شەھەرلىك كېلىنچەك

ۋاقتى:2011-07-01 13:19مەنبە: يوللىغۇچى: گۈزەلنۇر چېكىلىشى:قىتىم
  

شەھەرلىك كېلىنچەك

بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن


 سەھەر ئاسماندىكى تۈن رېڭىنى يەڭدى. ئەمما قوياش ھېلىھەم كۆرۈنگىنى يوق. ئۇنى غۇلۇس تاغلار توسۇپ تۇرۇپتۇ. ئىتلار ھاۋشىپ، خورازلار قىچقاردى. قىشلاق ئويغىنىشقا باشلىدى. ھويلىلاردا چىلەك، سۈپۈرگە تۇتقان كېلىنچەكلەر كۆرۈندى. سىزمۇ ئۇيقىڭىزنىڭ ئەڭ شىرىن دەملىرىدىن كېچىپ تاشقىرىغا چىقسىڭىز، ئاجايىپ مەنزىرىنىڭ گۇۋاھى بولىسىز. كېلىنلەرنىڭ ھەممىسى كۆزنى قاماشتۇرىدىغان يالتىراق كۆينەكلەر، كوپتا ۋە پارچە خالات لازىملار كىيىشكەن. ئەتلەسنىڭ مىڭ خىل تۈرى بار دەيسىز. ئۇلار كوچا سۈپۈرۈشكە ئەمەس، مىللىي لىباسلار كۆرىكىگە ئاتلىنىشقاندەك. سۈپۈرۈشتىن كېيىن كوچىلارنىڭ چىرايى ئېچىلدى، گۈل-دەرەخلىرى كۆرۈندى. قوياشمۇ تاغلار ئارقىسىدىن مارىلىدى. كېلىنچىگى يوق خانىدان ئىشىكلىرى سەل كەچرەك ئېچىلىدۇ. دەم ئېلىش كۈنى ئانىلار بويىغا يەتكەن قىزلىرىنى بىر ئاز ئايىشىدۇ. ئۇيقۇغا قېنىۋېلىشسۇن. قوياش ئۇپۇققا كۆتۈرۈلگەندە كوچىنىڭ ئەڭ چەتتىكى ئىشىگى ئېچىلىپ، چىلەك كۆتۈرگەن رەنا كۆرۈندى. ئەڭنىدە ئاقىرىپ كەتكەن چىت خالات، ساپ-سېرىق گۈللۈك رومىلىنى قېشىغىچە چۈشۈرۈۋالغان. رەنا چىلەكلىرىدىكى سۇنى ھەپسىلىسىزغىنا سەپتى-دە، ئۆيىگە كىردى. ياتاقتا پۇشۇلداپ ئۇخلاۋاتقان ئېرىنىڭ يېنىغا سوزۇلدى. جەننەت ئانا كېلىنىنىڭ قەدەم تاۋۇشلىرىدىن ئويغانغان ئىدى. ئانا، سۇ سېپىپ بولدى، ئاشخانىغا كىردىمۇ؟ يوق. زەردە بىلەن ئورنىدىن تۇردى. تاراق-تۇرۇق بىلەن ناشتا تەييارلاشقا تۇتۇندى. قۇدرەت ئاكا خوتۇنىنىڭ چەينەكنى تۇتۇپ تۇرۇشىدىن كەيپىياتىنى سەزدى.

بىز ھەممىمىز ئىز تورىنى ياخشى كۆرىمىز!


- باشقىلار قېنى؟- دەپ سورىدى-يۇ، تىلىنى چىشلىدى. بىكار خوتۇنىنىڭ ئاغرىق تومۇرىغا تېگىپ كەتتى-دە.
- قايەردە بولاتتى ئەتىگەن سەھەردىن؟ شىرىن چۈش كۆرۈپ يېتىۋاتقاندۇر. باشقىلارنىڭ ھويلىسى ياغ تامسا يالىغۇدەك، بىزنىكىدە نامىغا سۈپۈرگە ئايلاندى. ئىككى يىل ئۆتتى، ھېچ ئۆگىنەلمىدى، ئۆگىنەلمىدىدە. بۇنىڭ ئۈستىگە ئۇيقۇچان بولۇپ قالدى. شەھەرلىك كېلىن بىزگە تۆزىمەيدۇ، دەپ نەچچە مەرتە ئېيتقانىدىم سىزگە. - جەننەت ئانا قۇدرەت ئاكىغا ئەمەس، قوۋم قوشنىغا دەۋاتقاندەك، بار ئاۋازى بىلەن جاۋۇلداشقا باشلىدى.
- بەلكى...
- ئە، قاياقتا؟! شۇ پەيتكىچە بىر ئېتەك بالا تۇغسا بولاتتى. بۇ كېلىنىڭىزگە ئىشەنچ يوق. شامال تۇرسا، رەيھاندىن ئالدىن ئىگىلىدۇ. - قۇدرەت ئاكا خوتۇنىغا سىرلىق قاراپ قويدى. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
- ئاخىر ئۆزۈڭمۇ بەش يىل تۇغالمىغىنىڭنى ئۇنۇتتۇڭمۇ؟
- شۇنىڭ ئۈچۈن-دە، خۇدادىن تىلەپ ئالغان يەككە يالغۇزۇم ئۆزىدىن كۆپەيسۇن دەيمەن. شەھەرلىكلەر بىر-ئىككىدىن ئاشۇرۇشالمايدۇ.
- بۇ يەر شەھەر ئەمەس. خۇدا بەرسۇن، بىر ئارقا-ئالدىڭ تولۇپ، قىمىرلىيالماي قال!
جەننەت ئانا يىغلىۋەتتى.
- كېلىنىڭىز مېنى مەڭسىتمەيدۇ. باشقا كېلىنلەر قېينانىسىنى ئاپىجان دەپ چاقىرىشىدۇ. ئۇ بولسا...
- ئە... خوتۇن، ئاپىجان دىسە جەننەت ئېتىڭغا بىر نەرسە قوشۇلۇپ قالارمىدى؟ كېلىنىمىز شۇنداق ئەدەبلىك، بېسىق. ئىككى يىل ئىچىدە "سەن-مەن" دىيىشمىدىڭ. ئاپىجان دىگەن كېلىنلەرنىڭ بەزىلىرى "جان"لاپ جېنىنى ئالىدۇ. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
- ئاخىر بۇ ھەم ئارزۇ-ھەۋەس، دادىسى.
- ئوغلۇڭ بىلەن كېلىنىڭ قوشماق مېغىزدەك ئايرىلماي يۈرۈشۈپتۇ، ئەنە شۇ ئارزۇ-ھەۋىسىڭگە يەتكىنىڭ، شۈكۈر قىل، ئانىسى!
ئۈمىد كىرىپ كېلىشى بىلەن قۇدرەت ئاكا يۈزىگە ئۆزگىچە تۈس بەردى:
- كەل، ئوغلۇم، ياخشى دەم ئالدىڭمۇ؟
- قېنى سۆيۈملۈك خوتۇنۇڭ؟ ھېلىغىچە ئۇخلاۋاتامدۇ؟ كېچىسى نىمە ئىش قىلىدۇ ئۇ؟- ئانىنىڭ ئاچچىقى بېسىلمىدى.
- بولدى قىل، خوتۇن، - دېدى قۇدرەت ئاكا قەتئىي قىلىپ. ئۈمىد ئۈندىمىدى. ئانىسى بىلەن تالىشىش پايدىسىز ئىكەنلىكىنىگە ئاللىقاچان ئەقلى يېتىپ قالغان ئىدى. ئېرى بىلەن ئىزمۇ-ئىز رەنا كۆرۈندى. ھەممىگە سالام بەردى. خىجالەتتىن نىمە دىيىشىنىمۇ، نىمە قىلىشىنىمۇ بىلەلمەي كۆزىنى يەرگە تىكىپ تۇرىۋەردى. قېيىنئانا ئىلىك ئالماي تۆۋەن قارىۋالدى. قۇدرەت ئاكا كېلىنىنى ناقولاي ئەھۋالدىن قۇتقۇزۇش ئۈچۈن دېدى: تور دۇنياسىدىكى چاقنىغان يۇلتۇز - ئىز تورى!
- كەل، قىزىم. چېيىڭ سوۋۇپ قالدى.
ناشتا پەيتىدە ھەممە ئاغزىغا تالقان سېلىۋالغاندەك جىم ئولتۇردى. داستىخانغا پاتىھە ئوقۇلغاندىن كېيىن، ئائىلە ئەزالىرى ئۆز ئىشلىرى بىلەن ھەر يەرگە تارقىلىشتى. رەنا بىر ئۆزى قالدى. ئىدىش-تاۋاقلارنى يىغۇشتۇرۇپ، يۇيدى. كېيىن ئوز خانىسىغا كىرىپ، دىۋانغا چۆكتى. ئويغا پاتتى. ئىككى يىلدىن بېرى مۇشۇ ئائىلىدە تۇردى، ئەمما ھەممە نەرسە ئۇنىڭغا ئامانەتكە ئوخشايدۇ. ئۇنى دائىما ھەر قاياقتىن ئوراپ تۇرغان بۇ بەھەيۋەت تاغلار، سەل كەم يېرىم كېچىدە چىقىۋالىدىغان جەزىرىمە قوياش، قىشلاقنىڭ كوچىلىرىنى چاڭلىتىپ ئۇ ياقتىن بۇ ياققا يۈرىدىغان سىيىر ۋە ئېشەكلەر، نىھاتكى ئۇنىڭ پۈتۈن ئۆمرى شۇلار ئارىسىدا ئۆتەرمۇ... رەنانىڭ نەزىرىدە، بۇلارنىڭ بارچىسى چۈش... ھەدىمەي ئويغىنىدۇ ۋە ئۇ ئۆز شەھرىگە، ئاتا-ئانىسى باغرىغا قايتىدۇ. ئەگەر ئۈمىدنى سۆيمىگىنىدە ئىدى، ئاللىقاچان ئېتىگىنى سىلكىپ كەتكەن بولاتتى. ئېرىنى دوستىنىڭ تويىدا ئۇچرىتىپ، بىرىنچى كۆرىشىدىلا ياخشى كۆرۈپ قالغان ئىدى. ئاۋالىغا ئانىسى ئۇلارنىڭ تۇرمۇش قۇرۇشىغا قارشىلىق قىلدى. لېكىن رەنا جاھىللىق قىلىپ تۇرۇۋالدى. ئاتىسى قىزىغا يان باستى. جىددىي، مۇستەقىل پىكرلىك ئۈمىد ئۇنىڭغىمۇ يېقىپ قالغان ئىدى. تويدىن كېيىنكى پەيتلەر ئۈمىدنىڭ سۆيگۈسى رەناغا قانات بەخش ئەتتى، پۈتۈن ئەتراپ-ئالەم گۈزەل كۆرىنەتتى. لېكىن ۋاقىت ئۆتىشى بىلەن تەبىئەت گۈزەللىگىمۇ، ساپ تاغ ھاۋاسىمۇ، ھەتتاكى ئېرىنىڭ سۆيگۈسىمۇ ئادەتىي ئىكىر-چىكىرلەرگە ئايلىنىپ كەتتى، ئۇنىڭغا ھەممە نەرسە مالال كېلىشكە باشلىدى. بۇنىڭ ئۈستىگە، قېيىنئانىسىنىڭ مېنى ئاپىجان دىسۇن، دىگەن تەلىۋىمۇ ئارتۇقچە... ئىز تورى www.iz.la
بىر كۈنى رەنا ئانىسىنى بەكلا سېغىندى. شەھەرگە بارىدىغان يولغا مەيۈس قاراپ تۇرغىنىدا ئېرى ئارقىسىدىن كەلدى-دە، يەلكىسىدىن ئاستا قۇچاقلىدى.
- ئۆيۈڭنى سېغىندىڭمۇ؟
- ھەئە.
- رەنا، سەندىن بىر نەرسىنى ئىلتىماس قىلسام مەيلىمۇ؟ رەنا سوئال نەزىرى بىلەن ئېرىگە قارىدى.
- ئانامنى "ئاپىجان" دىگىن. رەنا چوڭقۇر خۇرسىندى.
- بىلەمسىز، ئانام مېنىڭ ئەڭ يېقىنىم، سىردىشىم، مەسلىھەتچىم. ئۇ ئاجايىپ ئايال. مەن، ئەپسۇسكى، بىرەر مەرتىۋە ئۇنى "ئاپىجان" دەپ ئاتىمىغانمەن.
ئۈمىد ئۈندىمىدى. لېكىن شۇندىن كېيىن خوتۇنىنىڭ كۆڭلىگە قىزىقماي قويدى. بېشى بىلەن ئىشىغا شۇڭغىدى. رەنا قېينانىسىغا ھېچ گەپ قايتۇرمىسىمۇ، ئىشلارنى كەم كۈتىسىز بىجىرسىمۇ ئۇلارنىڭ مۇناسىۋىتى سوغۇقلىشىپ كېتىۋەردى. خىياللار ئېقىمىدا ئولتۇرغاندا، بىردىن ئۇنىڭ ئاغزىغا ھۆ كەلدى. ئورنىدىن تۇرۇپ، ھويلىغا قايتتى. ئازراق ئېكىن تېرىلغان يەرگە كېلىپ، تىز چۆكتى. سەل نېرىدا ئۆز ئىشلىرى بىلەن ئالدىراش يۈرگەن قېيىنئانا ئۇنىڭغا سىنچىلاپ قاراپ قالدى. كەچكى پەيت رەنا كوچا سۈپۈرىۋاتقاندا، قوشنا بالا رۇستەم ئالدىغا يۈگۈرۈپ كەلدى.
ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

