كۆزىمىزنى تارىخ ئاچىدۇ،ئەقلىمىزنى ئىلمي تەپەككۇر!
  • 2011-04-03

    مانجۇلار ۋە ئۇلارنىڭ تىل-يېزىقى - [قېرىنداش مىللەتلەر تارىخى]

    (مۇزەپپەر ئابدۇرۇسۇل)
    (بېيىجىڭ شەھرى مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتىتى ئۇيغۇر تىل-ئەدەبىياتى فاكۇلتېتىنىڭ 2004-يىللىق دوكتۇر ئاسپرانتى، 100081)
    قىسقىچە مەزمۇنى: مەزكۇر ماقالىدە مانجۇ يېزىقىنىڭ كېلىپ چىقىشى ۋە مانجۇلارنىڭ قىسقىچە تارىخى بايان قىلىنىدۇ.
    ئاچقۇچلۇق سۆزلەر: مانجۇلار؛مانجۇ تارىخى؛يېزىق
    مانجۇلار ئېلىمىزدىكى 56 مىللەتلىك چوڭ ئائىلىنىڭ بىر ئەزاسى بولۇپ، تارىخى تولىمۇ ئۇزۇن، ئۇلار ئېلىمىزدەك كۆپ مىللەتلىك ئەلنىڭ شەكىللىنىشى ۋە تەرەققى قىلىشىدا ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينىغان. ئۇلار ئەزەلدىن ئېلىمىز زېمىنىدا ياشاپ كەلگەن ۋە پائالىيەت ئېلىپ بارغان. ئېلىمىز مانجۇلارنىڭ جانىجان ئانا ماكانىدۇر.
    ھازىر ئېلىمىزدىكى مانجۇلارنىڭ نوپۇسى 9 مىليون 800 مىڭ (1990-يىلى) ئۆپچۆرىسىدە بولۇپ، ئاساسەن لياۋنىڭ، خېيلوڭجىياڭ، جىلىن، خېبېي ئۆلكىلىرى ۋە بېيجىڭ شەھرى، ئىچكى موڭغۇل ئاپتونۇم رايونى قاتارلىق جايلارغا تارقالغان. ئۇنىڭدىن باشقا شنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى، نىڭشيا خۇيزۇ ئاپتونۇم رايونى، گەنسۇ ئۆلكىسى، سىچۇەن ئۆلكىسى، شەندوڭ ئۆلكىسى ۋە گۇاڭجو شەھرى قاتارلىق جايلاردىمۇ بىر قىسىم مانجۇلار ئولتۇراقلاشقان. ئۇلار ئەسلىدە ئاساسەن شەرقىي شىمالدىكى 3 ئۆلكىدە ياشاپ كەلگەن بولسىمۇ، چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتى فېئودال ھۆكۈمرانلىقىنى مۇستەھكەملەش ۋە كۈچەيتىش ئۈچۈن ئۇلارنى "چېگرا رايونلارنى قوغداش، ھەربىي ۋەزىپە ئىجرا قىلىش، ئەجداتلىرىنىڭ تۇپراق بېشىنى قوغداش" دېگەندەك ناملار بىلەن ھەرقايسى جايلارىغا كۆپلەپ ئەۋەتىپ، ئۇلارنىڭ بۈگۈنكىدەك تارقاقلىغىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.
