مانا دادام تۇگەپ كەتكىلى قىرىق كۇن بولاي دىدى.دادام بىلەن ئوتكەن ئاشۇ ئون نەچچە يىللىق ئانسىز ھاياتىمدائۇ ماڭا ھەم ئانا ھەم دادا بولۇپ،ماڭا ياخشى قاراپ كەلگەنتى .مەن ئانامنى ئەسلا كورۇپ باقمىغانتىم.دادام دائىم :
-بالام ئانىڭىز ياخشى ئايال ئىدى.بىز كىچىك چاغلىرىمىزدا دائىم بىرگە ئوينايتۇق.بىرىگە مەكتەپكە باراتتۇق.....
-بالام ئانىڭىز ياخشى ئايال ئىدى.سىز ئىككى ئايلىق بولغاندا ئانىڭىز بىزنى تاشلاپ قۇيۇپ ئۇ دۇنياغا كىتىپ قالدى،شۇندىن بۇيان..... ئىز تورى بەك ياخشى
دادام ھەر كۇنى كىچىە ئۇخلىغىلى ئۇنماي يىغىلاپ خاپا قىلسام ئاشۇنداق تۇگمەس ھىكايىلىرىنى سوزلەپ بىرەتتى،
بىر كۇنى كەچىتە دادام دائىم بىشىغا قۇيۇپ ياتقان ياستۇقىنى بىشىمغا قۇيۇپ .ئويقۇم كەلمەي ئۇيان –بۇيان ئورۇلوپ ياتالمىدىم.ياستۇقنى ئىككى قاتلاپ تامغا يۇلەپ قۇيۇشۇمغا ياستۇق قىپى يىرىتىپ بىر پارچا خەت سامان بىلەن كىگىز ئۇسىتىگە تۇكۇلدى.خەت چىرايلىق قاتلانغان بولۇپ،مىڭ يىللىق ئاسارە ئەتىقىدەك سارغىىيىپ كەتكەنتى.
ئىختىيارسىز خەت مىنى جەلىپ قىلىدى:خەت مۇنداق باشلانغانتى:
مۇھەببەت ئىنسان ئوزى سەزمىگەن بىر پەيىتتە ساختىلىق تەرپىدىن بولغانغاندىن كىيىن،قانچە ئاھ ئۇرۇشلار،يىغلاپ ياش تۇكۇشلەرمۇ ئەسلا كار قىلمايدۇ.شۇنىڭ ئۇچۇن مەن ساڭا‹‹يىغلىما ئەمدى!...››دەپ خىتاپ قىلىمەن. copyright by www.iz.la
گۇلزار،مۇكچەيگەن قامىتىڭ بىلەن سۇلغۇن چىرايىڭنى كۇرۇپ ئەجەپلەنگەن بولساممۇ،مۇشۇنداق ھالەتنىڭ ھەققىتەت ساڭا تىگىشلىك ئىكەنلىگنى ھىس قىلماقىتىمەن.
چۇنكى سەن ھازىر شۇنداك بولۇشقا مۇناسىپ،تەنتەك يىگىتلەرنىڭ قولىداقورچاققا ئايلىنىپ قالغانلىقىڭنى كورگۇنۇمدە،سىنىڭ تەقدىرىڭگە ئىچىندىم ھەم كۇلدۇم.نىمە ئۇچۇن؟شۇنىڭ ئۇچۇنكى سەن ئاشۇ يىگىت تەرپىدىن خۇرلاندىڭ،ئازاپ چەكتىڭ،پەقەت شۇ چاغدىلا سەن موھەببەتتىن ئىبارەت ئالىجاناپ تۇيغۇنىڭ نازۇڭ تەرەپلىرىنىيادىڭغا ئالغانسەن.بىراق ئەقلى-ھوشۇڭنى تاپقان ئويغانغان چىغىڭدا بولسا موھەببەتنىڭ ئۇ بەختىلىك مىنۇتلىرى ئاللىقاچان سەندىن يۇز ئورىگەن ئەمەسمىدى؟...
