كۆزىمىزنى تارىخ ئاچىدۇ،ئەقلىمىزنى ئىلمي تەپەككۇر!
  • 2011-04-03

    «تۈركى تىللار دىۋانى» ۋە «قۇتادغۇبىلىك» نىڭ كەچۈرمىشلىرى - [ئۇيغۇر تارىخى]

          دىداكتىك داستان «قۇتادغۇبىلىك»

        ئۇلۇغ بوۋىمىز يۈسۈپ خاس ھاجىپ قالدۇرۇپ كەتكەن دۇنياۋى شۆھرەتكە ئىگە شەرقتىكى ئەبەدىيلىك ئەسەر «قۇتادغۇبىلىك» (بەخت ئاتا قىلغۇچى بىلىم) ئۇيغۇرلارنىڭ قاراخانىيلار سۇلالىسى دەۋرىگە مەنسۇپ بولغان يەنە بىر قىممەتلىك يازما يادىكارلىقلارنىڭ بىرىدۇر. مۇكەممەل يېزىلغان بۇ شېئىرىي داستاندا قاراخانىيلار سۇلالىسىنىڭ ماددى، مەنىۋىي قىياپىتى ئوبرازلىق سۈرەتلەپ بېرىلگەن بولۇپ، مىللەتنىڭ مەدەنىيەت، تارىخ تەتقىقاتىدا تۇتقان ئورنى ئىنتايىن مۇھىم بولۇپلا قالماستىن، دۇنيا شەرق كلاسسىك ئەدەبىياتى تەتقىقاتىدىمۇ ناھايىتى يوقىرى ئورۇننى تۇتۇپ كەلمەكتە.
    «قۇتادغۇبىلىك» نىڭ مۇئەللىپى يۈسۈپ خاس ھاجىپ مىلادىيە 1018- قاراخانىيلار سۇلالىنىڭ قىشلىق پايتەختى بالاساغۇن (قوزئوردا) دا، ئوردىنىڭ تەجرىبىلىك، بىلىملىك پۈتۈكچىلىرىدىن بولغان رەيھانىدىن ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەنلىكىنى مەلۇم (يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ دادىسى توغرىسىدىكى قاراشنى ئابدۇرېھىم سابىت ئەپەندى 1998- يىلى قەشەردە ئۆتكۈزۈلگەن 3- نۆۋەتلىك مەمىلكەتلىك «قۇتادغۇبىلىك» ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا ئوقۇغان ماقالىسىدە بىرىنچى قېتىم ئوتتۇرىغا قويغان. ئا) . ئوردا سىياسىي ئۆزگىرىشىدە رەيھانىدىن ئائىلىسى تۆھمەتكە ئۇچراپ ۋەيران بولغان. يۈسۈپ خاس ھاجىپ كىچىكىدىن باشلاپلا بالاساغۇندىكى مۇھىم مەدرىسەلەردە ئەرەب تىلى، پارس تىلى، سوغدى تىلى قاتارلىقلارنى پىششىق ئۆگىنىپلا قالماي، يەنە نۇرغۇنلىغان تەبىئەت ۋە ئىجتىمائىيەتكە مۇناسىۋەتلىك ئىلىملەرنى ئۆگەنگەن. ئۇ مىلادىيە 1075- يىللىرى بالاساغۇندىكى ئوردىدا يۈز بەرگەن قانلىق سىياسىي ئۆزگىرىشتە ئۇنىڭ ئاتا- ئانىلىرى تۆھمەتكە ئۇچراپ ئۆلۈپ، ئائىلىسى ۋەيران بولغاندىن كېيىن قەشقەرگە كېلشكە مەجبۇر بولغان. مىلادىيە 1070- يىلى (ھىجرىيە 462- يىلى) 18 ئاي ۋاقىت سەرپ قىلىپ 13 مىڭ 290 مىسرالىق دىداكتىك داستان «قۇتادغۇبىلىك» نى يېرىپ تاماملاپ، بۇ كىتابنى قاراخانىيلارنىڭ ھۆكۈمدارى ئەبۇ ئەلى ھەسەن بىننى سۇلايمان بۇغراخانغا مىلادىيە 1074يىلى سوۋغا قىلغان. ھەسەن بۇغراخان ئەسەرنىڭ شەرىپىگە مۇئەللىپكە «خاس ھاجىپ» لىق ئونۋانىنى بەرگەن. ئالىم مىلادىيە 1085- يىلى 68 يېشىدا قەشقەردە ئالەمدىن ئۆتكەن.
        مەزكۇر داستان مەزمۇنىنىڭ موللىقى، تىلىنىڭ گۈزەللىكى، پەلسەپىۋى پىكىرلەرنىڭ ئۆتكۈرلۈكى، غايىۋىلىك جەھەتتىكى ئىلغارلىقى، بەدىئىي ئالاھىدىلىك جەھەتتىكى ئۆزگىچىلىكى بىلەن ئۆز زامانىسىدىن باشلاپلا ھەرقايسى ئەللەرگە تارقىلىپ «ئەدەبۇل مۈلىك» (شاھلارنىڭ ئەدەپ- قائىدىلىرى)، «ئاينۇل مەملىكە» (مەمىلكەتنىڭ دەستۇرى)، «زىننەتۇل ئومرا» (ئەمىرلەر زىننىىتى)، «شاھنامەئى تۈرك» (تۈرك شاھلىرى دەستۇرى)، «پەندى نامەئى مۈلىك» پادىشاھلارغا نەسىھەت)، «قۇتادغۇبىلىك» (بەخىت كەلتۈرگۈچى بىلىم) (بۇلارنىڭ ھەممىس تۈركىي تىللىق خەلقلەر زېمىنلىرىدا بېرىلگەن ھەر خىل ناملار. ئا.) دېگەنگە ئوخشاش ھەر خىل ناملار بىلەن ئاتىلىپ، بىباھا گۆھەر سۈپىتىدە قەدىرلىنىپ كەلگەن. ئالىم ئۆز كىتابى ئۈستىدە توختالغاندا ئىنتايىن زور ئىشەنچ بىلەن يازغان تۆۋەندىكى بېيىتلارمۇ بۇ ئەسەرنىڭ قىممىتىنى نامايەن قىلىپ بېرەلەيدۇ.

    پۈتۈن تۈرك، چىن، شەرق ئېلىدە دېمەك،
    بۇنىڭدەك كىتاب يوق جاھاندا بۆلەك.
    بۇنىڭدەك كىتابنى كىم ئېيتقان ئاۋۋال،
    كېيىن كىممۇ ئېيتار بۇنىڭدەكنى دەل؟
    كىم ئولسا بۇنىڭدەكنى يازارمۇ قېنى؟
    يازىچى بار بولسا، مەن ماختاي ئۇنى.

        دېمىسىمۇ، تا بۈگۈنگە قەدەر شۇ دەۋرلەردە مەيلى ئەرەب، مەيلى پارس ياكى ھىندىستان، جۇڭگولاردا بولسۇن، ھېچكىمنىڭ «قۇتادغۇبىلىك» كە ئوخشاش بۇنداق مەشھۇر ئەسەرنى يېزىپ باققانلىقىدىن خەۋەرسىز تۇرۇپتىمىز ھەم بۇ كىتاب ئالىم ئۆزى ئېيتقاندەك ئۇلۇغ كىتابلاردىن بولمىغان بولسا ئىدى، ئۇنىڭدىن ئاز كەم 1000 يىلغىچە يوقالماي ساقلىنىپ كېلىشىمۇ ھەم مۇمكىن بولمىغان بولاتتى.
        تا ھازىرغا قەدەر بۇ ئەسەرنىڭ قايسى يىلى، نېمە سەۋەبلەر بىلەن قەشقەر تەۋەلىكىدىن چىقىپ كەتكەنلىكى توغرىسىدا ئېنىق ئۇچۇر يوق. بۇ ئەسەرنىڭ ھازىرغىچە بىزگە ئۈچ خىل نۇسخىسى يېتىپ كەلدى. بىرىنچى خىل نۇسخا، يەنى ۋېنا نۇسخىسى، بۇ قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىدا كۆچۈرۈلگەن نۇسخا بولۇپ، ئاۋىستىرىيىنىڭ پايتەختى ۋېنادىن تېپىلغانلىقى ئۈچۈن شۇنداق ئاتالغان. بۇ A نۇسخىدۇر.
        ئىككىنچى خىلى قاھىرە نۇسخىسى بولۇپ، 5400 بېيىتتە پۈتۈلگەن مىسىر پايتەختى قاھىرەدىكى «ھىدىۋ» (ھازىرقى قىرال) كۈتۈبخانىسىدىن بايقالغانلىقىدىن شۇنداق ئاتالغان. بۇ B نۇسخىدۇر. ئۈچىنچى خىلى پەرغانە نۇسخىسى بولۇپ، ھازىرقى ئۆزبېكىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ پەرغانە ۋىلايىتى تەۋەسىدىكى نەمەنگاندىن (نەمەنگان نۇسخىسى دەپمۇ ئاتىلىدۇ) تېپىلغانلىقتىن پەرغانە نۇسخىسى دەپ ئاتالغان، 6095 بېيىتتە پۈتۈلگەن. بۇ ئەسەرنىڭ C نۇسخىسىدۇر. ئەسەرنىڭB، C نۇسخىلىرى تۆمۈرىيلەر دەۋردىكى چاغاتاي تىلىدا يېزىلغان. ئەسەرنىڭ تىل تەۋەلىكى ۋە دەسلەپكى قېتىمقى ئاشكارىلىنىشىدىن قارىغاندا، بۇ ئەسەر تۆمۈرىيلەر دەۋرىدە چەتئەللىكلەر تەرىپىدىن ئېلىپ كېتىلگەن بولۇشى مۇمكىن، دەپ پەرەز قىلىشقا بولىدۇ.
        «قۇتادغۇبىلىك» نىڭ ۋېنا نۇسخىسى مىلادىيە 1439- يىلى ئافغانىستاننىڭ ھېرات شەھىرىدە ھەسەن قارا سايىل شەمسى دېگەن كىشى تەرپىدىن قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدا كۆچۈرۈلگەن. شۇڭا، بۇ نۇسخا يەنە ھېرات نۇسخىسى دەپمۇ ئاتىلدۇ. مىلادىيە 1474- يىلى تۈركىيىنىڭ ئىستانبول شەھىرىگە كەلتۈرۈلگەن، كېيىن ئاۋىستىرىيىلىك شەرقشۇناس ھاممىر پورگىشتال تەرپىدىن سېتىۋېلىنىپ، ئاۋىستىرىيىنىڭ ۋېنا شەھىرىدىكى ئوردا كۈتۈبخانىسىغا قۇيۇلغان. مىلادىيە 1796- يىلى ھاممىر پورگىشتال تەرپىدىن تۇنجى قېتىم دۇنياغا ئاشكارىلانغان.
        پەرغانە نۇسخىسىنى تۇنجى قېتىم تاتار ئالىمى زەكى ۋەلىد مىلادىيە 1914- يىلى پەرغانىنىڭ نەمەنگان شەھىرىدىكى مۇھەممەت ھاجى ئىشان لالەرىش دېگەن كىشىنىڭ شەخشى كۈتۈبخانىسىدىن بايقاپ، بۇ توغرۇلۇق ئۇچۇر بەرگەن. مىلادىيە 1224- يىلى ئۆزبېك ئالىمى پىترەت بۇ نۇسخىنى قولغا چۈشۈرۈپ، ئەسەر توغرىسىدا ماقالە يازغان.
        قاھىرە نۇسخىسىنى تۇنجى بولۇپ مەشھۇر رۇس ئالىمى رادلوف مىلادىيە 1910- يىلى بايقىغان. ئۇ ئەسەرنىڭ ۋېنا نۇسخىسى بىلەن قاھىرە نۇسخىسىنى سېلىشتۇرۇپ، ئەسەرنىڭ ترانسىكرىپسيىسى بىلەن نېمىسچە تەرجىمىسىنى نەشر قىلدۇرغان.
    «قۇتادغۇبىلىك» توغرىسىدىكى تەتقىقاتلار ياۋروپادا
    XIX- ئەسىرنىڭ باشلىرىدىن باشلاپ قىزىق تېمىغا ئايلانغان. مىلادىيە 1827- يىلى فىرانسىيىلىك ژانبىرت.ئامبىدى تۇنجى قېتىم مەتبۇئاتتا «قۇتادغۇبىلىك» توغرىسىدىكى ماقالىسىنى ئېلان قىلغان ۋە بۇ كىتابنىڭ مەزمۇنلىرىدىن قىسمەن بۆلەكلەرنى نەشر قىلدۇرغان. 1870- يىلى ۋېنگىرىيە ئالىمى ھېرمان ۋامبىرى «قۇتادغۇبىلىك» نى تەتقىق قىلىپ، ئۇنىڭ 1000 بېيىتىنى ترانسىكرىپسىيىلەشتۈرۈپ، «ئۇيغۇر ئابىدىلىرى» دېگەن نامدا نېمىسچە نەشر ئىشلىگەن ۋە مەخسۇس لۇغەت تۈزگەن. 1890- يىلى رۇس شەرقشۇناسى رادلوف ۋامبىرى تەتقىقاتنى راۋاجلاندۇرۇپ، 20 يىل ۋاقىت سەرپ قىلىش نەتىجىسىدە ئەسەرنىڭ ئەرەب تىلىدىكى نۇسخىلىرى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، ئۇيغۇر يېزىقىدا ترانسىكرىپسىيە قىلىپ، ئىككى توملۇق كىتابچە قىلىپ نەشر قىلدۇرغان. بۇنىڭغا ئۇلاپلا ئۇ يەنە 1943- يىلى «قۇتادغۇبىلىك» نىڭ مانجۇچە تەرجىمىسىنى ئىستانبۇلدا نەشر قىلدۇرغان. 1928- يىلى ئۆزبېك ئالىمى پىترەت پەرغانە نۇسخىسىنىڭ ئايرىم بۆلەكلىرىنى زۆرۈر ئىزاھاتلىرى بىلەن تاشكەنتتە ئۆزبېك تىلىدا نەشر قىلدۇرغان.
        «قۇتادغۇبىلىك» نىڭ ھازىرقى ئەڭ مۇكەممەل نۇسخىسىنى 1947- يىلى مەشھۇر تۈرك ئالىمى، تىلشۇناس رەشىت رەھمىتى ئارات (1900- 1964) داستاننىڭ ئۈچ خىل نۇسخىسىنى ئۈچ يىل سېلىشتۇرۇپ تەتقىق قىلىش ئارقىلىق، بىر- بىرىگە كىرىشتۈرۈپ تولۇقلاپ، 13 مىڭ 290 مىسرالىق تولۇق تېكىستىنى نەشر قىلدۇرۇش بىلەن ئەمەلگە ئاشقان. 1957- يىلى كىتابنىڭ تۈركچە نۇسخىلىرى ئەنقەرەدە ئىككى قېتىم نەشر قىلدۇرۇلغان. 1972- يىلى ئۆزبېك ئالىمى قەيۇم كەرىموف داستاننىڭ پەرغانە نۇسخىسى بويىچە ئۆزبېكچە نەسرىي تەۋسىپىنى تاشكەنتتە نەشر قىلدۇرغان. 1979- يىلى ئېلىمىزنىڭ مەشھۇر تۈركولوگ، ئالىملىرىدىن گېڭ شىمىن ئەپەندى بىلەن ۋېي سۈييى خانىملار بىرلىشىپ داستاننىڭ قىسمەن بۆلەكلىرىنى خەنزۇتىلىغا تەرجىمە قىلىپ، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتىدا نەشر قىلدۇرغان. 1983- يىلى ئامېرىكا چىكاگو دارىلفۇنۇننىڭ شەرقشۇناس پروفېسورى روبرىت.دانكوپ داستاننى سۆز بېشى ۋە ئىزاھاتلىرى بىلەن ئىنگىلىز تىلىغا تەرجىمە قىلىپ ئېلان قىلغان. كىتابنىڭ باھاسى ئامېرىكىدا 100 دوللاردىن ئېشىپ كەتكەن. 1980- يىلى 8- ئايدا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئىمىنوپ ھامۇت مەسئۇللۇقىدا «قۇتادغۇبىلىك» تەرجىمە تەھرىر ھەيئىتى قۇرۇلۇپ، «قۇتادغۇبىلىك» نىڭ ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدىكى نەزمىي يەشمىسى مەرھۇم ئابدۇرېھىم تىلەشېۋ ئۆتكۈر ئەپەندى، مەرھۇم ئەھمەد زىيائى ئەپەندى، مەرھۇم مەمتىمىن يۈسۈپ ئەپەندىلەرنىڭ ئەجىر قىلىشى بىلەن 1985- يىلى 5- ئايدا مىللەتلەر نەشرىياتى تەرپىدىن تۇنجى قېتىم نەشر قىلىندى. 1986- يىلى مىللەتلەر نەشرىياتى تەرپىدىن يەنە خاۋگۈەنجۇڭ، جاڭ خوڭچاۋ ۋە ليۇبىنلارنىڭ خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلغان نۇسخىسى نەشر قىلىندى. 1991- يىلى ئالىملىرىمىزدىن ئابدۇشۈكۈر تۇردى، قادىر ئەكبەرلەر تەييارلىغان نەسرىي يەشمىسى مىللەتلەر نەشرىياتىدا نەشر قىلىندى.1992- يىلى تۇرغۇنباي قىلىچبىك، نۇرۇز ھۈسەن ئالىيلارنىڭ ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدىكى نەزمىي يەشمىسىدىن قىرغىزچە نەسىرىي شەكىلىگە ئۆرۈگەن تەرجىمە نۇسخىلىرى شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرپىدىن نەشر قىلىندى.