    ھازىر مانجۇلار ئاساسەن خەنزۇچە سۆزلىشىدۇ ۋە خەنزۇ يېزىقىنى ئىشلىتىدۇ. لېكىن تارىختا مانجۇلارنىڭمۇ ئۆز تىل-يېزىقى بولغان. چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە مانجۇ تىل-يېزىقى چىڭ تىلى ۋە چىڭ يېزىقى دەپمۇ ئاتالغان. مانجۇلار گەرچە ھۆكۈمران ئورۇندا تۇرۇپ كەلگەن بولسىمۇ ئىنتايىن تارقاق ئولتۇراقلاشقانلىقى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇزۇن مۇددەت خەنزۇلار بىلەن ئارىلاش ياشىغانلىغى سەۋەبىدىن خەنزۇ مەدەنىيىتىنىڭ زور تەسىرىگە ئۇچراپ، چىڭ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرقى دەۋرلىرىگە كەلگەندە ئۆز تىل-يېزىقىنى بارا-بارا ئۇنتۇشقا باشلىغان. نەتىجىدە مانجۇلار ئۆزئارا ئالاقىلاشقاندا خەنزۇچە ئالاقىلەشمىسە ئۆزئارا چۈشىنىشەلمەيدىغان ئەھۋال كېلىپ چىققان. ھازىر خېيلوڭجياڭ ئۆلكىسىدە ياشايدىغان بىر قىسىم ياشانغان مانجۇلار ئاز-تولا ئۆز تىلىدا سۆزلىيەلىگەندىن سىرت، مۇتلەق كۆپچىلىكى خەنزۇ تىل-يېزىقىغا كۆچۈپ كەتتى. مانجۇ تىلى ھەتتا ئائىلىۋى تىل (يەنى پەقەت ئۆي ئىچىدىلا سۆزلىنىدىغان، سىرتتا سۆزلەنمەي باشقا تىلغا ئېھتىياج تۇغۇلىدىغان تىل)  بولۇش رولىنىمۇ يوقاتتى. بۇ خەنزۇ مەدەنىيىتىنىڭ مانجۇ مەدەنىيىتىگە بولغان تەسىرى. لېكىن ئۆز نۆۋىتىدە يەنە مانجۇ مەدەنىيىتىمۇ باشقا مىللەتلەرگە تەسىر كۆرسەتكەن. مەسىلەن شىبەلەر ۋە داغۇرلار تارىختا  مانجۇ مەدەنىيىتىنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ، مانجۇ يېزىقىنى قوللانغان. چيەنلوڭ يىللىرى شىنجاڭغا كۆچۈپ بارغان بىر قىسىم شىبەلەر ئۆزگىچە تارىخى سەۋەپلەر ۋە توپلىشىپ ئولتۇراقلىشىشى تۈپەيلىدىن، ھازىر يەنىلا ئازاتلىقتىن بۇرۇن ئاز-تولا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈلگەن مانجۇ يېزىقىنى ئىشلەتمەكتە. شەرقىي شىمالدا ياشايدىغان داغۇرلارمۇ ئۇزۇن مەزگىل مانجۇ يېزىقىنى ئىشلەتكەن. ئەمەلىيەتتە داغۇرلار مۇڭغۇل نەسىللىك مىللەت بولۇپ، قىتانلارنىڭ پۇشتى دەپ قارىلىدۇ. شىبەلەر بولسا مانجۇلارغا ئەڭ يېقىن مىللەت بولۇپ، شىبە تىلى كۆپىنچە ھاللاردا مانجۇچىنىڭ بىر دېئالېكىتى دەپ قارىلىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا خەنزۇچىنىڭ بېيجىڭ ۋە شەرقىي شىمال دىئالېكىتىدا بىر قىسىم مانجۇچە سۆزلەر ساقلانماقتا.
    دۇنيادىكى تىللارىنى تۇغقانچىلىق مۇناسىۋىتى نۇقتىسىدىن تۈرگە ئايرىغاندا ئېلىمىزدىكى نۇرغۇن مىللەتلەرنىڭ تىللىرى ئىككى چوڭ تىل سېستىمىسىغا، يەنى خەن-زاڭ تىللىرى سېستىمىسى ۋە ئالتاي تىللىرى سېستىمىسىغا كىرىدۇ. ئالتاي تىللىرى سېستىمىسى يەنە تۈركىي تىللار، موڭغۇل تىللىرى ۋە مانجۇ-توڭگۇس تىللىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. مانجۇ تىلى دەل مۇشۇ مانجۇ توڭگۇس تىللىرى ئائىلىسىنىڭ مانجۇ تىلى گۇرۇپپىسىغا كىرىدۇ. مانجۇ تىلى جەنۇپ دېئالېكتى ۋە شىمال دېئالېكىتىدىن ئىبارەت ئىككى چوڭ دىئالېكىتقا بۆلىنىدۇ. دۇنيادا مانجۇ تىلىغا تۇغقان كېلىدىغان تىللاردىن شىبە تىلى، خېجې تىلى (يەنى ناناي تىلى)،  ئۇلچى تىلى، ئوروكى تىلى، ئوروچى تىلى، ئورونچون (ئۇيغۇرچىدا "ئېلۇنچۇن" دېيىلىپ كېلىۋاتىدۇ) تىلى، نېگدال تىلى، ئېۋېنكى تىلى قاتارلىقلار بار. بۇلارنىڭ ئىچىدە شىبە تىلى بىلەن خېجې تىلى مانجۇ تىلىغا ئەڭ يېقىن كېلىدۇ. ئوخشاش بىر ئالتاي تىللىرىغا مەنسۇپ بولغاچقا ئۇ يەنە تۈركىي تىللارغىمۇ جۈملىدىن ئۇيغۇرچىغىمۇ يىراقتىن تۇغقان كېلىدۇ. گرامماتېكىلىق قۇرۇلما جەھەتتىن ئۇيغۇرچە بىلەن ئاساسەن ئوخشىشدۇ. سۆزلۈكلىرى ئىچىدە ئۇيغۇرچىغا ئوخشايدىغان ياكى فونېتىكا جەھەتتىن ماس كېلىدىغان سۆزلەر خېلى كۆپ. مەسىلەن:
    aba-la-mbi (ئوۋ ئوۋلىماق، قەدىمقى ئۇيغۇرچىسى ab)، aga-mbi (ياغماق،يامغۇر ياغماق)، beye (بەدەن، بوي)،  burde-mbi(پۈۋدەمەك)،  dabagan(داۋان)، nyalma  (ئادەم، يالڭۇق)،  naden(يەتتە، يەدى) ۋاھاكازالار. مۇشۇنداق ئوخشاش سۆزلەر ئادەتتە قەدىمقى تۇغقانچىلىقنىڭ تىمسالى سۈپىتىدە ئانا ئالتاي تىلىدىن كەلگەن دەپ قارىلىدۇ.
    مانجۇ تىل-يېزىقى 18-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا نۇرغۇن چەتئەللىك ئالىملارنىڭ دىققىتىنى تارتقان. كېيىنكى 200 يىل ئىچىدە نۇرغۇن مانجۇچە ئەسەرلەر روياپقا چىققان ۋە كۆپلىگەن ئەسەر-ھۆججەتلەر مانجۇچىغا تەرجىمە قىلىنغان. بۇلارنىڭ ئىچىدە ئەدەبىي ئەسەرلەر ۋە تارىخىي ئەسەرلەرمۇ بار. ئەينى چاغدا ئەدەبىي ئەسەرلەرنىڭ بىر قىسمى مانجۇ تىل-يېزىقىدا يېزىلغاندىن  سىرت، كۆپىنچىسى باشقا تىللاردىن، بولۇپمۇ خەنزۇ تىلىدىن تەرجىمە قىلىنغان. بولۇپمۇ بۇرۇن خەنزۇچە يېزىلغان ئەسەرلەرنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك مانجۇچىغا تەرجىمە قىلىنغان. مانجۇلارنىڭ تىلى، تارىخى ۋە مەدەنىيىتىنى تەتقىق قىلىشتا بۇلارنىڭ زور قىممىتى بار. مانجۇچە تارىخىي ئەسەرلەر بولسا مانجۇ خانلىرىنىڭ پەرمانى بىلەن يېزىلغان ئوردا تارىخى بولۇپ، جوڭگۇنى بىرلىككە كەلتۈرۈش جەريانىدىكى زور ئىشلار خاتىرىلەنگەن. بۇلارنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇرلارغا دائىر خاتىرىلەرمۇ ئاز ئەمەس. بولۇپمۇ يېقىنقى ئىككى-ئۈچ يۈز يىل مابەينىدە ئۇيغۇر تارىخدا يۈز بەرگەن زور ئىشلار ئاساسەن بۇ تارىخنامىلەرگە كىرگۈزۈلگەن. شۇڭا مىللىتىمىزنىڭ يېقىنقى زامان تارىخىنى تەتقىق قىلىشتا مانجۇ تىلىنى ئۈگىنىش ۋە مانجۇچە تارىخىي ماتېرىياللارنى تەتقىق قىلىشنىڭ ئەھمىيىتى ئىنتايىن چوڭ.
    مانجۇ يېزىقى 29 ھەرپتىن تەركىپ تاپقان فونېمىلىق يېزىق بولۇپ، ئىگىزدىن تۆۋەنگە سولدىن ئوڭغا قاراپ يېزىلىدۇ. مانجۇ يېزىقى مىلادى 1599-يىلى ئېردېنى ئىسىملىك بىر كىشى تەرىپىدىن ئىجات قىلغان، مىلادى 1632-يىلى داخەي ئىسىملىك بىرى تەرىپىدىن ئۆزگەرتىپ مۇكەممەللەشتۈرۈلگەن. مانجۇ تىل-يېزىقى كېيىن خېلى ئۇزۇن مەزگىل ئىنتايىن ئەۋزەل ئورۇندا تۇرۇپ كەلگەن ۋە كەڭ دائىرىدە ئىشلىتىلگەن. مانجۇلار ئوتتۇرا تۈزلەڭلىككە كىرىشتىن بۇرۇنلا مانجۇچە يېزىلغان نۇرغۇن تارىخىي خاتىرىلەرنى قالدۇرغان. بۇلارنىڭ ئىچىدە «مانجۇچە ئارخىپلار» (
    满文老档) ۋە «مانجۇ خاتىرىلىرى» (满洲实录) نىڭ پايدىلىنىش قىممىتى ئەڭ يۇقىرى. كاڭشى، يوڭجېڭ، چيەنلوڭ دەۋرلىرىدە مانجۇ يېزىقىنىڭ قوللىنىلىشى ئەڭ يۇقىرى پەللىگە يەتكەن بولۇپ، خەلقارادىكى مۇھىم يېزىققا ئايلانغان. مەسىلەن: چىڭ ھۆكۈمىتى روسىيە ھۆكۈمىتىگە ئەۋەتكەن ھۆججەتلەردە كۆپىنچە مانجۇچە ئىشلىتىلگەن. داڭلىق «جوڭگۇ-روسىيە نىبچۇ شەرتنامىسى» مانجۇچە، روسچە ۋە لاتىنچە يېزىقتا يېزىلغان. بولۇپمۇ مەخپى ئىشلارنىڭ ھەممىسىدە مانجۇچە ئىشلىتىلگەن. لېكىن جياچىڭ، داۋگۇاڭ يىللىرى، بولۇپمۇ شيەنفېڭ، توڭجى يىللىرىدىن كېيىن، مانجۇ تىلىنىڭ ئىشلىتىلىش دائىرىسى بارغانسېرى تارايغان. چىڭ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرقى دەۋرلىرىدە مانجۇچە چۈشىنەلەيدىغان كىشىلەر ئاز قالغان.
    ئەمدى مانجۇ دېگەن نامنىڭ كېلىپ چىقىشى مىڭ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرىدا يەنى 17-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا بولغان ئىش. بىراق مانجۇلارنىڭ تارىخى مۇشۇ دەۋردىن باشلانغان بولماستىن بەلكى تولىمۇ قەدىمىيدۇر. ئالدىنقى چىن دەۋرى خاتىرىلىرىدە تىلغا ئېلىنغان سۇشېنلار (
    肃慎) ئۇلارنىڭ ئەڭ بۇرۇنقى ئەجدادى بولۇپ ھېساپلىنىدۇ. خەن سۇلالىسى ۋە ئۈچ پادىشاھلىق دەۋرىدىكى يېرولار (挹娄)، جەنۇبىي سۇلالىلەر ۋە شىمالىي سۇلالىلەر دەۋرىدىكى ۋېجىلار (勿吉)، سۈي، تاڭ سۇلالىرى دەۋرىدىكى موخېلار (靺鞨)، سوڭ، لياۋ، يۇەن، مىڭ دەۋرلىرىدىكى جۇرجىتلار(女真) سۇشېنلارنىڭ ئەۋلادى شۇنداقلا مانجۇلارنىڭ ئەجدادى دەپ قارىلىدۇ. ئۇلار ئۇزۇن مەزگىل ئېلىمىزنىڭ شىمالىدىكى كەڭ زېمىندا ياشاپ ۋە پائالىيەت قىلىپ، ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك بىلەن زىچ مۇناسىۋەتنى ساقلاپ كەلگەن.
    يېقىنقى زاماندىكى مانجۇلارنىڭ تارىخىنى ئۇلارنىڭ ئەجدادى بولمىش جۇرجىتلاردىن سۈرۈشتۈرۈشكە بولىدۇ. لياۋ سۇلالىسى دەۋرىدە جۇرجىتلار «پىششىق جۇرجىتلار» (
    熟女真) ۋە «خام جۇرجىتلار» (生女真) دەپ ئىككىگە بۆلۈنگەن. شىمالىي سوڭ سۇلالىسىنىڭ دەسلەپكى يىللىرى (10-ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرى) خام جۇرجىتلارنىڭ ئىچىدىكى ۋەنيەن (完颜) قەبىلىسى بۈگۈنكى ئاشى دەرياسى (阿什) ۋادىسىدا ئولتۇراقلاشقاندىن كېيىن بارا-بارا گۈللەنگەن. مىلادى 1115-يىلى ۋەنيەن قەبىلىسىنى مەركەز قىلغان جۇرجىتلار باشلىقى ئاغۇدا (阿骨打) نىڭ رەھبەرلىكىدە لياۋ ھاكىميىتىگە قارشى تۇرۇپ، قۇلدارلىق تۈزۈمدىكى جىن سۇلالىسىنى قۇرغان. مىلادى 1125-يىلى جىن جۇرجىتلىرىنىڭ ئاقسۆڭەكلىرى شىمالىي سوڭ سۇلالىسى بىلەن بىرلىشىپ لياۋ سۇلالىسىنى يوقاتقان. ئۇزۇن ئۆتمەي شىمالىي سوڭنىمۇ ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، پايتەختىنى ھازىرقى بېيجىڭغا كۆچۈرگەن. شۇنىڭدىن كېيىن شىمالدىكى كەڭ رايونلاردا 120 يىلدىن ئارتۇق ھۆكۈمرانلىق قىلغان.
    جۇرجىتلارنىڭ دەسلەپتە يېزىقى يوق بولۇپ، قىتان يېزىقىنى ئىشلەتكەن ئىدى. كېيىن جىن خاقانى ئاغۇدا ۋەنيەن شىيىن (
    完颜希尹) ئىسىملىك بىر كىشىنى جۇرجىت يېزىقىنى ئىجاد قىلىشقا ئەمىر قىلغان، ۋەنيەن شىيىن خەنزۇچە ۋە كىدانچە يېزىقلارغا ئاساسەن جۇرجىتچە يېزىق ئىجات قىلغان. بۇ يېزىق تارىختا «جۇرجىت چوڭ يېزىقى» دەپ ئاتىلىدۇ. مىلادى 1138-يىلى يەنە بىر خىل يېزىق ئىجاد قىلىنىپ قوللىنىشقا باشلانغان. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن بۇ ئىككى خىل يېزىق تەڭ ئىشلىتىلگەن.
    جىن سۇلالىسىنىڭ ئاخىرقى دەۋرى ۋە گۇمران بولغاندىن كېيىنكى مەزگىلىدە ئوتتۇرا تۈزلەڭلىككە كىرگەن جۇرجىتلار بارا – بارا خەنزۇلىشىپ خەنزۇ تىل- يېزىقىغا كۆچكەن. شۇنىڭ بىلەن جۇرجىت يېزىقى پەيدىنپەي ئۇنتۇلۇشقا باشلانغان . لېكىن شەرقىي شىمالدىكى جۇرجىتلار يەنىلا ئۆز تىلىنى ساقلاپ قالغان بولسىمۇ، جۇرجىت يېزىقىنى پەقەت ئاز ساندىكى كىشىلەرلا ئىشلەتكەن. ئەمما بۇ جۇرجىتلارنىڭ  ئىقتىساد ۋە مەدەنىيەت ساپاسى تۆۋەنراق بولغاچقا، ئۆز يېزىقىنى داۋاملىق ئۆگىنىش ۋە ساقلاپ قېلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولالمىغان . شۇنىڭ بىلەن بەزى جۇرجىت ئەمەلدارلىرى ئەمىر–پەرمانلاردا موڭغۇل يېزىقىنى ئىشلەتكەن. دېمەك، 15-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا، جۇرجىت يېزىقى پۈتۈنلەي تارىخ سەھنىسىدىن چېكىنىپ موڭغۇل يېزىقىغا ئورۇن بەرگەن. جۇرجىت يېزىقىدا خاتىرلىنىپ بىزگىچە يېتىپ كېلەلىگەن تارىخىي ماتېرىياللار تولىمۇ ئاز.
    مىڭ سۇلالىسى دەۋرىگە كەلگەندە جۇرجىتلار جەنجۇ جۇرجىتلىرى، خەيشى جۇرجىتلىرى ۋە دوڭخەي جۇرجىتلىرى ( ياۋايى ئادەملەر) دەپ ئۈچ قىسمغا بۆلۈنگەن. مىڭ سۇلالىسىنىڭ دەسلەپكى يىللىرى جەنجۇ جۇرجىتلىرى خۇنخې دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىمىدىكى سۇزى دەرياسى ۋادىسىغا كۆچۈپ بېرىپ ماكانلاشقان. بۇ يەرگە كۆچۈپ كەلگەندىن كېيىن، ئۇلارنىڭ ئىقتىسادىدا زور ئۆزگىرىش بولۇپ، جۇرجىتلار ئىچىدىكى ئەڭ ئىلغار قەبىلىگە ئايلانغان. 16- ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا، جەنجۇ جۇرجىتلىرى يەنە ئۆز ئىچىدىن  نۇرغۇن قەبىلىلەرگە بۆلۈنۈپ، ئۆز ئارا قىرغىن قىلىشىپ، دەھشەتلىك ئۇرۇش پاتقىقىغا پاتقان. دەل مۇشۇنداق ۋەزىيەتتە، نۇرخاچى ( فامىلىسى ئايشىنگىيورۇ
    爱新觉罗، ئۇيغۇرچىدا : ئەيشىنجۆلو دەپ ئېلىنىپ كېلىۋاتىدۇ ) مىلادىي 1385 – يىلى جەنجۇ جۇرجىتلىرىنى بىرلىككە كەلتۈرۈشنى باشلىغان. كېيىن يەنە خەيشى جۇرجىتلىرى، دوڭخەي جۇرجىتلىرى ۋە باشقا قەبىلىلەرگە جازا يۈرۈش قىلىپ، مىلادىي 1616–يىلى بۈيۈك جىن سۇلالىسىنى قۇرغان. بۇ تارىختا كېيىنكى جىن دەپ ئاتىلىدۇ. شۇنداق قىلىپ، جەنجۇ جۇرجىتلىرىنى ئاساسىي گەۋدە قىلغان يېڭى بىر مىللەت مانجۇلار شەكىللىنىشكە باشلىغان .  
    16-ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا، جۇرجىتلارنىڭ خەنزۇ، موڭغۇل ۋە كورىيانلار بىلەن بولغان ئالاقىسى قويۇقلىشىپ، ئىقتىسادى ۋە مەدەنىيىتى زور دەرىجىدە يۈكسەلگەن. ئىشلىتۋاتقان موڭغۇل يېزىقىمۇ تېز تەرەققى قىلىۋاتقان ھەربىي، سىياسىي، ئىقتىسادى ۋە مەدەنىيەت تەرەققىياتىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالمىغان. مۇشۇ سەۋەپتىن مانجۇ يېزىقىنىڭ ئىختىرا قىلىنىشىغا ئېھتىياج تۇغۇلغان. شۇنىڭ بىلەن 1599-يىلى چىڭتەيزۇ نۇرخاچنىڭ ئەمرى بىلەن باش ۋەزىر ئېردېنى مانجۇ يېزىقىنى ئىجات قىلغان. ئېردېنى ئىجات قىلغان مانجۇ يېزىقى موڭغۇل يېزىقى ئاساسىدا ئىجاد قىلىنغان بولۇپ، بۇ يەنە «چېكىت-دۈگلەكسىز مانجۇ يېزىقى» ياكى «كونا مانجۇ يېزىقى»دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ يېزىقىنىڭ ئالاھىدىلىكى شۇكى ئۇنىڭدا موڭغۇل