ئاپپاق ساقاللىق بوۋايلار يازنىڭ ئايدىڭ ئاخشاملىرى ئىشىك ئالدىدا ئولتۇرۇپ ياكى ئىتىز بويلىرىدىكى قۇمدا ئولتۇرۇپ باللىق-ياشلىق چاغلىرى ھەققىدە ھىكايە قىلىشدۇ،ئاشۇ ئاجايىپ چاغلىرىنى ئەسلىشىپ بىشىدىن ئوتكەن ھىس-تۇيغۇلىرنى،موھەببەت-سۆيگۇ قىسسەلىرنى زۇق-شۇخ بىلەن ئەسلىشدۇ،ئاشۇ كۇنلەرنى سىغىنشىدۇ،ھاياتنىڭ ئەنە شۇ سۇرەن-شاۋقۇنلۇق مەنزىللىرنى خاتىرلىشدۇ.
گۇلزار،مەن ياشمەن. ئەمما مىنىڭمۇ ياشلىق دەۋرىم ئاللىقاچان ئاياقلاشقان،بىراق موھەببەتنىڭ جۇدالىقى سالغان داغلار ئاچچىق ئەسلىمە بولۇپ قالدى.بۇگۇنكى كۇندە مۇكچەيگەن قامىتىڭ بىلەن سۇلغۇن چىرايىڭنى كۇرۇپ باللىق-ياشلىق دەۋرىم يەنە ئىسىمگە كىلىپ قالدى.....
copyright by www.iz.la
باللىق دەۋىرىلەر،سەن بىلەن ئۆتكەن ئاشۇ كۇنلەر......
جىمجىت كىچە.ھەممە ئۇيقۇدا،مەن كىرپىك قاقماي ئولتۇرۇپ،يۇلتۇزلۇق ئاسمانغا قاراپ خىيال سۇرگەن ئاشۇ چاغلارنى ئەسلەيمەن.زۇرۇرىيەت تۇپەيلى ئەمەس بەلكى ھەققى يۇرەك سۆيگۇسى بىلەن تەلمۇرۇپ گۇزەل جامالىڭنى سىغىنىش بىلەن ئوزەمنى گۇللايمەن.سىنىڭ ئاشۇ قاپقار چىچىڭ،سەھرا قىزلىرىغا خاس مەھكەم،كۇچلۇك قامىتىڭنى ئەسلەيمەن،كۆز ئىكرانىمدا مەڭگۇلۇك ئوبرازىڭنىڭ نامايەندىسىنى ساقلاپ قىلىشقا تىرشىمەن.
بىراق.... ئاللا ئىگەم ئادەمنى ئاشۇنداقمۇ دەرتكە قۇيدىكەن.بىر ئاخشام سىنى ئىزلەپ بارغان مەنزىرە كۆز ئالدىمدىن كەتمەيدۇ،بىر يىگىت بىلەن تۇرغان قىياپىتىڭ رىۋايەتلەردىكى ھەرەمخانلارنى ئەسلىتەتتى.
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
مەن ئالي مەكتەپكە يۇل ئالدىم.ئاشۇ ئىشلار بىر چۇش بولۇپ قالسىكەن دەپ ئوز-ئوزەمگە تەسەللى بىرەتتىم.ئايلار-يىللار ئوتمەكتە مەنيەنلا مەنزىلگە يىتىش سەپرىدە دولدۇل....
ئاڭلسام باللىق بولۇپ قاپسەن،بالاڭغا ئاتا بولغۇچى يىگىت سىنى تاشلاپ كىتىپ قاپتۇ.ئىزا ئاھانەتتىن زار قاقشىغان ئاتا-ئاناڭ قارغاشلىرى ھىچنىمىگە دال بولالماپتۇ.يىگىت كىتىپ ئىككى ئايدى كىيىن تۇغۇلغان بوۋقىڭ ساڭا بىر ئومۇر تۇگمەيدىغان ھاقارەتلەرنى ئىلىپ كەپتۇ.
