-دىلدار،كېچىچە يەنە تورخانىداتۈنىدىڭمۇ؟
-ھەئە،نىمە بولدى؟
-ئەستا،ئۇنداق قىلماي يان تېلفۇندىن بىرنى ئالە ئەمدى؟
-نىمە ئىش بولدى؟
-ئاناڭ تۈنۈگۈندىن بۇيان توختىماي تېلېفون قىلىپ چېقتى....
-ۋاي نىمە دەيدىغانسەن؟
-ئەنە،قەغەزگە خاتىرلەپ قويغان.چۈشتىن كىيىن سائەت تۆتتە قىپتىكەن،سىنى كۈتۈپخانىغا چېقىپ كەتتى دىدۇق؛سائەت بەشتە يەنە قىلدى ،تېخى كىرمىدى دىدۇق؛سائەت ئالتىدە كەچلىك مۇزاكىرىگە چېقىپ كەتتى،بەك كەچ كىرەمدىكىن دىسەك سائەت ئوندا يەنە قىپتۇ.
-نىمە دېدىڭلار؟
-سۇخانىغا چىقىپ كەتتى ،دېدۇق.
-قاچانلا بولسا نازارەت قىلىپلا يۈرگەن ئادەمنى،توۋا كىچە سائەت بىردىمۇ قىپتۇغۇ ئەمدى...
ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
-شۇ گەپ،نائىلاج ئۆگىنىش قىلىپ چارچاپ كېتىپتىكەن ئوخلاپ قالدى دېدۇق.سەنمۇ ئادەم بولغاندىكىن،<<چاقىرىپ قويۇڭ بالام>>دېسە قانداق قىلاتتۇق؟يالغان ئېيتىۋىرىپ قىزىرىپ كەتتۇق! بىچارە ئاناڭنىڭ ئاۋازى زەئىپ چىقىدۇ،ئاران-ئاران سۆزلەيدۇ.ئۇخلاپ قالدى دىسەم:<<بوپتۇ بالام،قىزىمنى ئويغاتماڭ،ئوبدانراق ئوخلىۋالسۇن>>دەيدۇ،يۈرىگىم ئىزىلىپلا كەتتى...ھەي،گۈلىيىپ تۇرغىچە چاپسان ئۆيىڭگەتېلفۇن قايتۇرمامسەن؟
دىلدار ياتاقدىشى ئۇزاتقان تېلفۇننى ئىلىپ ئۆيىنىڭ نومۇرىنى باستى.ئەپسۇس،تىلفۇندا ئانىنىڭ ئاۋازى ئاڭلانماستىن،قېيا-چىيا ئاۋازلارلا ئاڭلىناتتى،كىملەرنىڭدۇ قوشاق قېتىپ كۆتۇرگەن نالە-پەرياتلېرى،يەنە كىملەرنىڭدۇر ئىچ-باغرىدىن چىقىۋاتقان يېغا ئاۋازى.... ى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى
ئانا ئەسلىدە تولىمۇ،تولىمۇ يىراق بىر يەرگە ماڭماقچى بولغان،بىردىنبىر يۈرەك بارىسىنى باغرىغا باسالمىغان تەغدىردىمۇ(كېسىلى ئېغىرلاشقان ئاداققى كۈنلەردېمۇ ئانا قىزىنىڭ ئۇقۇشىغا تەسىر يەتمىسەن دەپ ئۇنى چاقىرغىلى قويمىغان ئىدى) ئاۋازىنى بولسىمۇ بىر ئاڭلىۋالغان بولسا يۈرىگى ئارام تاپار بۇلغىيدى؟ بىچارە ئانا،جان ئۈزۈش ئالدىدىمۇ قىزىنىڭ ئۇيقىسىنى بۇزغۇسى كەلمىدى،<<قىزىمنى ئويغاتماڭلار>> ئانىنىڭ ئەڭ ئاداققى بىر جۈملە سۆزى بولۇپ قالدى.