كۆزىمىزنى تارىخ ئاچىدۇ،ئەقلىمىزنى ئىلمي تەپەككۇر!
  • 2011-04-15

    2كەلپىن ئۇيغۇرلىرى تېخى ئېيتىپ تۈگىتەلمىگەن بىر رىۋايەت ! - [ئۇيغۇر تارىخى]

    يېڭىدىن يېڭى ۋە چاپقۇر خىياللار ئىلكىدە ئاۋارىمەن. ئاچالنىڭ شاۋقۇنلۇق دېھققان بازىرىدا ئېگىز-پەس دەسسەپ، ھاڭۋاقتىدەك
    ئۆپچۆرەمگە ئالاڭلاپ كېتىۋاتىمەن. بىر كەمدە ئانچە يىراق بولمىغان بىر يەردىن دۇتار نەغمىسى ئاڭلاندى. قارىسام، بىر چەتتىكى پۇچۇق تامنىڭ ئالدىغا بىر توپ ئالامان توپلىنىپتۇ. بىر بېسىپ، بىر-بىر بېسىپ ئۇلارغا يېقىنلاشتىم ۋە توپ ئارىلاپ بوينۇمنى سوزدۇم. سېرىق ساقال، كۆك كۆز، ئۆڭى ئاق، سىم بۇرۇت بىر يىگىت تام تۈۋىدە زوڭزىيىپ ئولتۇرۇپ دۇتار چېلىپ ناخشا ئېيتىۋېتىپتۇ. ئۇنىڭ يېنىدا يەنە ئىككى دۇتار تامغا يۆلەگلىك تۇرىدۇ. دۇتار ساتسا كېرەك، ناخشىسى ئارقىلىق دۇتارلىرىغا خېرىدار چاقىرىۋاتقان ئىكەن. ئۇنىڭ كۆزلىرى ھەۋەس ئوتلىرىدا يالت-يۇلت يېنىپ تۇرىدۇ، كۈچىنىشتىن گۆرەن تومۇرلىرى كۆپۈپ، چېكىلىرى قىزغۇچ بولۇپ ۋىلىلدايدۇ، چىرايى بىر قىزغىن خۇشخۇيلۇق ۋە شوخلۇقتا يېلىجايدۇ.

    يىگىت جاراڭلىق ئاۋازدا كونا كۈينى سەلگىنە بۇزۇپ توۋلىماقتا :
    چاسىنىڭ ئوتتۇراسىدا،
    ئالتى كىشى بەڭ تاتىتۇ(تارتىدۇ).
    سېكىلەكلەر بىر بولۇپ،
    يىگىتلىنى دەم تاتىتۇ .

    كىشىلەر كەپتەر قوپقاندەك پاراققىدە كۈلۈشتى. مەن ئۆپچۆرەمگە قارىدىم، ئون ئادەمنىڭ بىر-ئىككىسى كۆككۆز، سېرىقساقال، ھەممىسىنىڭلا قاڭشىرى قىڭراقتەك، ساقال-بۇرۇتلۇق، بەزى قىز-چوكانلارنىڭ چاچلىرى سېرىق، كۆزلىرى كۆكۈش، ئۆڭى ئاق-قىزىل، بويلىرى زىلۋا ھەممەيلەن قولتۇقىنى غىدىقلىغاندەك ئىرغىنىپ-ئىرغىنىپ كۈلۈشىدۇ:

    - ما كالۋانى ھا ھا ھا  
    - ئۇگاتمايتقان ئادەمكە(ئۇياتمايدىغان ئادەمكەن)؟موگۇندىۋى نېمە(مانېمە).
    - ھاي، توخۇي پوقىيەي ھا ھا ھا  
    دۇتارچى ناخشىنى تېخىمۇ ئەۋجىگە كۆتۈردى:
    ئېگىز تاغقا چىققاندا ياللا(يائاللا)ئۆلەي،
    قولىڭىزنى مەن تارتاي خەسمەي(جېنىمەي).
    بار ئويۇننى سىز ئويناڭ توخۇ پوقى،
    دەردىڭىزنى مەن تارتاي كالۋېرەي(كالۋارەي).
    - ئونكوي(ئوھھوي)ھاي ھەمەراخمان، ماچاقانكۆز(كۆككۆز)نېمە دەيتتۇ(دەيدۇ)  
    -ئەنىقەي(ۋاييەي)مومىنىڭ(بۇ نېمىنىڭ)ناخشىسىنىڭ ئوساللىقىنى قالا(قارا) ئۇنىڭغا گەپ قىلغىنا، تۈزۈكرەك ناخشىغا توۋلاپ بەسۇن
    (بەرسۇن)
    -نۇكۇي(ھەيرانلىق مەناسىدىكى سۆز)ھەممە گەپنى مەنلا قىلاممە(قىلامدىمەن)  -بولمايتقان(بولمايدىغان)ئىشنى قىلىپ يۈرسەڭلە
    بولمايتتۇ(بولمايدۇ)جۇمۇ؟!
    -ئاپاش-ئاپاش، نېمە بولداڭ(بولدۇڭ)/
    ؟ئەگۈ(ئاۋۇ)كۈنى جاڭداپ(زۇكامداپ)قېپتىكەن  
    -بۇ دۇتاچى كىمتۇ(كىمدۇ)؟
    -يۇقىرسى(يۇرت نامى)دىكى يۈدەكام(يۇنۇسكام)نىڭ ھەنەيۋاقىسى(بالاۋاقىسى)ھۇشۇ(ھوشۇر).
    -ھاي ھاۋدىللا(ئابدۇللاھ)؟ھاۋدىللا دەيتمە(دەيمەن)  
    -ئايلىكا(ئاچا)، كىمنى قىشقىرتسە(چاقىرىسەن)؟
    -ئىگونى(ئاۋۇنى)قىشقىرتتىم  
    -دۆلگىدە سۇۋامىكە(شارقىراتمىدا سۇ بارمىكەن)  
    -ئىيشۇ قۇرۇغدا بېيكە(ئاشۇ ئېتىزلىقتا بار ئىكەن)!
    -ئۈرۈمچىگە باماممىز(ئۈرۈمچىگە بارمامدىمىز)؟
    -بۇ يىل بارتىمە دەيتمە(بۇ يىل باراي دەيمەن).
    -مەنمۇ بارىتتىمغۇ(مەنمۇ باراي دېگەن)  

    بىر ياقتا ناخشا، توپ ئىچىدە گەپ، ناخشا ماڭا قانچىلىك يېڭى ئاڭلانسا، كەلپىنلىكلەرنىڭ گېپلىرىمۇ ماڭا مەن ئىلگىرى نەلەردىدۇر ئاڭلىغان قەدىناس ناخشىدەك يېقىملىق ئاڭلىناتتى. بىردىنلا مېڭەمدە، ياق يۈرىكىمنىڭ قېتىدا باشلوپ خەلق قوشاقلىرى ياڭراشقا
    باشلىدى:

    ماڭغانغا تۈگىمەيدۇ ،
    توققۇز ئۆينىڭ يوللۇرۇ(يوللىرى).
    تال چىۋىقتەك ئەشمەدۇر ،
    گۈل يارىمنىڭ بويلۇرۇ(بويلىرى).
    ٭٭٭٭٭ ٭٭٭٭٭ ٭٭٭٭٭
    ئۆيۈڭڭۈ(ئۆيۈڭنىڭ) ئارقاسىغا ،
    سېپىل سوقۇپ شەرىتەي(شەھەر ئەتەي).
    سەن ئەمدى ئاڭا كەسسەڭ(كەتسەڭ)،
    مەن ئەمدى قانداغ ئېتەي .
    ٭٭٭٭٭ ٭٭٭٭٭ ٭٭٭٭٭
    چوڭ خەققى ۋالاسى دەپ(باينىڭ بالاسى دەپ)،
    تاما تۇتۇپ مەن سىززى(سىزنى) .
    ھەجەپ ياتىرقاپ(يېتىرقاپ) كەتتى ،
    كۆزگە ئىلماي بىززى(بىزنى) .
    ئاسمانداغى ئاي غوقشۈش(ئوخشاش) ،
    كىم تۇغار شۇنداق قىززى(قىزنى) .
    ٭٭٭٭٭ ٭٭٭٭٭ ٭٭٭٭٭
    ئارۇخلاپپا(ئورۇقلاپ) كېتىپسەن ،
    جېنىممى(جېنىمنى) ساڭا ۋەردىم(بەردىم) .
    ئىنەڭڭى(***) رازى قىلغىن ،
    تۇزۇڭڭۇ(تۇزۇڭنى) تولا يېدىم .
    رەڭگىممى(رەڭگىمنىڭ) ساغاغانى(سارغايغىنى) ،
    بىر قاتلىمىغان(قۇچاقلىمىغان)دەردىم.
    ٭٭٭٭٭ ٭٭٭٭٭ ٭٭٭٭٭
    گۈل بۇجۇدۇم(چەكتىم) يۈرەككە ،
    تىل تورغۇيۇم(ئامرىغىم)سۆزۈڭدىن .
    ساڭا بەرگەن كۆڭلۈمنى ،
    كۆرگەنمىدىڭ كۆزۈمدىن .
    ئۆلۈپ كەتسەم ئوتۇڭدا ،
    رازى بولغىن تۇزۇڭدىن .
    ٭٭٭٭٭ ٭٭٭٭٭ ٭٭٭٭٭
    سالىپ(سېلىپ) بەردىم قىياق ئوت ،
    ھويلاداقى(ھويلىدىكى) ئۇلاققا .
    يارنى سۇغا چىقار دەپ ،
    ئاراقاداقى(ئارقىدىكى) بۇلاققا .
    ساقلاسام يار چىقمادى ،
    تاقۇ (توخۇ) چىقتى قونداققا .
    ٭٭٭٭٭ ٭٭٭٭٭ ٭٭٭٭٭
    تىل تورغۇيۇم تىل تەگمىسۇن بويۇڭغا ،
    قولۇم يەتسە گىرە سالسام بوينۇڭغا .
    دىلخۇمارىم ئوتۇڭدا ئېرىپ كەتمەي ،
    كېلىپ مېنى سالىۋالغىن(سېلىۋالغىن)قوينۇڭغا .
    ٭٭٭٭٭ ٭٭٭٭٭ ٭٭٭٭٭
    ئۆتەرمەن دەپ بىر ئارىقتىن(ئېرىقتىن) ئالتادىم(ئاتلىدىم) ،
    غۇنچە بوينى بىر گىرەلەپ باقمادىم(باقمىدىم) .
    كۈندە تۇرۇپ قەرەلىنى سوراغلاپ(سوراشتۇرۇپ) ،
    بەرگەن ۋەدە سۆزلەرىنى يادلادىم .

    كەلپىنلىكلەرنىڭ ناخشىسى، كەلپىنلىكلەرنىڭ شېۋىسىنى ئاڭلاپ تۇرۇپ، خۇددى چاقىلىقتا تۇرۇپ چۈشىنىكسىزلا كەلپىن دېگەن يۇرتنى ۋە كەلپىن ئۇيغۇرلىرىنى ئەسلەپ قالغاندەك، بۇيەردىمۇ- كەلپىندىمۇ ئۇشتۇمتۇتلا ۋە تولىمۇ چۈشىنىكسىز ھالدا لوپ ئۇيغۇرلىرى ۋە ئۇلارنىڭ شېۋىسىنى،قوشاق-ناخشىلىرىنى ئەسلەپ قالدىم. چىن سۆزۈمنى ئېيتسام، شۇ تاپتا(شۇ تاپتىلا ئەمەس،ئاشۇ چاقىلىقتىن باشلاپ)مەن ئويغاق،سەگەك ۋە ھەرىكەتتىكى ھالىتىمدە نېمىشقىدۇر چۈشسىمان تەپەككۇر قىلىۋاتاتتىم.تەپەككۇرۇم زامان-ماكان چەك ئارىسىنى يوقاتقان، زامان-ماكاندىن ھالقىپ كەتكەن، زامان-ماكان ئۇقۇمىنى يوقاتقانىدى! نېمىشقا شۇنداق بولىدۇ؟ نېمە ئۈچۈن شۇنداق ئويلاپ قالدىم؟ بۇنىڭغا مېنى كىم مەجبۇر قىلىدى؟ مەن يا تىلشۇناس، يا ئانتروپولوگ(ئىنسانشۇناس) ئەمەس ۋە ياكى تارىخشۇناس ياكى ئارخېلوگ ھەم ئەمەسمەن، پەقەت بىر يازغۇچىمەن، خالاس.مېنىڭ بۇ قاتارچە زورۇقۇشلىرىمنىڭ ھازىرچە كۆزكۆرۈ(رەئال) ئەھمىيىتى ۋە ئىشلىرىم بىلەن توغرىدىن توغرا ئالاقىسى يوق!

    ئۇنداقتا، مەن زادى قانداق قىلىپ ھازىرقىدەكتەپەككۇر ۋە روھىي ھالەتكە ئۆتۈپ قالدىم؟ بۇ بىر ۋەھىيمۇ؟ تارىخنىڭ چاقىرىقىمۇ؟ ياكى مەنىڭ كەلگۈسىدىكى ئىجادىي ئىشلىرىم موھتاج بولۇۋاتقان ئېھتىياجمۇ؟ ۋە ياكى يوشۇرۇن ئېڭىمدىكى چۈشىنىكسىز بىر خىل ئاڭ پارتلىشىنىڭ، بىر خىل ئەس-خاتىرە زاپىسىنىڭ ئۆزىنى ئاشكارىلىشى ۋە تىلغا چاقىرىلىشىمۇ؟ ۋە ياكى يوشۇرۇن ئېڭىمنىڭ ئىجادىمغا، ئىلھامىمغا، يارىتىش ئىستىكىمگە بېرىۋاتقان بىر خىل بىشارىتى ھەم ماڭا ئېچىپ بېرىۋاتقان بىر تېما، تەسەۋۋۇر بوشلۇقىمۇ؟ بىر يېڭى پىكەر-تەپەككۇر ئۇپىقىمۇ؟...
    چىن سۆزۈمنى ئېيتسام گاڭگىراپ قالغان ئىدىم، ئۆزۈمنىڭ نېمىشقا مۇنداق زورۇقۇپ يۈرۈۋاتقىنىمنى ھەم خۇددى ئۆزۈمدىن يات-يوچۇن ئادەمدەك زادىلا ئاڭقىرالمايۋاتاتتىم! لېكىن مەن شۇنىڭغا قەت؟ئىي ئىشىنىمەنكى، بۇ خىل ئەخمىقانە ئىزدىنىشلىرىم ئۆزۈمنىڭ نۇقتىسىدىن ئەمەس،ئىجتىمائىي، تارىخىي، مەدەنىيەت نۇقتىسىدىن ئۇيغۇر ئەلكۈنىنى چۈشىنىشكە، خەلقىمنىڭ تارىخى ۋە مەدەنىيىتىنىڭ قاتلاملىرىنى، ئۇنىڭ ئۆلمەس ۋە ئۆچمەس ئۆزقۇنۇق(روھىي) زاپىسىنىڭ چوڭقۇرلىقىنى ھېس قىلىش ئۈچۈن پايدىلىق بىر خەيرلىك ئىش بولۇپ قالسا ئەجەب ئەمەس. مۇشۇ ئەرزىمەس ئەمگىكىم سەۋەبى بىلەن ئۇلۇغ ئاتاق ياكى يېتىلىۋاتقان كەسپ ئەھلىلىرىنىڭ مۇبارەك نەزەر دېققىتى مۇشۇ ساھەگە ئېتىبار بىلەن تىكىلسە ئەجەب ئەمەس، ئەلھەمدۇلىللاھ! مېنىڭ ئاڭقىرىشىمچە، كەلپىن ئۆز قوشنىلىرى بولغان ئاقسۇدىكى قۇمقۇدۇق، ئۇچتۇرپان، ئاۋات، كاشىغەردىكى مارالبېشى، ئارتىش ۋە ئاقچى قاتارلىق يەرلەر بىلەن مۈرىدىشىپ تۇرسىمۇ، كەلپىنلىكلەرنىڭ جىق تەرەپلىرى ئۇ يەر خەلقىنىڭ سېلىشتۇرغىلى بولىدىغان تەرەپلىرىگە ئومۇمىي مىللىي(ئۇيغۇرلۇق) تەرىپىدىن شەك يوق ۋە مۇتلەق ئوخشىسىمۇ، مەھەللىۋىي تەرەپتىن ئوخشاپ كەتمەيدۇ، ئەكسىچە، ئاشۇ مىڭلاپ كىلومېتىر ۋە ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ يىراق بولغان باشلوپ(كورلالوپ)، چاقىلىق، چەرچەن، نىيە، ئاياغلوپ(خوتەنلوپ) قاتارلىق جايلاردىكى خەلقلەرنىڭ سېلىشتۇرما تەرەپلىرىگە بەكلا ئوخشايدۇ. ئۇلارنىڭ تەقى-تۇرقى، چىراي-كۆركى، تىل شېۋىسى، تەلەپپۇز-ئاھاڭى؟ قاتارلىق جەھەتلەردە كۆز بىلەن كۆرگىلى بولىدىغان(تاشقى) تەرەپتىكى ئوخشاشلىق بولۇپلا قالماي، كۆز بىلەن كۆرگىلى بولمايدىغان لېكىن ئوچۇق سەزگىلى بولىدىغان بىر مەھكەم ئىچكى باغلىنىش بار ئىدى. مېنى قىزىقتۇرىۋاتقان، يېتەكلەۋاتقان، جوڭقۇرۇۋاتقان باشچى سېزىم دەل مۇشۇ ئىدى! مەن بۇ يەرگە دەل مۇشۇ ئوخشاشلىقنى ئوخشىمىغان تەرەپتىن ئىسپاتلاش ئىستىكىدە كەلگەن ئىدىم.

    مەن ئاچالدىن ئايرىلىپ كەلپىن ناھىيە بازىرىغا كىرگەن ئاخشىمىدىن باشلاپ ئەتىسى چۈشتىن كېيىن؟گىچە كەلپىن مەھەللىلىرىنى ئارىلىدىم. دېھقانلار ۋە ئېلىپ-ساتارلار بىلەن مۇڭداشتىم. ئەڭ مۇھىمى، كەلپىننىڭ پىچاق ئۇچى زىيالىيلىرىدىن ئابدۇساتتار ھامىددىن، سالىھ ئىبراھىم، جەلىل مۇھەممەد قاتارلىقلارنىڭ كۈتۈشىدە ئۇلار بىلەن يۇرەكلەر ئارقىلىق سۆزلەشتىم، ئۇلاردىن مەن ئۈچۈن يېپيېڭى ۋە تولىمۇ قىممەتلىك بىلىم ھەم ئۇچۇرلارغا ئېرىشتىم.

    شۇنى خوشاللىق ئىچىدە بىلدىمكى، كەلپىنلىكلەرنىڭ خۇش قىلىق، تۈرگۈن، ئەقىللىق، چېچەن، سۆزمەن، كۈچ-كۈسۈنلۈك، قامەتلىك، ياشاشقا باتۇر بولۇشتەك ئىرۇ-بەلگىلىرىنىڭ باشلوپ، چاقىلىق، چەرچەن، ئاياغلوپ ۋە نىيە ئۇيغۇرلىرىغا ئوخشاشلىقىدىن، ئۇلارنىڭ تىل-شېۋە، تەلەپپۇز-ئاھاڭ، ناخشا-قوشاق؟لىرىدىكى تەڭداشلىقىدىن باشقا ئىنتايىن قىممەتلىك كۆزكۆرۈ پاكىتلىق ئوخشاشلىقلار بار ئىكەن.
    بۇ ئوخشاشلىقلار مېنى بۇ ئاجايىپ زېمىنغا ۋە شۇ يەردە ياشاپ تۇرغان كەلپەكلەرگە تېخىمۇ قىزىقتۇردى. چاقىلىق ۋە باشلوپتا
    ئۇشتۇمتۇت پەيدا بولۇپ ۋە مېنى ئاخىرىدا كەلپىن؟گە باشلاپ كەلگەن سەزگۈمنىڭ خاتا قىلمىغانلىقىنى، ھەتتا مۇشۇ سەزگۈمنىڭ مېنى خەقلەرگە ۋە ئۆزۈمگە ئانچىمۇ ئوچۇق ۋە يارقىن مەلۇم بولمىغان، ھەتتا ناتونۇش بىر سىرلىق تارىخىي ھادىسىنى ۋە ئۇنىڭ بۈگۈنكى ئىرۇ-بەلگىلىرىنى تونۇۋېلىشىمغا ھەيدەك بولغىنىغا ھەمدە ئاشۇ سەزگۈمنىڭ مېنى ئالدىمىغانلىقىغا تولۇقى بىلەن ئىشەندىم! بۇلارنى تۈگەللىسەم
    تۆۋەندىكىدەك تۈگۈچ بولدى:

    -1-
    ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدا كەلپىن شېۋىسى ئالاھىدە شېۋە بولۇپ، بۇ ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىنىڭ ھوتەن دىئالېكتىغا پېئىللارنىڭ كەلگۈسى زامان ۋاسىتىچىلىك بايان رايى ۋە پۈتمىگەن سۈپەتداش قاتارلىق مۇھىم ئالاھىدىلىكلىرى جەھەتتىن ئوخشايدۇ. چاقىلىق، بولۇپمۇ چەرچەن شېۋىسى ھوتەن دىئالېكتىغا تەۋە بولۇپ، كەلپىن شېۋىسى ئۇنىڭغا تېخىمۇ يېقىن.
    كەلپىن شېۋىسىدە: يەپ تۇرىتۇ،ئۇخۇپ تۇرىتۇ؟،ھوتەنچىدە: يەپ تۇيىتۇ ،  ئۇقۇپ تۇيىتۇ ھوتەن ۋە كەلپىنچىدە؟بارىتمەن ،؟كېلىتمەن ،  ئۇخلاۋاتىتمەن ،؟بارىتمىز ، كېلىتمىز ، ساتىتمىز ، ؟كۆرىتمىز ، بىرىتۇ ، كېلىتۇ ، ئوينايتۇ ، قىلىتۇ ، ئىتىتۇ ، بى(بىر)؟،؟كى(كىر) ، يىگىمە(يىگىرمە) ،  تەتۈي(تەتۈر) ، ئىتتى(ئىتتىر-ئىتتىرگىن) ، دەييا(دەريا) ، قىيغاق(قىرغاق) ، قىغىز(قىرغىز) ،؟كۆسەت(كۆرسەت) ، ئۆدەك(ئۆردەك) ، قىي(قىر) ، ؟قىشقىماق(قىچقىرماق)،ئەزەن(ئەرزان) قاتارلىقلار.
    باشلوپ شېۋىسى مەلۇم جەھەتلەردە تۇرپان شېۋىسىگە يېقىنراق بولۇپ، كەلپىن شېۋىسى بىلەن باشلوپ-تۇرپان شېۋىسىمۇ خېلى كۆپ ئوخشاشلىققا ئىگە، مەسەلەن:  ئۇگال(ئۇۋال) ، زەدىگال(زەدىۋال) ، سۇگا(سۇۋا) ، ھاندۇگا(ھاندۇۋا) ، يۇگاش(يۇۋاش)؟،؟ھايگانچا(ھاۋانچا) ،گاخ(ۋاخ) ، جۇگا(جۇۋا)  دېگەندەك.
    ئارىلىقى 1000 كىلومېتىرلاپ يىراق يەرلەردە ياشاۋاتقان ئەلكۈنلەرنىڭ ناھايىتى تىرەن كۆك-يىلتىزداشلىق مۇناسىۋىتى بولمىسا، شېۋىلىرىنىڭ بۇ قەدەر ئوخشاش ياكى يېقىن بولۇشى مۇمكىن ئەمەس.

