كۆزىمىزنى تارىخ ئاچىدۇ،ئەقلىمىزنى ئىلمي تەپەككۇر!
  • 2011-04-10

    كەلپىن ئۇيغۇرلىرى تېخى ئېيتىپ تۈگىتەلمىگەن بىر رىۋايەت ! - [ئۇيغۇر تارىخى]

    مۇھەممەد باغراش

    2004-يىلى ئۆكتەبىردە بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستلىق ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى بىلەن چاقىلىق ناھىيىسى بىرلىشىپ چاقىلىق ناھىيىسىدە يازغۇچى سۇلايمان ئابدۇرەھىمگە تون يېپىش ۋە ئۇنىڭ يېقىنقى يىللاردا ئېلان قىلغان رومانلىرىنى مۇھاكىمە قىلىش، شۇنداقلا ئۆسمۈر قىز ليۇجيې يېقىندا نەشىر قىلدۇرغان << تاش ئادەم>> ناملىق چۆچەك پوۋېستىنىڭ تارقىتىش مۇراسىمىغا قاتنىشىش شەرىپىگە مۇيەسسەر بولدۇق. يىغىن كاتتا ۋە نەتىجىلىك بولدى. يىغىن ئارىلىقىدا چاقىلىق ناھىيىلىك مۇزېينى كۆردۇق.

    مۇزېي كۆلەم جەھەتتە ھازىرچە تېخى كىچىك بولسىمۇ، باشقۇرۇلۇشىدىكى مەسئۇلىيەتچانلىق ۋە ئەستايىدىللىق بىزدە ج ك پ چاقىلىق ناھىيىلىك كومىتېتى ۋە خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ، چاقىلىق ناھىيىلىك مەدەنىيەت ئىدارىسىنىڭ يەرلىك ئاسارئەتىقىلەرنى ۋە تارىخىي مەدەنىيەت ئىزلىرىنى قوغداش ئىرادىسى ھەم ئىشلىگەن خىزمەتلىرىگە بولغان قايىللىق ۋە ھۆرمەت تۇيغۇمىزنى ئاشۇرغان بولسا، مۇزېيدىكى نەچچە مىڭ يىللىق پارلاق كروران-چەرچەن-لوپ-مىران ئۇيغۇر ئۇيغارلىقىغا(مەدەنىيىتىگە) تانۇق(گۇۋاھ) بولۇپ تۇرغان ھەرخىل تېپىلمىلار، بولۇپمۇ يېقىندا بايقالغان، قىياس قىلىنىشىچە، تارىخى ئالەمگە داڭلىق «كروران گۈزىلى»دىنمۇ ئۇزۇنراق بولۇشى مۈمكىن بولغان ئۈچكۆۋرە(قۇرۇق جەسەت) بىزنىڭ تەسەۋۋۇرىمىزنى بەكمۇ ئۇزاق قەدىمىي روزىغارغا يېتەكلەپ، بۈگۈنكى كۈندە دۇنيا ۋە جۇڭگونىڭ تارىخ ۋە ئۇيغارلىق ساھەسىدىكى ئالىملارنى تاڭ قالدۇرغان بۈيۈك كروران- لوپ -چەرچەن-مىران ئۇيغارىنىڭ ياراتقۇچىلىرى بولمىش كروران ئۇيغۇرلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئەقىل-پاراسىتى، ياشاش ئىرادىسىگە تاغدەك پەخىرلىنىش تۇيغۇسى، شۇنداقلا يەنە ئۇلارنىڭ كېيىنكى ھالاكەتلىك تەقدىرىگە بولغان ئازابلىق ئېچىنىش تۇيغۇسىنى ئويغاتتى!

    تەقدىر خالىسا بەخت-سائادەت، ئاجايىپ قۇۋناق ھايات، گۈللىنىش ئاتا قىلىدۇ، خالىسا ھەرخىل خاتالارنى سەۋەب قىلىپ ئاشۇ گۈللىگەن ئەل-ئۇلۇسنى بىر كىشان (دەقىقە)دىلا ھالاكەت ئوپقانىغا تاشلاپ، ئادەملەرنىڭ خاتاسىنى جازالايدۇ!

    ئېيتىلىشىچە، زامانىي ئەۋۋەلدە يەر يۈزىدە ئاجايىب بۈيۈك مەدەنىيەت، پارلاق گۈللىنىش، چوغيالىن (ئاجايىب كاتتا) تەرەققىيات دەۋرى بولغانىكەن.
    كېيىن(تەخمىنەن 10-12مىڭ يىللار ئىلگىرى) <>بىلەن ئىنسانىيەتنىڭ نەچچە مىليون يىل داۋامىدا ياراتقان پارلاق مەدەنىيىتى بىر كېچىدىلا ۋەيران بولۇپ، ناھايىتى ئاز ساندىكى جانلىقلار ۋە ئىنسان ئۇرۇقلىرىدىن باشقا پۈتكۈل ئىنسان ۋە جىمىكى بارلىق «توپان»غا غەرق بولۇپ،ئېچىنىشلىق ھالاك بولغان ۋە ئىزسىز يوقالغان ئىكەن!كۆمەنلى (سىرلىق) ۋە كۈچ-كۈسۈنلىك(قۇدرەتلىك)، تەگسىز ئوپقاندەك سىرى ۋە چىرايىنى ئىنسانىيەتكە كۆرسەتكىلى ئۇنىماي، ھازىرقى زامان ئادەملىرىنىڭ يۈرەك-باغرىنى ئۆرتەپ، ئۇلارنى تۈرلۈك-تۈمەن قىياس، ئويلىنىش ۋە ئىزدىنىشلەر بىلەن قىيناۋاتقان تەكلىماكان قۇملۇقى تەكتىدە مۆكۈپ ياتقان ئاجايىب بۈيۈك ئۇيغار، كاتتا ۋە باتۇر شەھەرلەر ھەمدە شۇلارنى ياراتقان ئۆركى(ئېسىل)، ئەربۇزى(جەسۇر) ۋە ئالىپ(غالىپ) ئەچۈ-ئوغۇشلىرىمىز(بوۋا-ئەجدادلىرىمىز) بۈگۈندىن 1600، 1700 يىللار ئىلگىرى ئاشۇ توپان بالاسىدەك دەھشەتلىك قۇم توپانى ئەكەلگەن ھالاكەتلىك تەقدىرنىڭ قۇربانى بولغانىكەن!تارىخنى قاتتىق مەسئۇلىيەتچانلىق تۇيغۇسى ۋە پاكىز نىيەت بىلەن تۈپكەرلەپ(تەتقىق قىلىپ) ئەچۈ-ئوغۇشلىرىمىزنىڭ ئىزىنى ئىزدەش، بېسىپ ئۆتكەن يوللىرىنى سىنلاش، ئۇلارنىڭ جەمئىيەت، تەبىئەت، ئېكولوگىيە، ياشاش، تەرەققىيات، مەۋجۇدلۇق ئاڭلىرىنى، پوزىتسىيە-مۇناسىۋەتلىرىنى ئۆگىنىش، بىلىش، ئاڭقىرىش بىزنىڭ شەرەبلىك ھەم ساۋابلىق بۇرچىمىز، ئەلۋەتتە!بۇ جەريان بىزگە گاھىدا چوڭقۇر ئېچىنىش ۋە ئازاب تۇيغۇسى بەرسە، يەنە گېزى كەلگەندە بىزگە چەكسىز خۇشاللىق، كۇفەر(غۇرۇر)، قەدىر-قىممەت، سۆيۈنۈش، ئىشەنچ ھەم كۈچ-قۇدرەت ئاتا قىلىدۇ! ئەڭ مۇھىمى، بىز بۈگۈنكى روزىغارئادەملىرى تەجرىبە، ئۆرنەك ۋە ساۋاققا ئىگە بولىمىز ھەم يەنە ئۆز نۆۋىتىدە ئىنسانىيەتنىڭ، مىللەتنىڭ ئۆتكەندە باشتىن كەچۈرگەن ھالاكەتلىك تەقدىرىنىڭ بىزنىڭ قىلىپ تاشلىغان قىلماغۇلىرىمىز(خاتالىق-سەۋەنلىكلىرىمىز) يەنى مىللىي، ئىجتىمائىي ئەخلاق تەگرىنچى(مۇھىتى) ۋە تەبىئەت ئېكولوگىيە تەگرىنچىنى بۇزۇش سەۋەبى بىلەن قايتا تەكرارلىنىپ قالماسلىقى ئۈچۈندۇر! ئاشۇ دەھشەتلىك قىسمەتنىڭ يەنە تەكرارلىنىپ قېلىشىدىن ياراتقۇچى پاناھ بەرسۇن!

