-
يېڭىدىن يېڭى ۋە چاپقۇر خىياللار ئىلكىدە ئاۋارىمەن. ئاچالنىڭ شاۋقۇنلۇق دېھققان بازىرىدا ئېگىز-پەس دەسسەپ، ھاڭۋاقتىدەك
ئۆپچۆرەمگە ئالاڭلاپ كېتىۋاتىمەن. بىر كەمدە ئانچە يىراق بولمىغان بىر يەردىن دۇتار نەغمىسى ئاڭلاندى. قارىسام، بىر چەتتىكى پۇچۇق تامنىڭ ئالدىغا بىر توپ ئالامان توپلىنىپتۇ. -
2011-04-11
بىر قىسىم ئېلكىتابلارنى چۈشۈرۋېلىڭ - [باشقىلار]
تۆۋەندە ئۆزەم توردىن يىغىپ ساقلىۋالغان بىرنەچچە ئېلكىتابنى سىناق تەرىقىسىدە تورغا يوللاپ باقتىم،ئەگەر مۇۋاپىقىيەتلىك بولسا يەنە بىر قانچە ئېلكىتاب بار،شۇنى يوللايمەن.تورداشلارنىڭ ياقتۇرۇشىنى ئۈمىد ۋە قوللاپ قۇيۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
-
مۇھەممەد باغراش
2004-يىلى ئۆكتەبىردە بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستلىق ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى بىلەن چاقىلىق ناھىيىسى بىرلىشىپ چاقىلىق ناھىيىسىدە يازغۇچى سۇلايمان ئابدۇرەھىمگە تون يېپىش ۋە ئۇنىڭ يېقىنقى يىللاردا ئېلان قىلغان رومانلىرىنى مۇھاكىمە قىلىش، شۇنداقلا ئۆسمۈر قىز ليۇجيې يېقىندا نەشىر قىلدۇرغان << تاش ئادەم>> ناملىق چۆچەك پوۋېستىنىڭ تارقىتىش مۇراسىمىغا قاتنىشىش شەرىپىگە مۇيەسسەر بولدۇق.
-
2011-04-10
كۇچانىڭ 11-ئەسىردىكى دۆلەت تەۋەلىكى - [ئۇيغۇر تارىخى]
ئاپتورى: ئەمەتجان رۇسۇل (ئەلدىيار)
(بۇ ماقالىدا ۋ. ۋ. بارتولىد، ئا. گ. مالىيەۋكىن، پەرھاد جىلان قاتارلىق تەتقىقاتچىلارنىڭ «كۇچا XI ئەسىردە قاراخانىيلار خانلىقى تەۋەلىكىدە بولغان» دېگەن ھۆكۈمىگە قارشى ھالدا، كۇچانىڭ XI ئەسىردە ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقى تىرىتورىيىسىدە بولغانلىقى ئىسپاتلاپ چىقىلىدۇ.)
-
ئابدۈشكۈر مۇھەممەد ئىمىن
ئىنساننىڭ ئىجتىمائىي تۇرمۇشقا ئۆتىشىدىكى ئاساسىي نامايەندە ئىشلەپچىقىرىش قوراللىرىنىڭ مەيدانغا كېلشىدىن ئىبارەت. ئىنسانىيەتنىڭ تۇنجى ئىشلەپچىقىرىش قۇرالى- تاش سايماندىن ئىبارەت.
