مەكتەپتىكى مۇھەببەت شۇنچە شىرىن ھەم ئاچچىق

ۋاقتى:2011-06-30 11:13مەنبە: يوللىغۇچى: رازىيە چېكىلىشى:قىتىم
  

مەكتەپتىكى مۇھەببەت شۇنچە شېرىن كارامەت،
دەسلەپ كۈلدۈرگەن بىلەن يىغلىتىدۇ ئاقىۋەت.
تەغدىر قاچان ئەكەلدى سىنى مىنى قاياقتىن،
ئۇچىراشتۇرۇپ بىزلەرنى تۇنۇشمىساق ئەزەلدىن. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

ياپ-يشىل دەل-دەرەخلەرنىڭ يۇپۇرماقلىرى سارغىيىپ ،خۇشبۇي  مەيىن شاماللار دىماقلارغا ئۇرۇلۇپ كۈز پەسلىمۇ يىتىپ كىلەي دىدى. 
ئەمما ،مىنىڭ توموز ئېسسىقتا بەرگەن ئىمتىھانىمنىڭ نەتىجىىسى چىققان بولسىمۇ ،ئالىي مەكتەپكە بىرىش چاقىرىق قەغىزىم ھىچ كىلەي دىمەيتى. كۈندە بىر قىتىم مەكتەپكە بىرىپ، مۇئەللىملەردىن سوراپ كىلىش بىلەن كۈنلۈرۈم ئۈتىۋاتاتتى. مانا مۇشۇنداق ئىچىم تىت...تىت بۇلىۋاتقان كۈنلەردە دوستۇم گۈلگىنەگە مەندىن بۇرۇنلا چاقىرىق قەغىزى كەلدى، مەن ئۇنىڭ ئۈچۈن خۇشال بولغان بولساممۇ، ئۆزۈمنىڭ  چاقىرىق قەغىزىمنىڭ ھىچ كىلەي دىمىگەنلىكىگە  قاراپ ئۇنىڭغا ئىچىمدە ھەسەت قىلىشقا باشلىدىم. گۈلگىنە ئالىي مەكتەپكە مىڭىش چىيىنىمۇ قىلدى، مەن ئۆيدىكىلەردىن مىڭ تەستە خىجىل بۇلۇپ، يۈز يۈەن پۇلنى ئاران سوراپ ئۇنىڭ ئۇزىتىش چىيىغا قاراپ يۈرۈپ كەتتىم. ‹ئانام ۋە ھەدەملەر ،ماڭا سېنىڭ كەلمەمدۇ- نىمە؟ دىگەندەك تەنە گەپنىمۇ قىلغان بولدى› ئامال قانچە؟ ماڭىمۇ پات ئارىدا تەلىيىم بولسا كىلىپ قالار نەتىجەممۇ ئۇنچە تۈۋەن بولمىغاندىكىن  دەپ ئۆز-ئۆزۈمگە نەسىھەت قىلدىم ......... ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
مەن بىر بىسىپ، ئىككى بىسىپ گۈلگىنە ئۇزۇتۇش چىيى بەرگەن جايغىمۇ كىلىپ قالدىم. زال ئىچىگە كىرسەم ،گۈلگىنە ھۆپپىدە ئىچىلغان قىزىل گۈلدەك چىرايلىق بۇلۇپ كىتىپتۇ.ئەتىراپىدا ساۋاقداشلار ،ئۇنىڭ ئۆتكەن مەكتىۋىنى بەس-بەستە ماختىشىۋاتاتتى . مەنمۇ چاندۇرماي بىرىپ،
ئۇنىڭ بىلەن يۈزۈمنى-يۈزىگە يىقىپ كۆرۈشۈپ قويدۇم. ساۋاقداشلىرىمىز، ئۇنڭ مەكتەپكە ئۆتكەنلىگىنى شۇنداق تەنتەنە قىلىشىپ ،
خۇشال-خورام شوخ ئۇسۇلغا چۈشكەن بولسىمۇ  پەقەت مەنلا، مىجەزىم يوقلۇغىنى باھانە قىلىپ جايىمدا قاققان قوزۇقتەك  قىمىرلىيالماي ئولتۇرۇپ قالدىم. شۇنداق قىلىپ بۈگۈنكى بۇ چايمۇ كۆڭۈللۈك ئاخىرلاشتى ، ئۆيگە قايتىپ كىلىپ، شۇنداق كۆڭلۈم يىرىم بۇلۇپ ئاناملارغا چاندۇرماي