    ئەتراپىمىزنى قورشاپ ياتقان ئاشۇ مۇڭ باسقان پايانسىز قۇملۇق، ئېغىر تىنىپ ياتقان باياۋان، تەشۋىشلىك ئىڭراپ-پىچىرلاپ ھالىنى ئېيتىۋاتقان ھالسىز، نىمجان غېرىب توغراقلارنېمەدېمەكچىدۇ؟ بىزگە قايسى قىسمەت، قايسى ئۆتكۈ-كەتكۈ ۋە كەلگۈلۈكلەردىن ھېكايەت قىلىۋاتقاندۇ-ھە؟ ئۇلارنىڭ تىلىنى ئاڭلىيالىساڭ، ئۇلارنىڭ ساڭا سۆزلەپ بېرىۋاتقان ھەيۋەتلىك، دەبدەبىلىك، كاتتا، موڭادىنىچ(ھەيران قالارلىق) ئۆتكۈر داستان-قىسسەلىرىنى، ھەسرەتلىك-نادامەتلىك كەچمىشلىرى توغرىسىدىكى ئۆكۈنۈش، دەرد ، ھەسرەتلىرىنى، بىزگە قاراپ ئۈمتۈلۈپ، قۇلىقىمىزغا، ياق، يۈرىكىمىزگە قۇيماقچى بولغان ئۈگۈت ، نەسىھەتلىرىنى، ئىستەك، ئوي ۋە ئارمانلىرىنى ئاڭقىرىپ، ئۇلار بىلەن قۇچاقلىشىپ، ئۇنىڭ باغرىغا مەڭزىنى يېقىپ تويۇپ-تويۇپ دەردلىشەلىسەڭ كاشكى؟ ھەسسىنەي، بۇ مۇمكىنمۇ؟

