كۆزىمىزنى تارىخ ئاچىدۇ،ئەقلىمىزنى ئىلمي تەپەككۇر!
  • 2010-09-22

    ۋۇجۇڭشننىڭ شىنجاڭ ئۆلكىلىك ھۈكۈمەتنىڭ رەئىسلىكىدىن قالدۇرۇلىشى ھەققىدە تەھلىل - [ئۇيغۇر تارىخى]

    ۋۇجۇڭشننىڭ شىنجاڭ ئۆلكىلىك ھۈكۈمەتنىڭ رەئىسلىكىدىن قالدۇرۇلىشى ھەققىدە تەھلىل

    مەخمۇت ئابدۇۋېلى

    مۇھىم مەزمۇنى؛ۋۇجۇڭشىن 1944-يىلى 10-ئىيدا شىنجاڭ ئۆلكىلىك ھۈكۈمەتنىڭ رەئىسلىگىگە بىكىتىلىپ1946-يىلى3-ئايدا ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا سوراپ چوڭچىڭغا قايتقان.ۋۇجۇڭشىن شىنجاڭدا ھوقۇق تۇتقان 18ئاي دەل شىنجاڭنىڭ ئەڭ مۇرەككەپ مەزگىلى بولۇپ،شىنجاڭنىڭ بۇ مۇرەككەپ ھالىتى گومىنداڭ مەركىزى ھۆكۈمىتىنى شىنجاڭ مەسىلىسىدە قايتا ئويلىنىشقا مەجبۇر قىلغان.مەزكۇر ماقالىدا ۋۇجۇڭشىننىڭ شىنجاڭ سىياسىتىدە مەركىزى ھۈكۈمەت بىلەن بولغان پىكىر ئىختىلاۋى ھەم ۋۇجۇڭشىننىڭ ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا سورىشىدىكى سەۋەپلەر ئۈستىدە تەھلىل يۈرگىزىلىدۇ.
    ئاچقۇچلۇق سۆزلەر:ۋۇجۇڭشىن جاڭجېشى شىنجاڭ مەسىلىسى

    吴忠新   蒋介石    新疆问题
    1942-يىلى شىڭشىسەي نىڭ شىنجاڭدىكى ھۆكۈمرانلىق سىياسىتى ئەكسىيەچچىلىشىشكە قاراپ يۈزلەندى .بۇ دەل خەلىقئارا ۋەزىيەتتە زور ئۆزگۈرۈش بولغان گىرمانىيىنىڭ سوۋىت ئىتتىپاقىغا ھۇجۇم قىلىشى ۋە سوۋىت ئىتتىپاقىنىڭ ئۇرۇشتا قەدەممۇ قەدەم مەغلۇپ بولىشى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولۇپ ئىزچىل خەلىقئارا ۋەزىيەتكە دىققەت قىلىپ كەلگەن شىڭشىسەينى ئۆزىنىڭ تاشقى سىياسىتىنى ئۆزگەرتىشكە مەجبۇر قىلدى. ئۇزۇندىن بۇيان سوۋىت ئىتتىپاقىنىڭ زور ياردىمىگە ئىرىشىپ كىلىۋاتقان شىڭشىسەي سوۋىت ئىتتىپاقىنىڭ كەلگۈسىدىن ئۈمىت ئۈزۈپ دەرھال گومىنداڭغا بېقىندى ھەم يولغا قويۇپ كىلىۋاتقان سوۋىت ئىتتىپاقىغا يېقىنچىلىق قىلىش سىياسىتىنى ئۆزگەرتىپ گومىنداڭغا بېقىنىش سوۋىت ئىتتىپاقى ۋە كومپارتىيىگە قارشى تۇرۇش سىياسىتىنى يولغا قويدى.1942-يىلى 8-ئاينىڭ ئاخىرىدا،سوڭ مېيلىڭ،جۇشاۋلىياڭ قاتارلىقلار شىنجاڭغا كىلىپ شىڭشىسەينىڭ كومپارتىيىگە قارشى تۇرۇش،جياڭجېشىنىڭ قوينىغا ئۆزىنى ئېتىش قەدىمىنى تىزلەتتى(1) 1943 -يىلى گومىنداڭ ئەزالىرى تۈركۈم-تۈركۈملەپ شىنجاڭغا كىرىشكە باشلىدى. شىنجاڭنى بىۋاستە ئىدارە قىلىشقا كۈچەپ كىلىۋاتقان گومىنداڭ مەركىزى ھۈكۈمىتى شىڭشىسەينىڭ گومىنداڭغا بىقىنغانلىق پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ شىنجاڭغا سىياسى ۋە ھەربى جەھەتتىن سىڭىپ كىرىپ شىڭشىسەينى شىنجاڭنىڭ يەرلىك خاقانلىق ئورنىدىن چۈشۈشكە مەجبۇر قىلدى1944-يىلى 8-ئاينىڭ 29-كۈنى گومىنداڭ مەركىزى ھۆكۈمىتى«شىنجاڭ ئۆلكىلىك ھۈكۈمەتنىڭ ھەيئەت ئەزاسى،رەئىسى قوشۇمچە چىگرا مۇداپىيە دۇبەنى شېڭشىسەي ئۆزۋەزىپىسى ۋە قۇشۇمچە ۋەزىپىلىرىدىن ئىستېپا سوراپ سەمىميلىك بىلەن يازغان ئىلتىماسى تەستىقلاندى؛شىنجاڭ ئۆلكىلىك چىگرا مۇداپىئە مەھكىمىسى ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى،شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق ھەرقايسى قىسىملارنى ھەربىي ئىشلار كومىتىتى بىۋاستە باشقۇرۇدۇ...دېھقانچىلىق،ئورمانچىلىق مىنىستىرى شىن خۇڭلېىي باشقا ۋەزىپىگە تەيىنلىنىدىغانلىغى ئۈچۈن خىزمىتىدىن ئىستىپا بېرىدۇ،ئورنىغا شېڭشىسەي مىنىستىرلىككە تەيىنلەندى؛ۋۇجۇڭشىن شىنجاڭ ئۆلكىلىك ھۈكۈمەتنىڭ ھەيئەت ئەزالىقىغا،قوشۇمچە ھۈكۈمەت روئىسلىكىگە تەيىنلەندى...›› (2).د ەپ بۇيرۇق چۈشۈردى.شۇنداق قىلىپ شىنجاڭغا11يىل ھۆكۈمرانلىق قىلغان شېڭشىسەي شىنجاڭدىن ئايرىلىپ چوڭچىڭغا كەتتى.
    شېڭشىسەينىڭ شىنجاڭدىن كىتىشى ۋە ۋۇجۇڭشىننىڭ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ رەئىسلىگىگە تەيىنلىنىشى گومىنداڭ مەركىزى ھۆكۈمىتىنىڭ شىنجاڭنى تۇلۇق كونتۇرۇل قىلغانلىغىدىن دىرەك بەردى.جىياڭجېشىنىڭ ۋۇجۇڭشىننى شىنجاڭغا رەئىس قىلىپ ئەۋەتىشىدىمۇ كۆ پخىل سەۋەپلەر بار ئىدى.شېڭشىسەي شىنجاڭدىن كەتمەستىلا جىياڭجېشى ۋۇجۇڭشىننى چاقىرتىپ ئۇنىڭغا شېڭشىسەينىڭ ئورنىغا شىنجاڭغا بېرىشىنى ئۇختۇرغان ئىدى(3).شىنخەي ئىنقىلاۋىدىن كىيىن تاكى ۋۇجۇڭشىن شىنجاڭ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ رەئىسى بولغىچە بولغان ئارىلىقتا گومىنداڭ مەركىزى ھۆكۈمىتى شىنجاڭغا بىۋاستە كونتۇرۇللىق قىلالمىغان ئىدى، بولۇپمۇ شىڭ شىسەي نىڭ ئۆزگىرىشچان سىياسىتى گومىنداڭ مەركىزى ھۆكۈمىتىگە كۆپ ئاۋارىچىلىقلارنى كەلتۈرگەن ئىدى .شۇڭلاشقا جىياڭجېشى بۇ قېتىمقى پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ شىنجاڭغا ئەۋەتىدىغان كادىرلارنى قاتتىق تاللىدى.ۋۇجۇڭشىن گومىنداڭ پارتىيىسىنىڭ ئاقساقىلى ھەم جىياڭجېشىنىڭ ئەڭ ئىشەنچىلىك ئادەملىرىنىڭ بىرى.ئۇ ئەينى ۋاقىتتا ئەنخۇي ۋە گۇيجۇ ئۆلكىسىنىڭ رەئىسلىگىگە تەيىنلىنىپ بىر يىل بولمايلا خىزمىتىدىن ئىستىپا بېرىپ ئۆزىنىڭ سىياسى قارانىيىتىنىڭ يوقلىغىنى ئىسپاتلىغان ئىدى (4).بۇ ئۇنىڭ شىنجاڭ ئۆلكىسىنىڭ رەئىسلىگىگە تەيىنلىنىشىنىڭ بىر سەۋەبى ئىدى.ئۇنىڭ ئۈستىگە ۋۇجۇڭشىن مۇڭغۇل-زاڭزۇ ھەيئىتىنىڭ باشلىقى بولۇپ چىگرا رايۇن ئىشلىرىنى كۆپ يىل باشقۇرغان،بۇ جەھەتتە مول تەجرىبىگە ئىگە،جاڭجىجۇڭنىڭ سۆزى بويىچە ئېيتقاندا ئۇ كىشىلەر بىلەن بولغان مۇئامىلىدە ناھايىتى ياخشى بولۇپ گومىنداڭ ئىچىدىكى ئەڭ ياخشى ئادەم (5)ئىدى.جىياڭجېشىنىڭ قارىشىچە ۋۇجۇڭشىن شىنجاڭدىكى مىللى زىددىيەتنى پەسەيتىشتە چوڭ رول ئوينىيالايتتى.يەنە بىر تەرەپتىن شېڭشىسەي سوۋىت ئىتتىپاقىغا قارشى تۇرۇش سىياسىتىنى يولغا قويغاچقا سوۋىت ئىتتىپاقى بىلەن شىنجاڭنىڭ مۇناسىۋىتى بۇزۇلغان بولۇپ بۇ بىۋاستە ھالدا شىنجاڭنىڭ مۇقىملىغىغا تەسىر كۆرسەتكەن ئىدى.شۇڭلاشقا جىياڭجېشى شىنجاڭغا سوۋىت ئىتتىپاقى قۇبۇل قىلالايدىغان كىشىنى ئەۋەتىش شىنجاڭنىڭ مۇقىملىغىغا پايدىلىق دە پ قاراپ ۋۇجۇڭشىننى ئەڭ مۇۋاپىق نامزات قىلىپ تاللىغان.شۇڭا ۋۇجۇڭشىن شىنجاڭغا بېرىشنى رەت قىلغاندا جىيڭجېشى ئۇنىڭغا«ئەڭ ياخشىسى سىزنىڭ بارغىڭىز تۈزۈك،سىز بېرىڭ،مەن سىزگە ئىشىنىمەن،سىزدىن ئەنسىرىمەيمەن» (6)دىگەن.جىياڭجېشى سوۋىت ئىتتىپاقى شىنجاڭدا سوۋىت ئىتتىپاقىغا دوستانە مۇئامىلىدە بولىدىغان ئەمەلدارنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزىشىنى ئۈمىت قىلغاچقا ۋۇجۇڭشىننى سوۋىت ئىتتىپاقى قوبۇل قىلالايدۇ دەپ نۇرغۇن سىناقلاردىن ئۆتكەن گومىنداڭغا تولىمۇ سادىق بۇ ئەمەلدارنى شىنجاڭنىڭ رەئىسلىگىگە تەيىنلىگەن.
    يۇقۇرقىدەك بىر قاتار سەۋەپلەر تۈپەيلى ۋۇجۇڭشىن شىنجاڭ ئۆلكىلىك ھۈكۈمەتنىڭ رەئىسلىگىگە تەيىنلىنىپ 1944-يىلى 10-ئاينىڭ 4-كۈنى ھەمرالىرى بىلەن چوڭچىڭدىن ئۈرۈمچىگە كەلدى،10-ئاينىڭ 10-كۈنى رەسمى قەسەم بېرىپ ۋەزىپىگە ئولتۇردى.
    ۋۇجۇڭشىننىڭ شىنجاڭدا يۈرگۈزگەن سىياسەتلىرى ھەققىدە بىز كۆپ توختالمايمىز،مەزكۇر ماقالىدا بىز ئاساسلىغى ۋۇجڭشىننىڭ شىنجاڭدا ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن مەزگىلىدە گومىنداڭ مەركىزى ھۈكۈمىتى بىلەن بولغان پىكىر ئختىلاۋى ۋە رەئىسلىك ۋەزىپىسىدىن ئارقا-ئارقىدىن ئىستىپا سورىشىدىكى سەۋەپلىرى ئۈستىدە تەھلىل يۈرگۈزىشنى مەخسەت قىلىمىز.چۈنكى ۋۇجۇڭشىننىڭ گومىنداڭ مەركىزى ھۈكۈمىتى بىلەن شىنجاڭدا يولغا قۇيۇلغان سىياسەتلەر ئۈستىدىكى تالا-تارتىشى ۋۇجۇڭشىننىڭ خىزمىتىدىن ئىستىپا بېرىشىگە بىۋاستە سەۋەپ بولغان
    ۋۇجۇڭشىن شىنجاڭ ئۆلكىلىك ھۈكۈمەتنىڭ رەئىسى بولۇپ تۇرغان مەزگىل دەل شىنجاڭدا ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلاۋى پارتلىغان مەزگىل بولۇپ ،شىنجاڭ مەسىلىسىنى قانداق ھەل قىلىش گومىنداڭ ئۈچۈن ئېيتقاندا ئەڭ مۇھىم مەسىلىلەرنىڭ بىرى بولۇپ قالغان.ۋۇجۇڭشىن ئۆلكىلىك ھۈكۈمەتنىڭ رەئىسى بولۇپ تۇرغان مەزگىلدە جىياڭجېشى ۋەكەللىگىدىكى گومىنداڭ مەركىزى ھۈكۈمىتى بىلەن شىنجاڭ مەسىلىسىنى ھەل قىلىش توغرىسىدا كۆپ قېتىم پىكىر ئختىلاۋى يۈز بەرگەن.بۇ ئىختىلاپلارنى ئاساسلىغى تۈۋەندىكىدەك بىر قانچە نۇختىلارغا يىغىنچاقلاشقا بولىدۇ.
    1. ئۆلكىلىك ھۈكۈمەتنى ئۆزگەرتىپ تەشكىللەش مەسىلىسىدىكى پىكىر ئىختىلاۋى: ۋۇجۇڭشىن شىنجاڭغا كىلىپلا ئالتايدىكى قازاق چارۋىچىلىرىنىڭ ھۈكۈمەتكە قارشى قوزغىلىڭى پارتلىدى،بۇنىڭ بىلەن ۋۇجۇڭشىن قوزغىلاڭچىلار غا قارىتا «قورشاپ يوقىتىش بىلەن خاتىرجەملەندۈرۈش»سىيەسىتىنى تەڭ يولغا قويدى(7) .ئەمما ۋۇجۇڭشىننىڭ بۇ سىياسىتى تېخى يولغا قويۇلماي تۇرۇپلا 11-ئاينىڭ 7-كۈنى ئىلى ئىنقىلاۋى پارتلىدى،ئىنقىلاپ تىزئۇلغىيىپ پۈتكۈل ئىلى رايۇنىنى قاپلىدى.جاڭ جېشى قورال كۈچى بىلەن ئىنقىلاپنى باستۇرۇشقا كۆزى يەتمەي شىنجاڭدىكى مىللى مەسىلىنى قايتىدىن ئويلىنىشقا مەجبۇر بولدى.شۇنىڭ بىلەن1945-يىلنىڭ باشلىرىدا جاڭ جېشى چوڭچىڭدا ۋەزىپىدە تۇرۇۋاتقان پانتۈركىست مەسئۇد ،ئەيسا قاتارلىقلار بىلەن ئۇدا ئىككى قېتىم كۈرۈشۇپ شىنجاڭدىكى مىللى مەسىلىنى قانداق بىر تەرەپ قىلىش ھەققىدە پىكىرلەشتى(8).مەسئۇد قاتارلىقلارجىيڭجېشىغا«شىنجاڭدىكى بارلىق پارتىيە ۋە مەمۇرى ئورۇنلارغا ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ نۇپۇسىغا قاراپ يەرلىكلەرنى ۋەزىپىگە تەيىنلەش،يەرلىكلەر كۆپ سانلىقنى ئىگەللەش»(9)دىگەن پىكىرنى ئوتتۇرغا قويدى ھەم جىيڭجېشىدىن ئۆزلىرىنى شىنجاڭغا ئەۋەتىشنى تەلەپ قىلدى(10).جاڭ جېشى ئۇلارنىڭ تەلىۋىنى قاندۇرۇشقا تەيياېلىق كۆردى شۇ ئارقىلىق سوۋىت ئىتتىپاقىنىڭ يەرلىكتىكى ئاز سانلىق مىللەتلارگە كۆرسىتىدىغان سىياسى تەسىرىنى چەكلەش غەرىزىدە بولدى.1945-يىلى 4-ئايدا جىيڭجېشى ئوغلى جىياڭجىڭگونى ئۈرۈمچىگە ئەۋەتتى ھەم ۋۇجۇڭشىندىن ئۆلكىلىك ھۈكۈمەتتە مۇئاۋىن ئۆلكە رەئىسلىك ئورنى تەسىس قىلىپ ئاز سانلىق مىللەت زاتلىرىنى ۋەزىپىگە قويۇش،ھەرقايسى نازارەتلەردە مۇئاۋىن نازىرلىق ئورنى تەسىس قىلىپ يەرلىك خەلىقلەرنى ۋەزىپىگە قويۇش نى تەلەپ قىلدى(11).ۋۇجۇڭشىن جاڭ جېشىنىڭ ئۆلكىلىك ھۈكۈمەتنى ئۆزگەرتىپ تەشكىل قىلىش تەكلىۋىنى رەت قىلىپ «ئۆلكىلىك ھۈكۈمەتكە قاراشلىق ھەرقايسى ئورگا نلار ۋەھەرقايسى رايۇن ناھىلەردىكى خىزمەتچىلەرنىڭ ھەممىسى ئەمىلىي قابىلىيىتىگە قاراپ ئىشقا قويۇلغان،ئادەتتە مىللەت تەركىۋى سۈرۈشتۈرۈلمەيدۇ....ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ خىزمەتچىلىرى تىرىشىپ ئىشلەۋاتىدۇ،ئورگەن كادىرلىرىنى تەڭشەش توغرا كەلسىمۇ ئىلى ۋەقەسى تىنجىتىلغاندىن كىيىن تەڭشەش كىرەك ھازىرچە ئەسلى ھالىتىنى ساقلاش زۆرۈر»(12)دەيدۇ.بۇنىڭ بىلەن جاڭ جېشىنىڭ ئۆلكىلىك ھۈكۈمەتنى ئۆزگەرتىپ تەشكىل قىلىش پىلانى ئەمەلگە ئاشمايدۇ.6-ئايدا جاڭ جېشى چوڭچىڭدا ۋۇجۇڭشىندىن مەسئۇد قاتارلىقلارنىڭ شىنجاڭغا قايتسا بولىدىغان بولمايدىغانلىغىنى سورىغاندا ۋۇجۇڭشىن يەنە ئۇلارنىڭ خالىغان ۋاقىتتا شىنجاڭغا بارسا بولىدىغانلىغىنى ئەمما پانتۈركىسىزىملىق ئىددىيىسىنى تۈزەتكەندىن كىيىن بارسا بولىدىغانلىغىنى(13) ئېيتىپ جىياڭجېشىنىڭ تەلىۋىنى رەت قىلىدۇ.جاڭ جېشى ۋۇجۇڭشىننىڭ خىزمىتىنى قوللىغان تەرىققىسىدە ئۇنىڭغا يول قويىدۇ.ئەمىلىيەتتە ئۆلكىلىك ھۈكۈمەتنى ئۆزگەرتىش مەسىلىسىدە ۋۇجۇڭشىنغا يول قويغان بولسىمۇ بىراق پانتۈركىست مەسئۇد قاتارلىقلارنى شىنجاڭغا ئەۋەتىش ئۈچۈن داۋاملىق ۋۇجڭشىنغا خىزمەت ئىشلەيدۇ.9-ئايدا ئىلىنى مەركەز قىلغان قوزغىلاڭچى ئارمىيە ئارقا-ئارقىدىن ئالتاي ،چۆچەكلەرنى ئىشغال قىلىپ ئۈرۈمچىگە تەھدىت سالىدۇ.جاڭ جېشى ۋەزىيەتنى خاتا مۆلچەرلەپ دەرھال جاڭ جىجۇڭ بىلەن مەسلەھەتلىشىپ مەسئۇد قاتارلىقلارنى شىنجاڭنىڭ ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا ئارىلاشتۇرۇشنى قارار قىلىدۇ(14).جاڭ جېشى مەسئۇد قاتارلىقلار پانتۈركىستچىلار دىن پايدىلىنىپ سوۋىت ئىتتىپاقىنىڭ شىنجاڭدىكى تەسىرىنى چەكلەپ شىنجاڭدىكى داۋالغۇشنى پەسەيتىشنى مەخسەت قىلىدۇ .ئەمىلىيىيەتتە مەسئۇد قاتارلىقلارنىڭ شىنجاڭغا كىرىشى شىنجاڭدىكى قالايمىقانچىلىقنى پەسەيتمەيلا قالماستىن شىنجاڭدا پانتۈركىسىزىم ئىددىيىسىنىڭ يامراپ كىتىشىگە سەۋەپ بولىدۇ.
    2. جەنۇبى شىنجاڭ مەمۇرى مەھكىمە قۇرۇش مەسىلىسىدىكى ئىختىلاپ
    ئىلى ئىنقىلاۋى پارتلىغان دەسلەپكى ۋاقىتلاردا جىيڭجېشى قورال كۈچى بىلەن باستۇرۇشنى مەخسەت قىلغان ئىدى،بىراق ئىلى قوزغىلىڭىنىڭ تىز ئۇلغىيىپ ئالتاي ،چۆچەكلەرنىڭ قولدىن كىتىشى جىيڭجېشىنى ئۆز سىياسىتىنى ئۆزگەرتىشكە مەجبۇر قىلدى.شۇڭا ئۇ 8-ئۇرۇش رايۇنىنىڭ قوماندانى جۇشىياۋلىيڭغا ئاساسلىق قوشۇننى چىكىندۈرۈپ مۇداپىيەدە تۇرۇشقا بۇيرۇق بەردى(15).جاڭ جېشى بىر تەرەپتىن ئاساسلىق قوشۇننى ئۈرۈمچىنى قوغداشقا بۇيرۇپ يەنە بىر تەرەپتىن جەنۇبى شىنجاڭدا مەمۇرى مەھكىمە تەسىسى قىلىش پىلانىنى بىكىتتى.1945-يىلى4-ئاينىڭ 22-كۈنى جاڭ جېشى ۋۇجۇڭشىنغا يوللىغان مەكتۇۋىدا جەنۇبى شىنجاڭدا مەمۇرى مەھكىمە قۇرۇش ئىشىنى تىلغا ئالدى ھەم مەمۇرى مەھكىمە ئۈستىگە ئالىدىغان كونكىرت ۋەزىپىلەر ئۈستىدە توختالدى(16).جاڭ جېشى پىلانلىغان جەنۇبى شىنجاڭ مەمۇرى مەھكىمىسى ئۆلكىلىك ھۈكۈمەتنىڭ تىزگىنلىشىدىكى جەنۇبى شىنجاڭنى ئىدارە قىلىدىغان ئورگان بولسىمۇ،لىكىن نىسبى مۇستەققىللىككە ئىگە ھەربى ۋە مەمۇرى بىرلەشتۈرۈلگەن ئورگان ئىدى.7-ئاينىڭ 15-كۈنى،جاڭ جېشى ۋۇجۇڭشىنغا تىلىگىرامما ئارقىلىق: جەنۇبى شىنجاڭ ۋالى مەھكىمىسىنى يەكەندە قۇرسا،قاراشەھەرگە ئۆلكە مەركىزى-ئۈرۈمچى قوماندانلىق قىلسا بولىدىغانلىقى ھەققىدە يوليۇرۇق بەردى(17).ۋۇجۇڭشىن ئىزچىل ھالدا شىنجاڭدا جىددى ھەل قىلىشقا تىگىشلىك مەسىلە دىپلوماتىيە ئىشلىرى بىلەن ھەربى ئىشلار دەپ قارىغاچقا جەنۇبى شىنجاڭدا مەمۇرى مەھكىمە قۇرۇش ئىشىنى قاچانلا قىلسا بولىۋېرىدۇ(18) دىگەن ئىنكاسنى قايتۇردى.