كۆزىمىزنى تارىخ ئاچىدۇ،ئەقلىمىزنى ئىلمي تەپەككۇر!
  • 2010-09-22

    چەرچەن زاغۇنلوقتىن قېزىۋېلىنغان ئەڭ قەدىمى چالغۇ_ غوڭقا - [ئۇيغۇر تارىخى]



              1996-يىلى 10-،11-ئايلاردا شىنجاڭ مۇزېيى ئارخئۇلوگىيە ئورنى ۋە بايىنغۇلىن ئوبلاستى ۋە چەرچەن ناھيىلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى باشقۇرۇش ئورۇنلىرى بىرلىكتە زاغۇنلوق قەدىمى قەبرىستانلىقنى بىر قېتىم قۇتقۇزۇش خارەكتىرلىك قېزىش ئېلىپ بېرىپ،35مىڭ كىۋادىرات مېتىر دائىردە169 قەبرىنى قېزىپ رەتلىدى.بۇ جەرياندا مۇشۇ  قەبرىستانلىقنىڭ2-دەۋىر مەدەنىيىتىگە تەئەللوق دەپ قارالغان قەبرىلەردىن مول مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى بۈيۈملىرى بىلەن بىللە ،ساقلىنىشى بىر قەدەر مۇكەممەل بولغان قەدىمقى چالغۇ-غۇڭقادىن ئىككى يۇرۇش قېزىۋېلىنىدى.غۇڭقا-ئۇيغۇر    چالغۇلىرى ئىچىدىكى ئەڭ قەدىمى تارلىق چالغۇ بولۇپ، ئۇزاق زامانلاردىن بۇيانقى سىياسى،ئىقتىسادى،دىنى ۋەمەدەنىيەت ھالىتىنىڭ ئۆزگىرىپ تۇرۇشى تۇپەيلىدىن بىزدە يوقۇلۇپ كەتكەن. مۇزىكا ساھەسىدىكى بەزى تارىخى ماتىرياللاردا غۇڭقا مىلادىدىن ئىلگىرىكى2000يىللىرى ئاسسۇرىيەدە مەيدانغا كەلگەن،قەدىمقى ئاسسۇريىلىكلەر غۇڭقانى«ئارفا» ياكى«خارىپ» دەپ ئاتىغان دىيىلىدۇ.يەنە بەزى تارىخى ماتىرياللاردا ياۋرۇپالىقلار ئۇيغۇرلارنىڭ غۇڭقاسى ۋە ئۆزلىرىنىڭ بىر قىسىم چالغۈلىرىدىن پايدىنىلىپ ھازىرقى«خارىپ»(ئارفا) نى كەشىپ قىلغان دىيىلىدۇ. ئارخئۇلوگىيىلىك ماتىرياللاردىن قارىغاندا بۇ قېتىمقى زاغۇنلوقتىن قېزىۋېلىنغان قەدىمى چالغۇ غۇڭقا مەملىكىتىمىز جۈملىدىن شىنجاڭ دائىرىسىدىن تېپىلغان يىل دەۋرى ئەڭ بالدۇر،ساقلىنىشى ئەڭ مۇكەممەل چالغۇ ئەسۋابى سانىلىدۇ. بۇ تېپىلىش ،چالغۇ ئەسۋاپلىرى ساھەسىدە ئەنئەنىگە ئايلىنىپ قالغان غۇڭقانىڭ شەرققە تارقىلىش تارىخى ھەققىدىكى قاراشلارغا يېڭى تەتقىقات تېمىسىنى قويدى. غۇڭقا-ئەڭ دەسلەپ تۇركى تىللىق مىللەتلەردە «قۇڭقائۇ» ياكى«غۇرەغۇڭ»،«ئارغۇن» دەپ ئاتالغان.غۇڭقا دەسلەپ چاڭئەندە « كەنخۇ » كىيىنچە « كۇڭخۇ » دەپ يېزىلىدىغان بولغان.ھازىرقى «كوڭخۇ» ئاتالمىسى ئۇيغۇرچە «غۇڭقا»  ئاتالغۇ- سىنىڭ ئاھاڭىدىن ئىبارەت. «غۇڭقا» دەسلەپقى خەنزۇچە ماتىرياللارغا«خۇ غۇڭقاسى» دىگەن نام بىلەن كىرىپ كەلگەن. فرانسۇز تارىخچىسى ف.فېليوت ئۆزىنىڭ1914-يىلى ئىلان  قىلغان «دانىشمەنلىك ۋە نادانلىق سۇتىرىسى»دىكى«غۇڭقا ۋە قۇبۇز»  ھەققىدىكى ماقالىسى ۋە 1907-يىلى دۇڭخۇاڭدىن  تېپىلغان كونا ئۇيغۇر يېزىقىدىكى «ئىككى تېكىنىنىڭ ھىكايىسى»  قاتارلىقلاردىن  مىسال  ئېلىپ- قەدىمقى  چالغۇ غۇڭقا ، ئىپتىدائى غىجەك ۋە،قۇبۇزنى  تىلغا ئالىدۇ..سىتەيىنمۇ خوتەندىن غۇڭقا چېلىۋاتقان لاي قۇچاقنى تاپقان. كۇچا مىڭ ئۆي ياغاچ ئويمىسىدىن 5-ئەسىرگە ئائىت غۇڭقا رەسىمى تېپىلغان.