    شۇ دورەم چاقىلىق، باشلوپ(كورلا لوپ) ۋە كورلىدا ئۆتكۈزگەن سەككىز-ئون كۈنۈم ئاشۇنداق ئېغىر ۋە ئىزتىراپلىق خىياللار قاينىمىدا گاھ لەيلىدى،گاھ چۆكتى! ئۆپچۆرەمدە بولۇۋاتقان كۈلكە-چاقچاقلار، ئويۇن-تاماشالار ماڭا پەقەت سىرتتىن تەسىر قىلاتتى.مەن ئۇلارغا كېچىكىپ ئىنكاس قايتۇراتتىم. ئىچىمدە بولسا تەگسىز خىيال. كۆزلىرىم ئاشۇ سارغۇچ قۇملۇق، ئاشۇ بوزارغان باياۋان ۋە ئاشۇ قىينالغان چېكىسىدە قېتىپ قالغان بۇ تەگرىنچ (مۇھىت) شۇ قەدەر تىمتاس، شۇقەدەر چوغيالىن (ئاجايىپ كاتتا)، شۇ قەدەر قورقۇنچلۇق ۋە شۇ قەدەر بۈيۈك ۋە ھەم ئۇلۇغۋار ئىدى. لېكىن بۇ زېمىننىڭ ئاشۇ چەكسىزلىكى، ئاجايىپ كاتتا ۋە قورقۇنچلۇقلىقى، بۈيۈك ۋە ئۇلۇغۋارلىقى، تويماس ۋە كۈچ-قۇدرەتلىكلىكى دەل ئۇنىڭ يۈكسەكلىكى، بۈيۈكلىكى، گۈزەللىكى ۋە تارتىشچانلىقى ئىدى! ئۇ ئاشۇ بەھەيۋەت سەلتەنەتى بىلەن، ئاشۇ ھەرقانداق تىنالىق(ھاياتلىق)نى بىركىشان (دەقىقە) ئىچىدە ھاپ قىلىپ يۇتۇپ تاشلايدىغان قاتىرقاتىغ(دەھشەتلىك) ۋە قاتىرياۋلاغ(ۋەھىمىلىك)، بىۋاپا كۆرۈنچ(مەنزىرە)ئى بىلەن شۇقەدەر كەرەم (سېخىي) ھەم قىزىقارلىق ۋە تارتىمچان ئىدى. ئۇنىڭ باغرىدا دەپسەپ تۇرۇپ سەن ئۆزۈڭنى گاھ ھەچ ئەرزىمەس بىرتال قوغ(توزان ) سانىساڭ، گاھ ئۇنىڭ ئاشۇ كەرىك ( چەكسىز ) ۋە قادارقاشلاغ ( سۈر-ھەيۋەتلىك)تۇرقىدىن سۆيۈنۈپ قۇۋىنارسەن. چۈنكى دەل مۇشۇ يەرلەربوۋا-ئەجدادلىرىمىز يارالغان، كۆكلىگەن، ياشنىغان، بىزنى باققان، ئۆستۈرگەن، ئاۋۇتقان، ياشناتقان باھادىر - ئەزىمەت يەرلەردۇر!

    ئەي چالاڭ ( يالىڭاچ ) يەر، قارقاغ (قاقاس ) يەر،
    ئالتۇن يېرىم قۇتلاغ ( بەخت) يەر،
    تومۇردەكى قانىم يەر،
    باغرىمدەكى جانىم يەر.
    ئەچۈلەرنىڭ ( ئەجدادلارنىڭ ) ئىزى بار،
    ئىنە ( ئانىلار ) لەرنىڭ يۈزى بار،
    كەتكەنلەرنىڭ سۆزى بار،
    چىنتەمەنسەن ( گۆھەر ) تارىم يەر.
    ++++++++
    تارىم دېگەن يەلىڭ (شاماللىق ) يەرۇ ؟ يەلىڭ يەر،
    بۆكسەكىڭنى ( باغرىڭنى ) ئەسىن (شامال ) بولۇپ قۇچسامچۇ،
    سەنىڭ كۆركلۈگ ( گۈزەل ) كۆكشىن ( كۆكۈش ) كەرك (چەكسىز ) كۆكىڭدە
    چاغرى ( لاچىن ) بولۇپ قانات قاقىپ ئۇچسامچۇ؟
    -

