
چەتئەل ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە ، ئۆتكەن يىلى 6-ئايدا قازا قىلغان داڭلىق ناخشا چولپىنى مايكىل جېكسوننىڭ 23 بەتلىك ۋەسىيەتنامىسى يېقىندا ئاشكارىلانغان . ۋەسىيەتنامىدە ئۇنىڭ بارلىق مال-مۈلكىنىڭ %40 تى ئۈچ پەرزەنتىگە ، %40 تى ئانىسى كاتىرېنناغا ، قالغان %20 تى خەير-ساخاۋەت ۋە ئىئانىگە ئىشلىتىلىدىغانلىقى قەيت قىلىنغان .

بۇنداق بولغاندا ئۇنىڭ ئانىسى جەمئىي 99 مىليون دوللار مىراسقا ئېرىشىدۇ . ئۈچ پەرزەنتى بولسا 30 ياشقا كىرگەندىن باشلاپ (مىراسنىڭ ئېشىش قىممىتى بويىچە ھېسابلىغاندا) ھەر بىرى 300 مىليون دوللاردىن مىراس سوممىسىنى ئۈچ باسقۇچقا بۆلۈپ ئالىدۇ .