كۆزىمىزنى تارىخ ئاچىدۇ،ئەقلىمىزنى ئىلمي تەپەككۇر!
  • 2010-09-22

    ۋۇجۇڭشننىڭ شىنجاڭ ئۆلكىلىك ھۈكۈمەتنىڭ رەئىسلىكىدىن قالدۇرۇلىشى ھەققىدە تەھلىل - [ئۇيغۇر تارىخى]

    3.ئۇرۇش قىلىش ۋە تېنچلىق سۆھبىتى ئېلىپ بېرىش مەسىلىسىدىكى ئىختىلاپ
    1945-يىلى جاڭ جېشى ئىلى قوزغىلاڭچىلىرىغا نىسبەتەن ئۇرۇش سېپىنى قىسقارتىش سىياسىتىنى قوللىنىپ جۇشىياۋلىياڭغا جىڭ نىڭ غەربىدىكى گومىنداڭ قوشۇنلىرىنى چىكىندۈرۈپ شىخۇنى جان تىكىپ قوغداپ قوزغىلاڭچىلارنىڭ ئۈرۈمچىگە ھۇجۇم قىلىش يولىنى توسۇشقا بۇيرۇق قىلدى.بىراق ۋۇجۇڭشىن جاڭ جېشىغا تىلىگىرامما يوللاپ جىڭ نىڭ غەربىدىكى تاغ يولىنى قوغدىمىغاندا جىڭنى ساقلاپ قالماق تەسكە توختايدۇ،جىڭ قولدىن كەتسە تەڭرى تېغىنىڭ جەنۇپ شىمالىنىڭ ھەممىسىدە غەليان كۆتۈرۈلۈپ پۈتكۈل شىنجاڭ مالىمانچىلىقتا قالىدۇ(21)د ەپ قوشۇننى چىكىندۈرمەي ئىلىغا ھۇجۇم قىلىشنى تەشەببۇس قىلىدۇ.1945-يىلى 6-ئايدا ۋۇجۇڭشىن يەنە جىياڭجېشىغا يۈزتۇرانە ھالدا«ئالدى بىلەن ئىلىنى قايتۇرۇۋېلىش پىلانىنى تۈزمەك زۆرۈردۇر،ھازىرقى بار بولغان ئەسكىرى كۈچ بىلەن مالىمانچىلىقنى باستۇرۇشقا ئاجىزلىق قىلىمىز،شۇڭلاشقا ھاۋا ئارمىيىسىنى كۈچەيتمەك زۆرۈر»(22)دە پ ئىلى مەسىلىسىنى قورال كۈچى بىلەن بىر تەرەپ قىلىش كىرەكلىگىنى يەنە بىر قېتىم تەكىتلەيدۇ.ئەمما بۇ ۋاقىتتا جىياڭجېشى ئىلى ۋەقەسىنى قورال كۈچى بىلەن بىر تەرەپ قىلىشنىڭ مۈمكىنچىلىگى يوق دىيەرلىك دەپ قاراپ تىنچ سۆھبەتلىشىش ئارقىلىق ئىلى ۋەقەسىنى ھەل قىلىش يولىنى ئىزدەۋاتاتتى،شۇڭلاشقا ۋۇجۇڭشىننىڭ تەلىۋىنى رەت قىلدى.بىراق ۋۇجۇڭشىن ئىزچىل تۈردە ئىلى ۋەقەسىنى پەقەت قورال كۈچى بىلەن تىنجىتىش كىرەك دىگەن پىكرىدە چىڭ تۇردى.
    1945-يىلى7-ئايدا گومىنداڭنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سوڭزىۋېن موسكىۋاغا بېرىپ سىتالىن بىلەن جوڭگۇ-سوۋىت ھەمكارلىق كىلىشىمى ئۈستىدە سۆھبەت ئېلىپ باردى،سۆھبەت ئارىلىغىدا سوڭزىۋېن سىتالىنغا گومىنداڭ مەركىزى ھۆكۈمىتىنىڭ شىنجاڭ مەسىلىسىنى تىنىچ يول بىلەن ھەل قىلىش ئۈچۈن ئىزدىنىۋاتقانلىغى ئېيتتى(23).سوۋىت ئىتتىپاقىمۇ شىنجاڭ مەسىلىسىنى تىنىچ يول بىلەن ھەل قىلىشقا كۈچ چىقىرىدىغانلىغى توغرىسىدا ۋەدە بەردى.سوۋىت ئىتتىپاقىنىڭ كىلىشتۈرۈشى بىلەن 1946-يىلى 1-ئايدا گومىنداڭ ھۆكۈمىتى بىلەن ئىلى قوزغىلاڭچىلىرى ئوتتۇرىسىدا تېچلىق بېتىم ئىمزالاندى.بىراق شىنجاڭ ئۆلكىلىك ھۈكۈمەتنىڭ رەئىسى ۋۇجۇڭشىن ئىككى تەرەپ ئىمزالىغان تېچلىق كىلىشىمىگە قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرۈپ چوڭ ۋەزىيەتتىكى پايدىلىق پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇ پ قوشۇننى يېڭىۋاشتىن ئورۇنلاشتۇرۇپ دەرھال قايتۇرما ھۇجۇم قىلىشنى تەشەببۇس قىلدى(24).بىراق بۇ ۋاقىتتا جىياڭجېشى ئىچكى ئۇرۇشقا تەييارلىق كۈرۈۋاتقاچقا دەرھاللا جاڭجىجۇڭ ئىمزالىغان تېچلىق كىلىشىمىگە قوشۇلىدىغانلىغىنى بىلدۈرۈپ ۋۇجۇڭشىننىڭ تەلىۋىنى رەت قىلدى.
    ۋۇجۇڭشىن بىلەن جاڭجېشى ئوتتۇرىسىدكى يۇقۇرقىدەك بىر قاتار پىكىر ئختىلاپلىرى گومىنداڭ ھۈكۈمىتىنىڭ ئىچكى قىسمىدا كۆپلىگەن زىددىيەتلەرنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىگىدىن دىرەك بېرىدۇ..گەرچە جىياڭجېشى بىلەن ۋۇجۇڭشىن ئوتتۇرىسىدا شىنجاڭ مەسىلىسىدە يۇقارقىدەك كۆپلىگەن ئىختىلاپلار مەۋجۇت بولسىمۇ ئەمما جىياڭجېشى ئەينى ۋاقىتتىكى سىياسىي ۋەزىيەتنىڭ ئېھتىياجىنى كۆزدە تۇتۇپ داۋاملىق شىنجاڭدا ۋەزىپە ئۆتىشىنى قوللاپ كەلدى،چۈنكى جاڭ جېشىنىڭ نەزىرىدە ۋۇجۇڭشىن ئەڭ ئىشەنچىلىك ئەمەلدار بولۇپ ،ئۇنىڭ سىياسى قاراشلىرى پۈتۈنلەي دىگۈدەك گومىنداڭ پارتىيىسىنىڭ مەمپەئىتىنى چىقىش قىلغان.
    ۋۇجۇڭشىن شىنجاڭدا ئۆلكە رەئىسى بولۇپ تۇرغان بىر يىل ئالتە ئاي ئىچىدە ئارقا-ئارقىدىن ئۈچ قېتىم ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا سوراپ مەركىزى ھۈكۈمەتكە مەكتۇپ يوللىغان.
    ۋۇجۇڭشىن شىنجاڭ ئۆلكىلىك ھۈكۈمەتنىڭ رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى تاپشۇرۇۋېلىپ بىر ئايدىن كىيىن ئىلى قوزغىلىڭى پارتلاپ ۋەزىيەت شىنجاڭدىكى گومىنداڭ ئارمىيىسىگە پايدىسىز ھالەت شەكىللەندى.ۋۇجۇڭشىن ئىلى قوزغىلاڭچىلىرىنى قوراللىق باستۇرۇش سىياسىتىنى ئىزچىل تەشەببۇس قىلىپ كەلگەچكە ۋەزىيەت قاتمال ھالەتكە چۈشۈپ قالدى.ئىلى قوزغىلىڭى سوۋىت ئىتتىپاقىنىڭ قوللىشىغا ئىرىشكەچكە (25) ناھايىتى تىزلا ئىلىدىكى گومىنداڭ ئارمىيىسى سەپ بويىچە يوقىتىلدى.ئىلىدىكى مەغلۇبىيەت ئەلۋەتتە ۋۇجۇڭشىنگە قاتتىق زەربە بولدى دەل مۇشۇ ۋاقىتتا ۋۇجۇڭشىن سوۋىت ئىتتىپاقىنىڭ شىنجاڭ ئۆلكىلىك ھۈكۈمەتتىن نارازى ئىكەنلىگى يەنى ئۆلكىلىك ھۈكۈمەت رەھبەرلىرىنىڭ سوۋىت ھاكىمىيىتىگە دۈشمەنلىك پوزىتسىيە تۇتقانلىق سەۋەبىدىن ۋەزىيەتنىڭ قالايمىقانلىشىپ كەتكەنلىگى ھەققىدىكى خەۋەرنىڭ تارقىلىپ يۈرگەنلىگىدىن ۋاقىپلاندى (26).بۇ ۋۇجۇڭشىننىڭ سوۋىت ئىتتىپاقى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنىڭ يىرىكلەشكەنلىگىدىن دېرەك بىرەتتى.شۇنىڭ بىلەن ۋۇجۇڭشىن ئۆلكىلىك ھۈكۈمەتنى ئۆزگەرتڭپ تەشكىللەپ سوۋىت ئىتتىپاقى قۇبۇل قىلالايدىغان بىرسىنى رەئىس قىلىش كىرەك(27) دىگەن مەزمۇندا جاڭ جېشىغا مەكتۇپ يوللاپ ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا سورىدى.ئۆلكىلىك ھۈكۈمەتتىكى بىر قىسىم ئەمەلدارلارمۇ ۋۇجۇڭشىننىڭ ئومۇملىقنى كۆزلەپ ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا سورىغانلىغىغا گۇۋاھلىق بېرىپ مەركىزى ھۈكۈمەتنىڭ تەستىقلىشىنى تەلەپ قىلىشتى.ئەمما جاڭ جېشى ئۆلكىلىك ھۈكۈمەتنى ئۆزگەرتىپ تەشكىللەش مەسىلىسىدە بىر قارارغا كىلەلمەي ۋۇجۇڭشىننىڭ ئىلتىماسىنى رەت قىلدى.ۋۇجۇڭشىننىڭ بۇ قېتىم ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا سورىشى ئەمىلىيەتتە ئۇنىڭ شىنجاڭدا يولغا قويغان يەرلىك سىياسىتى ۋە دىپلوماتىيە سىياسىتىنىڭ مەغلۇپ بولغانلىقىدىن دېرەك بىرەتتى.
    ۋۇجۇڭشىن 1945-يىلى 5-ئايدا ئىككىنچى قېتىم ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا سورىغان.ئەينى ۋاقىتتا ۋۇجۇڭشىن چوڭچىڭدا گومىنداڭنىڭ 6-قۇرۇلتىيىغا قاتنىشىۋاتقان بولۇپ ،ئۇ قۇرۇلتايدا گومىنداڭ مەركىزى ھۆكۈمىتىدىكى بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ شىنجاڭدا ھەربى ئىشلار بىلەن مەمۇرىيەتنى بىرلەشتۈرۈشنى تەشەببۇس قىلغانلىغىدىن خەۋەر تاپقان.شۇنىڭ بىلەن ئۇ شىنجاڭغا قايتىپ كەلگەندىن كىيىن 8-ئۇرۇش رايۇنىنىڭ قوماندانى جۇشىياۋلىياڭ بىلەن مەسلەھەتلىشىپ«شىنجاڭدا ھەربى ئىشلار بىلەن مەمۇرى ئىشلارنى بىرلىككە كەلتۈرۈش،ئۆلكىلىك ھۈكۈمەتنى ئۆزگەرتىپ تەشكىللەش لازىم،شۇندىلا ۋەزىيەتكە دەلمۇ-دەل بىمالال تاقابىل تۇرالايمىز،مىنىڭ شىنجاڭدا يەنە قېلىش ئويۇم يوق،ئەمدى قېلىشنىڭمۇ ھاجىتى يوق،ئىقتىدارلىق بىرىنى ئۇرۇنلاشتۇرۇشنى ئۈتۈنىمەن،بۇ يەنىلا شىنجاڭنىڭ ئومۇمى ۋەزىيىتىنى كۆزدە تۇتقىنىم،ھەرگىزمۇ مەسئۇلىيەتتىن قاچقانلىقىم ئەمەس،زۇڭتۇڭنىڭ مىنى چۈشۈنىشىنى ئۈمىت قىلىمەن»(28)د ەپ جاڭ جېشىغا مەكتۇپ يوللىدى.جاڭ جېشى ۋۇجۇڭشىننىڭ ئىستىپانامىسىگە يەنە ئېتىبار قىلماي داۋاملىق شىنجاڭدىكى ۋەزىيەتتنىڭ تەرەرققىياتىنى كۈزىتىۋاتقان ۋاقىتتا ئامىرىكا تەرەپ گومىنداڭنىڭ دىپلوماتىيە ئەمەلدارى سوڭزىۋېىنگە سوۋىت ئىتتىپاقىنىڭ شىنجاڭدا زىمىن تەلىۋىنىڭ يوقلىغى ھەم شىنجاڭدىكى قاتمال ۋەزىيەتنى تۈزەشكە ياردەم بېرىشكە رازى ئىكەنلىگىنى ئۇختۇردى(29).سوۋىت ئىتتىپاقىنىڭ ئىلى تەرەپ بىلەن گومىنداڭ تەرەپ ئوتتۇرىسىدا كىلىشتۈرگىچى بولۇش ئويىنىڭ بارلىغى شىنجاڭ مەسىلىسىنى تىنىچ يول بىلەن ھەل قىلىش قەدىمىنىڭ بېسىلغانلىغىدىن دىرەك بىرەتتى،شۇڭلاشقا جاڭ جېشى شىنجاڭدا ئۆلكىلىك ھۈكۈمەتنى ئۆزگەرتىپ تەشكىل قىلىشنىڭ ھاجىتى قالمىدى دەپ قاراپ ۋۇجۇڭشىنغا شىنجاڭدىكى بارلىق ئىشلارغا داۋاملىق تۈردە رىياسەتچىلىك قىلىش توغرىسىدا بۇيرۇق چۇشۇرۇپ ۋۇجۇڭشىننىڭ ئىستىپانامىسىنى يەنە رەت قىلدى.ۋۇجۇڭشىن داۋاملىق تۈردە جاڭ جىجۇڭنى غەربى شىمال مەمۇرى مەھكىمىنىڭ مۇدىرى قوشۇمچە شىنجاڭنىڭ ئۆلكە رەئىسىي قىلىپ شىنجاڭ مەسىلىسىنى تىنىچلىق يولى بىلەن ھەل قىلىشقا يول ھازىرلاش كىرەكلىگىنى تەكىتلەپ داۋاملىق تۈردە ۋەزىپىسىدىن ئايرىلىشقا رۇخسەت قىلىشنى ئۆتۈندى،ئەمما جاڭ جېشى جاڭ جىجۇڭنىڭ مەركىزى ھۈكۈمەتتىن ئايرىلالمايدىغانلىغىنى ئېيتىپ ۋۇجۇڭشىننىڭ ئىلتىماسىنى يەنە رەت قىلدى.ۋۇجۇڭشىننىڭ بۇ قېتىم ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا سورىشى ۋەزىيەتنىڭ تەقەززاسى بولۇپ شىنجاڭدا تېنىچلىق سۆھبىتى ئېلىپ بېرىلسا ۋۇجۇڭشىننىڭ سۆھبەتكە قاتنىشتۇرۇلماسلىق مۈمكىنچىلىگى بار ئىدى،چۈنكى ۋۇجۇڭشىننىڭ ئۈچ ۋىلايەت تەرەپ بىلەن سۆھبەت ئېلىپ بېرىش ئويى يوق بولۇپ ئۇنىڭ ئۈستىگە سۆھبەتتە ھەل قىلغۇچ رول ئوينايدىغان سوۋىت ئىتتىپاقى تەرەپمۇ ۋۇجۇڭشىننى بىر توسالغۇ دەپ قارايتتى.ۋۇجۇڭشىن ئۆزىمۇ بۇ نۇقتىنى تۇلۇق چۈشۈنۈپ يەتكەچكە مەركىزى ھۆكۈمەتكە توختىماي مەكتۇپ يوللاپ شىنجاڭدىن يۆتكىلىپ كىتىشنى تەلەپ قىلغان.بۇ ۋۇجۇڭشىننىڭ ئىككىنچى قېتىم ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا سورىشى ئىدى.
    ۋۇجۇڭشىننىڭ ئۈچۈنچى قېتىم ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا سورىشى 1945-يىلىنىڭ ئاخىرلىرى يەنى 9-ئايداجاڭجىجۇڭ نىڭ ئۈرۈمچىگە كىلىشى ۋە ئۈرۈمچىدىكى سوۋىت كونسىلى بىلەن كۈرۈشۈپ شىنجاڭ مەسىلىسىنى تىنىچ يول بىلەن قىلىشقا تەرەددۈت قىلىۋاتقان مەزگىلگە توغرا كەلدى.شىنجاڭدا تىنىچلىق سۆھبىتىنىڭ مۈمكىنچىلىگى بارغانسىرى روشەنلىشىۋاتقان مەزگىلدە ۋۇجۇڭشىن يەنە بىر قېتىم ۋەزىپىسىدىن ئايرىلىشنى تەلەپ قىلىپ ئستىپا سورىدى.9-ئاينىڭ 23-كۈنى ۋۇجۇڭشىن جاڭجىجۇڭغا «ھازىر شىنجاڭ مەسىلىسى مەيلى ئۇرۇش يولى بىلەن ياكى تىنچلىق يولى بىلەن ھەل قىلىنسۇن مىنىڭ يەنە تۇرۇۋېرىشىمنىڭ ھاجىتى يوق،ھەربىي،دىپلوماتىيە ئىشلىرى ماڭا مۇھتاج ئەمەس،مەن سىياسى جەھەتتىكى ئىقتىدارىمنى ئۆتەپ بولدۇم،ياخشىسى ھەربىي ۋە دىپلۇماتىيەگ پىششىق بولغان مۇۋاپىق بىرسى خىزمەتكە مەسۇل بولسا»(30)دىگەن مەزمۇندا دوكلات يوللىدى. ئەمما ئۇنىڭ ئىستىپانامىسى تاكى تىنچلىق بېتىمى ئىمزالانغانغا قەدەر ئىتىبارغا ئېلىنمىدى.1946-يىلى 2-ئاينىڭ 10-كۈنى ۋۇجۇڭشىن جاڭ جىجۇڭغا«ھازىر قارشى تەرەپ بىزنى باپلاش ئۈچۈن سۈيىقەست پىلانلاۋاتىدۇ،مەركەز يەنىلا كەينىگە سۆرەش،قاراپ بېقىش پوزىتسىيىسىنى تۇتۇپ،مىنىڭ بەرگەن تەكلىپلىرىمنى قۇبۇل قىلمىسا....بەكمۇ ئۈمۈتسىزلەندۈرۈدۇ.ناۋادا 3-ئاينىڭ 1-كۈنىگىچە مەركەز بىر قارارغا كىلەلمەي،مىنى بۇ يەردە ئېسىپ قويسا،مەن ئاغرىپ قالدىم دىگەن سەۋەبنى كۆرسىتىپ تىلىگىرامما ئارقىلىق رۇخسەت سوراپ،شىنجىياڭدا خىلۋەت بىر جاينى تاللاپ،ھېچ ئىشقا ئارىلاشماستىن قۇلۇقىمنى يۇپۇرۇپ ئارام ئالماقتىن باشقا چارە قالمىدى»(31) دە پ تىلىگىرامما ئەۋەتتى.ۋۇجۇڭشىن ئىزچىل ھالدا مەركەزگە ئىلى قوزغىلاڭچىلىرىنى قورال كۈچى بىلەن باستۇرۇش تەكلىۋىنى بېرىپ كەلگەن ئىدى،تىنچلىق سۆھبىتىنىڭ بىرىنچى قېتىملىق باسقۇچى ئاياقلىشىپ بېتىم تۈزۈلگەندىن كىيىن ۋۇجۇڭشىن بېتىمدىكى ماددىلارغا نارازى بولغان ئىدى بولۇپمۇ ئۇ جاڭ جىجۇڭنىڭ ئۈچ ۋىلايەت تەرەپكە يول قويغانلىدىن بەكلا نارازى بولغان ئىدى،ئۇ ئۈزىنىڭ خاتىرىسىگە«ئىلى توپىلىڭىدىن بۇيان بىزنىڭ نۇرغۇنلىغان ئوفىتسىر جەڭچىلىرىمىز ۋە قېرىنداشلىرىمىز قۇربان بولدى،بۇ ئىنتىقامنى ئالماي تۇرۇپ ئەكسىچە توپىلاڭچىلار بىلەن سۈلھى قىلىش تولىمۇ نۇمۇسسىزلىق»(32)دەپ يازغان بولۇپ ئۇ ئىلى قوزغىلاڭچىلىرىغا ئىزچىل ئۆچمەنلىك قىلىپ كەلگەن .شۇڭا بۇ قېتىم ۋۇجۇڭشىننىڭ ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا سوراش ئىرادىسى ناھايىتى قەتئى بولۇپ گومىنداڭ مەركىزى ھۈكۈمىتىمۇ بۇ قېتىمقى ئىستىپانامىغا ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلدى.ۋۇجۇڭشىننىڭ ئارقا-ئارقىدىن تىلىگىرامما ئەۋەتىپ سۈيلىشى ۋە ۋەزىيەتنىڭ تەقەززاسى بىلەن چوڭچىڭ شىنجاڭنىڭ كادىرلار ئىشىنى تەڭشەشكە پائال كىرىشىپ ۋۇجۇڭشىننىڭ ئىستىپاسىنى تەستىقلاپ ئۇنىڭ ئورنىغا جاڭ جىجۇڭنى غەربىي شىمال مەمۇرى مەھكىمىنىڭ مۇدىرى قۇشۇمچە شىنجاڭ ئۆلكىسىنىڭ رەئىسى قىلىپ تەيىنلىدى.3-ئاينىڭ 1-كۈنى ۋۇجۇڭشىن شىنجاڭدىن ئايرىلدى.
    ۋۇجۇڭشىن شىنجاڭدا ھاكىمىيەت تۇتقان بىر يىل ئالتە ئاي دەل شىنجاڭدا ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلاۋى پارتلاپ ۋە تىنچلىق بېتىم ئىمزالانغان دەۋر بولۇپ تىنىچلىق بېتىمنىڭ ئىمزالىنىشى گومىنداڭ مەركىزى ھۈكۈمىتىنىڭ شىنجاڭدا يولغا قويغان سىياسىتىنىڭ مەغلۇبىيەت بىلەن ئاخىرلاشقانلىغىدىن دىرەك بېرىدۇ بۇنى ئالۋەتتە خەلىقئارالىق سىياسى مۇھىتنىڭ تەسىرىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ.شىنجاڭ مەسىلىسىدە ۋۇجۇڭشىن بىلەن جاڭجېشى باشچىلىغىدىكى گومىنداڭ مەركىزى ھۈكۈمىتى ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن ئىختىلاپ ۋۇجۇڭشىننىڭ خىزمىتىدىن ئىستىپا سورىشىدىكى مۇھىم سەۋەپلەرنىڭ بىرى بولۇپ ئۇنىڭدىن باشقا ۋۇجۇڭشىننىڭ شەخسىي مۇدداسىمۇ ۋاستىلىق رول ئوينىغان.شۇنىڭدىن كىيىن خەلىقئارادىكى كۈچلۈك دۆلەتلەر شىنجاڭنىڭ سىياسى مۇھىتىغا تەسىر كۆرسىتىپ تۇرغاچقا تاكى 1949-يىلىغىچە شىنجاڭ ئۇرۇشمۇ بولمىغان تېچلىقمۇ بولمىغان ۋەزىيەتتە دۋالغۇپ تۇرغان.