      _،_(قەدىمكى لوپ خەلق قوشىقى ) دىن

    بىر كەزدە، ئۆپچۆرەمدىكى ئادەملەرنىڭ -ئەر-ئايال، ياش-قېرىلارنىڭ گەپ قىلغاندىكى تاۋۇش-تىمبىرى،تەلەپپۇزى، ھېسسىيات ئىپادىلەش مىمىكىسى (چىراي ئىپادىسى )، شېۋىسى بىردىنلا دېققىتىمنى تارتتى. ئۇلار باشلوپلۇق ( كورلا لوپلۇق ) چاقىلىق ۋە چەرچەنلىك كىشىلەر ئىدى. بىر چاغلارداشوپۇرلىق قىلىپ يۈرگەن كۈنلىرىمدە باشلوپ (كورلا لوپ - ھازىرقى لوپنۇر ناھىيىسى)نىڭ ئاقسۇپا، قارچۇغا، تارىم، دۆڭقوتان دەيدىغان يەرلىرىگە ماشىنا ھەيدەپ بارغىنىمدا شۇ يەر ئادەملىرىنىڭ تۈس ، قىياپىتى، سۆزلىگەندىكى شېۋە ، تەلەپپۇزى ۋە كۈلكە ، چاقچاقلىرىدىكى بىرشېرىن، تارتىملىق ئۆزگىچىلىكلەر مېنى شۇنداق ئەسرۈك ( مەست ) قىلغانىدى. شۇنداق، خاتىرە ۋاراقلىرىم بىر-بىرلەپ ئۆرۈلۈپ قاناتلىق ئويلىرىم قىزىقىش ۋە ئىزدىنىش ئىستەكلىرىمنى يۈدىگىنىچە تەپەككۇر ۋە تەسەۋۋۇر ۋادىسىغا قاراپ ئۇچتى. ئۇ ۋادىدا، ئىلگىرى ماڭا قاتتىق تەسىر قىلغان، مېنى تولىمۇ قىزىقتۇرغان، بەكمۇ ھەيران قالدۇرغان بىر يۇرتنىڭ ئادەملىرى توغرىسىدىكى (كېيىنكى چاغلاردا ئۇنتۇلۇپ يوشۇرۇن ئېڭىمنىڭ بۇلۇڭ-پۇچقاقلىرىدا مۆكۈپ تۇرغان)بىر بۆرتۈن (مەجھۇل)مەنزىرە باشتا بىر دانە قوغ-قىچماق(زەررىچە)بولۇپ، كېيىن بولسا بارا-بارابۈيۈپ - يارقىنلاپ، كۆڭۈل كۆزڭۈم(ئەينىكىم)دە بالقىدى.مەن كۆزڭۈمدە، شۇ كۈنلەردە تېلېۋىزوردا كىنو كۆرگەن كەبىي كىچىككىنە، لېكىن تولىمۇ تارتىمچان بىر يۇرتنى ۋە شۇ يەردە ياشاپ تۇرغان بىر ئەلكۈن -قەۋمنى كۆردۈم.. بۇ يۇرت كەلپىن ئىدى. بۇ ئەلكۈن-قەۋم بۈگۈن ئاشۇيۇرتتا ياشاۋاتقان كەلپىن ئۇيغۇرلىرى ئىدى؟ ھەيرانمەن ؟! مەن قانداقسىگە
      چاقىلىقتا تۇرۇپ، مىڭ كىلومېتىردىن ئارتۇق يىراقلىقتىكى كەلپىننى ئويلاپ قالدىم؟

      بۇ چاغدىكى تۇيغۇم شۇ قەدەر سىرلىق، ئاڭقىرغۇسىز، ئۇشتۇمتۇت قارام ۋە قىزىقارلىق ئىدىكى، كەلپىنۋە كەلپىنلىكلەر بىلەن ھەچقانداق خۇسۇسىي باغلىنىشى يوق، ھەتتا كەلپىن، دېگەن بۇ يەرنى تېخىچە كۆرۈپمۇ باقمىغان( لېكىن كەلپىنلىكلەر بىلەن تولا ئارىلاشقان) مەندەك بىر ياقا يۇرتلۇققا نىسبەتەن ئېيتقاندا، بۇنداق تۇيغۇ تولىمۇ تاساددىپىي ۋە چۈشىنىكسىز ئىدى. گاھ كۆرۈنۈپ، گاھ يىراقلاپ مېنى ئېزىقتۇرۇۋاتقان ئاشۇ بىۋاش، ئاساۋ ۋە تۇتۇق بەرمەيۋاتقان، لېكىن ئۆزىگە رام قىلىپ، تارتىپ، كۆرۈنمەس قىل بىلەن بارلىقىمنى ئۆزىگە باغلىۋېلىپ، ئۆز ئەركى تامان يېتەكلەپ كېتىۋاتقان ئاشۇ سىرلىق سەزگۈ ۋە ئازدۇرغۇچ تۇيغۇلىرىمدىن تۆرەلگەن ئۆرتلۈگ-يالقۇنلۇق خىيالىمغا ئۆز ئەركىمنى بىراقلا تاپشۇرۇۋەتتىم ۋە چاقىلىقتىن ئۈرۈمچىگە قايتىپ ئۈچىنچى كۈنىلا توپتوغرا كەلپىنگە قاراپ جۆنىدىم.ئاشۇ سىرلىق يۇرتقا تېزرەك يېتىپ بېرىشقا ئالدىراپ نەپسىم قىسىلدى، قاراقىم قاتتى؟ئىچىمدە پەقەت بىرلا سوئال: بۈگۇنكى كەلپىن ئۇيغۇرلىرى بىلەن چاقىلىق، باشلوپ، ئاياغلوپ(خوتەن لوپ)، چەرچەن ئۇيغۇرلىرىنىڭ قانداق ئالاقىسى بار-زادى؟ ئۇلار نېمىسى بىلەندۇر بىر-بىرى بىلەن شۇ قەدەر يېقىن بىلىنىدۇ؟ نېمىشقا؟...؟

    كەلپىن ئاچالدا ئازنا بازار ئىدى. ئالقانچىلىك بۇ ئۆتەڭ بازار مەڭگۈ بېسىقماس تىرىكچىلىك غەۋغاسىدىن تىترەيتتى. ئۇنىڭ ئاسمىنى بازارچىلارنىڭ ئايىغىدىن كۆتۈرۈلگەن قويۇق توپا-چاڭدىن بوزارغانىدى. بۇ بازاردا ياشاشنىڭ بىرقەدەر ئاددىي ۋە تۆۋەن تەلىپىگىلا جاۋاب بېرەلەيدىغان ئېلىم-سېتىم، نان، ئاش-چۆپ، تۈرى ئىنتايىن ئاز كۆكتات(بۇ يەرنىڭ چامغۇرى بەك داڭلىق، قوزىنىڭ قۇيرۇقىدەك يۇمشاق ۋە تاتلىق پىشىدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئۈرۇمچى كوچىلىرىدا ؟كەلپىن چامغۇرى؟دېگەن نام بىلەن سېتىلىۋاتىدۇ. باھاسى يىلسېرى ئۆسۈپ بارماقتا) ۋە مېۋە-چېۋە، ئەرزان باھالىق ساختا ئاياغ، لاتا-پىتە ھەمدە شۇ يەرنىڭ ئەمەلىي سېتىۋېلىش كۈچىگە كۆرە ئىنتايىن ئۆرە باھادىكى گوش-ياغ، ئات-ئۇلاغ، توخۇ-تۈمان ۋە ناچار سانا، ئەت ماللىرى، ئېلىم-سېتىمى قىزىغانىدى. ئوزايىدىن قارىغاندا، بۇ يەر ئادەملىرىنىڭ قولى قىسقا بولغاچ ياشاش تەلىپىمۇ تۆۋەن ئىدى. باش-كۆزىنى توپا باسقان، ياشاش جاپاسىدىن قۇرۇپ-قاغجىرىغان بۇ ئادەملەر شۇ قەدەر قانا؟ئەتچان، شۇ قەدەر كۆنۈك، شۇ قەدەر ئىنسابلىق، شۇ قەدەر ياۋاش كۆرۈنەتتى. لېكىن مېنى ئۇلارنىڭ ئاشۇ ئەھۋالىدىمۇ يەنە ھەممە نېمىسى تەل، باي-پاراۋان، دۆلەتمەن ئادەملەردەك بىغەم، تۆلەك، ئارىم-بارىم(خۇشخۇي، خۇشچاقچاق)لىقى تاڭ قالدۇردى. مەن تۇرۇپلا؟كەلپىنلىكلەر غەم-قايغۇنى بىلمىسە كېرەك دېگەننى ئويلاپ قالدىم. كۆز ئالدىمدىكى قاش-كىرپىكلىرى تۆكۈلۈپ تۇرغان، ئەرلىرى بەست-قامەتلىك، ساقال-بۇرۇتلىرى ئوخشىغان، قىز-چوكانلىرى غۇنچە بوي، گۈلبەدەن، ھەممىسىلا دېگىدەك شۇ قەدەر چېچەن، تولىمۇ سۆزمەن، تولىمۇ ئەلتەك، تولىمۇ تۈرگۈن ھەم قۇۋناق كەلگەن ۋە چاڭ-توزان ئارىسىدا بوغسۇپ تۇرغان بۇ ئادەملەر شۇ تاپتا ماڭا گويا توپا-تۇمان ئارىسىدا كۆمۈلۈپ يېتىپمۇ جۇلالاپ-چاراقلاپ تۇرغان بىر ئوچ ئىنجۇ-مەرۋايىت ۋە گۆھەردەك كۆرۈنۈپ كەتتى.

    ئېنىقكى، ئۆز بېشىدىن تولا ئېغىر-قاتتىق كۈنلەرنى ئۆتكۈزگەن، ھەتتا ئۆلۈم ئاغزىدىن قۇتۇلۇپ قالغان ئادەملەرلا ۋە شۇنداق ياشاشنى بىلىدىغان، ياشاشنى يۈرىكىدىن سۆيىدىغان ھەمدە ئەڭ ئالدى بىلەن ئۆزىگە، ئاندىن ئۆزىنىڭ ئەتىسىگە، كېلەچىكىگە ئىشىنىدىغان، ياشاش دېگەننىڭ، ئۆمۈر دېگەننىڭ، ۋاقىت-ئۆتكۇ دېگەننىڭ ئەسلىي تومۇرىنى تولۇقى بىلەن ئاڭقىرالىغان ئىنسانە ۋە ئەلكۈن-قەۋملا ياشاش كىشانلىرىنى(دەقىقىلىرىنى) ئاشۇنداق قەدىرلەپ ياشاشنى بىلىدۇ. ئۇلار ئۈچۈن ئۆلۈمدىن باشقىسى تاماشا!(ئەلۋەتتە بۇ يەردىكى ؟تاماشا؟بىر كۈچلۈك ياشاش ئۆز قۇنۇقى روھىنىڭ ياشاش سوققىلىرى ۋە كۈلپەتلىرىگە تىزلانماسلىقنى كۆرسىتىدۇ)! ئۇلار ئۈچۇن ياشاشنىڭ ھەربىر كىشانى(دەقىقىسى) ئېغىر، قاتتىق بولسىمۇ بايرام! بۇنداق ياشاش پەقەت ئىچى كۈچلۈك مىللەت-ئۇلۇس ۋە ئىچى كۈچلۈك ئەركەكلەرنىڭلا قولىدىن كېلىدۇ، ئەلۋەتتە! مەن شۇ تاپتا توپا-چاڭغا كۆمۈلگەن بۇ بازارچىلارنىڭ ئارىسىدا قىستىلىپ، ئۇرۇلۇپ-سوقۇلۇپ يۈرۈپ ئۆزۈمنى مىلادى 2004-يىلى باش كۈزدىكى ئاچال ئاتلىق بىر كىچىك بازاردا ئەمەس، ئەكسىچە، مىلادى 400-يىلىنىڭ ئالدى-ئارقىسىدىكى كروران ئەلىدە، ياشاش ئۈچۇن، كۆكلەش ئۈچۈن، مەۋجۇدلۇق ئۈچۈن كۆكرىكىنى كېرىپ، ئاجۇن ۋە روزىغار(دۇنيا ۋە دەۋر) نىڭ خىرىسلىرى بىلەن جانسۈرە ئېلىشىۋاتقان كروران ئۇيغۇرلىرى ئارىسىدا كۆرگەندەك بولدۇم!

    كەلپىن ئۇيغۇرلىرىدىكى ھەممە ۋە ھەممىلا تەرەپتىن- قەددى-قامەت، چىراي-تۇرق، قاش-كۆز، ساقال-بۇرۇت، سۆز-شېۋە، تەلەپپۇز ۋە ئاھاڭ لىرىدا،ئۇلارنىڭ ئاشۇ ئارسلاندەك، كۆكبۆرىدەك بەقۇۋۋەت ھەم كېلىشكەن كۆۋتۈڭى(ۋۇجۇدى، تېنى، قامىتى)دە يۇلقۇنۇپ، ئۆرىدەپ تۇرغان بىر خىل ھەم تومۇرى تولىمۇ تىرەنلىكتە ھەم يەنە تولىمۇ يارقىن بولۇپ، يۈزەلىكتە چاپچىپ تۇرغان ئەقىل-پاراسەت، چېچەنلىك، چۇستلۇق، چەپەرلىك، جەسۇرلۇق، چىدام، جۈرئەت، كۈفەر-كۈۋەنج(كېبىر ۋە غۇرۇر)، ئۇيۇشقاقلىق ھەم يەنە ئۆزىدىن ئوزۇپ كەتكەن؟گە چىدىمايدىغان، شەرەپ-غۇرۇر ۋە ئاتاق تۇيغۇسى كۈچلۈك ھەم داغۋازراق كېلىدىغان، ئۇرۇشقاق ۋە يەنە گەپنى تولا ئۇششاقلايدىغان، گېزى كەلسە ئۆز ئاتىسىغىلا ئەمەس، پادشاھقىمۇ گەپ ياندۇرۇۋېرىدىغان، ئۇتتۇرغىنىغا تەن بەرمەيدىغان، ئۆچ-قىساس ئۈچۇن ھەرقانداق قاراملىق ۋە بەدەل تۆلەشتىن ئايانمايدىغان ھەم ياخشى ھەم يامان، تەلۋە-تەتۈر، قىزىققان ۋە چىدىماس، ئۆگۈرچى(ماختانچاق)، يەرداشچى(يۇرتۋاز)
      قاتارلىق كەلپىنچە مەھەللىۋى تۆزلىك (تېگى، خاراكتېر) پەقەت ئىنتايىن يامان ياشاش مۇھىتىدا ياشاپ كەلگەن ئادەملەردىلا بولىدىغان بىر خىل مىللىي ۋە ئىنسانىي ئىرۇ-بەلگىلەردۇر. بۇنداق بەلگىلەرنى ئۇلارغا ئاشۇنداق ياشاشقا قىيىن بولغان ئالاھىدە ھاۋا بىلەن ئالاھىدە ياشاش مۇھىتىلا بېرەلەيتتى.

    ياشاش مۇھىتى شۇ يەر كىشىلىرىنىڭ تاشقى تۈس-جۇسۇنىدىن تارتىپ ئوي-خىيالى، تەپەككۇر شەكلى، تەپەككۇر مىجەز-خۇلقى ۋە قىلىقلىنىشلىرىنىڭ شەكىللىنىشىگە مۇتلەق دېيەلمىسەممۇ خېلىلا كۈچ بېرىدۇ. شۇڭا ئەسلىي بىر نەسىل-يىلتىزدىن كۆك-تومۇرى بىر بولغان ئەلكۈن-ئۇلۇس ئادەملىرىنىڭ يۇقىرىقى مەھەللىۋى بەلگىلىرى جايلاشقان ياشاغۇ-يەرلىرىنىڭ، تۇپراق، ھاۋا، يېمەك-ئىچمەك، تىرىكچىلىك يولى ۋە ئىمكانىيەتلىرىنىڭ ئوخشىماسلىقى تۈپەيلىدىن ئۆزارا خېلىلا زور پەرقلىنىدۇ. مەن ئانا ماكانىمىزنىڭ خېلىلا كۆپ يەرىنى ئارىلاپ يۈرگەن بىر شوپۇر ۋە كەسپىي يازغۇچى بولۇش سۈپىتىم بىلەن بۇ پەرقلەرنى ھەرقاچان ھېس قىلىمەن ۋە بۇ قېتىم كەلپىنگە قەدەم قويغىنىمدىن كېيىن تېخىمۇ چوڭقۇر ھېس قىلدىم.


    收藏到:Del.icio.us




كۆرىۋاتقانلار: نەپەر