ئىپتىدائىي ئىنسان دەسلىپىدە تەييار ھالەتتىكى تاش قوراللارنى ئىشلەتكەن. ئۇنىڭ مۇھىم شەكلى يارما(چاقما) قۇرال ھالىتىدىكى تاشتىن (ئەلۋەتتە ياغاچ، سۆڭەكلەرنى مۇستەسنا قىلمىغان ھالدا) ئىبارەت ئىدى. -
2011-04-05
قەدىمكى مەركىزى ئاسىيادا يېڭى تاش قۇراللار دەۋرى - [ئۇيغۇر تارىخى]
ئابدۈشكۈر مۇھەممەد ئىمىن
مەركىزى ئاسىيادا مۇز دەۋرى ئاخىرلاشقاندىن كېيىنكى باسقۇچتا ئىپتىدائىي ئىنسان تۈركۈملىرى كونا تاش قۇرال دەۋرىدىن يېڭى تاش قۇرال دەۋرىگە تەدرىجىي ئۆتۈش مۇمكىنلىكلىرىگە ئېرىشتى.يېڭى تاش قۇرال(نېئولىت) دەۋرىدە ئىنسانىيەت تەييار تاشنى قۇرال سۈپىتىدە ئىشلىتىش ۋە تاشنى يېرىپ، سۇقۇپ-سۇندۇرۇپ قۇرال قىلىشتىن تاشنى سىلىقلاپ ئىشلەشكە ئۆتتى.
-
2011-04-04
قەدىمقى دەۋىردىكى مەشھۇر ئۇيغۇر بازارلىرى - [ئۇيغۇر تارىخى]
ﺩﺍﯞﯗﺕﺳﺎﯞﯗﺕ
ﺧﻪﻥ، ﺗﺎﯓ ﺳﯘﻻﻟﯩﻠﯩﺮﻯ ﺩﻩﯞﺭﯨﺪﯨﻜﻰ ﻏﻪﺭﺑﯩﻲ ﻳﯘﺭﺕ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩ ﯞﻩ ﻣﻪﺩﯨﻨﯩﻴﻪﺕ ﺟﻪﻫﻪﺗﺘﻪ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ، ﺋﯩﭽﻜﻰ-ﺗﺎﺷﻘﻰ ﺳﻮﺩﯨﺴﻰ ﮔﯘﻟﻪﻧﮕﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﺑﺎﺳﻘﯘﭼﻘﺎ ﻗﻪﺩﻩﻡﺑﺎﺳﻘﺎﻥ. ﺑﯘ ﺩﻩﯞﺭﺩﯨﻜﻰ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﯨﻲ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻴﺎﺗﻨﯩﯔ ﻳﯘﻛﺴﻪﻟﮕﻪﻧﻠﯩﻜﻰ، ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺗﻨﯩﯔﮔﯘﻟﻠﻪﻧﮕﻪﻧﻠﯩﻜﻰ ﻫﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻲ ﻣﺎﺗﯩﺮﻳﺎﻟﻼﺭﺩﺍ ﻛﯚﭘﻠﻪﭖ ﺧﺎﺗﯩﺮﻩ ﻗﺎﻟﺪﯗﺭﯗﻟﻐﺎﻥ، -
2011-04-03
مانجۇلار ۋە ئۇلارنىڭ تىل-يېزىقى - [قېرىنداش مىللەتلەر تارىخى]
مانجۇلار ئېلىمىزدىكى 56 مىللەتلىك چوڭ ئائىلىنىڭ بىر ئەزاسى بولۇپ، تارىخى تولىمۇ ئۇزۇن، ئۇلار ئېلىمىزدەك كۆپ مىللەتلىك ئەلنىڭ شەكىللىنىشى ۋە تەرەققى قىلىشىدا ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينىغان. ئۇلار ئەزەلدىن ئېلىمىز زېمىنىدا ياشاپ كەلگەن ۋە پائالىيەت ئېلىپ بارغان. ئېلىمىز مانجۇلارنىڭ جانىجان ئانا ماكانىدۇر.
-
دىداكتىك داستان «قۇتادغۇبىلىك»
ئۇلۇغ بوۋىمىز يۈسۈپ خاس ھاجىپ قالدۇرۇپ كەتكەن دۇنياۋى شۆھرەتكە ئىگە شەرقتىكى ئەبەدىيلىك ئەسەر «قۇتادغۇبىلىك» (بەخت ئاتا قىلغۇچى بىلىم) ئۇيغۇرلارنىڭ قاراخانىيلار سۇلالىسى دەۋرىگە مەنسۇپ بولغان يەنە بىر قىممەتلىك يازما يادىكارلىقلارنىڭ بىرىدۇر.