كۆزىمىزنى تارىخ ئاچىدۇ،ئەقلىمىزنى ئىلمي تەپەككۇر!

پرېستان: بۇ يەرگە ئۆزىڭىز خالىغان مەزمۇننى يازسىڭىز بولىدۇ. شۇنداقلا ئۆزىڭىز يازغان مەزمۇنى مەلۇم تور بېتىگە ئۇلىنىش قىلالايسىز.

  • خەنزۇچە خەتنىڭ پىنيىنىنى تىپىش قۇرالى
    بۇ بولسا ناھايتى ئەپچىل كىچىك قىلىپ ياسالغان خەنزۇچە خەتنىڭ پىنيىنىنى تىپىش قۇرالى بولۇپ بىزدەك خەنزۇچىداچالاساۋاتلار ئۈچۈن ناھايتى ياخشى دىتالكەن بەزىدە توردا بىرەر خەتلەرنى ئۇچىرتىپ قالىمىز  شۇنداق ۋاقىتلاردا بۇنىمە خەت بولغىيتى دەپ گاڭگىراپ قالىمىز

  • ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ كېلىپ چىقىش مەنبەسى ۋە ھازىرقى قۇرۇلمىسىغا نەزەر سالىدىغان بولساق، كۆپ مەنبەلىك، ئۆزارا بىرىككەن گەۋدە بولۇپ، ھەرقايسى تەركىپلەر ئۆز ئالاھىدىلىكىنى ساقلاپ قالغان .شۇڭا بىر پۈتۈن مىللەتكە تەۋە بولغان مىللىي خاراكتېرنى مۆلچەرلەپ چىققىلى بولمايدۇ.مەن پەقەت ئۆزۈم كۈزەتكەن بىرقانچە نۇقتىلاردىن ئۇلارنىڭ مىللىي خاراكتېرى ئۈستىدە ئىزدىنىشقا تىرىشتىم.

  • بىزگە مەلۇمكى يەركەنىتنى پايتەخىت قىلغان قەشقەردە 1755-يىلىدىن بۇرۇن مۇسۇلمان دىنىدىكى بىر دۆلەت بارلىققا كەلگەنىدى.بۇ دۆلەت قارا تاغلىقلار جەمەتى ئىلىكىدىكى ۋە جۇڭغار خان-بەگلىرىنىڭ ئەمەلي ھامىيلىقىدىكى دۆلەت ئىدى.قارا تاغلىق خوجا دانىيال ئۆلگەندىن كېيىن،جۇڭغار خانى غالدان سەرەڭ دانىيالنڭ دۆلىتىنى خوجىنىڭ تۆت ئوغلىغا بۈلۈپ بەردى.يەركەنىتنى جاھانغا،قەشقەرنى يۈسۈپكە،ئاقسۇنى ئايۇپقا،خوتەننى ئابدۇللاغا بۈلۈپ بەردى.جۇڭغارلارنىڭ ئىچكى قىسمىدا خانلىق تەخىتنى تالىشىپ قالايمىقان ئۇرۇشقاندا،تەقۋادار مۇسۇلمان يۈسۈپ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ قەشقەرنى ‹‹كاپىرلار›› نىڭ ھامىيلىقىدىن ئازاد قىلدى

  • مىلادىيە 1900 - يىلى 3 - ئاينىڭ 28 - كۈنى پەۋقۇلئاددە بىر سەۋەب تۈپەيلىدىن ، قۇم ، توپا ئاستىغا كۆمۈلۈپ ، غايىب بولغىنىغا 1500 يىلدىن ئاشقان كروران قەدىمىي شەھىرىنىڭ بايقىلىشى شۋېتسىيىلىك جۇغراپىيون ، ئېكسپېدىتسىيىچى سىۋېن ھېدىن ( 1865 - 1952 )نى بىراقلا دۇنيا ئىلىم - پەن مۇنبىرىنىڭ ئەڭ سەلتەنەتلىك تەختىگە چىقاردى . بىراق كروران شەھەر خارابىسىنى تۇنجى بولۇپ بايقىغان ، بىر چەت ئەللىك ئالىمنىڭ دۇنياۋى شان - شۆھرەتكە ئېرىشىشىگە شەرت - شارائىت ھازىرلاپ بەرگەن يەنە بىر ئاددىي ئىنسان بولسا ، كروران قەدىمىي شەھىرى بايقىلىپ بىر ئەسىرگە يېقىن ۋاقىتتىن كېيىن ئاندىن يۇرتداشلىرىنىڭ يادىغا كەلدى . بۇ ئاددىي ئىنسان دەل بىز مۇشۇ ماقالىدە تەپسىلىي تونۇشتۇرماقچى بولغان رىۋايەت تۈسىگە ئىگە شەخس ، لوپ ئېلىنىڭ پەخىرلىك ئوغلى ئۆردەك ئىدى

  • نەبىجان تۇرسۇن

    19-ئەسىردىكى ياقۇپبەگ رەھبەرلىكىدە قۇرۇلغان قەشقەرىيە دۆلىتىنىڭ تاشقى سىياسىتىنى تەتقىق قىلىش رۇسىيە تارىخچىلىرىنىڭ نەزىرىدىكى مۇھىم تېما، بۇ رۇسىيە دىپلوماتىيە تارىخىنىڭ مۇھىم بىر قىسمىدۇر.