يېزىقىدا ئەسلىدە مەۋجۇت بولغان مەسىلىلەر ھەل قىلىنمىغان، بىر ھەرپنىڭ كۆپ خىل ئوقۇلىشىدەك ھەرپ قالايمىقانچىلىقى داۋاملىق مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان. ئۇنىڭ ئۈستىگە مانجۇ تىلى بىلەن موڭغۇل تىلى گەرچە بىر تىل سېستىمىسىغا مەنسۇپ بولسىمۇ ئوخشىمىغان تىل ئائىلىسىگە تەۋە بولغاچقا، ئۇلار ئوتتۇرىسىدا پەرقلەر ناھايىتى چوڭ ئىدى. شۇڭا كونا مانجۇ يېزىقىنى تونۇش ئىنتايىن قىيىنلىشىپ كېتىپ ئىسلاھ قىلمىسا بولمايدىغان ھالغا چۈشكەن. مىلادى 1632-يىلى داخەي ئىسىملىك بىر كىشى ھەرپلەرنىڭ ئوڭ تەرىپىگە دۈگىلەك ۋە چېكىتلارنى قويۇش ئارقىلىق ئوقۇلىشى ئوخشاش ھەرپلەرنى بىر-بىردىن پەرقلەندۈرگەن. شۇنىڭ بىلەن مانجۇ يېزىقى بىر قەدەر مۇكەممەللەشكەن. بۇ «چېكىت-دۈگلەكلىك مانجۇ يېزىقى» ياكى «يېڭى مانجۇ يېزىقى» دەپ ئاتىلىدىغان بولۇپ، ئادەتتە كۆزدە تۇتۇلىدىغىنى مۇشۇ يېزىقتۇر. بۇ يېزىق ھازىر مانجۇچە ئوقۇ-ئوقۇتۇش ۋە تەتقىقات ئىشلىرىدا قوللىنىلماقتا.
    مانجۇ يېزىقى ئۇزۇن مۇددەتلىك تارىخى تەرەققىيات داۋامىدا تاكاممۇللىشىپ بۈگۈنكى شەكلىگە كەلگەن بولۇپ، مانجۇلارنىڭ ئىجتىمائى، سىياسى ۋە تارىخىي ھاياتىدا زور رول ئوينىغان. بۇ يېزىق موڭغۇل يېزىقى ئاساسىدا ئىجات قىلىنغان بولغاچقا يەنە قەدىمقى ئۇيغۇر يېزىقى بىلەنمۇ مەنبەداش كېلىدۇ. چۈنكى موڭغۇل يېزىقىمۇ قەدىمقى ئۇيغۇر مەدەنىيىتى تەسىرىدە بىخ سۈرۈپ مەيدانغا چىققان، شۇنداقلا قەدىمقى ئۇيغۇر يېزىقىدىن بىۋاستە ئۈلگە ئالغان بىر يېزىق ئىدى. شۇڭا  مانجۇ تىلى ۋە يېزىقىنى ئۈگىنىش ئارقىلىق تارىختا ئېلىمىزدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر ئوتتۇرىسىدا بولۇپ ئۆتكەن ئىجتىمائى، ئىقىسادى، سىياسى ۋە مەدەنىيەت ئالاقىلىرىنى تەتقىق قىلىشتا بەلگىلىك نەتىجىگە ئېرىشەلەيمىز.
    (ئىزاھات: ماقالىدىكى ئادەم، يەر ئىسملىرى مانجۇچىسىغا ئاساسەن ئېلىندى.)
    پايدىلانمىلار:
    1.
    季永海、刘景宪、屈六生:满语语法,北京:民族出版社,19865
    2.
    金光平等著:爱新觉罗氏三代满学论集,呼和浩特:远方出版社,19968
    3.
    胡增益:鄂伦春语研究,北京:民族出版社,20018
    4.
    黄任远:通古斯满语族神话研究,哈尔滨:黑龙江人民出版社,20002


    收藏到:Del.icio.us




كۆرىۋاتقانلار: نەپەر