- رەنا، بۈگۈن ھۆ بولدۇڭغۇ دەيمەن. تامدىن سېنى كۈزىتىپ تۇرۇۋىدىم. چېھرىڭدە رەڭ قالماپتۇ.
- ھېچقىسى يوق. بىرور نەرسە يەپ قويغاندۇرمەن-دە، - جاۋاپ قىلدى رەنا.
رۇستەم جەننەت ئانىنىڭ تام قوشنىسى. 13-14 ياشلارغا كىرگەن بولسىمۇ، كۆرۈنىشىدىن ياش بالىغا ئوخشايتتى - خۇدا بويدىن بەرمىگەن. لېكىن شۇنىڭغا قارىماي ئۇ ناھايىتى كەمئەقىل، قىشلاق بالىلىرى ئىچىدە ئەڭ "كىچىكى" ئىدى. رەناغا بولغان مۇناسىۋەتنى ئۆزىمۇ چۈشىنەلمەيتتى. نىمە بولغاندىمۇ، ئۇنى بەك ھۆرمەت قىلاتتى، ئۇنىڭغا قاتتىق باغلىنىپ قالغانىدى. ئۈمىدنى كۆرگىلى كۆزى يوق ئىدى. بۇ كوڭۈلچان يىگىتنىڭ مېھرىبانلىغى رەناغا خۇش ياقاتتى، گېزى كەلگەندە، تەسەللى بولاتتى. پۈتۈن قىشلاق بويىچە شۇ بالىلا ئۇنىڭ يىگانە دوستى دىسىمۇ بولاتتى.
تور دۇنياسىدىكى چاقنىغان يۇلتۇز - ئىز تورى!