ئىز تورى بەك ياخشى

ھۇجىرامغا كىرىپ يىغلاشقا باشلىدىم. شۇنداق يىغلاپ يۈرۈپ ،قاچانلاردا ئۇخلاپ قالغىنىمنىمۇ بىلمەيمەن، ئانامنىڭ بىر چاغدا : ئاينۇر تېزىرەك تۇرغىن! مائارىپ ئىدارىسىگە بىرىپ چاقىرىقىڭ كەلدىمۇ؟ قانداق بولدى؟ سۈرۈشتۈرۈپ كەلمەمسەن! كۈن قىزىل بولغۇچە ئۇخلاپ ياتماي دەپ ،-زەردە بىلەن يۇقىرى ئاۋازدا توۋلاشقا باشلىدى.ئاپامنىڭ، بۇ قوپال ئاۋازىدىن چۈچۈپ ئويغاندىم ۋە چايمۇ ئىچمەي مائارىپ ئىدارىسىغا قاراپ يول ئالدىم.يولنىڭ ئىككى قاسنىقىدا، ئۆزىنى كۈتۈرەلمەي قالغان مەجنۇنتال دەرەخلەر خۇددى ماڭا قاراپ :ئاينۇر ئۈمۈدسىزلەنمە !دەپ ئىشارەت قىلىشىۋاتقاندەك بىلىنىپ كەتتى. مەنمۇ، ئۆزۈمنىڭ بۇ قىتىم ئىمتىھاندىن ئۈتەلمىسەم ھەم ئۆيدىكىلەرگە قانداق قارىشىمنى، ئويلىساملا تەنلىرىم ئىختىيارسىز جۇغۇلداپ كىتەتتى. مۇشۇ خىياللارنى سۈرۈپ بولغۇچە مائارىپ ئىدارىسىغىمۇ كىلىپ قاپتىمەن، مەن ئۇ يەرگە كىرىپ سۈرۈشتۈرۈپ ،ئۆزۈمىنىڭ زادى ئۆتكەن- ئۆتمىگەنلىكىمگە يەنىلا ئىنىق جاۋاب ئالالماي قايتىپ كەلدىم.شۇنداق قىلىپ، ئايلارمۇشۇنداق تېزلىكتە  بىر-بىرىنى قوغلۇشۇپ 9-ئاينىڭ ئوتتۇرلىرىغا كىلىپمۇ قالدى. مەنمۇ، ئالىي مەكتەپكە مىڭىش  ئۈمۈدۈمنى بىراقلا ئۈزۈپ ،ئۆيدە ئانام بىلەن ھەدەمنىڭ تاپا-تەنىسىگە  قالماسلىق ئۈچۈن، ئۇلارغا ياردەملىشىپ ئۆي ئىشلىرىنى قىلىشىپ چاندۇرماي تېشىمدا ئۆگەي بالىدەك  يالغان كۈلۈپ يۈرىۋەردىم. .ئارىدىن نەچچە ۋاقىت ئۆتۈپ ،كۆڭلۈم شۇنداق پەرىشان يۈرىۋاتقان كۈنلەرنىڭ  بىركۈنى، دادام تالادىن شۇنداق خۇشال ھالدا بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
بىر پارچە قىزىل كونىرۋىتقا ئورالغان قەغەزنى كۈتۈرگەن پىتى كىرىپ كەلدى.
مەن ،دادامنىڭ ئايلىق چىكى بولسا كېرەك دەپ -ئۇنىڭ قۇلىدىكىگە ئانچە پەرۋامۇ قىلمىدىم. بىراق دادام ،ماڭا قاراپ
شۇنداق ھاياجانلانغان ھالدا:
-ئاينۇر بالام، بۇ ياققا كەلگىن! ساڭا خوشخەۋەر............
دادامنىڭ ئاغزىدىن چىقىۋاتقان گەپلەرگە قاراپ ،يۈرۈگۈم يىرىلىپ كەتمىدى ئۇنىڭدىن نېرى بولدۇم.
-ۋاي جىنىم دادا، نىمە خوشخەۋەر! چاپسان دىگىنە.
-بالام سەن ئىمتىھاندىن ئۈتۈپسەن! ئۆتكەندىمۇ شۇنداق ياخشى مەكتەپكە ئۈتۈپسەن.
- نىمە!......نىمە!..............بۇ گەپ راسمۇ دادا! ئەكىلە مەن قاراپ باقاي.
ئىز تورى www.iz.la

دادامنىڭ قۇلىدىن، چاقىرىق قەغىزىمنى ئىلىپ خۇشاللىقىمدىن پاڭڭىدە يىرىلىپ كەتتىم. بۇ يىغلىشىم ھاياتىمىدىكى ئەڭ ئۇنتۇلغۇسىز خۇشاللىق يىغىسى ئىدى.
شۇ ئارلىقتا ،ئاناممۇ بىزنىڭ قىيا-چىيالىرىمىزنى ئاڭلاپ ياندىكى ئۆيدىن يۈگۈرۈپ چىقىپ ،بۇ خوشخەۋەرنى ئاڭلاپ مىنى باغرىغا بىسىپ .
مەن بىلەن تەڭ يىغلاپ كەتتى.
ماڭا بۈگۈن چۈشلۈرۈمدە ئارزۇ قىلغان ئالىي بىلىم يۇرتىدىن چاقىرىق كەپتۇ ، يەنە كىلىپ قانۇن كەسپىدىن! بۇ خۇشاللىقىم، مىنىڭ نەچچە ۋاقىتنىڭ ياقىدىكى  ھارغىنلىقىمنى بىراقلا كۈتىرىۋەتتى.ھەدەممۇ تالادىن ،باشقىلارنىڭ مىنىڭ چاقىرىقىمنىڭ گىپىنى قىلىۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ، ئۆيگە يۈگۈرگەن پىتى كىرىپ مىنى چىڭ  قۇچاقلاپ مەڭزىلىرىمگە سۈيۈپ كەتتى.شۇنداق قىلىپ، چاقىرىقىمدىكى مەكتەپكە مىڭىش ۋاقتىم تۇشۇپ ،مەنمۇ بىلىم ئىلىش ئۈچۈن ئالىي مەكتەپ كانى بولغان ئۈرۈمچىگە يىتىپ كەلدىم. دادام مىنى ئۆز قۇلى بىلەن يىتىلەپ ئەكىلىپ، بىرىنجىدىن ئاللاھ قا، ئىككنجىدىن سىنىپ مەسئۇلۇمغا تاپشۇرۇپ قايتىپ كەتتى.مەن ھەريەرلەردىن كەلگەن ،ساۋاقداشلىرىم بىلەن تۇنۇشۇپ مەكتەپ ھاياتىغىم تېزلا ئۆزلۈشۈپ قالدىم. كۈندە سەھەردە قۇپۇپ يۈگۈرۈپ مەشىق قىلىپ ، ئۇنىڭدىن كىيىن ،دەرىس ئۇقۇش بىلەن كۈنلۈرۈم بەكمۇ كۆڭۈللۈك ئۈتۈشكە باشلىدى. مەكتەپنىڭ بىرىنچى يىلىمۇ ئاخىرلىشىپ، ئىككىنجى يىلىغا كەلگەندە بىر پارتىداش ساۋاقدىشىم  ياقۇپجان بىلەن مۇھەببەتلىشىپ قالدىم.بۇ بالا بەكمۇ قاملاشقان بويلىرى ئىگىز،خۇددى كىنولاردىكى ئەرەب يىگىتلىرىگە ئوخشايتى.مىجەزىمۇ بەك چىقىشقاق  ،شۇنداق قىزغىن بەكمۇ ھەييار بالا ئىدى .ئۇنىڭ ماڭا  نەچچە ئاي، تەلەپ قىلىپ زورلاپ  تۇرىۋىلىشى بىلەن بىز مۇھەببەتلىشىپ قالدۇق. بىز تاماققا ، سىنىپقا ، كوچا -كويلارغا تەڭ  بىللە چىقىپ كۈنلۈرىمىزمۇ شۇنداق خۇشال ئۈتەتتى.مانا ئاخىرى ،ئاخىرلاشمايدىغان سورۇن بولمىغىنىدەك ،ئالىي مەكتىۋىمنى پۈتتۈرۈشكىمۇ ئازلا قالدى.بۇ ۋاقىتلاردا بىز دائىم مەكتەپ پۈتتۈرگەندىن كىيىن، چۇقۇم  قايسى يۇرتتا بولسۇن،ئايرىلماي بىرگە تۇرۇشنى ۋەدىلىشەتتۇق.پىراكتىكىنىمۇ مۇئەللىمگە تەلەپ قىلىپ تۇرىۋىلىپ بىر يەردە قىلدۇق، ھەركۈنلۈك پىراكتىكا خىزمەتتىن، ھېرىپ-چارچاپ قايتساقمۇ بىر-بىرىمىزنى كۆرسەكلا ئۇ ھاردۇقلار ئىز تورى بەك ياخشى
ئاللا-قاياقلارغا ئۇچۇپ كىتەتتى. ;
بىز، بىر كۈنلۈك پىراكتىكا خىزمىتىمىزنىڭ قانداق بولغانلىقىنى دىيىشىپ كۈلۈشۈپ يۈرەتتۇق.  بىر قىتىم، پىراكتىكا خىزمەتتىن بالدۇرلا قايتىپ بازار ئايلىنىپ مەن  كۆينەك ئىلىش ئۈچۈن،ئۇنىڭ بىلەن دۇكانغا كىردىم ۋە ئۆزۈم تاللىغان كۆينەكنى كىيىپ كۆرۈپ باقماقچى بولدۇم،
سودىگەر ئايال ،قىززىقچىلىق قىلدىمۇ بىلمەيمەن ئۇ ياقۇپجانغا قاراپ : "
ئايالىڭىز بەكمۇ چىرايلىق قىزكەن، بۇ كۆينەكنى كىيىپ ھەجەب پاكىستاننىڭ كىنو چولپىنىغا ئوخشاپلا قالدى دىگىنىچە ماختاپلا كەتتى.
بۇ گەپنى ئاڭلاپ ،ياقۇپجانمۇ توغرا دەيسىز !ئايالىم بەك ئۇماق دەپ -ماڭا قاراپ،قاپقارا خۇما كۆزلىرىنى چىمچىقلىتىپ قويدى. _ www.iz.la
مەن شۇ كۈندىن باشلاپ،ئۆزۈمچە ئۇنىڭغا ئايال بۇلۇشنى خىيال قىلىدىغان بۇلۇپ قالدىم.‹ئەمما تىشىمغا قەتئي چاندۇرماي يۈرەتتىم.›
كۈنلەر بىرنى-بىرى قوغلۇشۇپ مەكتەپنىمۇ ئاخىرى پۈتتۈردۇق، ھەرئىككىلىمىز ،مەكتەپتە شۇنداق ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردۇق.
مەكتەپتىن ئايرىلىشتىن بىر ھەپتە بۇرۇن ،ھەر ئىككىمىز قەتئي بىر نىيەتكە كىلىپ ئائىلىمىزگە تىلىفۇن قىلىشنى ئويلاشتۇق.
ئاۋال، مەن ئۈيۈمگە تىلىفۇن قىلىپ سوراپ باقماقچى بۇلۇپ تىلىفۇننى قۇلۇمغا ئالدىم. ئۆينىڭ تىلىفۇنىنىڭ نۇمۇرىنى بىسىۋىتىپ،
راس گەپ قىلسام  بەكمۇ قورقۇشقا باشلىدىم ، چوڭ بۇلۇپ ئانامغا مۇنداق سۆز قىلىپ باقمىغاچقا سەل تەمتىرىدىم. ى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى
ئاپام تىلىفۇن بەش-ئالتە قىتىم سايرىغاندىن كىيىن ئالدى:
-ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم، كىم بۇلىسىز؟
-ۋەئەلەيكۇم -ئەسسالام ئانا، بۇ مەن قىزىڭىز ئاينۇر بۇلىمەن.
-ۋاي ئاينۇر تاتلىق قىزىممۇ سەن، قاچان قايتىپ كىلىسەن؟ ياخشى تۇردۇڭمۇ؟
-ئانا ، مەندىن ئەنسىرمەڭ! مەن شۇنداق ياخشى تۇردۇم ، نەچچە ھەپتىگىچە قايتىپ بارىمەن.
-ئەمسە ياخشى ، پۇلۇڭ بارمۇ؟ بولمىسا مەن ئىۋەتەي.
-ئانا ئەنسىرىمىڭە، ئالدىنقى ھەپتە ئىۋەتكەن پۇلىڭىز تىخى تۈگىمىدى بەك جىق ئىۋەتىپسىز ئەمەسمۇ.
-ۋاي بالام، مەكتەپ پۈتتۈرىسەن ئەمەسمۇ!شۇڭا ھەرخىل كىيىملەرنى ئىلىۋالارسەن يەتمىسە يەنە سالىمەن. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
-يىتىدۇ، ئانا سىزگە دەيدىغان گىپىم بار ئىدى.
-دىگىن بالام، قانداق گىپىڭ بولسا دەۋەرگىن!مەن دىگەن سىنىڭ  ئۆز ئاناڭ بولغاندىكىن ھەرگىز تارتىنمىغىن ھە -
- ئانا، مەن...مەن مەكتىۋىمدىكى ساۋاقدىشىم بىلەن  مۇھەببەتلىشىۋاتقان ئىدىم. ئۇ بالا بىزنىڭ يۇرتقا خىزمەتكە بۈلۈنسىڭىز دەيدۇ.
‹بۇ گەپنى دەپ بولغۇچە قورۇققىنىمدىن تاسلا قالدىم ، ھۇشۇمدىن كەتكىلى›
-نىمە دەيسەن؟ مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ باشقا يۇرتقا ماڭماقچىما سەن؟ ساڭا  دەپ قۇياي بالام سىنىڭ ئالدىڭدا ھەدەڭ بار. سىنىڭ مۇھەببەتكە بىرىلىدىغان ۋاقتىڭ ئەمەس! خىزمەتكە چىققاندا بىرگەپ بولسۇن. باشقا يۇرتقا بىرىشىڭغا روخسەت يوق، شۇنداق ياخشى يۇرتۇڭنى تاشلاپ ماڭماقچىمۇ سەن؟ بىزنى ئويلىمامسەن ، داداڭ ئاڭلىسا خاپىلىقتىن قانبىسىمى ئۆرلەپ كىتىدۇ. ئەمدى ،ئۇنداق باشقا يەردىن كەپ قالغانلار بىلەن خام -خىياللارنى قىلىپ يۈرمە! ئاڭلاۋاتامسەن؟‹ئانام زەردىسى بىلەن يۇقىرى ئاۋازدا توختىماي سۆزلەپ كەتتى، ياقۇپجاننىڭ ئالدىدا يۈزلۈرۈم ئانارنىڭ دانىسىدە قىزىرىپ كەتتى› شۇنىڭ بىلەن ئارتۇق گەپمۇ قىلماي تىلىفۇننى قۇيىۋەتتىم.

بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن


ياقۇپجانمۇ يىنىمدا ،ئولتۇرۇپ ئانامنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ بىرخىل ئۇڭايسىزلىنىپ كەتتى. مەن خىجىللىقتا  مىڭ تەستە ئۇنىڭمۇ ئۈيىگە تىلىفۇن ئۇرۇپ بىقىشىغا شۇنداق تەستە ئېغىز ئاچتىم.
ياقۇپجان قىشىمدا بىردەم تاماكىسىنى چىكىۋەتكەندىن كىيىن،بىردەم تۇرىۋىلىپ  ئۈيىدىكىلەرگە تىلىفۇن قىلدى.ئۇمۇ باشتا ، ماڭا ئوخشاشلا تىچ-ئامانلىق سوراشقاندىن كىيىن ئانىسىغا،  بىزنىڭ ئىشىمىز توغۇرلۇق سۆز ئىچىشىغا  ئۇنىڭ گەپ قىلغىنغا تويغۇزىۋەتتى.
ئانىسىنىڭ بەكمۇ ئاچچىغى ياماندەك قىلاتتى، قارىسام شۇنداق سەت گەپ بىلەن مىنىمۇ قۇشۇپ تىللاپلا كەتتى.
- ياقۇپجان ھۇشۇڭنى يىغىۋالغىن! مەن تۇيۇڭنى قىلىمەن دەپ ،ئەمدى يۇرتتىن-يۇرتقا چاي تارتامدىم؟ئۇنداق بىرنىمىلەرنى، مەن  ھەرگىزمۇ
copyright by www.iz.la

