جۇڭگو ئاخبارات تورىنىڭ 28 - سېنتەبر خەۋىرى: يۈرەك قوزغاتقۇچ كۆچۈرۈش كەشپىياتچىلىرىنىڭ بىرى بولغان ئامېرىكىلىق ۋېلسېن گرېيتباچ (Wilson Greatbatch) شۇ جاي ۋاقتى 27 - سېنتەبر نيۇيورك Buffalo شەھىرىدە 92 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتكەن. تونۇشتۇرۇلىشىچە، گرېيتباچ ئۆمرىدە 150 خىل پاتېنتقا ئېرىشكەن بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە 1960 - يىلىدىكى تۇنجى قېتىملىق ئادەم بەدىنىگە كۆچۈرگەن يۈرەك قوزغاتقۇچمۇ بار ئىكەن. يېقىنقى يىللاردا ئەيدس كېسىلىنى داۋالاش تەتقىقاتىغا كۈچ چىقىرىۋاتقان ئىكەن. خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا، 1960 - يىلى، 77 ياشلىق بىمارغا يۈرەك قوزغاتقۇچ كۆچۈرۈپ، ئۆمرىنى 18 ئاي ئۇزارتقان. بۇ خىل يۈرەك قوزغاتقۇچ يۈرەكنىڭ رېتىملىق سوقۇشىغا ياردەم بېرىدىكەن. بۈگۈنكى كۈندە ھەر يىلى 100 مىڭلىغان ئادەم يۈرەك قوزغاتقۇچ كۆچۈرۈش ئوپېراتسىيىسى قىلدۇرىدىكەن. نۆۋەتتە، گرېيتباچنىڭ نېمە سەۋەبتىن ۋاپات بولغانلىقى ئېنىق بولمىغان ئەھۋالدا، ئۇنىڭ كۈيئوغلى لېررىي مەكشېرىلو (Larry Maciariello) مۇخبىرلارغا يېقىنقى يىللاردىن بۇيان گرېيتباچ سالامەتلىك ئەھۋالىنىڭ ئانچە ياخشى ئەمەسلىكىنى ئېيتقان. (mehray)