- كەل، ھويلاڭنى سۈپۈرۈپ بېرىمەن.
- ياق. ئادەملەر نىمە دەيدۇ.
- نىمە دىسە دەۋەرسۇن. كېسەل بولۇپ قالمىغىن دەيمەن-دە. ئۆزۈڭ نازۇكقىنا تۇرساڭ.
رەنا جىلمايدى.
- بەك قىزىقسەن-دە، رۇستەم.
- مەيلى. پەقەت ئۆزۈڭنى ئاسرا. ئاۋۇ تەلۋە ئېرىڭ قېنى؟ ساڭا بىر ئاز قاراشسا بولمامدۇ؟
- بىكار ئۇنداق دىمە. ئۇنىڭ ئىشى كۆپ.
- بىلىمەن ئىشىنى. ئۆتكەن يىلقى قارنىڭ ئۇنىڭدىن كۆرە پايدىسى كۆپراق، - شۇنداق دەپ، رۇستەم نېرىراقتا پۇتبول ئويناۋاتقان بالىلار تامان يۈگۈرۈپ كەتتى. رەنا تۈن بىلەن بىزاۋىتە ياتتى. ئەندى كۆزى ئىلىنغانىدى، ئېرى تۈرتتى:
- تۇر، تاڭ ئاتتى.
رەنا ئېرىگە نارازى قاراپ قويدى، ئەمما ئورنىدىن تۇردى. كوچىغا چىقتى-يۇ، كۈلۈمسىرىدى. ئەتراپ تاپتازا سۈپۈرۈلۈپ، سۇ سېپىلگەن ئىدى. "رۇستەمنىڭ ئىشى"، - دەررۇ پەملىدى رەنا. ئۆيگە قايتىپ كىردى-دە، ھويلىنى سۈپۈرۈپ، سۇ سەپتى. بىر خىيالى ياتاقخانىسىغا قايتىپ ياتماقچى بولدى، ئەمما ئاشخانىغا كىرىپ، ناشتا تەييارلاشقا كىرىشتى. ئادەتتىكىدەك داستىخان ئەتراپىدا يىغىلىپ، ناشتا قىلىشقا باشلاشتى. رەنا قېينانىسىغا كۆز ئاستىدىن قاراپ قويدى. ھېچ قانداق ئۆزگىرىش يوق، ھەپسىلىسى پىر بولدى. چاي تەييارلىدى نىمە-يۇ، تەييارلىمىدى نىمە؟ بىر بۇردا ناننى ئەندىلا ئاغزىغا يېقىنلاشتۇرغان ئىدى، كەچتىكىدەك ئاچچىق تەم سەزدى. ئورنىدىن تۇرۇپ، تاشقىرىغا ئېتىلىپ چىقىپ كەتتى.
www.iz.la

- كېلىنىڭنىڭ تاۋى يوققا ئوخشايدۇ، - دېدى قۇدرەت ئاكا. -دوختۇرغا كۆرسىتىپ كەلسەڭ بولاتتى.
- ئۇنىڭغا ھېچ نەرسە بولغىنى يوق، - زەردە بىلەن جاۋاپ بەردى جەننەت ئانا.- ئۆزى شۇنداق بولىدۇ.
ئۈمىد ئوقەت يىيىشتىن توختىدى. نېرى-بېرى يۈزىگە پاتىھە تارتىپ، خوتۇنى ئارقىسىدىن يۈگۈرۈپ كەتتى.
- ئاخىر شۇنچە كۈتكەنىدىڭغۇ بۇنى. خۇرسەنلىگىڭنىمۇ سەزمىدىم. قارىغىن، كېلىنىڭ بۈگۈن قانچىلىك ھەرىكەت قىلىپتۇ. مۇنداق چېھرىڭنى ئاچساڭ بولمامدۇ؟
- قوۋم-قوشنىلار ئۈستۈمدىن كۈلۈپتۇ،- يەنە كۆزىگە ياش ئالدى جەننەت ئانا. - كېلىنىڭ سېنى مەنسىتمەيدۇ، ئىككى يىلغىچە ئاپىجان دىگۈزەلمىدىڭ، بۇنىڭدىن كېيىنمۇ ئۇنى بۇيرۇقۇڭغا يۈرگۈزەلمەيسەن، دىيىشىۋاتىدۇ.
ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

قۇدرەت ئاكىنىڭ كۈلكىسى قىستىدى.
- پۈتۈن قىشلاققا جار سېلىش كېرەكمەستۇ. ھويلاڭدا تىق ئەتكەن تاۋۇش قوشناڭنىڭكىدە گۈلدۇراس بولۇپ ئەكس بېرىدۇ. سەن ئۈچۈن بۇ شۇنچىلىك ئەھمىيەتلىك بولسا، كېلىن بىلەن ئوچۇققىنا گەپلىشىپ قوي.
- ئېيتقانمەن ئۇنىڭغا. لېكىن رەنا ئىنتايىن جاھىل. بەلكى، سىزنىڭ گېپىڭىزگە قۇلاق تۇتار، - جەننەت ئانا ئېرىگە ئىلتىجالىق نىگاھ تىكتى.
- ياق-ئە... - قۇدرەت ئاكا گاڭگىراپ قالدى. - ھە، مەيلى، ئورۇنۇپ كۆرىمەن.
رەنا ئايۋاندا ئېرىنىڭ كۆڭلىكىنى دەزماللايتتى. قېيناتىسىنىڭ كىرىپ كەلگىنىنى كۆرۈپ، ئورنىدىن قوزغالدى:
- قىزىم، - گەپ باشلىدى ئۇ. - ئاپاڭدىن خاپا بولما، ئەسلىدە ئۇ بەك مېھرىبان ئايال. سېنىمۇ ياخشى كۆرىدۇ. مانا كۆرىۋاتىسەن، پەرزەنتلىرىڭ تۇغۇلسۇن، ئۇلارنى يەرۇ كۆككە ئىشەنمەي ئۆزى چوڭ قىلىپ بېرىدۇ. رەنا ئۈندىمىدى. قۇدرەت ئاكا ئۇنىڭ كۆزلىرى قىزارغىنىدىن يىغلىغىنىنى ھىس قىلدى:

ئىز تورى بەك ياخشى


- بەلكى، ئاناڭنى سېغىنغاندۇرسەن؟
رەنا بۇ ھال "ھەئە" دىگەندەك باش ئىرغىتتى.
- ئوغلۇمغا ئېيتاي، سېنى شەھەرگە ئېلىپ بارسۇن. ئاتا-ئاناڭنىڭ ئۆيىدە ئۈچ-تۆت كۈن مېھمان بولۇپ قايتارسەن.
ئاتا-بالا ئىشقا كېتىشتى. قېينانىسىمۇ كىيىنىپ، قايەرگىدۇر چىقىپ كەتتى. رەنا ئۆيدە بىر ئۆزى قالدى.
- رەنا، - تام ئۈستىدىن رۇستەمنىڭ بېشى كۆرۈندى. ئۇ تامدىن بىر سەكرەپ چۈشتى-دە، قوينىدىن بىر نەچچە شاپتۇلنى ئېلىپ رەناغا ئۇزاتتى.
- ئال، بۇلار ساڭا.
- رەھمەت.
- ئەندى ھەر كۈنى ساڭا مىۋىلەرنى ئېلىپ كېلىمەن. تۈزۈكراق ئوقەتلىنىشىڭ كېرەك.
- نىمىشقا ئۇنداق دەيسەن؟ - ئەجەپلەندى رەنا. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
- چۈنكى يېقىندا ئانا بولىسەن.
- قاياقتىن تاپتىڭ بۇ گەپنى؟ ساڭا كىم ئېيتتى؟
- پۈتۈن قىشلاق بىلىدۇغۇ. ھەممە شۇ ھەقتە سۆزلەپ يۈرىدۇ.
- مەن ئۆزۈم بىلمەيمەن، ئۇلار قاياقتىن بىلىپتۇ؟
- كېچە جەننەت ئانام بىزنىڭكىگە چىقىپ مېنىڭ ئانامغا ئېيتتى. ئاپاڭ شۇنداق خۇرسەن ئىدىكى، ھەتتاكى يىغلىۋەتتى.
- ياق-ئە، - رەنا ئىشەنمىدى.
- يالغان بولسا، تىن تارتماي ئۆلەي، - قىزىشىپ كەتتى رۇستەم. - ئەندى بۇ يېقىغا ئۆزۈڭنى ئاسرا.
- شۇنىڭ ئۈچۈن بۈگۈن كوچىنى سۈپۈرۈپ قويغان ئىكەنسەن-دە؟ - جىلمىيىب دېدى رەنا.
- مەن سۈپۈرگىنىم يوق.
- نىمىشقا يالغان ئېيتىسەن، كىم ئەمىسە؟
- پەرىشتىلەر بولسا كېرەك.
www.iz.la

رەنا كۈلۈۋەتتى.
- ئەلۋەتتە، ئەگەر سەن- پەرىشتە بولساڭ. ئەمدى بۇنداق قىلما. ئۆزۈم ئەپلەيمەن. ئەمما بەرىبىر رەھمەت.
- ئەرزىمەيدۇ. لېكىن سەن ھەممىدىن كەچ چىقىسەن-دە.
- نىمە بوپتۇ؟ تاڭ ئاتقۇچە باشقىلارنىڭكى قۇرۇپ بولىدۇ، مېنىڭكى سالقىن بولۇپ تۇرىدۇ.
ئەندى رۇستەم خەندان ئۇرۇپ كۈلۈۋەتتى.
- ئاجايىپسەن-دە، رەنا. ئاخىر گەپ بۇندا ئەمەس. سەھەردە پەرىلەر ئۆيلەر ئۈستىدىن ئۇچۇپ ئۆتىدۇ.
قايسى ئۆينىڭ ئەتراپى سۈپۈرۈلگەن، سۇ سېپىلگەن، ئىشىكلەر ئوچۇق بولسا، ئاشۇ خانىدانغا قۇت-بەرىكە تاشلاپ كېتىدۇ. سەندىن بىر نەرسىنى سورىسام مەيلىمۇ؟
- مەيلى.
-نىمىشقا قىشلاقتا ھېچ كىمگە قوشۇلمايسەن؟ يا ئۆزگىلەردىن پەرقىڭ بارمۇ؟ ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
-ئەلۋەتتە بار. ئەكس ھالدا شەھەرنى تاشلاپ، شۇ خۇدانىڭ نەزىرىدىن چەتتە قالغان قىشلاققا كېلەرمىدىم؟
-بۇ يەر ساڭا ياقمامدۇ؟ - خاپا بولدى رۇستەم.
-ياق.
-نىمە، بۇ يەردىن كېتەمسەن؟
-كېتىمەن. ئەمما سەن ئەنسىرىمە. ئەلۋەتتە، بۇ يەرلەرگە يولۇم چۈشسە، سېنى يوقلاپ تۇرىمەن. ئۇنىڭغىچە ئۆزۈڭ ھەم قانات قېقىپ كەتمىسەڭ.
-مەن بۇ يەردىن ھېچ قايەرگە كەتمەيمەن! - مەغرۇر دېدى رۇستەم.
رەنا كەچكى ئوقەتكە داستىخان سالدى-دە، ھويلىغا يۈگۈرۈپ چىقتى. تاغلار ئارىسىغا يوشۇرۇنىۋاتقان قوياشقا مەھلىيا بولۇپ قالدى. ئۇنىڭ ئاداققى نۇرلىرى تەسىرىدە ئەتراپ ئالتۇن كەبى تاۋلىناتتى. "بۇنچە گۈزەل بولمىسا، - خىيالىدىن ئۆتكۈزدى رەنا. - شۇ پەيتكىچە سەزمىگەن ئىكەنمەن". ئىز تورى بەك ياخشى
رەنا يەنە ئاچچىق تەمنى ھىس قىلدى. ئەمما ناخۇش ھىسسىيات تىزلا ئۆتۈپ، يېقىملىق كەيپىيات بىلەن ئالماشىتى. رەنا قوللىرىنى كۆكسى ئاستىغا قويدى. "نىھاتكى مەن ئانا بولسام؟" قېيناتا ئۇنى چايغا چاقىرىپ، شىرىن خىياللىرىنى بۇزۇۋەتتى. يۇلتۇزلار بىلەن قاپلانغان تۈن ئاسمىنى ئۆز ھۆكۈمرانلىقىنى يۈرگۈزمەكتە ئىدى. يېڭى تۇغۇلغان ئاي ياتاقخانىنىڭ ئوچۇق دېرىزىسىدىن مارىلاپ، رەنانى ئويغۇتىۋەتتى. تاغلار ئارقىسىدىن ئەكس بەرگەن بۈيۈك قىچقىرىق تۈننىڭ سېھىرلىك سۈكۈناتىنى بۇزالمىدى. ئۈستىدە رەنا كۆرۈندى. ئۇنىڭ ئەڭنىدە ئانىسى سوۋغا قىلغان يېڭى ئىسسىق خالات، بېشىدىكى زەرھال رومىلى ئۆزىگە بەك ياراشقان. رەنا پەلەمپەينىڭ ئەڭ يوقۇرى پەللىسىگە تىز چۆكتى-دە، قاپ-قارا تاغلار تامان قارىدى. ئاي نۇرى ئاستىدا ئۇلار ئىنتايىن مۇھەببەتلىك ۋە سەمىمىي تۇيۇلدى.

بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن


"مەن ۋە پەرزەنتىمنى ئۇلار ھەر قانداق بالا-قازالاردىن ئاسرايدۇ"،- خىيالىدىن ئۆتكۈزدى. شۇ تاپتا رەنا پىكر-خىيالىدىكى بۇ ئۆزگىرىشتىن ئوزىمۇ ھەيرەتكە چۈشتى. "ماڭا نىمە بولدى ئۆزى؟" ... تۈننىڭ سەھەرگە ئورنىنى بوشىتىپ بېرىدىغان ۋاقىتىمۇ كەلدى. ئاي ۋە يۇلتۇزلار خىرەلەشتى. رەنا ھامان روبىروسىدىكى كەڭ تاغ تامان قاراپ ئولتۇراتتى. بىر نەچچە دەقىقىلەردىن كېيىن ئۇنىڭ ئارقىسىدىن قوياش كۆرىنەتتى، ئۆزىنىڭ ئىللىق نۇرلىرىنى دۇنياغا تارتۇق قىلاتتى. بۇندىن رەنامۇ بەھرىمەند. تاڭ شەپىقى كۆرۈندى. يېڭى كۈن تۇغۇلۇشقا باشلىدى. رەنا ئوزىنى شۇ سېھىرلىك سۈبھىدەمنىڭ بىر بالىسى ئىكەنلىكىنى تۇيدى. شۇ پەيت ئۇ سوئالىغا جاۋاپ تاپتى: ئۇنىڭدا، شۇ كۈن كەبى، ئاياللىق ھىسسى تۇغۇلىۋاتقان ئىدى. رەنا ئورنىدىن تۇرۇپ، پەسكە چۈشتى. قەدەملىرى يەڭگىل ئىدى. كوچا ۋە ھويلىنى سۈپۈردى، سۇ سەپتى. كېيىن ئاشخانىغا كىرىپ، ناشتىغا داستىخان سالدى. بىر ئازدىن كېيىن خانىغا قېيىنئانا كىرىپ كەلدى.
بىز ھەممىمىز ئىز تورىنى ياخشى كۆرىمىز!

- ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، ئاپىجان! - رەنانىڭ ئاۋازى تىترىدى. بىئىختىيار ئېيتتى "ئاپىجان" سۆزىنى. جەننەت ئانىنىڭ يۈزلىرى يورۇپ، كۆزلىرى پارلىدى، لېكىن دەررۇ جاۋاپ بەرمىدى.
- ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام، قىزىم. ياخشى ئۇخلاپ تۇردۇڭمۇ؟
- ناھايىتى ياخشى، ئاپىجان. مەن بۈگۈن سەھەرنى كۈتۈۋالدىم.
- ساڭا يوقمىدى؟
- ئەلۋەتتە يوقتى. ئۇنىڭ شۇنچىلىك گۈزەل بولۇشىنى بىلمىگەن ئىكەنمەن.
ئاشخانىغا ئاتا-بالا كىرىپ كەلدى. قېيىنئانا-كېلىننىڭ كەيپىياتى ناشتىغا ئىللىقلىق بەردى. سۆھبەت قىزىدى.
- رەنا، قاچاندىن بېرى ھېچ قايەرگە بارمايمىز. يۈر، شەھەرگ
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

خەتكۈچلەر:
ياخشىكەن
(3)
100%
ناچار
(0)
0%
------分隔线----------------------------
ئىنكاس يېزىش ھەممە ئىنكاسلار
ئاممىۋى تور ئەخلاقىغا رىئايە قىلىڭ، تەستىقلانغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ.IPخاتىرلىنىدۇ.
باھا:
ئىپادە:
ئىسىم: پارۇل: تەستىق:
يىقىنقى ئىنكاسلار ھەممە ئىنكاس
تەۋىسسيەلىك
  • سۆيگۈ سىنىقى

    گۈلئايشەمنىڭ يۈرىكى جىغغىدە قىلىپ قالدى ئۇنىڭغا ئارقىسىدا بىرنەچچە مىڭ جۈپ كۆز دىگەن بۇ ناتۇنۇش سۆزگە مەسخىرە نەزەر بىلەن تىكىلىپ قاراپ تۇرغان دەك بۇلۇپ تۇيۇلدى ئۇ خەتنى يانچۇقىغا سالدىدە يۈگۈرگەن پېتى مەكتەپنىڭ ئارقا ئىشىكىدىن چىقىپ شىلدىرلاپ ئېقىۋاتقان...

  • قىزىمىنى ئويغىتىۋەتمەڭلار

    پەرىدە ياقۇپ -دىلدار،كېچىچە يەنە تورخانىداتۈنىدىڭمۇ؟ -ھەئە،نىمە بولدى؟ -ئەستا،ئۇنداق قىلماي يان تېلفۇندىن بىرنى ئالە ئەمدى؟ -نىمە ئىش بولدى؟ -ئاناڭ تۈنۈگۈندىن بۇيان توختىماي تېلېفون قىلىپ چېقتى.... -ۋاي نىمە دەيدىغانسەن؟ -ئەنە،قەغەزگە خاتىرلەپ قويغان.چۈشت...

  • قارا ئاتقان تاڭ

    ئابابەكرى ئابدۇقادىر ئەنۋەر بىلەن ماھىرەنىڭ ئۈچ يىللىق مۇھەببىتى بىر تالاي قۇربان بېرىشلەردىن كېيىن ئاخىرى ۋىسال تاپتى. بۈگۈن ئۇلارنىڭ تويى بولدى. توي ئاخىرلىشىپ ماھىرە ئەنۋەرنىڭ ئۆيىگە نەغمە - ناۋا ساداسى ئىچىدە كۆچۈرۈپ كېلىندى. ئىككەيلەننىڭ دوستلىرى ئەن...

  • خاتا ئۇرۇلغان تېلىغۇن

    بىركۈنى يولدا كىتىۋاتسام تۇيۇقسىز يان تىلىفۇنۇم سايراپ كەتتى ،قارىسام ئەمەسلا بىر نومۇر ،مەن تىلفۇننى ئالدىم . _دادا،مەن سىنى بەكلا سېغىندىم ،تىزراق كەلسەڭچۇ ،دادا!_،بۇ بىر كىچىك قىزچاقنىڭ ئاۋازى ئىدى . مەن شۇ زاماتلا: _خاتا ئورۇپ قۇيۇپسىز!_دىدىم-دە تىلفۇ...

  • يىغلىما ئەمدى

    مانا دادام تۇگەپ كەتكىلى قىرىق كۇن بولاي دىدى.دادام بىلەن ئوتكەن ئاشۇ ئون نەچچە يىللىق ئانسىز ھاياتىمدائۇ ماڭا ھەم ئانا ھەم دادا بولۇپ،ماڭا ياخشى قاراپ كەلگەنتى .مەن ئانامنى ئەسلا كورۇپ باقمىغانتىم.دادام دائىم : -بالام ئانىڭىز ياخشى ئايال ئىدى.بىز كىچىك چ...

  • تۇغۇلغان كۈن

    دېرىزىنى ئېچىپلا ياتىغىم بىلەن تەڭ سەھەرنىڭ يەڭگىل، سۈزۈك نۇرلىرىنىڭ ھاياجانلىق باغرىغا سىڭىپ كەتتىم. شۇ تاپتا تىنىق ھەم ئېگىز كۆك ئاسمان قۇياشنىڭ ئالتۇن نۇرلىرىدا سوزۇلۇپ تەبىئەتنىڭ سۆھنىنى ۋايىغا يەتكۈزگەن. مەخمەلدەك ياپيېشىل چىملىقلار ئۈستىگە، چوڭ - كى...

  • كىشىلىك ھاياتتىكى ئۈچ تال سىزىق

    بىر نامرات يگىت ئۆز تەقدىرىنىڭ كاجلىقىدىن ئاغرىنىپ،بىر دانىشمەندىن مەسلىھەت سوراي دەپ ئالدىغا بېرىپتۇ ھەمدە: - دەپ باقسىلا دانىشمەن، تەقدىر راستىنلا مەۋجۇت نەرسىمۇ، نامراتلىق راستىنلا مېنىڭ پىشانەمگە پۈتۈلگەنمۇ؟-دەپ سوراپتۇ. - مەۋجۇت نەرسە،- دەپتۇ دانىشمە...