    ئىزاھاتلار:
    (1)(2)(3)(7)(17)(28)(31)«شىنجاڭنىڭ قىسقىچە تارىخى»3-توم،1984-يىللىق ئۇيغۇرچە نەشىر.594،631،632،710،726،819،821-بەتلەر.
    (4)(26)خۇاڭ جىيەنخۇا«ۋۇجۇڭشىننىڭ ئىستىپا سورىشى ھەم ئۇنىڭ سەۋەپلىرى»،«قەشقەر پىداگۇكا ئىلمى ژورنىلى»1996-يىللىق خەنزۇچە1-سان .21-22-بەتلەر.
    (5)«جاڭ جىجۇڭ ئەسلىمىسى»،1985-يىللىق خەنزۇچە نەشىر 2-قىسىم،419-بەت.
    (6)ۋۇجۇڭشىن«شىنجاڭغا رەئىس بولغان كۈنلىرىمدىن خاتىرە»،مىنگونىڭ33-يىلى(1944)8-ئاينىڭ 12-كۈنى.
    (8)(9)(10)(12)خۇاڭ جىيەنخۇا«گومىنداڭ ھۆكۈمىتىنىڭ شىنجاڭ سىياسىتى ئۈستىدە تەتقىقات»2000-يىللىق خەنزۇچە نەشىر125،126-بەتلەر.
    (11)(13)(14)(16)(19)خۇاڭ جىيەنخۇا«ۋۇجۇڭشىن بىلەن جاڭجېشىنىڭ شىنجاڭ مەسىلىسى ئۈستىدىكى ئىختىلاپ»،«شىنجاڭ ئۇنۋىرسىتى ئىلمى ژورنىلى»1999-يىللىق خەنزۇچە 4-سان62،63-بەتلەر.
    (15)ۋۇجۇڭشىن«شىنجاڭغا رەئىس بولغان كۈنلىرىمدىن خاتىرە»،مىنگۇنىڭ 34-يىلى(1945)2-ئاينىڭ 13-كۈنى.
    (18)يۇقارقى ئىزاھات بىلەن ئوخشاش،مىنگۇنىڭ34-يىلى(1945)6-ئاينىڭ 18-كۈنى.
    (20)(29)«
    Under the Soviet Shadow the Yining Incident»David.Wang
    The Chinese University of Hongkong1999
    169,221
    Page
    (21)ۋۇجۇڭشىن«شىنجاڭغا رەئىس بولغان كۈنلىرىمدىن خاتىرە»مىنگونىڭ34-يىلى(1945)2-ئاينىڭ 19-كۈنى.
    (22)يۇقارقى ئىزاھات بىلەن ئوخشاش،مىنگۇنىڭ34-يىلى(1945)6-ئاينىڭ 15-كۈنى.
    (23)
    David D.Wang:Clouds Over Tianshan
    Nordic Institute of Asian Studies 1999 press,35page
    (24)ۋۇجۇڭشىن«شىنجاڭغا رەئىس بولغان كۈنلىرىمدىن خاتىرە»مىنگونىڭ35-يىلى(1946)1-ئاينىڭ2-كۈنى.
    (27)يۇقارقى ئىزاھات بىلەن ئوخشاشمىنگونىڭ35-يىلى(1946)2-ئاينىڭ 9-كۈنى.
    (30)(32) يۇقارقى ئىزاھات بىلەن ئوخشاش مىنگونىڭ35-يىلى(1946)1-ئاينىڭ4-كۈنى.


    收藏到:Del.icio.us




كۆرىۋاتقانلار: نەپەر