كۆزىمىزنى تارىخ ئاچىدۇ،ئەقلىمىزنى ئىلمي تەپەككۇر!
  • 2010-09-23

    كروران قەدىمى شەھىرىنى تىرىلدۈرگەن كىشى - ئۆردەك - [ئۇيغۇر تارىخى]

          مىلادىيە 1900 - يىلى 3 - ئاينىڭ 28 - كۈنى پەۋقۇلئاددە بىر سەۋەب تۈپەيلىدىن ، قۇم ، توپا ئاستىغا كۆمۈلۈپ ، غايىب بولغىنىغا 1500 يىلدىن ئاشقان كروران قەدىمىي شەھىرىنىڭ بايقىلىشى شۋېتسىيىلىك جۇغراپىيون ، ئېكسپېدىتسىيىچى سىۋېن ھېدىن ( 1865 - 1952 )نى بىراقلا دۇنيا ئىلىم - پەن مۇنبىرىنىڭ ئەڭ سەلتەنەتلىك تەختىگە چىقاردى . بىراق كروران شەھەر خارابىسىنى تۇنجى بولۇپ بايقىغان ، بىر چەت ئەللىك ئالىمنىڭ دۇنياۋى شان - شۆھرەتكە ئېرىشىشىگە شەرت - شارائىت ھازىرلاپ بەرگەن يەنە بىر ئاددىي ئىنسان بولسا ، كروران قەدىمىي شەھىرى بايقىلىپ بىر ئەسىرگە يېقىن ۋاقىتتىن كېيىن ئاندىن يۇرتداشلىرىنىڭ يادىغا كەلدى . بۇ ئاددىي ئىنسان دەل بىز مۇشۇ ماقالىدە تەپسىلىي تونۇشتۇرماقچى بولغان رىۋايەت تۈسىگە ئىگە شەخس ، لوپ ئېلىنىڭ پەخىرلىك ئوغلى ئۆردەك ئىدى .
    ئۆردەك 1860 - يىلى كۆنچى دەرياسىنىڭ ئوتتۇرا ساھىلىدىكى چارا مەھەللىسىدە تۆمۈر كۆل دېگەن كىشىنىڭ ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلدى . تۆمۈر كۆل ئائىلىسى كۆنچى دەريا ساھىلىدا چارۋىچىلىق ۋە ئوۋچىلىق بىلەن تىرىكچىلىك قىلىدىغان تىپىك لوپلۇقلاردىن ئىدى . شۇڭا تۆمۈر كۆل يېڭى تۇغۇلغان ئوغلىغا دەريا - كۆللەردە ئەركىن ئۈزۈپ ، كۆكتە پەرۋاز قىلىپ ، خاسىيەتلىك باھاردىن ئەڭ بۇرۇن دېرەك بېرىدىغان تەبىئەتنىڭ ئەركە قۇشى ئۆردەكنىڭ ئىسمىنى قويدى .
    ئۆردەكنىڭ بوۋىسى ئوماق ئۆتەڭ _ قۇرۇقتاغ ئىچىدىكى كىچىك يايلاق ( يەنى شىندى _ يېڭىيەر )تىن كونا چاراغا كېلىپ ئولتۇراقلىشىپ قالغان ئۇستا ئوۋچى ، ماھىر ئىزچى ۋە تونۇلغان قوشاقچى ئىدى . ئۆردەك ئۆسمۈرلۈك يېشىغا يەتكەن ھامان بوۋىسى ۋە ئاتىسىغا ئەگىشىپ ئوۋچىلىق تۇرمۇشىنى باشلىۋەتتى . ئۇ تارىم ۋە كۆنچى دەريا ئېقىملىرىنىڭ ھەممە يېرىگە دېگۈدەك ئاياق باستى . ئوۋچىلىق ، ئىزچىلىق ۋە توغراق ياغىچىدىن كېمە - قېيىق ، چارا ( تەڭلە ) ، ئېگەر چېپىشنى چۆچەك ( ياغاچ تاۋاق ) ، ھاۋانچا ئويۇشنى ، قوشۇق ، چۆمۈچ ياساشنى ئۆگىنىۋالدى . ئۇ لوپ ئېلىدىكى ئىپتىدائىي جاڭگاللىق ۋە بىپايان توغراق ئورمانلىقلىرىدا تەبىئەت بىلەن ئېلىشىش داۋامىدا بىر قورقۇمسىز ، مەردانە ۋە مېھرىبان يىگىت بولۇپ يېتىشتى . ئۇ ئۆزىنىڭ ئوۋچىلىق ، ئويمىچىلىق كەسپى ۋە ياخشى خۇي - مىجەزى بىلەن ئاتا - ئانىسى ، قولۇم - قوشنىلىرى ۋە يۇرتداشلارغا دائىم ياخشى ئىشلارنى قىلىپ بېرىپ كۆپنىڭ دۇئاسىنى ئېلىپ كەلگەچكە ، كىشىلەر ئۇنىڭ ئىسمىنى "" ئۆردەك ئالتۇن "" دەپ ئاتاشقا ئادەتلىنىپ قېلىشتى . يىگىتلىك دەۋرىدە ئۆردەك لوپ ئېلىدە بولمىسا بولمايدىغان ئارزۇلۇق يۇرت ئوغلىغا ئايلانغانىدى .
    يېڭى تاش قورال دەۋرىدىن تارتىپ ئاجايىپ تەرەققىيات دەۋرىنى باشتىن كەچۈرگەن ، گۈللىنىپ تازا روناق تاپقان ، ھەشەمەتلىك قەلە - قورغانلىرى ، كاتتا قەسىر - سارايلىرى ، كۆپ خىل ئاۋۇن ئىگىلىكى ۋە كۆز چاقنىتىدىغان مەدەنىيەت - سەنئەت دۇردانىلىرى بىلەن تونۇلۇۋاتقان تەكلىماكاندىكى كروران قاتارلىق شەھەر دۆلەتلىرى يىراق - يېقىندىكى ھەر قايسى ئەللەرنىڭ دىققەت ئېتىبارىنى تارتىپ ، شەرق ۋە غەربنىڭ دىپلوماتىيە ھەم سودا ئالاقىسىدىكى مۇھىم نۇقتىغا ، كارۋان يولىدىكى مۇھىم ئۆتكەلگە ، شۇنداقلا يەنە كېڭەيمىچى زوراۋانلارنىڭ شۆلگىيىنى ئاققۇزۇپ ، كۆزلىرىنى قىزارتىدىغان ، تالىشىپ تارتىۋېلىشقا ئىنتىلىدىغان ئولجا نىشانىغا ئايلىنىپ قالدى . ئالدىنقى ئىرانىڭ ئاخىرىدىن 2 - ئىرانىڭ ئاخىرىغا قەدەر مىڭ يىللاپ خارابلىشىش ، تاشلىۋېتىلىش ، قېزىش ، ئۇنتۇپ كېتىشتەك ئېچىنىشلىق قىسمەتلەرنى باشتىن كەچۈرگەن بۇ تەكلىماكان شەھەر دۆلەتلىرى 19 - ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىغا كەلگەندە يەنە بىر قېتىم "" ساياھەتچىلىك "" ۋە قىدىرىپ تەكشۈرۈش قىزغىنلىقىنىڭ مