ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>شىنجاڭ>

مەملىكەتلىك باغۋەنچىلىك تەرەققىياتى نەق مەيدان يىغىنى ئاپتونوم رايونىمىزدا ئۆتكۈزۈلدى

2011-يىلى10-ئاينىڭ10-كۈنىمەنبە:تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى يوللىغۇچى:
  

    ياڭ جيې خەۋىرى : مەملىكەتلىك باغۋەنچىلىك تەرەققىياتى نەق مەيدان يىغىنى 8 – ئۆكتەبىردىن 9 – ئۆكتەبىرگىچە ئاقسۇدا ئېچىلدى.

    دۆلەت ئورمانچىلىق ئىدارىسىنىڭ باش ئىنژېنېرى چېن فېڭشۆ، ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى چيەن جى يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى. چيەن جى مۇنداق دېدى: ھازىر شىنجاڭنىڭ خاس باغۋەنچىلىك تەرەققىياتى ئىشلەپچىقىرىش تىپىدىن تىجارەت تىپىغا ئۆزگىرىۋاتقان، كەسىپلەشتۈرۈش، كۇرسلۇق مەھسۇلات يارىتىش، بازارلاشتۇرۇش، زامانىۋىلاشتۇرۇش ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈرۈلۈۋاتقان ئاچقۇچلۇق مەزگىلدە تۇرۇۋاتىدۇ. دۆلەت ئورمانچىلىق ئىدارىسى مەملىكەتتىكى نوپۇزلۇق مۇتەخەسسىسلەرنى بۇ قېتىمقى يىغىننى كۇرس شەكلىدە ئېچىشقا ئۇيۇشتۇرۇپ، ئىقتىسادىي ئورمان باشقۇرۇش تېخنىكىسى بويىچە تەربىيەلەش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، شىنجاڭغا باغ – ئورمان باشقۇرۇش تېخنىكىسى بويىچە بىر تۈركۈم ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەپ بەردى، بۇ، شىنجاڭنىڭ خاس باغۋەنچىلىك تەرەققىياتىغا زور مەدەت بەرگەنلىكنىڭ كونكرېت ئىپادىسى.

    تونۇشتۇرۇلۇشىچە، ئاپتونوم رايون بۇ يىل باغۋەنچىلىكنى ئاساس قىلىدىغان رايونلاردا ‹‹ئېكولوگىيەسى ياخشى باغ›› سىناق نۇقتىسى تۈرىنى قانات يايدۇرۇپ، نەشپۈت، ئالما، چىلان ۋە ياڭاقنى ئالدىن تاللاپ، ئاقسۇ ۋىلايىتى ۋە بايىنغولېن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىدا سىناق بازىسى قۇرۇپ، ‹‹ئېكولوگىيەسى ياخشى باغ›› قۇرۇلۇشىنى پائال ئىلگىرى سۈرۈشنى قارار قىلغان.

خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!