    -2-
    كەلپىن شېۋىسىدە كەلپىن سۆزى يەنە  كەلۋىن دەپمۇ تەلەپپۇز قىلىنىدىكەن. ئۇيغۇر تىلىدا  گ  بىلەن  ۋ نىڭ،  ت بىلەن ؟د؟نىڭ،  ر بىلەن  ز نىڭ،  د بىلەن ي نىڭ،  چ بىلەن ش نىڭ نۆۋەتلىشىشى تولىمۇ ئادەتتىكى ھادىسە بولۇپ، بۇلار سۆزلەملەرنىڭ ئۆزگىرىشىنى ئىشقا ئاشۇرىدىغان ئەڭ قولاي،
    ئەڭ ئاكتىپ ۋە ئەڭ ئىپتىدائىي ئامىللاردۇر. مۇشۇ قانۇنىيەتكە كۆرە  كەلۋىن نىڭ ئەسلىسىنى كەلگۈن دەپ ئەستىرىگە ئۆرۈسەك، ئۇ چاغدا  كەلگۈن سۆزى خۇددى ؟سۈرگۈن ،؟سۈرگۈنلەر ، سۈرگۈندىلەر دېگەندەك كەلگۈن ، كەلگۈنلەر ، كەلگۈندىلەر دېگەن مەنانى بېرىدۇ. دېمەك پەرىزىمچە  كەلپىن  نىڭ ئەسلىسى كەلۋىن ، ئۇنىڭ ئەسلىسى كەلگۈن بولۇپ، بۇ سۆز ئەسلىدە ھازىرقىدەك يەر-جاي نامى بولماي، ئەكسىچە بۇ يەرگە يىراقتىن كۆچ-كۆچ بولۇپ كېلىپ قالغان كەلگۈن لەرگە- بىرەر كەلگۈندى ئەلكۈن گە يەرلىك ئۇيغۇر- ئەلكۈن تەرىپىدىن بېرىلگەن نام بولىدۇ. ئۇنداقتا كەلگۈندى ئەلكۈن بۇ يەرگە كېلىشتىن ئىلگىرى بۇ جايلاردا ياشاپ تۇرغان يەرلىك ئەلكۈن بولۇشى كېرەكقۇ؟ خوش، بۇ يەردە يەرلىك ئەلكۈن بارمىدى؟  كەلۋىن (كەلگۈن)تارىخىي خاتىرىلەردىن قارىغاندا ئىنتايىن قەدىمىي يۇرت بولۇپ، بۇ يەردە قەدىم-قەدىم زامانلاردىن بېرى ئەجدادلىرىمىز تىرىكچىلىك قىلىپ كەلگەنىدى.

    كەلپىن ناھىيىلىك تەزكىرە ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى، بىلىمدار ئابدۇساتتار ھامىددىن ئەپەندى ئاساسلىق قەلەم تەۋرەتكەن، تەھرىرلىگەن ۋە تەرجىمە قىلغان، كەلپىن ناھىيىلىك پارتكوم سېكرىتارى لىقىئاننىئان، كەلپىن ھاكىمى ئابدۇراھمان ئەش ھەد قاتارلىقلار  كىرىش سۆز يازغان(1992-يىلى نەشىر قىلىنغان) كەلپىن ناھىيىسىنىڭ تەزكىرىسى نىڭ  ئومۇمىي بايان قىسمىدا ؟كەلپىن ناھىيىسىنىڭ تارىخى ئۇزاق، بۇ يەردە يېڭى تاش قوراللار دەۋرىدىلا ئىنسانلار ئولتۇراقلاشقان(ماددىي تېپىندىلار ئىسپات-ئا)، مىلادىدىن ئىلگىرى غەربكە كۆچكەن بىر قىسىم توخرىيلار، ساكلار ۋە ھۇنلار بۇ يەردە ئولتۇراقلىشىپ قالغاندەپ يېزىلغان. يەنەشىمالىي ۋەي سۇلالىسىنىڭ جىڭگۇئان3-يىلى(مىلادى522-يىلى)تۈركلەرنىڭ،تاڭ سۇلالىسىنىڭ تىئانبائو3-يىلى(744-يىلى) ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ باشقۇرۇشىدا بولدى؟دەپ يېزىلغان.
    يۇقىرىقى خاتىرىلەرگە كۆرە كەلپىندە قەدىمدىن تارتىپ ھازىرقى زامان ئۇيغۇرلىرىنىڭ پەيدا بولۇشىدا ئۆزەك بولغان ئەجدادلىرىمىز ياشاپ كەلگەن. كېيىن (مىلادى 400-يىللارنىڭ ئالدى-كەينىدە) بۇ يەردە يەرلەشكەن بىرقەدەر چوڭراق ئەلكۈنلەر دەل بىز ھازىر تونۇۋاتقان كەلپىنلىكلەرنىڭ ئەجدادى بولغان كەلگۈندى ئۇيغۇرلاردۇر. ھازىرقى كەلۋىن دېگەن نام ئاشۇ يىراقتىن كۆچۈپ كەلگەن ئۇيغۇرلارغا يەرلىك ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن بېرىلگەن نام بولۇپ، كېيىن ئاستا-ئاستا يەر-جاي نامىغا ئايلىنىپ كەتكەن بولۇشى مۇمكىن.


    收藏到:Del.icio.us




كۆرىۋاتقانلار: نەپەر