كىلىن قىلمايمەن.قايتىپ كەلسەڭ، يۇرتىمىزدا كۆزنىڭ مىيىنى يىگۈدەك، چىرايلىق قىزلار دىگەن ساماندەك.
ئانام كۆرمىگەن ،ئاتام كۆرمىگەن ئۇنداق بىرنىمىلەر قانداق بولماقچىتى.
سەن دىگەنچۇ ،يۇرتىمىزنىڭ شاڭجاڭنىڭ ئوغلى ئۇنتۇپ قالما!مەكتەپنى شۇنداق ياخشى ئۇقۇدۇڭ ، بەلكىم ئۇنىڭغا بىز ئىۋەتكەن
پۇلنى ئايىماي خەجىلىگەنسەن!شۇڭا سىنىڭ كەينىڭدىن كىلىمەن دىگەن گەپ.
مەن بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ ، كۆزۈمدىن مۇنچاق-مۇنچاق ياشلار ماڭا بويسۇنماي ئېقىشقا باشلىدى.ياقۇپجان بولسا ،ماڭا يان بىسپ ئانىسى
بىلەن تېلىفۇندا تەڭ ۋاقىرىشىۋاتاتتى.مەن گەپمۇ قىلمايلا ،ئاستا مىڭىپ  تىلىفۇن بوتكىسىدىن چىقىپ كەتتىم. ئىز تورى بەك ياخشى
بىرچاغدا ياقۇپجان كەينىمدىن يۈگۈرۈپ ماڭا يىتىشىۋالدى.
-ئاينۇر كەچۈرۈڭ! ھەرئىككىمىزنىڭ، ئۈيىدىكىلەر بەلكىم دەماللىققا  ئىككىمىزنىڭ تەلىۋىنى قۇبۇل قىلالمىدى.
-بولدى گەپ قىلماڭ! مەن ياتاقتا بىردەم ئارام ئىلىپ چىقاي ، ئۇنىڭدىن كىيىن بۇ توغۇرلۇق مۇڭدىشايلى.
مەن شۇ گەپلەرنى قىلىپ بۇلۇپ ، قەدىمىمنى تېز-تېز ئالغىنىمچە ياتاق بىناسىغا كىرىپ كەتتىم.
ياتاققا كىرىپلا، قۇمۇللۇق ساۋاقدىشىم ئايەتگۈلگە ئۆزۈمنى ئاتقىنىمچە يىغلاپ كەتتىم.بۇ قىزمۇ، مىنى بىردەم بەزلەپ كارۋىتىمغا ئولتۇرغۇزدى.
مىنىڭ گەپلىرىمنى، بىرمۇ-بىر قۇلاق سىلىپ ئاڭلىغاندىن كىيىن ماڭا نەسىھەت قىلىشقا باشلىدى: بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
-ئاداش ، ھەممىمىز ھەرقايسى جايلاردىن كەلدۇق! ئەمدى ئاز كۈندىن كىيىن قايتىمىز، شۇڭا قاتتىق ئويلاشقىن! سەن باشقا يۇرتقا كۈنەلەمسەن؟
بەلكىم مۇھەببەتنىڭ تاتلىقلىقىدىن كۈنىمەن دەرسەن، ئەمما شۇ يەرگە بارغاندىن كىيىن يۇرتۇڭنى سېغىنارسەن؟ ساۋاقدىشمىز ياقۇپجانغۇ ياخشى بالا، كىيىن ئۆزگۈرۈپ قالسا كىشىنىڭ يۇرتىدا خارلىنىپ يۈرەمسەن؟ خەقنىڭ يۇرتىدا‹ سولتان بولغۇچە- ئۆز يۇرتۇڭدا ئولتان بول دەپتىكەن›شۇڭا ياخشى ئويلانغىن! ھەم ئانىسى بەك بىشەمكەن، كىيىن رىيازەت چىكىپ قالمىغىن.مەن ساڭا مۇشۇنچىلىك تەربىيە قىلالايمەن!
مەن بۇ ياتاقدىشىمنىڭ، ماڭا قىلغان نەسىھەتلىك سۆزلىرىدىن كىيىن سەل ئويلۇنۇپ قالدىم.شۇنىڭ بىلەن كارۋىتىمغا چىقىپ،شېرىن خىيال سۈرۈپ !ئۇيقۇغا غەرىق بولدۇم.
ئىز تورى بەك ياخشى