ئاردىن ئون يىل ئوتتى،مەنمۇ جەمئىيەتكە ياراملىق ئادەم بولدۇم.شۆھرىتىمگە يارىشا، گۇزەل قىزلار مىنى ياخشى كوردى.ئەپسۇس مەن ھىچكىمنى ياخشى كورەلمىدىم.چۇنكى مىنىڭ موھەببەت سۆيگۇ تۇغىرسىكى پاك تۇيغۇلىرىمنى سەن ئوغىرلاپ ئاپىرىپ ۋاپاسىزلىق پاتىقىغىغا تاشلىغانىتىڭ،شۇندىن بۇيان مەن بىرەر قىزنى سويۇشدىن مەھرۇم ئىدىم. ئىز تورى بەك ياخشى
گۇلزار.مۇكچەيگەن قامىتىڭ بىلەن سولغۇن چىرايىڭنى كورۇپ،ئەجەپلەنگەن بولساممۇ،بۇ رۇھ بىلەن جىسمانى قىرلىقنىڭ پەقەت ساڭا تىگىشلىك ئىكەنلىگىنى ھىس قىلاتىمەن.
چۇنكى سەن ئاشۇنداق ئازاپ پۇشايمان،ئازاپ زەنجىردە تۇتقۇن بولۇپ ياشاشقا ھەقلىقسەن....
گۇلزار سەن مىنىڭ پەقەت بىر تاللا گۇلۇم ئىدىڭ،مەن سىنى مەڭگۇ پەرۋىشلەپ بىغىمنىڭ گۇلتاجسى قىلماقچى ئىدىم...
گۇلزار ،مەن ھەر قىتىم سىنى كورگەن چىغىمدا تارام –تارام ياشلارنى كورمەن،ھىتىرىققان كۆزلەر ئۇچىرىشپ قالغاندا ماڭا بىر نىمىلەرنى دىمەكچى بولسەنغۇ ،بىراق كىتىپ قالسەن،مەندىكى ئەرلىك غۇرۇر تىخى يۇل قۇيمايدۇ.گۇلزار ئاللا نىسپ قىلغان بولسا ئۇ دۇنيادا بىرگە بولارمىز،،،، ئىز تورى بەك ياخشى
مەن پەقەت ساڭا خىتاپلا قىلىمەن:
-يىغلىما ئەمدى
1988-يىلى6-ئاينىڭ7-كۇنى
بۇ دادامنىڭ پۇچىركىسغۇ...
دادام قايسى ئايالنى تىلغا ئالغاندۇ.ئانام شۇمۇدۇ؟ تۇگمەس سۇئاللار مىنى ئۇيقۇ قۇينىغا سۇرۇپ كىرىپ كەتتى
مەن بامداد نامىزىنى ئوقۇپ بولۇپ ،تۇپراق بىشغا يۇل ئالدىم.يۇرەكنى ئەزگۇدەك قىرائەت قەدىمىنى ئىتتكلىتىپ بارماقتا ئىدى بۇ كىمىدۇ.دادمنىڭ تۇپراق بىشىدا ئاپپاق رومال ئارتقان بىر مۇماي تۇراتتى.بۇ كىممىدۇ؟دادامنىڭ ئوزىدىن باشقا ئۇرۇق-تۇققانلىر بولمىسا....
مەن يانغا ئوتۇپ قاراپ باقاي دىيىشمگە ھىلىقى موماي ئورۇندىن تۇرۇپ قايىتتى.تۇۋا بۇ مەھەللىمىزدىكى ھىلىمخان مۇمايغۇ.ئۇزى تەنھا ياشىغىلى ئۇزۇن بۇلغان ئەزەلدىن بىز بىلەن باردى كەلدى قىلىپ باقمىغان تۇرسا.دادامنىڭ ئولۇمدىكى مەنزىرە كۆز ئالدىمدىن غىل-پال ئوتۇپ كەتتى ئىز تورى بەك ياخشى
دادامنىڭ ئولۇمدە ئۇ ئايال قۇشاق قىتىپ يىغلاپ،ھەممىنى ھەيران قالدۇرىغانتى.
خەت ئايال ،دادام ئىيىتقان ھىكايە....
تۇۋا ئۇنداق ئەمەستۇ.دادام خەتتە ئىيىتقان گۇلزار ئۇ مۇماي شومۇدۇ؟ مەن تۇپراق بىشغا تىزىمنىلىنپ ئولتۇرغاچ كۆزلىرىم بىر بۇقتىغا تىكلىپ قالدى.....
مەنبە؛ئانا تۇپراق تورى بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن