كۆزىمىزنى تارىخ ئاچىدۇ،ئەقلىمىزنى ئىلمي تەپەككۇر!
  • 2011-04-10

    كۇچانىڭ 11-ئەسىردىكى دۆلەت تەۋەلىكى - [ئۇيغۇر تارىخى]

    ئاپتورى: ئەمەتجان رۇسۇل (ئەلدىيار)

    ئىزاھات:
    1. بۇ ماقالە 1998- يىلى يېزىلغان ئىدى، 2000- يىللىرى بىرەر ژۇرنالغا بېرىش مەقسىتىدە، بىر تونۇش يازغۇچىغا كۆرۈپ بېقىش ئۈچۈن بەردىم، ئەپسۇس، ئۇنىڭدىن كېيىن، ماقالىنىڭ خەۋىرى بولمىدى. بۇ قېتىم كىتاب ئىشكابىمنى رەتلەش جەريانىدا ، بۇ ماقالىنىڭ ئەسلى نۇسخىسىنى تۇيۇقسىز بايقاپ قالدىم. ئاقىۋەت يەنىلا ئىزدىنىش تورىنى ئەڭ مۇۋاپىق كۆرۈپ، ماقالىغا ھېچقانداق ئۆزگەرتىش كىرگۈزمەي، شۇ يىللاردىكى ئۇسلۇبۇمنى ساقلاپ قالغان ھالدا، ھوزۇرۇڭلارغا سۇندۇم، تارىخچىلارنىڭ، تەتقىقاتچىلارنىڭ مۇۋاپىق بولمىغان قاراشلىرىمغا تەنقىدىي پىكىر بېرىشىنى، تېخىمۇ قايىل قىلارلىق پاكىتلارغا ئىگە دوستلارنىڭ تېخىمۇ توغرا بولغان ھۆكۈملەرنى چىقىرىشىنى سەمىمىي ئۈمىد قىلىمەن.
    _________________________________________________________________

    (بۇ ماقالىدا ۋ. ۋ. بارتولىد، ئا. گ. مالىيەۋكىن، پەرھاد جىلان قاتارلىق تەتقىقاتچىلارنىڭ «كۇچا
    XI ئەسىردە قاراخانىيلار خانلىقى تەۋەلىكىدە بولغان» دېگەن ھۆكۈمىگە قارشى ھالدا، كۇچانىڭ XI ئەسىردە ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقى تىرىتورىيىسىدە بولغانلىقى ئىسپاتلاپ چىقىلىدۇ.)

