بىر سۆزگە مىڭ دوللاردىن

ۋاقتى:2011-06-30 11:38مەنبە: يوللىغۇچى: مەلىكەم چېكىلىشى:قىتىم
  

لاۋرېنس بلوك (ئامېرىكا) بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

  ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

مۇھەررىرنىڭ ئىسىم-فامىلىسى ئۇۋارىس جۇكس بولۇپ، بويى ئېگىز، بارماقلىرى ئۇزۇن، چېكە چاچلىرى ئاقىرىشقا باشلىغان، بېقىشلىرى جىددىي كىشى ئىدى. ئۇ ئادەتتىكىدەك كاستۇم-بۇرۇلكا كىيگەن ھالدا ئۈستەل كەينىدە ئولتۇراتتى. ترېۋاتېن ئۇنىڭ ئالدىدا خۇددى ھازىرلا ئۇۋىسىدىن چىققان ئېيىقتەك پەيدا بولدى.

ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

- ئولتۇر. - دېدى جۇكس، - سېنى پات-پات كۆرۈپ تۇرغىنىمدىن خۇرسەنمەن. ئەمدى «يېڭى ھېكايە ئېلىپ كەلدىم» دېمە. ساڭا ھەيران قالىمەن. ھېكايىنى خۇددى دەرەخنى سىلكىپ تېرىۋالغاندەك ناھايىتى تېز ئېلىپ كېلىسەن. ئىلھامنى قەيەردىن ئالىسەن؟ مېنىڭچە بۇنداق سوئاللارغا جاۋاب بېرىۋېرىپ، چارچىغان بولساڭ كېرەك.
ترېۋاتېن ھەقىقەتەن چارچىغانىدى. ئەمما، بۇ چارچاش بىر خىل سوئالغا جاۋاب بېرىۋېرىش سەۋەبىدىن ئەمەس ئىدى.
- ياق، يېڭى ھېكايە يازمىدىم.
- ئەجەبا...؟
- سەن بىلەن ئاخىرقىسى ھەققىدە سۆزلەشكىلى كەلدىم
- تۈنۈگۈن كەچ بۇ ھەقتە تېلىفوندا سۆزلەشكەنىدۇققۇ، - جۇكسنىڭ چىرايىدا ھەيرانلىق ئىپادىسى پەيدا بولدى، - ھېكايەڭنىڭ ياققانلىقىنى، ژۇرنىلىمىزدا ئېلان قىلىدىغىنىمنى ئېيتقانىدىم. نامى نېمىدى؟ قانداقتۇر سۆز ئويۇنى ئىدى، ئېسىمدىن چىقىپ قاپتۇ...

ئىز تورى www.iz.la

- «سىرتماقتىكى جىنايەتچى» - ئەسلەتتى ترېۋاتېن.
- ھە، ھە... ئاجايىب سەرلەۋھە، ياخشى سۇژىت ۋە ماھىرانە ئىپادە. مەسىلە نېمىدە؟
- پۇلدا، - دېدى ترېۋاتېن.
- پۇل كېرەك بولۇپ قالدىمۇ؟ - جىلمايدى مۇھەررىر، - ياخشى، بۈگۈنلا يېزىپ بېرىمەن، كېلەر ھەپتىنىڭ بېشىدا قەلەم ھەققىڭنى ئالىسەن. ئەپسۇسكى، بۇندىن ئارتۇق ياردەم بېرەلمەيمەن.
- مەن پۇلنىڭ قاچان تېگىدىغانلىقىنى دېمىدىم، - دېدى ترېۋاتېن، - مىقدارىنى دەۋاتىمەن. ھېكايەم ئۈچۈن قانچىلىك ھەق بېرىدىكەن؟
- ھەر دائىمقىدەك. ھەجىمى قانچىلىك ئىدى؟ ئۈچ مىڭ خەت كېلەرمۇ؟
- ئۈچ يېرىم مىڭ.
- دېمەك، بىر خېتىگە بەش سېنتتىن ئۈچ يېرىم مىڭ خەت دېگەن... بىر يۈز يەتمىش بەش دوللار بولىدۇ، شۇنداقمۇ؟

www.iz.la


- ھەئە.
- كېلەر ھەپتىنىڭ بېشىدا شۇ پۇلنىڭ چېكىنى ئالىسەن. ئەگەر خالىساڭ، چەك مېنىڭ قولۇمغا تېگىشى بىلەن ساڭا تېلىفون قىلىپ قويىمەن. پوچتىخانا ئارقىلىق ئۆيۈڭگە بارغىچە ئىكى، ئۈچ كۈن كۈتۈپ ئولتۇرمايسەن.
- بۇ بەك ئاز...
- چۈشەنمىدىم.
- ھەقنى دەۋاتىمەن، - بۇ سۆز ترېۋاتېننىڭ ئاغزىدىن تەستە چىقتى. شۇڭا كېيىنكى سۆزلەر ئاغزىدىن ئاسانلىق بىلەن چىقتى، - ماڭا كۆپرەك بېرىشىڭ كېرەك. بىر خەت ئۈچۈن بەش سېنت... ئاخىر، بۇ ئېغىزغا ئالغۇسىز پۇلغۇ...
- بىزنىڭ بېرەلەيدىغىنىمىز شۇنچىلىك. دائىم شۇنداق بېرىپ كەلگەنمىز.
- توغرا.
- ئۇنداقتا نېمىدىن نارازى بولۇۋاتىسەن؟
ى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى

- سىلەرگە قاچاندىن بېرى ھېكايە يېزىپ بېرىۋاتىمەن؟
- بىر نەچچە يىلدىن بېرى.
- يىگىرمە يىلدىن بېرى.
- ئەجەبا؟
- ئۆتكەن ئايدا ساڭا بىرىنچى ھېكايەمنى بەرگەن ۋاقتىمغا قەدەر يىگىرمە يىل بولدى. ئۇ ھېكايەم ئىككى مىڭ ئىككى يۈز خەتلىك ئىدى. ماڭا بىر يۈز ئون دوللار بەرگەنىدىڭ.
- نېمە، يامانمۇ؟
- مەن يىگىرمە يىلدىن بېرى يېزىپ كېلىۋاتىمەن ھەم يىگىرمە يىل ئىلگىرى قانچىلىك ئالغان بولسام، ھازىرمۇ شۇنچىلىك ئېلىۋاتىمەن. ھەممە نەرسىنىڭ باھاسى ئۆسۈپ كەتتى. مېنىڭ ھەققىم ئۆزگەرمەي كېلىۋاتىدۇ. بىرىنچى ھېكايەمنى يازغىنىمدا بىر خەت ئۈچۈن ئالغان بەش سېنتقا شاكىلات سېتىۋېلىشىم مۇمكىن ئىدى. سەن شاكىلات سېتىۋالمىغىلى قانچىلىك ۋاقىت بولدى؟ ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تور
- ئەگەر شاكىلات يېسەم سەمىرىپ كېتىمەن.
- قارىسام، ھازىر شاكىلات قىرىق سېنت تۇرىدۇ. ئوتتۇز بەش سېنتلىقلىرىمۇ بار. مەن بولسام ھېلىمۇ بىر خېتىمگە بەش سېنت ئېلىۋاتىمەن. شاكىلاتنى قويۇپ تۇرايلىمۇ؟...
- مەيلى.
- ئەمدى ژۇرنال ھەققىدە گەپلىشىمىز. يىگىرمە يىل بۇرۇن ژۇرنال كىتاپ دۇكانلىرىدا قانچە پۇل ئىدى؟
- ئاداشمىسام، ئوتتۇز بەش سېنت ئىدى.
- ئادىشىۋاتىسەن. يىگىرمە ئىككى سېنت. ئوتتۇز بەش سېنتقا ئالتە ئايدىن كېيىن چىققان. كېيىن ئەللىك، ئاتمىش، يەتمىش بەش بولدى. ھازىر قانچە پۇل؟
- بىر دوللار.
- سەن بولساڭ ئاپتورلارغا ھېلىھەم بىر خەت ئۈچۈن بەش سېنتتىن بېرىۋاتىسەن. سەندە ۋىجدان بارمۇ؟ مەن ئىز تورىغا بەك ئامراق
جۇكس ئېغىر ئۇھ تارتتى. ئۈستەلگە جەينىكىنى تىرەپ، ئالىقانلىرىنى جۈپلىدى.
- جىم، سەن بىر ئىشنى ئۇنتۇپ كېلىۋاتىسەن. ژۇرنال ھازىر بۇنىڭدىن يىگىرمە يىل بۇرۇنقىچىلىك پايدا كەلتۈرمەيۋاتىدۇ. ساڭا دېسەم، شۇ ۋاقىتتىكىدىنمۇ ئاز. قەغەز باھاسىنىڭ قانچىلىك ئۆسۈپ كەتكىنىنى بىلەمسەن؟ قەغەز بىلەن شاكىلاتنى سېلىشتۇرىدىغان بولساق، ئۇلارنىڭ نەرخى ئۆزگەرمىگەن دېيىش مۇمكىن. باسما ھەققى، تارقىتىش خىراجەتلىرىچۇ تېخى؟ ساڭا ئاڭلاشقا خۇشياقمايدىغان باشقا چىقىملار... سەن بىر ژۇرنالنىڭ بىر دوللار ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ بىزنى پۇلغا كۆمۈلۈپ كېتىۋاتىدۇ، دەپ ئويلايسەن. ئەسلىدە ئۇنداق ئەمەس. يىگىرمە يىل بۇرۇن ياخشىراق ئىدى. كىرىم كۆپ ئىدى... بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
- لېكىن بىر نەرسىنىڭ، ئەڭ ئاساسلىق نەرسىنىڭ نەرخى ئۆزگەرمىدى.
- نېمىنىڭ؟
- ژۇرنالنىڭ مەزمۇنى ئۈچۈن سەن بېرىۋاتقان پۇللارنىڭ. ئوقۇرمەنلەر سەندىن سېتىۋالغان نەرسىنىڭ - ھېكايىلەرنىڭ، سۇژىت ۋە پېرسوناژلارنىڭ، دىئالوگلارنىڭ، سۆزلەرنىڭ. ئۇلار ئۈچۈن سەن بۇنىڭدىن يىگىرمە يىل بۇرۇن قانچىلىك ھەق بەرگەن بولساڭ، ھازىرمۇ شۇنچىلىك بېرىۋاتىسەن. بۇ ساھەدىكى خىراجەتلىرىڭ بىر سېنتمۇ ئاشقىنى يوق.
جۇكس قەلەمنى ئېلىپ ئايلاندۇرۇشقا باشلىدى. ترېۋاتېن ئۆزىنىڭ ئائىلە خىراجەتلىرى -- كىيىم-كېچەك، ئوزۇق-تۈلۈك... ھەققىدە سۆزلەپ كەتتى. بىر چاغدا ئۇ جىم بولغاندىن كېيىن، جۇكس سۆز ئالدى. ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
- تەلەپ ھەم تەكلىپ، جىم...
- نېمە، نېمە؟
- تەلەپ ۋە تەكلىپ دەۋاتىمەن. مەن ئۈچۈن ژۇرنالغا ئەسەر تېپىش قىيىن دەپ ئويلامسەن؟ مانا بۇ قول يازمىلارنى كۆرۈۋاتامسەن؟ بۇلارنىڭ ھەممىسى بۈگۈن كەلگەن. ئوندىن تۇققۇزى ھېكايە ھەۋەسكارلىرى تەرىپىدىن يېزىلغان. ئۇلار ئىجادىيەت مېۋىسىنىڭ ژۇرنالدا چىقىشى ئۈچۈن قەلەم ھەققىدىن ۋاز كېچىشكە، ھەتتا ھەق تۆلەشكە تەييار. قالغان ئون پىرسەنت ھېكايە ماھارەتلىك قەلەمكەشلەرنىڭ، ئەمما ئۇلار ھەر بىر سۆزى ئۈچۈن بەش سېنتتىن بەرگىنىمگىمۇ خۇرسەن بولۇشىدۇ. قول يازمىلىرىنى قولىغا قايتۇرمىغىنىمغا شۈكۈر قىلشىدۇ. سەن بولساڭ، جىم... نېمىلا ئېلىپ كەلسەڭ ئېلىۋاتىمەن. ماڭا ھېكايىلىرىڭ ياقىدۇ، ئەمما، بۇ ئاساسلىق سەۋەب ئەمەس. سەن بىز بىلەن يىگىرمە يىلدىن بۇيان ھەمكارلىشىۋاتىسەن. بىز قەدىردانلىرىمىزنى ئەزىزلەيمىز. سەن قەلەم ھەققىنى ئاشۇرۇشۇمنى ئۈمىد قىلىۋاتىسەن، ئەمما بۇنىڭ ئىلاجى يوق. بىز ھېچكىمگە ھەر بىر خەت ئۈچۈن بەش سېنتتىن ئارتۇق تۆلىمەيمىز. بىرىنچىدىن، خىراجەتنى كۆپەيتىشكە يول قويالمايمىز. ئىككىنچىدىن، ئاپتورلارغا كۆپ پۇل تۆلەشكە زۆرۈرىيەتمۇ يوق. قەلەم ھەققىنى كۆپەيتىشكە قارىغاندا، ھېكايەڭنى قايتۇرۇپ بەرگىنىم ئاسانراق، باشقا ئىلاجىم يوق. ئىز تورى بەك ياخشى
ترېۋاتېن جىم بولۇپ قالدى. ئۇ يەنە سوئال سوراشنى ئويلىدى. مەسىلەن، مۇھەررىرنىڭ ئايلىقى قانچە ھەسسە ئاشتى... دېگەندەك. ئەمما پايدىسى يوق ئىدى. ئۇنىڭ ئالدىدا ئىككى يول بار ئىدى: يەنە بۇرۇنقىدەك ھەر بىر خەت ئۈچۈن بەش سېنتتىن يېزىش ياكى پۈتۈنلەي يازماسلىق. جۇكس تالاش-تارتىشقا چېكىت قويدى:
- جىم، بوغالتىرغا قەلەم ھەققىڭنى يازدۇرۇۋېتەيمۇ ياكى «سىرتماقتىكى جىنايەتچى»نى قايتۇرۇپ ئېلىپ كېتەمسەن؟
- ئېلىپ كېتىپ نېمە قىلارمەن... مەيلى، ھەر بىر خەت ئۈچۈن بەش سېنتتىن ئالىمەن.
- ئەگەر كۆپرەك بېرىشكە ئىمكان بولغىنىدا ئىدى...
- چۈشىنىمەن.
- مالىيە ئەھۋالىمىز تازا ياخشى ئەمەس. ئەگەر ئاپتورلارغا قەلەم ھەققىنى كۆپرەك بېرىدىغان بولساق، ژۇرنال ئاللىقاچان توختاپ كەتكەن بولاتتى. كۆپرەك پۇل تاپقىلى بولىدىغان باشقا ژانېرلارمۇ بارغۇ؟...

بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن


- مەن يىگىرمە يىلدىن بۇيان قىسقا ھېكايە يېزىۋاتىمەن. باشقىسى قولۇمدىن كەلمەيدۇ. مېنىڭمۇ بۇ ساھەدە ئۆزۈمگە يارىشا ئابرويۇم بار...
- ئەلۋەتتە. شۇنىڭ ئۈچۈن ھەر قېتىم ھېكايە ئېلىپ كەلگىنىڭدە سۆيۈنىمەن. بۇ ژۇرنالنىڭ باش مۇھەررىرى مەنلا بولىدىكەنمەن، سېنىڭ ھەر بىر ھېكايەڭنى ئىشلىتىمەن.
- ھەر بىر خەتكە بەش سېنتتىن بېرىپمۇ؟
- ئەمدى...
- بىلىمەن، ھەممىسى ساڭا باغلىق ئەمەس. پەقەت قەدرىمگە ئېچىنىمەن.
- سەن ئېيتتىڭ، مەن چۈشەندۈردۈم، - جۇكس ئورنىدىن تۇردى، - قالغىنىنى ئۆزۈڭ بىلىسەن. ئۆيۈڭگە بېرىپ بىرەر نەرسە ياز. مەن ساڭا چەك يېزىپ بېرىمەن. كىرىمنى كۆپەيتىشنىڭ يولى بار. مەھسۇلاتىڭنى ئاشۇر، كۆپرەك ئىجاد قىل. ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
- ياخشى پىكىر، - بېشىنى لىڭشىتتى ترېۋاتېن.
ترېۋاتېن ئۆيىگە قايتىپ ماشىنكا ئالدىدا ئولتۇردى ۋە ئاپئاق ۋاراققا قارىدى. بىر ئورام قەغەزنىڭ نەرخى يىلىغا بىر دوللاردىن ئېشىپ بارماقتا، ئەمما يازغان ھەر بىر خېتى ئۈچۈن پەقەت بەش سېنتتىن بېرىشىدۇ...
جۇكس يېزىقچىلىق دائىرىسىنى كېڭەيتىش ھەققىدە مەسلىھەت بەردى. بۇ ئېيتىشقا ئاسان. ئۇ ئىلگىرىمۇ بۇنىڭغا ھەرىكەت قىلىپ كۆرگەنىدى. ئەمما پەقەت قىسقا ھېكايە يېزىش قولىدىن كېلەتتى، خالاس. ئۇ رومان يېزىشقا ئۇرۇنۇپ كۆردى، ئەمما يېرىمىغا كەلگەندە پىغانى ئۆرلىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە، بىر خەت ئۈچۈن بەش سېنتتىن ئارتۇق پۇل ئالالمايدىغانلىقى ھەققىدىكى پىكىردىن ئۇنىڭ كۆڭلى ئاينىيتتى. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
ئۇنىڭغا قانچىلىك ھەق بېرىشى كېرەك؟
ئەگەر بىر خېتىمگە يىگىرمە سېنتتىن بەرگەن بولسا، ئۇ بۇندىن يىگىرمە يىل بۇرۇن قەلەم ھەققىگە قانچە شاكىلات سېتىۋالغان بولسا، ھازىرمۇ شۇنچىلىك سېتىۋالغان بولاتتى. يىگىرمە يىللىق ئىجادكار سۈپىتىدە ئۇ بۇنىڭدىنمۇ كۆپرەك پۇل ئېلىشقا ئەرزىيدۇ. ئېيتايلى، بىر دوللاردىن، ئەمما مىقدارى ئالتە خانىلىق رەقەم بىلەن يېزىلىدىغان قەلەم ھەققى ئالىدىغان يازغۇچىلارمۇ بار.
«بىر خەتكە مىڭ دوللاردىن...»
بۇ پىكىر ئۇنىڭ مېڭىسىدە چاقماقتەك چېقىلدى ۋە بارماقلىرى ئىختىيارسىز شۇ سۆزلەرنى يازدى. ئاندىن ئۇ ۋاراقتىكى سۆزلەرگە تىكىلىپ قارىدى.

ئىز تورى بەك ياخشى


«بىر خەتكە مىڭ دوللاردىن...»
نېمە دەپ ئۇ بىر خەت ئۈچۈن مىڭ دوللاردىن ئالالمايدۇ؟ نېمە ئۈچۈن ئۆزىنى باشقا ساھەدە سىناپ كۆرمەيدۇ؟
نېمە ئۈچۈن؟
ئۇ ۋاراقنى ماشىنكىدىن چىقىرىۋالدى. پۈرلەپ ئەخلەت چېلىكىگە تاشلىدى. ئاپئاق ۋاراقنى ئالدىغا قويۇپ، ئۇنىڭغا ئۇزۇن تىكىلىپ تۇردى، ئويلاندى. ئاخىرى يېزىشنى باشلىدى.
ترېۋاتېن ھېكايىلىرىنى كەمدىن-كەم ھاللاردا قايتا يازاتتى. بىر خەتكە بەش سېنتتىن ھەق ئالغىنى ئۈچۈن بۇنىڭغا ئۈلگۈرمەيتتى. بۇنىڭدىن باشقا مۇھەررىر بىلەن بولغان سۆھبەتمۇ ئۇنى چارچاتتى. ئەمما ھازىر ئۇ باشقىچە ھالەتتە ئىدى. بىر نەچچە سۆز يېزىلغان ۋاراقلار ئارقا-ئارقىدىن ئەخلەت چېلىكىگە تاشلاندى.

بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن


تۆتىنچى ياكى بەشىنچى قېتىم يازغىنى بولسا كېرەك، ئۇنى ئوقۇپ كۆرگەندىن كېيىن، قەغەزنى ماشىنكىدىن چىقىرىپ، يەنە بىر قېتىم ئوقۇدى. «ناھايىتى ياخشى، - دېدى ئۇ ئىچىدە، - بىرمۇ ئارتۇقچە سۆز يوق.»
ئۇ تېلىفوننى ئېلىپ جۇكسنىڭ نومۇرىنى باستى.
- ئۇۋارىن، مەسلىھەتىڭگە ئەمەل قىلدىم.
- يەنە بىر ھېكايە يازدىڭمۇ؟ خۇشالمەن.
- ياق. ئۆزۈمنى باشقا ساھەدە سىناپ كۆرمەكچىمەن.
- بارىكاللا. مېنىڭچە، بۇ سېنىڭ قولۇڭدىن كېلىدۇ. چوڭراق نەرسىگە كىرىشتىڭمۇ؟ رومانمۇ؟
- ياق، ئىنتايىن قىسقا.
- ياخشى چىقتىمۇ؟
- ئەلۋەتتە. ھەر بىر خەتكە مىڭ دوللاردىن ئېلىشنى نىشانلاۋاتىمەن.
بىز ھەممىمىز ئىز تورىنى ياخشى كۆرىمىز!

- مىڭ... - ئۇۋارىن قاقاقلاپ كۈلدى، - نېمە دېمەكچى بولغىنىڭنى چۈشەنمىدىم، لېكىن ئامەت تىلەيمەن. ھەزىل تۇيغۇسىنى يوقاتمىغىنىڭدىن خۇرسەنمەن.
ترېۋاتېن يەنە قەغەزدىكى خەتكە قارىدى.
«يېنىمدا تاپانچا بار. مەرھەمەت قىلىپ، مانا بۇ خالتىغا ئون، يىگىرمە ۋە ئەللىك دوللارلىق پۇللاردىن جەمئىي ئوتتۇز مىڭ دوللارنى قاچىلاڭ. ئەكسىچە بولسا پېشانىڭىزدىن تۆشۈك ئېچىپ قويۇشۇمغا توغرا كېلىدۇ. مەن چاقچاق قىلىۋاتقىنىم يوق.»
- ھەئە، مەن ھەزىل تۇيغۇسىنى يوقاتقىنىم يوق، - دېدى ئۇ ئۆزىگە ئۆزى، - قانداق يازما ئىكەنلىكىنى بىلەمسەن، ئۇۋارېن؟ ئىشخاناڭغا يېتىپ بارغۇچە كۈلىمەن. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

شىنجاڭ  ياشلىرى  ژورنىلىدىن ئېلىندى  بىز ھەممىمىز ئىز تورىنى ياخشى كۆرىمىز!

خەتكۈچلەر:
ياخشىكەن
(1)
25%
ناچار
(3)
75%
------分隔线----------------------------
ئىنكاس يېزىش ھەممە ئىنكاسلار
ئاممىۋى تور ئەخلاقىغا رىئايە قىلىڭ، تەستىقلانغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ.IPخاتىرلىنىدۇ.
باھا:
ئىپادە:
ئىسىم: پارۇل: تەستىق:
يىقىنقى ئىنكاسلار ھەممە ئىنكاس
تەۋىسسيەلىك
  • قىزىمىنى ئويغىتىۋەتمەڭلار

    پەرىدە ياقۇپ -دىلدار،كېچىچە يەنە تورخانىداتۈنىدىڭمۇ؟ -ھەئە،نىمە بولدى؟ -ئەستا،ئۇنداق قىلماي يان تېلفۇندىن بىرنى ئالە ئەمدى؟ -نىمە ئىش بولدى؟ -ئاناڭ تۈنۈگۈندىن بۇيان توختىماي تېلېفون قىلىپ چېقتى.... -ۋاي نىمە دەيدىغانسەن؟ -ئەنە،قەغەزگە خاتىرلەپ قويغان.چۈشت...

  • قارا ئاتقان تاڭ

    ئابابەكرى ئابدۇقادىر ئەنۋەر بىلەن ماھىرەنىڭ ئۈچ يىللىق مۇھەببىتى بىر تالاي قۇربان بېرىشلەردىن كېيىن ئاخىرى ۋىسال تاپتى. بۈگۈن ئۇلارنىڭ تويى بولدى. توي ئاخىرلىشىپ ماھىرە ئەنۋەرنىڭ ئۆيىگە نەغمە - ناۋا ساداسى ئىچىدە كۆچۈرۈپ كېلىندى. ئىككەيلەننىڭ دوستلىرى ئەن...

  • خاتا ئۇرۇلغان تېلىغۇن

    بىركۈنى يولدا كىتىۋاتسام تۇيۇقسىز يان تىلىفۇنۇم سايراپ كەتتى ،قارىسام ئەمەسلا بىر نومۇر ،مەن تىلفۇننى ئالدىم . _دادا،مەن سىنى بەكلا سېغىندىم ،تىزراق كەلسەڭچۇ ،دادا!_،بۇ بىر كىچىك قىزچاقنىڭ ئاۋازى ئىدى . مەن شۇ زاماتلا: _خاتا ئورۇپ قۇيۇپسىز!_دىدىم-دە تىلفۇ...

  • يىغلىما ئەمدى

    مانا دادام تۇگەپ كەتكىلى قىرىق كۇن بولاي دىدى.دادام بىلەن ئوتكەن ئاشۇ ئون نەچچە يىللىق ئانسىز ھاياتىمدائۇ ماڭا ھەم ئانا ھەم دادا بولۇپ،ماڭا ياخشى قاراپ كەلگەنتى .مەن ئانامنى ئەسلا كورۇپ باقمىغانتىم.دادام دائىم : -بالام ئانىڭىز ياخشى ئايال ئىدى.بىز كىچىك چ...

  • تۇغۇلغان كۈن

    دېرىزىنى ئېچىپلا ياتىغىم بىلەن تەڭ سەھەرنىڭ يەڭگىل، سۈزۈك نۇرلىرىنىڭ ھاياجانلىق باغرىغا سىڭىپ كەتتىم. شۇ تاپتا تىنىق ھەم ئېگىز كۆك ئاسمان قۇياشنىڭ ئالتۇن نۇرلىرىدا سوزۇلۇپ تەبىئەتنىڭ سۆھنىنى ۋايىغا يەتكۈزگەن. مەخمەلدەك ياپيېشىل چىملىقلار ئۈستىگە، چوڭ - كى...

  • كىشىلىك ھاياتتىكى ئۈچ تال سىزىق

    بىر نامرات يگىت ئۆز تەقدىرىنىڭ كاجلىقىدىن ئاغرىنىپ،بىر دانىشمەندىن مەسلىھەت سوراي دەپ ئالدىغا بېرىپتۇ ھەمدە: - دەپ باقسىلا دانىشمەن، تەقدىر راستىنلا مەۋجۇت نەرسىمۇ، نامراتلىق راستىنلا مېنىڭ پىشانەمگە پۈتۈلگەنمۇ؟-دەپ سوراپتۇ. - مەۋجۇت نەرسە،- دەپتۇ دانىشمە...

  • تاماكا قالدۇقى

    ئاممىۋى ئاپتۇبۇستا بىر ئەر تاماكىسىنى بەخىرامان چېكىپ ئولتۇرۇپ، ئوچۇق دېرىزىدىن تاماكا قالدۇقىنى كوچىغا قارىتىپ شۇنداق بىر ئېتىۋىدى، ئۆچۈرۈلمىگەن ئوت بوشلۇقتا ياي شەكىللىك قىزىل سىزىق ھاسىل قىلىپ، شۇنچىلىك نازاكەت بىلەن ئۇچتى. ئىككى سېكۇنتتىن كېيىن، ئۇچقا...

  • ئۇ مېنىڭ دادام

    تۇرسۇن كېرىم يامغۇردىن كېيىن ھاۋا پەرەڭدەك ئېچىلىپ كەتتى. دىلشات ئۆزىنى چىڭڭىدە قولتۇقلىغىنىچە تومۇچۇقتەك چۇڭۇلداپ سايراپ مېڭىۋاتقان قىزغا پات پات كۈلۈمسىرەپ قاراپ قوياتتى.پىيادىلەر يولىدىكى بوشاپ قالغان كېسەكلەر ئارىسىدىن جىرتتىدەچاچرىغان سۇيۇق لاي دىلشا...

  • جىمجىت كېچىدىكى يىغا ئاۋازى

    ئالىي مەكتەپكە ئىمتىھان بېرىپ پىداگۇگىكا ئونۋىرسىتىدىن قەغىزىم كەلگەندە ئاپامنىڭ دادامغابەك ياخشى بولدى،قىزىمىزنى ئوقۇتقۇچى قىلىش ئارزۇيۇم بار ئىدى.ھېلىقى يېزىدىكى خوشنىمىزنىڭ بالىسى جۈرئەتمۇ شۇ مەكتەپكە ئۆتۈپ ئوقۇۋاتقانغۇ.ئىككىسى كىچىكىدە بىللە ئوينايتتى...