جاڭ جېشىنىڭ كۆرسەتمىسى بىلەن گومىنداڭ مەركىزى ھۆكۈمىتى جەنۇبى شىنجاڭ مەمۇرى مەھكىمىسىنىڭ ۋالىسى ۋە مەمۇرى مەھكىمىنىڭ مۇدىرى قاتارلىقلارنى تاللاپ شىنجاڭغا ئەۋەتىشكە تەييارلىق كۈرۈۋاتقاندا ۋۇجۇڭشىن تۇيۇقسىز جاڭ جېشىغا«شىنجاڭ ئۆلكىسىنى قايتىدىن بۆلۈش توغرىسىدا تەكلىپ»نى ئەۋەتىپ شىنجاڭنى شىمالى شىنجاڭ ئۆلكىسى(ئىلى،چۆچەك،ئالتاي،ئۈرۈمچى)،جەنۇبى شىنجاڭ ئۆلكىسى(ئاقسۇ،قاراشەھەر)،كۇئىنلۇن ئۆلكىسى(قەشقەر،يەكەن،خوتەن)ھەم بېشبالىق ئۆلكىسى(قۇمۇل،گەنسۇنىڭ جىيۇچۇەن،نىڭشىيانىڭ ئېچىنا)قاتارلىق تۆت ئۆلكىگە بۆلۈشنى تەشەببۇس قىلدى(19). بۇنىڭ بىلەن گومىنداڭ مەركىزى ھۆكۈمىتىدە شىنجاڭنى بۆلۈپ باشقۇرۇش مەسىلىسى ئۈستىدە تالاش-تارتىش باشلىنىپ كەتتى.گومىنداڭ مەركىزى ھۆكۈمىتىدىكى بىر قىسىم ئەمەلدارلار ۋۇجۇڭشىننىڭ تەشەببۇسىنى قوللاش پوسىتسىيىسىدە بولدى ،بىر قىسىملىرى شىنجاڭنى ئىككىگە بۆلۈشنى تەشەببۇس قىلىپ ۋۇجۇڭشىننىڭ پىكرىگە قارشى چىقتى .جاڭ جېشى 8-ئاينىڭ ئاخىرلىرى جاڭجىجۇڭنى ئىلى ۋەقەسىدە سوۋىت ئىتتىپاقىنىڭ ئېنىق پوسىتسىيىسىنى بىلىپ بېقىش ۋە شىنجاڭنى تۆت ئۆلكىگە بۆلۈشنىڭ مۈمكىنچىلىگىنى تەكشۈرۈپ كىلىش مەخسىدىدە شىنجاڭغا ئەۋەتتى(20).11-ئايدا جاڭجىجۇڭ شىنجاڭنىڭ ئىختىسادى ئاھۋالىنىڭ ناچارلىغىنى كۆزدە تۇتۇپ ھازىرچە ئۆلكىگە بۆلۈش ئىشىنى توختىتىپ تۇرۇش ھەققىدە تەكلىپ بەردى،ئۇنىڭ ئۈستىگە مىللى ئارمىيە ماناسقىچە قىستاپ كەلگەن بولۇپ ،شىنجاڭ مەسىلىسىنى تىنچ ئۇسۇلدا ھەل قىلىش مۇھىم مەسىلە بولۇپ قالغان ئىدى.ۋۇجۇڭشىننىڭ شىنجاڭنى تۆت ئۆلكىگە بۆلۈپ باشقۇرۇش تەكلىۋى ئەمىلىيەتتە ئۈچ ۋىلايەت نى يىتىم قالدۇرۇپ ئىلى قوزغىلاڭچىلىرىنىڭ داۋاملىق كىڭىيىشىنى چەكلەشنى مەخسەت قىلغان ئىدى.شۇنداق قىلىپ جاڭ جېشى ۋەكىللىگىدىكى گومىنداڭ مەركىزى ھۈكۈمىتىنىڭ جەنۇبى شىنجاڭدا مەمۇرى مەھكىمە تەسىسى قىلىش پىلانى ۋۇجۇڭشىننىڭ شىنجاڭنى تۆت ئۆلكىگە بۆلۈپ باشقۇرۇش تەكلىۋى بىلەن ماسلاشماي يولغا قويۇلمىدى.


    收藏到:Del.icio.us




كۆرىۋاتقانلار: نەپەر