    مىلادى 840 - يىلى يەنسەي قىرغىزلىرى تەبىئىي ئاپەت ۋە ئىچكىي نىزالار تۈپەيلىدىن ئاجىزلاشقان ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقىغا ھۇجۇم قىلىپ، پايتەخىت ئوردۇبالىق (قارا بالغاسۇن) نى ئىگىلىدى. بۇنىڭ بىلەن ئاز كەم 100 يىل ھۆكۈم سۈرگەن بۇ خانلىق ئاغدۇرۇلۇپ، ئۇيغۇر قەبىلىلىرى غەربكە كۆچتى.
    پان تېكىن باشچىلىقىدىكى بىر قىسمى ئاگنى (قارا شەھەر، مەھمۇد قەشقەرى سۈلمى دەپ ئاتىغان شەھەر) ۋە كۈسەن (كۇچا) دائىرىسىنى ئىگىلەپ، كۇچا خانلىقىنى قۇردى (قۇرۇلغان ۋاقتى ئېنىق ئەمەس). بۇ خانلىقنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش مەزگىلى ئانچە ئۇزۇنغا سوزۇلمىدى. مىلادىن 856 - يىلى تاڭ پادىشاھى پان تېكىننى «كۇچا خانلىقىنىڭ خاقانى» دەپ ئېتىراپ قىلىپ، ئۇنىڭغا سەلتەنەتلىك ئۇنۋان بەردى (ج. ر. گامىلتون: «بەش دەۋردىكى خەنزۇچە ھۆججەتلەردە بايان قىلىنغان ئۇيغۇر»). 866 - يىلى «بۆگۈ تېكىن (بۇقا تېكىن) تۇرپان رايونى بىلەن بىر ۋاقىتتا دېگۈدەك كۇچا ئۇيغۇر خانلىقىنىمۇ ئىگىلىۋالغان» (ئا. گ. مالىيەۋكىن: «
    IX - XII ئەسىرلەردىكى ئۇيغۇر دۆلەتلىرى» ئۇيغۇرچە نەشرى 344-، 345- بەت).
    كۆچكەن ئۇيغۇر قەبىلىلىرىنىڭ يەنە بىر قىسمى ئۆتۈكەن تاغلىرىدىن ھالقىپ ئۆتۈپ، جۇڭغار ئويمانلىقى ئەتراپىدىكى باسمىل قەبىلىلىرىنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، تۈبۈت (تىبەت) كۈچلىرىگە قارشى ھۇجۇم باشلىدى. مىلادى 866- يىلى بۆگۈ تېكىن (بۇقا تېكىن) توققۇز ئوغۇز ۋە باسمىل قەبىلىلىرىگە باشچىلىق قىلىپ، تۈبۈتلەرنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدىكى قۇچۇ، بېشبالىق شەھەرلىرىنى بېسىۋىلىپ، تارىختا مەشھۇر بولغان ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقىنى تىكلىدى. بۇ خانلىق ئارقا- ئارقىدىن ئاگنى (سۈلمى)، كۈسەن (كۇچا)، ئىۋىرغول (قۇمۇل)، چانبالىق (سانجى ئورنىدا)، ياڭىبالىق (ھازىر قەيەرگە توغرا كېلىدىغانلىقى ئىلىم ساھەسىدە تېخى نامەلۇم) شەھەرلىرىنى ئىگىلەپ، زېمىن دائىرىسىنى تېخىمۇ كېڭەيتتى.
    ئۈچىنچى تۈركۈم كۆچمەنلەر گەنجۇ (ھازىرقى جاڭيى ئەتراپىدا) ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىنى ئىگىلەپ، گەنجۇ ئۇيغۇر خانلىقىنى قۇردى. مىلادى 902- يىلى قۇرۇلغان (بەزى تارىخچىلار، جۈملىدىن ئەنۋەر بايتۇر ئەپەندى 850- يىلى قۇرۇلغان دەپ ھۆكۈم چىقىرىدۇ، ئى. پىنكىس خانىم 872- يىلى دەپ ھۆكۈم چىقىرىدۇ، ئا. گ. مالىيەۋكىن 902- يىلى دەپ ھۆكۈم چىقىرىدۇ. ئەمەلىي پاكىتلار ئۈچۈن «
    IX - XII ئەسىرلەردىكى ئۇيغۇر دۆلەتلىرى » ناملىق كىتاب ئۇيغۇرچە نەشرىنىڭ 2- باب 2-، 3- ماۋزۇلىرىغا قارالسۇن) بۇ خانلىق ياغلاقار قەبىلىسىنى ئاساس قىلدى (قۇرغۇچىسى ئېنىق ئەمەس) ۋە ئەتراپىدىكى كۆچمەن قەبىلىلەرنى ئۆزىگە قوشۇۋالدى. بۇ خانلىق ھۆكۈمرانلىقىنى 126 يىل داۋاملاشتۇردى.
    مىلادى 1028- يىلى تاڭغۇتلار ئۆز رەھبىرى يۈەنخاۋ يېتەكچىلىكىدە گەنجۇ ئۇيغۇر خانلىقىغا ھۇجۇم قىلىپ، پايتەخىت گەنجۇنى قولىغا ئالدى. خانلىقنىڭ ئاخىرقى خاقانى ياغلاقار (خەنزۇچە ئىسمى باۋگۇ) ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالدى، خان جەمەتىدىكىلەر ئەسىرگە چۈشتى. شۇنداق قىلىپ بۇ خانلىقنىڭ نامى تارىخ بېتىدىن ئۆچتى.
    كۆچكەن ئۇيغۇر قەبىلىلىرىنىڭ يەنە بىر قىسمى ياغما قەبىلىسىنى ئاساس قىلىپ، ھازىرقى ئوتتۇرا ئاسىيادىكى نارىن دەرياسىنىڭ جەنۇبىغا كۆچتى. مىلادى 880- يىلى ياغما قەبىلىسىنىڭ باشچىسى كۆل بىلگە قادىرخان بالاساغۇن، تالاس شەھەرلىرىنى بېسىۋىلىپ، بالاساغۇن مەركەزلىكىدىكى قاراخانىيلار خانلىقىنى قۇردى، كېيىن كۆل بىلگە قادىرخاننىڭ ئىككىنچى ئوغلى ئوغۇلچاق قادىرخان پايتەخىتنى قەشقەرگە كۆچۈردى. خانلىق تىرىتورىيىسىدە ياغما قەبىلىسىدىن باشقا، قارلۇق، ئوغۇز، چىگىل، قىپچاق، تۈركمەن قاتارلىق قەبىلىلەر بار ئىدى.
    بۇ تۆت خانلىق ئىچىدە قاراخانىيلار خانلىقى بىلەن ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ سىياسىي ۋەزىيىتى بىرقەدەر مۇقىم، ئىگىلىكى بىرقەدەر گۈللەنگەن، مەدەنىيىتى بىرقەدەر گۈللەنگەن بولۇپ، مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش ۋاقتىنىڭ ئۇزۇنلىقى (قاراخانىيلار خانلىقى 332 يىل، ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقى 530 يىل مەۋجۇت بولغان) جەھەتتىمۇ، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى فىئودال دۆلەتلەر ئىچىدە ئالاھىدە ئورۇن تۇتىدۇ.
    بىز بۇ ماقالىدا بايان قىلىدىغان كۇچا مەسلىسى ئاساسىي جەھەتتىن مۇشۇ ئىككى خانلىق ئوتتۇرىسىدىكى مەسلىدۇر.
    بۇ ئىككى خانلىقنىڭ، بۇلۇپمۇ ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ تارىخىغا ئائىت ماتىرىياللار ناھايتتى ئاز، جۈملىدىن كۇچانىڭ تەۋەلىك تارىخىغا دائىر ماتىرىياللار يوقنىڭ ئورنىدا، شۇڭا بۇ ھەقتە توختالغاندا ۋاستىلىك تارىخىي مەنبەلەرگە، ئىلمىي پەرەزلەرگە تايانماي مۇمكىن ئەمەس.
    مەلۇمكى، بۇ ئىككى خانلىقنىڭ زېمىن دائىرىسى ئۆزلۈكسىز ئۆزگىرىپ تۇرغان. چېگرا- پاسىللىرى مۇقىم بولماسلىق ـــ فىئودال دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق خۇسۇسىيىتى. بىراق بىزنىڭ بۇ ماقالىدىكى ۋەزىپىمىز پەقەت كۇچانىڭ دۆلەت تەۋەلىكىنى ئېنىقلاش بولغاچقا، باشقا چېگرا ئۆزگىرىشلىرى تەپسىلىي بايان قىلىنمايدۇ.
    ۋ. ۋ. بارتولىد، ئا. گ. مالىيەۋكىن، پەرھاد جىلان قاتارلىق تەتقىقاتچىلار «كۇچا
    XI ئەسىردە قاراخانىيلار خانلىقى تەۋەلىكىدە بولغان» دەپ قارايدۇ. لېكىن، بىز تۆۋەندىكى پاكىتلار بىلەن بۇ قاراشنى ئىنكار قىلىمىز.
    مىلادى 949- يىلى قاراخانىيلار ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقى تەۋەلىكىدىكى كۇچا (كۈسەن)، ئاگنى (سۈلمى) شەھەرلىرىنى ئىگىلىۋالدى، بىراق كۇچاغا بولغان ھۆكۈمرانلىقىنى ئۇزاق ساقلاپ قالالمىدى. بۇ سۆزىمىزنى تۆۋەندىكى پاكىتلار ئىسپاتلايدۇ:
    «سۇڭ سۇلالىسى تارىخى» 490 - جىلىدىدا مۇنداق دېيىلىدۇ:
    «كۇچا- ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىل گورۇپپىلىرىنىڭ بىرىدۇر . بۇ دۆلەتنىڭ باشلىقى ئۆزىنى شىر (
    狮子|) خان دەپ ئاتايدۇ. سېرىق كىيىم ۋە بەك قىممەتلىك بۆك كىيىدۇ». بۇ ۋاقىت دەل X ئەسىرنىڭ ئاخىرىلىرى ئىدى.
    «تۇرپان (ئىدىقۇت) خانلىقى كۇچا (كۈسەن) رايونىنى ئۇنچىۋالا ئۇزۇن ساقلاپ تۇرالمىدى» (ئا. گ. مالىيەۋكىن: «
    IX - XII ئەسىرلەردىكى ئۇيغۇر دۆلەتلىرى» ئۇيغۇرچە نەشرى، 271- بەت). تەخمىنەن 83 يىل ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقىغا قارام بولغان كۇچا (كۈسەن) رايونى يۇقىرىدا ئېيتىلغاندەك، X ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرى ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقى ھۆكۈمرانىلىقىدىن بوشىنىپ چىقتى.
    مەھمۇد قەشقەرى «تۈركىي تىللار دىۋانى» دا مۇنداق دەپ يازىدۇ:
    «ئۇيغۇر- بىر ئەلنىڭ نامى.
    تارىم- ئۇيغۇرلار چېگرىسىدىكى ‹كۇچا› دېگەن يەرنىڭ يېنىدىكى بىر جاي.
    كۈسەن- ‹كۇچا› دەپ ئاتىلىدىغان شەھەرنىڭ يەنە بىر نامى، بۇ شەھەر ئۇيغۇرلار چېگرىسىغا جايلاشقان.» («تۈركىي تىللار دىۋانى»، ئۇيغۇرچە نەشرى، 1- توم)
    «تۈركىي تىللار دىۋانى» دا «ئۇيغۇر» سۆزىگە بىر ئەلنىڭ نامى دەپ تەبىر بېرىلگەن، بۇ ئەلنىڭ «ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقى» نى كۆرسىتىدىغانلىقى ئىلىم ساھەسىدىكىلەرگە مەلۇم. ئەمدى «تارىم»، «كۈسەن» سۆزلىرىگە بېرىلگەن تەبىردە، كۇچانىڭ ئۇيغۇرلار يەنى «ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقى» نىڭ چېگرىسىدا ئىكەنلىكى ئېنىق كۆرىسىتىلگەن. بۇنىڭدىن «
    XI ئەسىردە، ھېچبولمىغاندا XI ئەسىرنىڭ 75- يىلىدىن بۇرۇن كۇچا قاراخانىيلارنىڭ ئەمەس، بەلكى ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدا بولغان» دەپ ھۆكۈم قىلغىلى بولىدۇ.
    IX ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا قۇرۇلغان قاراخانىيلار خانلىقى بىلەن ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقىدىن ئىبارەت بۇ ئىككى فىئودال دۆلەت ئۆزلۈكسىز بىر- بىرى بىلەن قارشىلىشىپ ئۆتتى.
    مىلادى 961- يىلى ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقى قاراخانىيلار خانلىقىنىڭ ھامىيلىقىغا ئۆتتى. مىلادى 971- يىلى خوتەن بۇددىسىتلىرى قاراخانىيلار خانلىقىغا ئۇرۇش ئاچتى. پۇرسەتتىن پايدىلانغان ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقى قاراخانىيلارنىڭ كونتروللىقىدىن چىقىشقا ئۇرۇنۇپ، قاراخانىيلار قوشۇنىغا ھۇجۇم قىلدى. قاراخانىيلار- ئىدىقۇت ئۇرۇشى تاكى مىلادى 1007- يىلىغىچە سوزۇلۇپ، ئاقىۋەت قاراخانىيلارنىڭ غەلبىسى بىلەن ئاخىرلاشتى، ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقى يەنە قاراخانىيلارنىڭ ھامىيلىقىغا چۈشۈپ قالدى. مىلادى 1042- يىلىغا كەلگەندىلا، ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقى ئاندىن قاراخانيلارغا خانلىقى ھامىيلىقىدىن قۇتۇلدى.
    IX ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا مۇستەقىل خانلىق بولۇپ قۇرۇلغان كۇچا خانلىقنىڭ پايتەختى كۇچا مىلادى 866- يىلى قانداقلارچە ئىدىقۇت خانلىقىغا تەۋە بولۇپ قالدى؟ بۇ توغرىسىدا ئېنىق تارىخىي پاكىت يوق، پەقەت ئىلمىي پەرەزلەرگە تايىنىشقا توغرا كېلىدۇ:
    «سۇڭ سۇلالىسى تارىخى» 490- جىلىدىدا مۇنداق دېيىلىدۇ:
    «كۇچا- ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىل گورۇپپىلىرىنىڭ بىرىدۇر، بۇ دۆلەتنىڭ باشلىقى ئۆزىنى شىر (
    狮子) خان دەپ ئاتايدۇ، سېرىق كىيىم ۋە بەك قىممەتلىك بۆك كىيىدۇ، دۆلەتنى توققۇز ۋەزىر بىلەن باشقۇرىدۇ. دۆلەت پايتەختىدە بازار بار، لېكىن پۇل يوق، ماللار پاختا رەخىتكە ئالماشتۇرىلىدۇ، تېرىق، بۇغداي، يېشىلچا، مېۋىلەر بار. غەربتىكى داشى دۆلىتىگە قەدەر 60 كۈنلۈك يول بار، شەرقتىكى شاجۇ ۋىلايىتىگە قەدەر 90 كۈنلۈك يول بار. بۇ دۆلەت ئىككىنچى تۈرلۈك قىلىپ، شىجۇ (西洲، تۇرپان) ئۇيغۇرلىرى ياكى شىجۇدىكى كۇچا ياكى كۇچا ئۇيغۇرلىرى دەپ ئاتىلىپ كەلگەن.»
