كۆزىمىزنى تارىخ ئاچىدۇ،ئەقلىمىزنى ئىلمي تەپەككۇر!

نەبىجان تۇرسۇن

19-ئەسىردىكى ياقۇپبەگ رەھبەرلىكىدە قۇرۇلغان قەشقەرىيە دۆلىتىنىڭ تاشقى سىياسىتىنى تەتقىق قىلىش رۇسىيە تارىخچىلىرىنىڭ نەزىرىدىكى مۇھىم تېما، بۇ رۇسىيە دىپلوماتىيە تارىخىنىڭ مۇھىم بىر قىسمىدۇر.
رۇسىيىنىڭ بارنائۇل شەھىرىگە جايلاشقان پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىدا مەخسۇس ئۇيغۇر تارىخىنى تەتقىق قىلىدىغان بىر گۇرۇپپا ئالىملار ئىلمىي پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللانماقتا. ئەنە شۇلارنىڭ بىرى پروفېسسور بورىس مايسېيېۋ بولۇپ، ئۇ ئۆزىنىڭ ئاساسلىق تەتقىقاتىنى 18-19-ئەسىرلەردىكى ئۇيغۇر تارىخى جۈملىدىن مەنچىڭ سۇلالىسىنىڭ شىنجاڭغا قاراتقان سىياسىتىنى تەتقىق قىلىشقا قاراتقان. يېقىندا ئۇ ياقۇپبەگ رەھبەرلىكىدىكى يەتتە شەھەر دۆلىتىنىڭ رۇسىيە بىلەن ئېلىپ بارغان دىپلوماتىيىلىك مۇناسىۋەتلىرى ھەققىدە بىر پارچە ماقالە ئېلان قىلغان.

ياقۇپبەگ ئۆز دەۋرىنىڭ ماھىر دىپلوماتى

18-
ئەسىرنىڭ 50-يىللىرىدا مەنچىڭ ئىمپېرىيىسى تارىم ۋادىسىنى ئىشغال قىلغاندىن كېيىن ، ئالدى بىلەن 1765-يىلى ئۇچتۇرپان خەلقى قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ، مەنچىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى ئاغدۇرۇپ تاشلىغان بولسىمۇ، لېكىن ئالتە ئايغا سوزۇلغان قارشىلىقلار قانلىق باستۇرۇلدى.
شۇنىڭدىن تەخمىنەن 60 يىللار ئۆتكەندىن كېيىن ، پۈتۈن شىنجاڭ قايتىدىن قوزغىلاڭ ئوتلىرى بىلەن قاپلىنىپ، 19-ئەسىرنىڭ 60-يىللىرىدا ئىلگىرى كېيىن ئىلى، كۇچار، خوتەن ، قەشقەر قاتارلىق جايلاردا مۇستەقىل ھاكىمىيەتلەر مەيدانغا كەلدى. 1865-يىلى قوقەندتىكى پىدايىلارنى باشلاپ كەلگەن ياقۇپبەگ قەشقەر قوزغىلاڭچىلىرىغا رەھبەرلىك قىلىش بىلەن ئىلگىرى كېيىن كۇچار، خوتەن قاتارلىق جايلارنى بىرلىككە كەلتۈردى ھەمدە ئۆزىنى " بەدۆلەت" دەپ ئېلان قىلدى.
ياقۇپبەگ رەھبەرلىكىدىكى بۇ ھاكىمىيەت تارىختا قەشقەرىيە دۆلىتى ياكى يەتتە شەھەر دۆلىتى دېگەندەك ناملار بىلەن ئاتىلىدۇ. ياقۇپبەگ قوشۇنى ئۈزلۈكسىز تۈردە غەلىبىلىك جەڭ قىلىپ، ئۈرۈمچىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھالدا ماناس، قۇتۇبى قاتارلىق جايلارغىچە يېتىپ كېلىش بىلەن ئەينى ۋاقىتتا ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئەڭ چوڭ ۋە قۇدرەتلىك مەملىكەتلەرنىڭ بىرىگە ئايلىنىشقا قاراپ يۈزلەنگەن.
ياقۇپبەگ ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن ئون نەچچە يىل ئىچىدە بىر قاتار ئىچكى ۋە تاشقى سىياسەتلەرنى يۈرگۈزگەن بولۇپ، ئۇ بىر تەرەپتىن ئەنگىلىيە بىلەن يەنە بىر تەرەپتىن چار رۇسىيە بىلەن ھەم ئوسمانلى ئىمپېرىيىسى بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلەر ئورنىتىپ، ئەينى ۋاقىتتىكى چوڭ ئىمپېرىيىلەر ئارىسىدا ماھىرلىق بىلەن دىپلوماتىك ئويۇن ئويناشقا مۇۋەپپەق بولدى. ئەنە شۇ سەۋەبلەردىن رۇسىيە ئالىملىرى ياقۇپبەگ ھاكىمىيىتى ئۈستىدىكى تەتقىقاتلارغا ئالاھىدە ئېتىبار بەرگەن.