ئەتىسىدىن باشلاپ  بىر كۈن ياقۇپجانغا كۆرۈنمەي يۈردۈم، ئەمما بۇ يۈرۈگۈم چىدىمايتى!شۇنداق كۆرگۈم كىلىپ ئۆزۈمنى قۇيىدىغان يەر تاپالماي قالدىم ئۇمۇ مىنى تۇلا ئىزلەپ ئىلىشپ قالاي دەپ قالغان ئىدى،مەنمۇ ئاران ئىككى كۈنگە ئاران بەرداشلىق بىرىپ ،ئۇنىڭ بىلەن نەچچە يىل كۆرۈشمىگەندەك يىغلاپ كۆرۈشۈپ كەتتىم.بىز بىر مەزگىل بۇگەپلەرنى قىلىشماي، ئاخىرقى چاغلىرىمىزنى ياخشى ئۆتكۈزۈشنى مەسلىھەتلىشىپ _ شۇنداق شۇ كۈنلەرنى رومانتىك ئۆتكۈزدۇق. مانا ئاخىرى ۋاقىتمۇ توشتى، بىز بىر-بىرىمىزگە قىيالماي ئايرىلىش ناخشىسىنى ئېيتىپ خوشلاشتۇق.
مەن يۇرتۇمغا كىلىپ، ئانامدىن شۇنداق خىجىل بۇلۇپ ئۆزۈمنى قاچۇرۇپلا يۈردۈم.بىر كۈنى ئانام، ھۇجىرامغا كىرىپ مىنىڭ سۇلغۇن ھالىمغا قاراپ نەسىھەت قىلىشقا باشلىدى.مەنمۇ ئانامغا ئارتۇقچە گەپمۇ قىلمىدىم، ئاناممۇ مىنى چوڭ بۇلۇپ قالدى دەپ بىلدىمۇ ئېغىر گەپ قىلمىدى. ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
مەن مەكتەپ پۈتتۈرۈپ ، يىرىم يىلدىن كىيىن ھەدەم توي قىلدى.مەن ياقۇپجان بىلەن،داۋاملىق تىلىفۇندا مۇڭدىشىپ تاڭلارنى ئاتقۇزۇپ يۈرىۋەردىم.
شۇنداق ئۈتىۋاتقان كۈنلەرنىڭ بىرىدە، ياقۇپجاننىڭ ئانىسى ماڭا تىلىفۇن قىپتۇ:
- ئاينۇرمۇسىز؟مەن ياقۇپجاننىڭ ئانىسى بۇلىمەن! سىزگە دىسەم، قانداقلا قىلماڭلار سىلەر دىگەن نەچچە يىللىق ساۋاقداش!  ئارتۇق كايىماي
شۇڭا ئوغلۇمدىن دەرھال ئايرلىپ نىيىتىڭىزدىن يىنىۋىلىڭ!بىز ئوغلىمىزنى ئاران چوڭ قىلغان، ئۇنى ئۆز تۇنۇشۇلىرىمىڭىزنىڭ، قۇلىدا بار ئائىلىنىڭ قىزىلىرىغا ئۆيلەپ قۇيىمىز. سىزمۇ ئۆز يۇرتىڭىزدا، يىگىتلەر بولغاندىكىن شۇلاردىن بىرەنى تاپارسىز!‹گەپلىرى جاندىن ئۆتكۈدەك ئاچچىق ئىدى .

www.iz.la


مەنمۇ، ئۆزۈمگە چۇشلۇق ئالىي مەلۇماتلىق قىز تۇرسام نىمە قىلارمەن؟ باشقا ناتۇنۇش خەق بىلەن تەڭ بۇلۇپ،ئارتۇق  گەپمۇ قىلماي تىلىفۇننى قۇيىۋەتتىم.نەچچە ۋاقىتقىچە ،قېيداپ ياقۇپجاندىن كەلگەن تىلىفۇننى توڭ تىگىپلا ئالماي يۈرىۋەردىم.كىيىن قارىسام ،نەچچە ئايغىچە ئۇمۇ ماڭا پەقەت تىلىفۇن قىلماس بولدى.ئۇنىڭ بىلەن بىر يۇرتلۇق ،ساۋاقداشلىرىمغا تىلىفۇن قىلىپ سۈرۈشتۈرسەم ئۇ توي تەييارلىقى قىلىۋىتىپتۇ.
مەن شۇندىلا ،مەكتەپتە يۈرگەن مۇھەببەتنىڭ شېرىن بولغىنى بىلەن، ئاخىرىنىڭ چىقمايدىغانلىقىغا ھەقىقي كۆزۈم يەتتى.ياقۇپجانمۇ ،ئويلاپ باقسام ماڭا يۈز كىلەلمىگۈدەك يامان  ئىش قىلماپتۇ.پەقەت ھەر ئىككىلىمىزنىڭ  ،ئائىلىمىزدىكىلەر  مۇھەببىتىمىزگە قارشى چىقىپتۇ.

ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!


بۇمۇ بىر ھېسابتا ياخشى بولغىنىدۇ؟ "مەن ئۇنىڭ ئەڭ ئاخىرقى تىلىفۇنىنى ئالدىم، بىز بىردەم تىنىچ-ئامانلىق سوراشقاندىن كىيىن، شۇنداق قىزغىن مۇڭداشتۇق ۋە ئاخىرىدا ئۆكسۈپ-ئۈكۈنۈپ بىر-بىرىمىزدىن كەچۈرۈم سوراپ يىغلاپ تۇرۇپ ئايرىلىپ تىلىفۇننى قويدۇق.
ئۇنىڭ تىلىفۇنى قۇيۇلىشى بىلەن مەنمۇ ھۇشۇمنى تاپتىم!راس .....بەكمۇ توغرا دەپتىكەن.... مەكتەپتكى مۇھەببەت مەكتەپتىلا قالىدىكەن!
خوش سۈيۈملۈك ساۋاقدىشىم، ماڭا ئۇنتۇلغۇسىز شېرىن مۇھەببەت ئاتا قىلغان مۇھەببىتىم ياقۇپجان! ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

خەتكۈچلەر:
ياخشىكەن
(6)
100%
ناچار
(0)
0%
------分隔线----------------------------
ئىنكاس يېزىش ھەممە ئىنكاسلار
ئاممىۋى تور ئەخلاقىغا رىئايە قىلىڭ، تەستىقلانغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ.IPخاتىرلىنىدۇ.
باھا:
ئىپادە:
ئىسىم: پارۇل: تەستىق:
يىقىنقى ئىنكاسلار ھەممە ئىنكاس
تەۋىسسيەلىك
  • سۆيگۈ سىنىقى

    گۈلئايشەمنىڭ يۈرىكى جىغغىدە قىلىپ قالدى ئۇنىڭغا ئارقىسىدا بىرنەچچە مىڭ جۈپ كۆز دىگەن بۇ ناتۇنۇش سۆزگە مەسخىرە نەزەر بىلەن تىكىلىپ قاراپ تۇرغان دەك بۇلۇپ تۇيۇلدى ئۇ خەتنى يانچۇقىغا سالدىدە يۈگۈرگەن پېتى مەكتەپنىڭ ئارقا ئىشىكىدىن چىقىپ شىلدىرلاپ ئېقىۋاتقان...

  • قىزىمىنى ئويغىتىۋەتمەڭلار

    پەرىدە ياقۇپ -دىلدار،كېچىچە يەنە تورخانىداتۈنىدىڭمۇ؟ -ھەئە،نىمە بولدى؟ -ئەستا،ئۇنداق قىلماي يان تېلفۇندىن بىرنى ئالە ئەمدى؟ -نىمە ئىش بولدى؟ -ئاناڭ تۈنۈگۈندىن بۇيان توختىماي تېلېفون قىلىپ چېقتى.... -ۋاي نىمە دەيدىغانسەن؟ -ئەنە،قەغەزگە خاتىرلەپ قويغان.چۈشت...

  • قارا ئاتقان تاڭ

    ئابابەكرى ئابدۇقادىر ئەنۋەر بىلەن ماھىرەنىڭ ئۈچ يىللىق مۇھەببىتى بىر تالاي قۇربان بېرىشلەردىن كېيىن ئاخىرى ۋىسال تاپتى. بۈگۈن ئۇلارنىڭ تويى بولدى. توي ئاخىرلىشىپ ماھىرە ئەنۋەرنىڭ ئۆيىگە نەغمە - ناۋا ساداسى ئىچىدە كۆچۈرۈپ كېلىندى. ئىككەيلەننىڭ دوستلىرى ئەن...

  • خاتا ئۇرۇلغان تېلىغۇن

    بىركۈنى يولدا كىتىۋاتسام تۇيۇقسىز يان تىلىفۇنۇم سايراپ كەتتى ،قارىسام ئەمەسلا بىر نومۇر ،مەن تىلفۇننى ئالدىم . _دادا،مەن سىنى بەكلا سېغىندىم ،تىزراق كەلسەڭچۇ ،دادا!_،بۇ بىر كىچىك قىزچاقنىڭ ئاۋازى ئىدى . مەن شۇ زاماتلا: _خاتا ئورۇپ قۇيۇپسىز!_دىدىم-دە تىلفۇ...

  • يىغلىما ئەمدى

    مانا دادام تۇگەپ كەتكىلى قىرىق كۇن بولاي دىدى.دادام بىلەن ئوتكەن ئاشۇ ئون نەچچە يىللىق ئانسىز ھاياتىمدائۇ ماڭا ھەم ئانا ھەم دادا بولۇپ،ماڭا ياخشى قاراپ كەلگەنتى .مەن ئانامنى ئەسلا كورۇپ باقمىغانتىم.دادام دائىم : -بالام ئانىڭىز ياخشى ئايال ئىدى.بىز كىچىك چ...

  • تۇغۇلغان كۈن

    دېرىزىنى ئېچىپلا ياتىغىم بىلەن تەڭ سەھەرنىڭ يەڭگىل، سۈزۈك نۇرلىرىنىڭ ھاياجانلىق باغرىغا سىڭىپ كەتتىم. شۇ تاپتا تىنىق ھەم ئېگىز كۆك ئاسمان قۇياشنىڭ ئالتۇن نۇرلىرىدا سوزۇلۇپ تەبىئەتنىڭ سۆھنىنى ۋايىغا يەتكۈزگەن. مەخمەلدەك ياپيېشىل چىملىقلار ئۈستىگە، چوڭ - كى...

  • كىشىلىك ھاياتتىكى ئۈچ تال سىزىق

    بىر نامرات يگىت ئۆز تەقدىرىنىڭ كاجلىقىدىن ئاغرىنىپ،بىر دانىشمەندىن مەسلىھەت سوراي دەپ ئالدىغا بېرىپتۇ ھەمدە: - دەپ باقسىلا دانىشمەن، تەقدىر راستىنلا مەۋجۇت نەرسىمۇ، نامراتلىق راستىنلا مېنىڭ پىشانەمگە پۈتۈلگەنمۇ؟-دەپ سوراپتۇ. - مەۋجۇت نەرسە،- دەپتۇ دانىشمە...

