ئامېرىكا سىملىق تېلىۋېزىيە خەۋەر تورى CNN يېقىندا مايكىل جېكسوننىڭ ئۆتكەن يىلى 23-ئىيۇن ، يەنى ۋاپات بولۇشتىن ئىككى كۈن ئىلگىرىكى ئويۇن رەپىتىس كۆرۈنۈشىنى ئاشكارىلىدى . بۇ كۆرۈنۈش لوس-ئانژېلىستىكى ستابلېس تەنتەربىيە مەيدانىدا سۈرەتكە ئېلىنغان بولۇپ ، جېكسون ئەسلى پىلان بويىچە ئۆتكەن يىلى 6-ئاينىڭ ئاخىرىدا ياۋروپادا بىر نەچچە مەيدان ئويۇن قويماقچى بولغان .
جېكسون ئۇشتۇمتۇت ۋاپات بولۇپ ئويۇن ئەمەلدىن قالدۇرۇلغاندىن كېيىن ياپونىيە SONY شىركىتى جېكسوننىڭ ئويۇن رەپىتىس قىلغان بارلىق كۆرۈنۈشىنىڭ نەشىر ھوقۇقىنى سېتىۋالغان ھەمدە ئۇنى مۇكەممەل بىر فىلىم قىلىپ ئىشلەپ بازارغا سالغان .