رۇس ئالىمىنىڭ قارىشىچە، ياقۇپبەگ ئىسلام ئامىلىدىن پايدىلاندى

رۇسىيىنىڭ بارنائۇل ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى بورىس مايسېيېۋنىڭ يېزىشىچە، ياقۇپبەگ ئۆز ھاكىمىيىتىنى تىكلەشتە ئىسلام ئامىلىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلانغان بولۇپ، رۇسىيىنىڭ 19-ئەسىرنىڭ بىرىنچى يېرىمىدا قازاقىستان ۋە ئوتتۇرا ئاسىياغا كېڭىيىپ، قوقەنت خانلىقى ئۈستىدىن ھۆكۈمرانلىق ئورنىتىشى ئوتتۇرا ئاسىيا خانلىرىنىڭ كۈچلىرىنى خېلىلا ئاجىزلاتتى. بۇنىڭ ئەكسىچە، مەزكۇر مەزگىلدە شىنجاڭدا يەتتە شەھەر دۆلىتىنى قۇرغان ياقۇپبەگ ئۆز ئەھۋالىنى زور دەرىجىدە كۈچلەندۈردى. قەشقەر ھۆكۈمرانى پۇختا ئاساسلىق ، كۈچلۈك دۆلەت قۇرۇش ئۈچۈن بىرلىككە كەلگەن ئىدىيە بولۇش لازىملىقىنى تونۇپ يېتىپ، بۇنىڭ ئۈچۈن ئىسلامنى تاللىۋالدى.
رۇس پروفېسسورىنىڭ بايان قىلىشىچە، ياقۇپبەگ يەرلىك خەلقنىڭ دىنىي داھىيسى ھېسابلىنىدىغان جاھانگىر غوجىنىڭ ئوغلى بۇزرۇكۋار غوجىدىن پايدىلىنىپ، ئۇيغۇرلارنى بىرلىككە كەلتۈرۈشكە ئېرىشتى. گەرچە ، قارىماققا ھاكىمىيەت بۇزرۇكۋار غوجىنىڭ قولىدا بولغاندەك كۆرۈنسىمۇ، ئەمەلىيەتتە پۈتۈن ئەمەلىي ھوقۇق ياقۇپبەگنىڭ قولىغا مەركەزلەشكەن بولۇپ، كېيىنچە ئۇ بۇزرۇكۋار غوجىنى ھەرەمگە ھەجگە ئەۋەتىۋەتكەندىن كېيىن دەرھال ئۆزىنى قەشقەرىيە دۆلىتىنىڭ ئالىي رەھبىرى دەپ ئېلان قىلدى.
ئاپتورنىڭ يېزىشىچە، ئەينى ۋاقىتتا رۇسىيىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىياغا بېسىم قىلىشى بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىدە كرىزىس پەيدا بولدى. مانا مۇشۇنداق ئەھۋال ئاستىدا ياقۇپبەگ مەنچىڭ قوشۇنلىرىنى مەغلۇپ قىلىپ، مۇستەقىل ئىسلامىي دۆلەت قۇرۇپ، مۇسۇلمانلارنى بىرلىككە كەلتۈرەلەيدىغان بىر شەخس سۈپىتىدە كىشىلەرنىڭ كۆز ئالدىدا پەيدا بولدى. بۇنىڭ نەتىجىسىدە ياقۇپبەگ ئۆز قوشۇنلىرىنى ئەتراپتىكى قوقەنت، بۇخارا، خىۋە قاتارلىق جايلاردىن كەلگەن پىدائىيلار بىلەن تولۇقلاشقا ئېرىشتى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە رۇسىيىگە قارشى ئىتتىپاق شەكىللىنىش ئىمكانىيىتى تۇغۇلۇپ، ئۇ ئوتتۇرا ئاسىيا خانلىرىغا ھەتتە ئوسمانلى سۇلتانىغا رۇسىيىگە بىرلىكتە قارشى تۇرۇش تەكلىپلىرى بېرىپ، ئوسمانلى سۇلتانى تەرىپىدىن ئاتاقلىق غازى دېگەن نامغا سازاۋەر بولغان.
رۇسىيە تارىخچىسى مايسېيېۋنىڭ كۆرسىتىشىچە، ياقۇپبەگنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا مۇسۇلمانلىرى ئارىسىدا مۇنداق زور ئابرويىنىڭ ئېشىشى رۇسىيىنى بىئارام قىلىپ، رۇسىيە ھاكىمىيەت قاتلىمىدا ئۇنىڭ ئىسلام ئىدېئولوگىيىسى بىلەن قوراللانغان قۇدرەتلىك مۇسۇلمان دۆلىتى قۇرۇپ، پۈتۈن ئوتتۇرا ئاسىيا مۇسۇلمانلىرىنىڭ مەركىزىگە ئايلىنىشى چۈشەنچىسى پەيدا قىلدى. ياقۇپبەگنىڭ مۇنداق مۇسۇلمانلار ئارىسىدا زور ئابرويغا ئېرىشىپ، مۇۋەپپەقىيەتلىك ئىچكى-تاشقى سىياسەت ئېلىپ بېرىشى رۇسىيە ھۆكۈمىتى ئۈچۈن بەك خەتەرلىك تۇيۇلدى.

رۇسىيە ياقۇپبەگنىڭ پۈتۈن مۇسۇلمانلارنى بىرلەشتۈرۈشىدىن ئەندىشە قىلدى

ئاپتورنىڭ قارىشىچە، رۇسىيە ھۆكۈمىتىنى بىئارام قىلغان نۇقتا ياقۇپبەگنىڭ مۇسۇلمان ھۆكۈمرانلىرى بىلەن بىرلىشىپ، رۇسىيىگە قارشى ھەربىي ئىتتىپاق قۇرۇشقا ھەرىكەت قىلىشى بولۇپ، بۇ نۇقتا قەشقەرىيە-رۇسىيە مۇناسىۋەتلىرىنى جىددىيلەشتۈرۈۋەتتى. تۈركىستان گۇبېرناتورى كافمان ياقۇپبەگنىڭ ئۆزىنى " مۇسۇلمانلارنىڭ قوغدىغۇچىسى" دەپ ئاتاپ قوقەنت خانى خۇدايار خانغا يازغان خېتىنى قولغا چۈشۈرگەندىن كېيىن قەشقەرىيە-رۇسىيە مۇناسىۋەتلىرى تېخىمۇ جىددىيلىشىپ كەتكەن. ئەنە شۇنىڭ نەتىجىسىدە رۇسىيە چېگرا ئورگانلىرى يەتتە شەھەرگە ھۇجۇم قىلىپ، ياقۇپبەگنى يوقىتىش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلدى. ئەمما رۇسىيە ھۆكۈمىتى ئۆزى يېڭى بېسىۋالغان ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ ئارىسىدىكى ياقۇپبەگ تەسىرىدىن ئەندىشە قىلىپ ، تىنچلىق بىلەن مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن قەشقەرگە دىپلوماتىيە ئەلچىلىرىنى ئەۋەتىپ، سودا كېلىشىمى تۈزدى.
ئاپتور بايانلىرىنى داۋاملاشتۇرۇپ توۋەندىكىدەك نۇقتىلارنى تەكىتلەيدۇ؛ رۇسىيە ھۆكۈمىتى ياقۇپبەگنىڭ كۈچلۈك مۇسۇلمان دۆلىتى قۇرالاش-قۇرالماسلىق مەسىلىسىگە گۇمان بىلەن قارىغان بولۇپ، پەقەت 1876-1877-يىلى كروپاتكىن قەشقەرىيىنى زىيارەت قىلغاندىن كېيىنلا ياقۇپبەگنىڭ پۈتۈن مۇسۇلمانلارنى بىرلىككە كەلتۈرگەن قۇدرەتلىك مۇسۇلمان دۆلىتى قۇرۇشقا قادىر ئەمەسلىكىگە ئىشەندى. چار پادىشاھنىڭ مەخسۇس ئەلچىسى كروپاتكىن بۇ قېتىملىق زىيارەت ئارقىلىق قەشقەرىيىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىنى، ئۇنىڭ كۈچىنىڭ ھەددىدىن زىيادە كۆپتۈرىۋېتىلگەنلىكىنى بىلىۋالدى.

قەشقەرىيىنىڭ يىمىرىلىشىدىكى سەۋەبلەرنىڭ بىرى -ئىچكى سىياسەتتىكى يېتەرسىزلىكلەر


رۇس تارىخچىسى مايسېيېۋ ياقۇپبەگ دۆلىتىنىڭ ئاسان يىمىرىلىپ كېتىشىدىكى ئىچكى ئامىللار مەسىلىسى ھەققىدە توختىلىپ، گەرچە ياقۇپبەگنىڭ ئىسلام دىنى قوغداشنى كۈچەپ تەشۋىق قىلسىمۇ، بىراق ئۇ ھاكىمىيەتكە چىققاندىن باشلاپ، يەرلىك خەلقلەر ئارىسىدا ئەنئەنىۋى ئاساسقا ئىگە بىر قانچە يەرلىك ھۆكۈمرانلارنى يوقاتقانلىقى، ئۇيغۇر خەلقى ئۈچۈن ئەڭ ھۆرمەتلىك ھېسابلىنىدىغان بۇزرۇكۋار غوجىنى ھاكىمىيەتتىن يىراقلاشتۇرغانلىقى شۇنىڭدەك ئۇنىڭ يەر بېجى سىياسىتى ھەمدە يەتتە شەھەر ئۇيغۇر خەلقى ئۈستىدىن ئېلىپ بارغان بەزى دىنىي تۈزۈملىرىنىڭ خەلقنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. قىسقىسى ئاپتورنىڭ قارىشىچە، ياقۇپبەگنىڭ ئەنە شۇنداق بىر قاتار يېتەرسىز تەرەپلىرى ئاستا-ئاستا يەرلىك خەلقنىڭ ئۇنىڭغا بولغان ئىشەنچىسىنى ئاجىزلىتىپ قويدى.

مۇتەخەسىسلەرنىڭ يەكۈنلىرى


بىر قىسىم مۇتەخەسىسلەر تەتقىقاتىدا  ياقۇپبەگ قەشقەرىيىنىڭ مەنچىڭغا قارشى كۈرەش تارىخىدىكى شانلىق نامايەندە بولسىمۇ، بىراق ياقۇپبەگنىڭ توغرا ئىچكى سىياسەت يۈرگۈزەلمەسلىكى شۇنىڭدەك مەنچىڭ ئىمپېرىيىسىگە قارشى ئۇرۇش قىلماي، ئۇنىڭ بىلەن سۇلھى يولىنى تۇتۇشىنىڭ ئاقىۋەتتە، مەزكۇر دۆلەتنىڭ يوق قىلىنىشىغا سەۋەب بولغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى.
رۇس ئالىمى بورىس مايسېيېۋنىڭ يەكۈنىچە، ياقۇپبەگ ئۆزىنىڭ مۇسۇلمانلارنىڭ رەھبىرى بولۇشتەك ئوبرازىدىن پايدىلىنىپ رۇسىيە ۋە ئەنگلىيە قاتارلىق قۇدرەتلىك دۆلەتلەرنىڭ يەتتە شەھەرنىڭ مۇستەقىللىقىنى ئېتىراپ قىلىشىنى قولغا كەلتۈرۈشكە تىرىشتى ھەم بۇنىڭغا مەلۇم دەرىجىدە ئېرىشىپ، مەزكۇر دۆلەتلەر بىلەن سودا كېلىشىملىرى تۈزدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە غەرب ئەللىرىدە ئارىسىدا مەۋجۇت بولغان ياقۇپبەگ قۇرغان دۆلەتنىڭ قۇدرەتلىك مۇسۇلمان دۆلىتى ئىكەنلىكى ھەققىدىكى ئويدۇرمىلارمۇ تەڭ يوق بولدى.


نەبىجان تۇرسۇن

 


收藏到:Del.icio.us