ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>خەلقئارا>

‹‹ئۈچ چوڭ ئەرباب›› باش قوشتى: ياۋروپا بىلەن رۇسىيە دوستلىشىشى كېرەك

2010-يىلى10-ئاينىڭ19-كۈنىمەنبە:تەڭرىتاغ تورى يوللىغۇچى: ئايگۇل
    18–ئۆكتەبىر ، فىرانسىيە زۇڭتۇڭى ساركوزى (ئوتتۇرىدا) ، گېرمانىيە زۇڭلىسى مېركېل (ئوڭدا) ۋە رۇسىيە زۇڭتۇڭى مېدۋېدېۋلار فىرانسىيەنىڭ دوۋىل شەھىرىدە ئۇچراشتى . ساركوزى بىلەن مېركېل شۇ كۈنكى سۆھبەتتىن كېيىن، ئاخبارات ۋاستىلىرىغا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: سوغۇق م
  

    18–ئۆكتەبىر ، فىرانسىيە زۇڭتۇڭى ساركوزى (ئوتتۇرىدا) ، گېرمانىيە زۇڭلىسى مېركېل (ئوڭدا) ۋە رۇسىيە زۇڭتۇڭى مېدۋېدېۋلار فىرانسىيەنىڭ دوۋىل شەھىرىدە ئۇچراشتى . ساركوزى بىلەن مېركېل شۇ كۈنكى سۆھبەتتىن كېيىن، ئاخبارات ۋاستىلىرىغا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشىنىڭ ئاياغلىشىشىغا ئەگىشىپ ، ياۋروپا بىلەن رۇسىيە ئورتاق خىرىسقا دۇچ كېلىۋاتىدۇ ، شۇڭا دوستلىشىشى كېرەك .

 
ساركوزى ، مېركېل ۋە مېدۋېدېۋلار بىرگە 
 
 

ساركوزى بىلەن مېركېل ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا 

   ساركوزى ، مېركېل ۋە مېدۋېدېۋلار فىرانسىيەنىڭ دېڭىز ساھىلى شەھىرى دوۋىلدا كىشىلەرگە قول پۇلاڭلاتماقتا . شۇ كۈنى، ساركوزى ، مېركېل ۋە مېدۋېدېۋلار دوۋىلدا ئۇچرىشىپ ، ئۈچ تەرەپ ئورتاق كۆڭۈل بۆلىدىغان خەلقئارالىق چوڭ مەسىلىلەردە پىكىر ئالماشتۇردى ، ياۋروپا بىلەن رۇسىيە ، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى بىلەن رۇسىيەنىڭ ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنى قۇرۇش ھەققىدە مۇزاكىرىلەشتى.

 

ساركوزى ، مېركېل ۋە مېدېۋېدېۋلار بىرلىكتە خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى

( مۇھەررىر : شەرىپە )
خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!