  • شەرقى چاغاتاي خانلىقى دېگىنىمىز ____ تۇغلۇق تۆمۈرخان ھۆكۈمرانلىقىنى قوبۇل قىلغان رايونلاردىن ئىبارەت.
    چاغاتاي چىڭگىزخاننىڭ 2- ئوغلى بولۇپ، ئۇنىڭغا بۆلۈپ بېرىلگەن زىمىن چاغاتاي نامى بىلەن ئاتالغان. چاغاتاينىڭ كېيىنكى ئۇيغۇرلاشقان ئەۋلادلىرى توغرىسىدا سۆزلەشتىن بۇرۇن تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈپ ئۆتسەك ئارتۇقلۇق قىلماس دەيمەن:
    چاغاتاي___ ئوغلى مامۇكەي___ ئوغلى يەسۇ قاراخان___ ئوغلى بۇراقخان___ ئوغلى داۋاخان ___ ئوغلى ئېسەن بۇقاخان __ ئوغلى تۇغلۇق تۆمۈرخان( مۇشۇنىڭدىن باشلاپ مۇسۇلمان بولغان)___ ئوغلى خىزىر خوجاخان___ ئوغلى شىرئەلىخان___ ئوغلى

  • سەي جىن سوڭ

    1949- يىلى شېڭ شىسەي گومىنداڭ بىلەن بىللە تەيۋەنگە كىتىپ «دۆلەت مۇداپىيە مىنىستىرلىكى» دە شاڭ جياڭ دەرىجىلىك مەسلىھەتچى، «مەمۇرى پالاتانىڭ چوڭ قۇرۇقلۇقنى قايتۇرىۋېلىشنى پىلانلاش كومىتىتى» غا ئەزا بو...
  • 3.ئۇرۇش قىلىش ۋە تېنچلىق سۆھبىتى ئېلىپ بېرىش مەسىلىسىدىكى ئىختىلاپ
    1945-يىلى جاڭ جېشى ئىلى قوزغىلاڭچىلىرىغا نىسبەتەن ئۇرۇش سېپىنى قىسقارتىش سىياسىتىنى قوللىنىپ جۇشىياۋلىياڭغا جىڭ نىڭ غەربىدىكى گومىنداڭ قوشۇنلىرىنى چىكىندۈرۈپ شىخۇنى جان تىكىپ قوغداپ قوزغىلاڭچىلارنىڭ ئۈرۈمچىگە ھۇجۇم قىلىش يولىنى توسۇشقا بۇيرۇق قىلدى.

  • مۇھىم مەزمۇنى؛ۋۇجۇڭشىن 1944-يىلى 10-ئىيدا شىنجاڭ ئۆلكىلىك ھۈكۈمەتنىڭ رەئىسلىگىگە بىكىتىلىپ1946-يىلى3-ئايدا ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا سوراپ چوڭچىڭغا قايتقان.ۋۇجۇڭشىن شىنجاڭدا ھوقۇق تۇتقان 18ئاي دەل شىنجاڭنىڭ ئەڭ مۇرەككەپ مەزگىلى بولۇپ،شىنجاڭنىڭ بۇ مۇرەككەپ ھالىتى گومىنداڭ مەركىزى ھۆكۈمىتىنى شىنجاڭ مەسىلىسىدە قايتا ئويلىنىشقا مەجبۇر قىلغان.مەزكۇر ماقالىدا ۋۇجۇڭشىننىڭ شىنجاڭ سىياسىتىدە مەركىزى ھۈكۈمەت بىلەن بولغان پىكىر ئىختىلاۋى ھەم ۋۇجۇڭشىننىڭ ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا سورىشىدىكى سەۋەپلەر ئۈستىدە تەھلىل يۈرگىزىلىدۇ.
    ئاچقۇچلۇق سۆزلەر:ۋۇجۇڭشىن

  • 1996-يىلى 10-،11-ئايلاردا شىنجاڭ مۇزېيى ئارخئۇلوگىيە ئورنى ۋە بايىنغۇلىن ئوبلاستى ۋە چەرچەن ناھيىلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى باشقۇرۇش ئورۇنلىرى بىرلىكتە زاغۇنلوق قەدىمى قەبرىستانلىقنى بىر قېتىم قۇتقۇزۇش خارەكتىرلىك قېزىش ئېلىپ بېرىپ،35مىڭ كىۋادىرات مېتىر دائىردە169 قەبرىنى قېزىپ رەتلىدى.