  • تاماكا قالدۇقى

    ئاممىۋى ئاپتۇبۇستا بىر ئەر تاماكىسىنى بەخىرامان چېكىپ ئولتۇرۇپ، ئوچۇق دېرىزىدىن تاماكا قالدۇقىنى كوچىغا قارىتىپ شۇنداق بىر ئېتىۋىدى، ئۆچۈرۈلمىگەن ئوت بوشلۇقتا ياي شەكىللىك قىزىل سىزىق ھاسىل قىلىپ، شۇنچىلىك نازاكەت بىلەن ئۇچتى. ئىككى سېكۇنتتىن كېيىن، ئۇچقا...

  • ئۇ مېنىڭ دادام

    تۇرسۇن كېرىم يامغۇردىن كېيىن ھاۋا پەرەڭدەك ئېچىلىپ كەتتى. دىلشات ئۆزىنى چىڭڭىدە قولتۇقلىغىنىچە تومۇچۇقتەك چۇڭۇلداپ سايراپ مېڭىۋاتقان قىزغا پات پات كۈلۈمسىرەپ قاراپ قوياتتى.پىيادىلەر يولىدىكى بوشاپ قالغان كېسەكلەر ئارىسىدىن جىرتتىدەچاچرىغان سۇيۇق لاي دىلشا...

  • جىمجىت كېچىدىكى يىغا ئاۋازى

    ئالىي مەكتەپكە ئىمتىھان بېرىپ پىداگۇگىكا ئونۋىرسىتىدىن قەغىزىم كەلگەندە ئاپامنىڭ دادامغابەك ياخشى بولدى،قىزىمىزنى ئوقۇتقۇچى قىلىش ئارزۇيۇم بار ئىدى.ھېلىقى يېزىدىكى خوشنىمىزنىڭ بالىسى جۈرئەتمۇ شۇ مەكتەپكە ئۆتۈپ ئوقۇۋاتقانغۇ.ئىككىسى كىچىكىدە بىللە ئوينايتتى...

  • شەھەرلىك كېلىنچەك

    شەھەرلىك كېلىنچەك سەھەر ئاسماندىكى تۈن رېڭىنى يەڭدى. ئەمما قوياش ھېلىھەم كۆرۈنگىنى يوق. ئۇنى غۇلۇس تاغلار توسۇپ تۇرۇپتۇ. ئىتلار ھاۋشىپ، خورازلار قىچقاردى. قىشلاق ئويغىنىشقا باشلىدى. ھويلىلاردا چىلەك، سۈپۈرگە تۇتقان كېلىنچەكلەر كۆرۈندى. سىزمۇ ئۇيقىڭىزنىڭ ئ...

  • بىر سۆزگە مىڭ دوللاردىن

    لاۋرېنس بلوك (ئامېرىكا) مۇھەررىرنىڭ ئىسىم-فامىلىسى ئۇۋارىس جۇكس بولۇپ، بويى ئېگىز، بارماقلىرى ئۇزۇن، چېكە چاچلىرى ئاقىرىشقا باشلىغان، بېقىشلىرى جىددىي كىشى ئىدى. ئۇ ئادەتتىكىدەك كاستۇم-بۇرۇلكا كىيگەن ھالدا ئۈستەل كەينىدە ئولتۇراتتى. ترېۋاتېن ئۇنىڭ ئالدىدا...

  • مەكتەپتىكى مۇھەببەت شۇنچە شىرىن ھەم ئاچچىق

    مەكتەپتىكى مۇھەببەت شۇنچە شېرىن كارامەت، دەسلەپ كۈلدۈرگەن بىلەن يىغلىتىدۇ ئاقىۋەت. تەغدىر قاچان ئەكەلدى سىنى مىنى قاياقتىن، ئۇچىراشتۇرۇپ بىزلەرنى تۇنۇشمىساق ئەزەلدىن. ياپ-يشىل دەل-دەرەخلەرنىڭ يۇپۇرماقلىرى سارغىيىپ ،خۇشبۇي مەيىن شاماللار دىماقلارغا ئۇرۇلۇپ...

  • كەچ كۈزدىكى يوپۇرماق

    (ھېكايە) تۇرسۇنئاي يۇنۇس يالغۇز كىشىلىك كېسەلخانىدا داۋالىنىۋاتقان شاكىرنىڭ كېسىلى ئاخىرقى باسقۇچقا كېلىپ قالغاچقا، چىرايى سۇلغۇن كۆرۈنەتتى. ئۇ مۇشۇ دوختۇرخانىنىڭ خۇش تەبىئەتلىك، كېسەللەرگە ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىدىغان داڭلىق تاشقى كېسەل دوختۇرى ئىدى. ئۇ...

  • دادا،ئايلىنىپ كېلەيلى!

    بىر ئائىلىلىك تۆت دېڭىز ساھىلىغا بېرىپ ئويناپ كېلىدىغن بولدۇق،خوتۇنۇم لازىمەتلىكىلەرنى سومكىغا قاچىلاپ تەييار قىلىدۇ. بىز دېڭىز ساھىلىغا كېلىپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا،چوڭ قىزىم كېۋىنا ماڭا؛ -بىللە ئايلىنىپ كېلەيلىمۇ،دادا؟!دېدى. -ئەلۋەتتە بولىدۇ.-دېدى مەن پەرۋاسىزل...