قۇجۇ خانلىقى دەۋرلىرى توخار تىلىدىن قەدىمقى ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىنغان«چاستانى ئىلىگ بەگ ھىكايىسى» دىمۇقەدىمقى چالغۇمىز غۇڭقا ھەققىدە تەپسىلى مەلوماتلار بار.ئىلىمىزنىڭ سەيياھلىرىدىن ۋاڭ يەندى نىڭ«ئىدىقۇتقا ئەلچىلىك خاتىرلىرى»  ناملىق ئەسىرىدىمۇ غۇڭقا ھەققىدە كۆپلىگەن مەلوماتلارنى قالدۇرغان.مەرھۇم ئابدۇشۈكۈر مەمىتىمىن ئەپەندى ئۆزىنىڭ« ئۇيغۇر <ئون ئىككى مۇقام>ى ھەققىدە» ناملىق ئەسىرىدە:«كۇچادا سۇي،تاڭ  سۇلاللىرى دەۋرلىرىدە غۇڭقا،راۋاپ،بالبان،يالغۇزەك،سېڭ،ناغرا،داپ،جەللە قاتارلىق 15خىل چالغۇ ئەسۋابى بار ئىدى.ھەمدە ئۇلار 15 كىشلىك ئۇركىستىر تەشكىل قىلاتتى...»دەپ دەپ يازىدۇ.«سۇينامە. مۇزىكا تەزكىرىسى»دىمۇ:« ھازىرقى سازلاردىن پىپا(باربىت)،غۇڭقا  قاتارلىقلار غەرىبى رايوندىن كەلگەن...» دىيىلگەن. زاغۇنلوقتىن قېزىۋېلىنغان غۇڭقا غەربى ئاسىيا ۋە باشقا رايونلاردىكى مۇزىكىغا ئائىت ماتىياللاردا قەيىت قىلىنغان«غۇڭقا»دىن ياسىلىش جەھەتتىن پەرىقلىنىدۇ. ئۇنىڭ ئۇستىگە زاغۇنلوقتىن قېزىۋېلىنغان غۇڭقانىڭ پۇتۇن گەۋدىسى مۇشۇ جايدىن چىقىدىغان توغراق ياغىچىدىن ئۇيۇپ ياسالغان.باش قىسمىدىكى يۈزلۈكىنىڭ گىرۋەكلىرىدە غۇڭقانىڭ يۈزلۈكىنى يېپىشقا ئىشلىتىلگەن ھايۋان تېرىسى نىڭ  قالدۇقى ۋە يۈزلۈكنى مىقلاشقا ئىشلىتىگەن يۇلغۇن مىق بىلەن بىللە ساقلىنىپ قالغان. يۇقارقى ئەھۋاللار  بۇ چالغۇنىڭ مۇشۇ جايدا(چەرچەندە)ياسالغانلىقىنى  ئىسپاتلايدۇ  .ئىلىمىزنىڭ دۇڭخۇاڭ تام رەسىملىرى ۋەسەنشى ئولكىسىنىڭ قەدىمكى ئويما ھەيكەللىرىدىكى غۇڭقا چېلىۋاتقان ئوبرازلاردىكى غۇڭقا نىڭ شەكلى ، زاغۇنلوقتىن قېزىۋىلىنغان غۇڭقانىڭ شەكلىگە ئوخششىپ كىتىدۇ. بۇ شۇنى ئىسپاتلايدۇكى، ئوتتۇرا تۇزلەڭلىك چالغۇ ئەسۋاپلىرىدىكى غۇڭقانىڭ ئەسلى ماكانى شىنجاڭ بولۇپ، ئىچكىرىگە قاچان تارقالغانلىقى تازا ئېنىق ئەمەس.بەزىلەرنىڭ ئېيتىشىچە غەربى خەن دەۋرلىرى بولىشى مۇمكىن دەپ قارايدۇ. خۇلاسە شۇكى،چەرچەن زاغۇنلوقتىن قېزىۋېلىنغان ئىككى يۇرۇش غۇڭقا چەرچەندە ياشىغان قەدىمقى ئەجداتلىرىمىز ئۆزلىرى ياساپ چىققان چالغۇ ئەسۋابى بولۇپ، دەۋرى جەھەتتىن غەربى خەن دىن خېلىلا ئىلگىرى زامانلارغا تەۋە دىيىشكە بولىدۇ(؟)چەرچەندىن تېپىلغان بۇ ئىككى يۇرۇش غۇڭقا - ئىلىمىز مۇزىكا چالغۇلىرى تارىخى بولۇپمۇ ،شىنجاڭ مۇزىكا چالغۇلىرى تارىخىدا تېپىلغۇسىز ماددى پاكىت سۈپىتىدە ئىتايىن مۇھىم تەتققات قىممىتىگە ئىگە.
                                                                                      تۈگىدى       
                                                                                                     
                          چەرچەن ناھيىلىك مەدەنىيەت ئىدارىسىدىن    تۇرسۇن  بەكرى
                         
    收藏到:Del.icio.us





كۆرىۋاتقانلار: نەپەر