ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>شىنجاڭ>

خېجىڭ ناھىيەلىك رادىيو-كىنو-تېلېۋىزىيە ئىدارىسى رادىئو-تېلېۋىزىيەنى ھەممە كەنتلەرگە يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىدىكى ئىلغار كوللېكتىپ بولۇپ باھالاندى

2011-يىلى10-ئاينىڭ10-كۈنىمەنبە:تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى يوللىغۇچى:
  

    ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز مېھرىگۈل يۈسۈپ خەۋىرى:خېجىڭ ناھىيەلىك رادىيو-كىنو-تېلېۋىزىيە ئىدارىسى ئاپتونوم رايون تەرىپىدىن‹‹11-بەش يىل››لىق پىلان مەزگىلىدە ھەممە كەنتلەرگە راديو-تېلىۋىزىيەنى يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىدىكى ئىلغار كوللېكتىپ بولۇپ باھالاندى.

    خېجىڭ ناھىيەلىك رادىيو-كىنو-تېلېۋىزىيە ئىدارىسى 2009-يىلىدىن باشلاپ ھەممە كەنتلەرگە رادىيو-تېلېۋىزىيەنى يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويغان بولۇپ، ھازىرغىچە چەت-يىراق كەنتلەرگە «ھەممە كەنتلەرگە رادىيو-تېلېۋىزىيە يەتكۈزۈش» ئۈسكۈنىسىدىن جەمئىي 6500 يۈرۈش ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، چەت-يىراق كەنتلەردىكى ئاممىنىڭ مەنىۋى  تۇرمۇشىنى بېيىتتى. خېجىڭ ناھىيەسى ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە يۇقىرى سۈپەت، يۇقىرى ئۆلچەم بىلەن ‹‹11-بەش يىل››لىق پىلان مەزگىلىدە ھەممە كەنتلەرگە رادىيو-تېلېۋىزىيەنى يەتكۈزۈش قۇرۇلۇش ۋەزىپىسىنى ئوڭۇشلۇق تاماملاپ دۆلەتلىك ۋە ئاپتونوم رايونلۇق رادىيو-كىنو-تېلېۋىزىيە باش ئىدارىلىرىنىڭ تەكشۈرۈپ باھالىشىدىن ئوڭۇشلۇق ئۆتتى.

    خېجىڭ ناھىيەلىك رادىيو-كىنو-تېلېۋىزىيە ئىدارىسىدىن ئىگىلىنىشىچە، ‹‹12-بەش يىل››لىق پىلان مەزگىلىدە بۇ ئىدارە ناھىيەنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا ئاساسەن ‹‹ھەممە كەنتلەرگە رادىيو-تېلېۋىزىيە يەتكۈزۈش››ئۈسكۈنىسىدىن يەنە 15 مىڭ يۈرۈشنى يەتكۈزۈشنى پىلانلىغان.

خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!