  • تاماكا قالدۇقى

    ئاممىۋى ئاپتۇبۇستا بىر ئەر تاماكىسىنى بەخىرامان چېكىپ ئولتۇرۇپ، ئوچۇق دېرىزىدىن تاماكا قالدۇقىنى كوچىغا قارىتىپ شۇنداق بىر ئېتىۋىدى، ئۆچۈرۈلمىگەن ئوت بوشلۇقتا ياي شەكىللىك قىزىل سىزىق ھاسىل قىلىپ، شۇنچىلىك نازاكەت بىلەن ئۇچتى. ئىككى سېكۇنتتىن كېيىن، ئۇچقا...

  • ئۇ مېنىڭ دادام

    تۇرسۇن كېرىم يامغۇردىن كېيىن ھاۋا پەرەڭدەك ئېچىلىپ كەتتى. دىلشات ئۆزىنى چىڭڭىدە قولتۇقلىغىنىچە تومۇچۇقتەك چۇڭۇلداپ سايراپ مېڭىۋاتقان قىزغا پات پات كۈلۈمسىرەپ قاراپ قوياتتى.پىيادىلەر يولىدىكى بوشاپ قالغان كېسەكلەر ئارىسىدىن جىرتتىدەچاچرىغان سۇيۇق لاي دىلشا...

  • جىمجىت كېچىدىكى يىغا ئاۋازى

    ئالىي مەكتەپكە ئىمتىھان بېرىپ پىداگۇگىكا ئونۋىرسىتىدىن قەغىزىم كەلگەندە ئاپامنىڭ دادامغابەك ياخشى بولدى،قىزىمىزنى ئوقۇتقۇچى قىلىش ئارزۇيۇم بار ئىدى.ھېلىقى يېزىدىكى خوشنىمىزنىڭ بالىسى جۈرئەتمۇ شۇ مەكتەپكە ئۆتۈپ ئوقۇۋاتقانغۇ.ئىككىسى كىچىكىدە بىللە ئوينايتتى...

  • شەھەرلىك كېلىنچەك

    شەھەرلىك كېلىنچەك سەھەر ئاسماندىكى تۈن رېڭىنى يەڭدى. ئەمما قوياش ھېلىھەم كۆرۈنگىنى يوق. ئۇنى غۇلۇس تاغلار توسۇپ تۇرۇپتۇ. ئىتلار ھاۋشىپ، خورازلار قىچقاردى. قىشلاق ئويغىنىشقا باشلىدى. ھويلىلاردا چىلەك، سۈپۈرگە تۇتقان كېلىنچەكلەر كۆرۈندى. سىزمۇ ئۇيقىڭىزنىڭ ئ...

  • بىر سۆزگە مىڭ دوللاردىن

    لاۋرېنس بلوك (ئامېرىكا) مۇھەررىرنىڭ ئىسىم-فامىلىسى ئۇۋارىس جۇكس بولۇپ، بويى ئېگىز، بارماقلىرى ئۇزۇن، چېكە چاچلىرى ئاقىرىشقا باشلىغان، بېقىشلىرى جىددىي كىشى ئىدى. ئۇ ئادەتتىكىدەك كاستۇم-بۇرۇلكا كىيگەن ھالدا ئۈستەل كەينىدە ئولتۇراتتى. ترېۋاتېن ئۇنىڭ ئالدىدا...

  • مەكتەپتىكى مۇھەببەت شۇنچە شىرىن ھەم ئاچچىق

    مەكتەپتىكى مۇھەببەت شۇنچە شېرىن كارامەت، دەسلەپ كۈلدۈرگەن بىلەن يىغلىتىدۇ ئاقىۋەت. تەغدىر قاچان ئەكەلدى سىنى مىنى قاياقتىن، ئۇچىراشتۇرۇپ بىزلەرنى تۇنۇشمىساق ئەزەلدىن. ياپ-يشىل دەل-دەرەخلەرنىڭ يۇپۇرماقلىرى سارغىيىپ ،خۇشبۇي مەيىن شاماللار دىماقلارغا ئۇرۇلۇپ...

  • كەچ كۈزدىكى يوپۇرماق

    (ھېكايە) تۇرسۇنئاي يۇنۇس يالغۇز كىشىلىك كېسەلخانىدا داۋالىنىۋاتقان شاكىرنىڭ كېسىلى ئاخىرقى باسقۇچقا كېلىپ قالغاچقا، چىرايى سۇلغۇن كۆرۈنەتتى. ئۇ مۇشۇ دوختۇرخانىنىڭ خۇش تەبىئەتلىك، كېسەللەرگە ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىدىغان داڭلىق تاشقى كېسەل دوختۇرى ئىدى. ئۇ...

  • دادا،ئايلىنىپ كېلەيلى!

    بىر ئائىلىلىك تۆت دېڭىز ساھىلىغا بېرىپ ئويناپ كېلىدىغن بولدۇق،خوتۇنۇم لازىمەتلىكىلەرنى سومكىغا قاچىلاپ تەييار قىلىدۇ. بىز دېڭىز ساھىلىغا كېلىپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا،چوڭ قىزىم كېۋىنا ماڭا؛ -بىللە ئايلىنىپ كېلەيلىمۇ،دادا؟!دېدى. -ئەلۋەتتە بولىدۇ.-دېدى مەن پەرۋاسىزل...