپ پۇل بولسۇن ؟تۇرۇۋاتقان يېرىڭنى ئېنىق دەپ بەر ساقچىغا دېلو مەلۇم قىلاي – دېدى ئانا جىددىيلىشىپ .
ئاپىسىنىڭ ‹‹ دېلو مەلۇم قىلىمەن ›› دېگەن گېپىنى ئاڭلىغان لى مېي دەرھال :
– ھازىرچە ماڭا ھېچ ئىش بولمىدى ، ھېچبولمىغاندا 2000 يۈەن تەييارلاپ كارتامغا سېلىۋەتكىن – دېدى .
ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
ئانا شۇندىلا قىزىنىڭ زەھەر سېتىۋېلىش ئۈچۈن يالغان سۆزلىگەنلىكىنى بىلدى .
قىزىدىن ئايرىلىپ قالماسلىق ئۈچۈن تاللىغان يول
لى مېينىڭ ئاتا – ئانىسى بۇلتۇر 10 – ئىيۇل ئۇنى توخانا ، دېسكوخانىلاردىن ئىزدەپ ، ئاخىر مىچۈەن – كۆكتاغ رايونىدىكى بىر كۆڭۈل ئېچىش سورۇنىدىن تاپتى ۋە ئۇنى ئۆيگە قايتۇرۇپ كەلدى . خۇمارى تۇتۇپ كەتكەن لى مېي ئۆيگە كەلگەندىن كېيىن يىغلاپ ئۆينى بېشىغا كىيدى ۋە قولىغا چىققانلىكى نەرسىنى ئۇرۇپ – چاقتى . قىزىنىڭ بۇ ھالىتىنى كۆرۈپ چىدىمىغان ئانا ئاخىر ساقچىخانىغا تېلېفون بەردى . ئەتىسى ساقچىلار كېلىپ لى مېينى زەھەرسىزلەندۈرۈش ئورنىغا ئېلىپ ماڭماقچى بولغاندا ، ئۇ :
ئىز تورى www.iz.la
– ئاتا – ئاناممۇ مەندىن كەچكەن بولسا ، بۇ جاھاندا بىرمۇ ياخشى ئادەم قالماپتۇ ، مېنى مەجبۇرىي ئېلىپ ماڭىمىز دەيدىكەنسىلەر ، سىلەرگە ئۆلۈپ بېرىمەن – دەپ قولىغا قىڭراق ئېلىۋالدى ، ساقچىلار ئۇنىڭغا : www.iz.la
– سىز ئەمدىلا 21 ياشقا كىرىپسىز ، ياخشى كۈنلىرىڭىز تېخى ئالدىڭىزدا ، زەھەرنى قانچە بالدۇر تاشلىسىڭىز ، شۇنچە ياخشى ، زەھەرسىزلەندۈرۈش ئورنى ھەرگىز تۈرمە ئەمەس ، دوختۇرخانىغا ئوخشاش ئورۇن – دەپ خىزمەت ئىشلىدى . لى مېينىڭ ئاپىسى :
– قىزىم ، بىز سەندىن ھەرگىز ئايرىلمايمىز ، سېنى قۇتۇلدۇرۇپ قېلىشىمىز كېرەك ، كۆڭلىمىزنى چۈشەنگىن – دەپ يالۋۇردى .
لى مېي ساقچىلارنىڭ چۈشەندۈرۈشى، ئاپىسىنىڭ يالۋۇرۇشلىرى بىلەن قىڭراقنى تاشلىدى .
زەھەر چەككۈچىلەرنىڭ يېشى كىچىكلىشىشكە يۈزلىنىۋاتىدۇ
ئۈرۈمچى شەھەرلىك مەجبۇرىي زەھەرسىزلەندۈرۈش ئورنىنىڭ زەھەر تاشلاتقۇزۇش دوختۇرى شىن مىن مۇنداق دېدى :
ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تور
– مەن بۇ خىزمەت بىلەن شۇغۇللانغان 12 يىلدىن بۇيانقى ياش پەرقى ، تەربىيلىنىش پەرقى ، جىنس پەرقى ، ئىقتىسادىي كىرىم پەرقى ئوخشىمايدىغان 1281 زەھەر چەككۈچىنىڭ ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ باقتىم ، ئۇلارنىڭ ئىچىدە 30 ياشتىن تۆۋەنلىرىنىڭ نىسبىتى % 82 تىن ئېشىپ كېتىدىكەن . ئۇلاردىكى ئورتاق ئالاھىدىلىك قىزىقىش ، دوراش ياكى بىلمەي خۇمار بولۇپ قېلىش ، ئىككى كۈن ئىلگىرى بۇ يەرگە ئىككى ياش ئېلىپ كېلىندى ، بىرى تېخى يېقىندىلا ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتناشقان ، يەنە بىرى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتناشماقچى بولۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلار ئىكەن .
زەھەر چەككۈچىلەرنىڭ يېشىنىڭ كىچىكلىشىشكە قاراپ يۈزلىنىشى مائارىپ سىستېمىسىنىڭ ، شۇنداقلا ئاتا – ئانىلارنىڭ يۈكسەك دىققەت ئېتىبارىنى قوزغىشى كېرەك . بۇنىڭ ئۈچۈن ، بىرىنچىدىن ، ئۇلارغا بەزى ئىشلارنى ھاياتىدىن دوغا تىككەن ئاساستا سىناپ كۆرۈشنىڭ قىلچە زۆرۈرىيىتى يوقلۇقىنى بىلدۈرۈش كېرەك ؛ ئىككىنچىدىن ، بالىلارنىڭ ياخشى دوست تۇتۇشىغا ئالاھىدە دىققەت قىلىش كېرەك ؛ ئۈچىنچىدىن ، بالىلارنى بولۇپمۇ قىزلارنى مۇرەككەپ كۆڭۈل ئېچىش سورۇنلىرىغا كىرگۈزمەسلىك ، باشقىلارنىڭ ھەر خىل ئۇسۇلدا قەست قىلىشى ، ئازدۇرۇشىدىن ساقلىنىش كېرەك ؛ تۆتىنچىدىن ، ئوقۇغۇچىلارغا ، بولۇپمۇ قىزلارغا قالايمىقان ئاغرىق توختىتىش ، ئورۇقلىتىش ، روھلاندۇرۇش دورىلىرىنى ئىشلەتمەسلىك ، بەزى دورىلارنى كۆپ ئىشلەتكەندە خۇمار بولۇپ قالىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈش كېرەك . ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
مەنبە؛ سەئىدىيە بىلوگى ئىز تورى www.iz.la