  • شەھەرلىك كېلىنچەك

    شەھەرلىك كېلىنچەك سەھەر ئاسماندىكى تۈن رېڭىنى يەڭدى. ئەمما قوياش ھېلىھەم كۆرۈنگىنى يوق. ئۇنى غۇلۇس تاغلار توسۇپ تۇرۇپتۇ. ئىتلار ھاۋشىپ، خورازلار قىچقاردى. قىشلاق ئويغىنىشقا باشلىدى. ھويلىلاردا چىلەك، سۈپۈرگە تۇتقان كېلىنچەكلەر كۆرۈندى. سىزمۇ ئۇيقىڭىزنىڭ ئ...

  • بىر سۆزگە مىڭ دوللاردىن

    لاۋرېنس بلوك (ئامېرىكا) مۇھەررىرنىڭ ئىسىم-فامىلىسى ئۇۋارىس جۇكس بولۇپ، بويى ئېگىز، بارماقلىرى ئۇزۇن، چېكە چاچلىرى ئاقىرىشقا باشلىغان، بېقىشلىرى جىددىي كىشى ئىدى. ئۇ ئادەتتىكىدەك كاستۇم-بۇرۇلكا كىيگەن ھالدا ئۈستەل كەينىدە ئولتۇراتتى. ترېۋاتېن ئۇنىڭ ئالدىدا...

  • مەكتەپتىكى مۇھەببەت شۇنچە شىرىن ھەم ئاچچىق

    مەكتەپتىكى مۇھەببەت شۇنچە شېرىن كارامەت، دەسلەپ كۈلدۈرگەن بىلەن يىغلىتىدۇ ئاقىۋەت. تەغدىر قاچان ئەكەلدى سىنى مىنى قاياقتىن، ئۇچىراشتۇرۇپ بىزلەرنى تۇنۇشمىساق ئەزەلدىن. ياپ-يشىل دەل-دەرەخلەرنىڭ يۇپۇرماقلىرى سارغىيىپ ،خۇشبۇي مەيىن شاماللار دىماقلارغا ئۇرۇلۇپ...

  • كەچ كۈزدىكى يوپۇرماق

    (ھېكايە) تۇرسۇنئاي يۇنۇس يالغۇز كىشىلىك كېسەلخانىدا داۋالىنىۋاتقان شاكىرنىڭ كېسىلى ئاخىرقى باسقۇچقا كېلىپ قالغاچقا، چىرايى سۇلغۇن كۆرۈنەتتى. ئۇ مۇشۇ دوختۇرخانىنىڭ خۇش تەبىئەتلىك، كېسەللەرگە ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىدىغان داڭلىق تاشقى كېسەل دوختۇرى ئىدى. ئۇ...

  • دادا،ئايلىنىپ كېلەيلى!

    بىر ئائىلىلىك تۆت دېڭىز ساھىلىغا بېرىپ ئويناپ كېلىدىغن بولدۇق،خوتۇنۇم لازىمەتلىكىلەرنى سومكىغا قاچىلاپ تەييار قىلىدۇ. بىز دېڭىز ساھىلىغا كېلىپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا،چوڭ قىزىم كېۋىنا ماڭا؛ -بىللە ئايلىنىپ كېلەيلىمۇ،دادا؟!دېدى. -ئەلۋەتتە بولىدۇ.-دېدى مەن پەرۋاسىزل...

  • بىر كۈنلۈك دېھقان

    -بۇ قېتىمقىسى،ئىلىگىرىكى ھەر قانداق بالاشقا ئوخشىمايدىغان ئىنىتايىن مۇھىم باھالاش!ئەگەر،قايسى ئورۇندىن،قايسى كەنىتتىن مەسلە چىقسا...ئۆزىڭىزنىڭ كىم ۋە كىمىنىڭ پۇشتى بولۇشىڭىزدىن...قەتئىينەزەر،ھەرگىز يۈز-خاتىر قىلىنمايدۇ، ئۇ چاغدا....كۆزىڭىزنىڭ سۈينى،بۇرنىڭ...