    كۇچا خانلىقى ئۆزىگە ئۆزى خوجا مۇستەقىل خانلىق تۇرسا، بۇ خانلىقنىڭ شىجۇ (تۇرپان) ئۇيغۇر ئۇيغۇرلىرى دەپ ئاتىلىشى نېمىنى چۈشەندۈرىدۇ؟ تارىخىي پاكىتلارغا كۆرە، كۇچا خانلىقى قۇرۇلۇپ ئۇزۇن ئۆتمەي، ئىدىقۇت (تۇرپان) ئۇيغۇر خانلىقى تەرىپىدىن ھامىيلىق ئاستىغا ئېلىنغان بولسا كېرەك. (ئا. گ. مالىيەۋكىن: «
    IX - XII ئەسىرلەردىكى ئۇيغۇر دۆلەتلىرى» ئۇيغۇرچە نەشرى، 344-، 345- بەت)
    يۇقىرىدا ئېيتىپ ئۆتكىنىمىزدەك، مىلادى 949- يىلى قاراخانىيلار ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقىدىن كۇچانى بۆلۈۋالدى. بىراق بىر مەزگىلدىن كېيىن(زادى قانچىلىك ۋاقىت ئۆتكەنلىكى مەلۇم ئەمەس، 10 يىلغا يەتمەسلىكى ئېھتىمالغا يېقىن)، كۇچا ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى قەبىلىلەر ئۇيۇشۇپ، كۇچا خانلىقىنى قايتا قۇرۇپ چىقتى- يۇ، يەنە ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ ھامىيلىقىغا چۈشۈپ قالدى.
    بەزى تەتقىقاتچىلار «تۈركىي تىللار دىۋانى» دىكى بايانلارغا ئاساسلىنىپ، «كۇچا رايونىنىڭ ئىسلاملىشىشى، توغرىراقى قاراخانىيلار خانلىقى تىرىتورىيىسىگە كىرىشى (ۋاقىتلىق بولسىمۇ)، تېنىچ يول بىلەن ھەل قىلىنغان بولسا كېرەك» دېگەن ھۆكۈمنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. بىراق، بۇ ھۆكۈمنىڭ ئەكسىچە،
    X ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا قاراخانىيلار خانلىقى ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقىغا قارشى ئۇرۇش باشلىغان، بەزى مەلۇماتلارغا قارىغاندا، «سۇلتان سۇتۇق بۇغراخان ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقىغا قاراشلىق كۇچا، كورلا قاتارلىق جايلارنى بېسىۋىلىپ، ئۆز تەسىر دائىرىسىنى كېنگىت ‹قارا شەھەر- سۈلمى› نىڭ غەربىگىچە كېڭەيتكەن». (موللا ھاجى: «تەزكىرەئىي سۇلتان سۇتۇق بۇغراخان»، قوليازما)
    ئەمدى «تۈركىي تىللار دىۋانى» دا كۇچا رايونلىرىدا دىنىي ماجىرا يۈز بەرگەنلىكىگە ئائىت بايانلار بولمىغانلىقىغا كەلسەك، بۇنى قاراخانىيلار خانلىقىنىڭ كۇچا رايونىنى تۇتۇپ تۇرۇش ۋاقتىنىڭ ئۇزۇن بولمىغانلىقى (ئون يىلغىمۇ يەتمەسلىكى) بىلەن چۈشەندۈرۈش مۇمكىن.
    مېنىڭچە، مىلادى 961- يىلى قاراخانىيلار خانلىقىنىڭ ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقىغا ھۇجۇم قىلىپ، ئۇنى بېقىندى خانلىققا ئايلاندۇرۇشىنى، دەل كۇچانىڭ قىسقىغىنە ئون نەچچە يىل ئىچىدىكى تەۋەلىك مۇناسۋىتىدىن كېلىپ چىققان «ئۆچ ئېلىش» دەپ چۈشىنىشكە بولىدۇ.
    سۆزىمىزنى يىغىنچاقلىساق، بۇ ماقالىگە كېرەكلىك بولغان ماتىرىياللار ئاز، كۆپلىگەن پاكىتلار كۇچانىڭ
    XI ئەسىردە قاراخانىيلارغا تەۋە ئىگە ئىكەنلىكىگە مايىل. بىراق، يىگانە پاكىتلار شۇنى ئىسپاتلايدۇكى، XI ئەسىردە، ھېچبولمىغاندا XI ئەسىرنىڭ 75- يىلىدىن بۇرۇن كۇچا رايونى قاراخانىيلار خانلىقىنىڭ ئەمەس، بەلكى ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ تىرىتورىيىسىدە ئىدى.

    1998- يىل ئاپرىل

    مەنبە:تور ساقلانمام

     

     


    收藏到:Del.icio.us




كۆرىۋاتقانلار: نەپەر