        شاھانە ئەسەر «قۇتادغۇبىلىك» نىڭ ھازىرغا قەدەر ئىلگىرى- ئاخىر بولۇپ ھەر قايسى دۆلەت ئالىملىرى تەرپىدىن تەتقىق قىلىنىپ، تەرجىمە قىلىنىپ، تۈركچە، ئۆزبېكچە، قازاقچە، مانجۇچە، قىرغىزچە، رۇسچە، نېمىسچە، ئىنگىلىزچە تىللاردىكى تولۇق تەرجىمىلىرى، ئوكرائىنچە، ياپونچە تولۇق بولمىغان تەرجىمىلىرى ئىشلىنىپ دۇنياغا كەڭ تارقالدى، شۇنىڭدەك بۇ داستان ئۆز نۆۋىتىدە ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنيەت تارىخىنى خەلقئارا ئورۇنغا كۆتۈرۈشتە غايەت زور رول ئوينىدى. ھازىرغا قەدەر «قۇتادغۇبىلىك» توغرىسىدا بىر قېتىم خەلقئارالىق، ئۈچ قېتىم مەملىكەتلىك مەخسۇس ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئېچىلدى.
        مەشھۇر يازما يادىكارلىق «قۇتادغۇبىلىك» مەزمۇن جەھەتتىن ئىلىمنىڭ ھەممە ساھەسىگىچە چېتىلغان شېئىرىي تىلدىكى داستان بولۇپ، ئەسەرنىڭ مەزمۇنى ئاسترونومىيە، تەبىئەت پەلسەپەسى، ئالگېبىرا، گېئومېتىرىيە، قانۇن- سىياسەت، ئىقتىسادشۇناسلىق، ئەلنى ئىدارە قىلىش، ئەدەبىيات- سەنئەت، پىسخولوگىيە، پىداگوگىكا، ئىستىلىستىكا، ئائىلە- نىكاھ، ئاممىۋى مۇناسىۋەت، ئەدەپ- ئەخلاق، كەسپىي ئەخلاق، ھەربىي- سىپاھگەرلىك، تىلشۇناسلىق، سېلىشتۇرما ئەدەبىيات، ئېتىكا، تىبابەت، ئوزۇقلۇق ئىلىمى، مەدەنيەت، تارىخ، مېتودولوگىيە قاتارلىق ساھەلەردە مەخسۇس توختىلىپ ئۆتكەن، ئىدىيە جەھەتتىن دەۋردىن ھالقىغان مەنىۋى مىراستۇر.
    -
    XIXئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدىن -XX ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىغىچە شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ھەر خىل ناملار بىلەن تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان ئەجنەبىيلەر ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسلامىيەتتىن بۇرۇنقى ۋە ئىسلامىيەتتىن كېيىنكى دەۋرلىرگە تەئەللۇق بولغان نۇرغۇنلىغان بىباھا مىراسلارنى ئۆز دۆلەتلىرىگە ئېلىپ كەتكەن.گېرمانىيە ھانبۇرۇگ ئونىۋېرىستېتىنىڭ پروفېسسورى، تۈركشۇناس گابائىن خانىمنڭ (VON.GABAIN.A) مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، گېرمانىيە پەنلەر ئاكادىمىيسىنىڭ يەتتە چوڭ ئىشكاپى گېرمانىيىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە شىنجاڭدا ئېلىپ بارغان تۆت قېتىملىق ئېكىسپىدىتسىيە ۋە ئارخېئولوگىيە ئەترەتلىرى تەرپىدىن تېپىلغان ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك ھەر خىل مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى بىلەن تولغان. بۇ ئاددىي بىر مىسال. يەنە لوندون، توكيو، ستوكھولىم، پارىژ، موسكىۋا، قاتارلىق شەھەرلەردىكى مەشھۇر كۈتۈبخانا ۋە مۇزىيلاردا قانچىلىك بارلىقىنى ھېچكىم بىلمەيدۇ. مۇشۇنداق ئەھۋالدا، دۇنيا خەلقىنىڭ مەڭگۈلۈك تەتقىق قىلىشىغا ئەرزىيدىغان قەدىمكى يازما يادىكارلىقلىرىمىزدىن «تۈركىي تىللار دىۋانى» بىلەن «قۇتادغۇبىلىك» نىڭ ئانا تۇپرىقىغا قايتىپ كېلەلىگەنلىكىنىڭ ئۆزى بىر چوڭ غەنىيمەت.

                 مەنبە : قەشقەر ئۇيغۇر نەشىرىياتى (ئۈستى ئۇچۇق مۇزېي- قەشقەر)


    收藏到:Del.icio.us




كۆرىۋاتقانلار: نەپەر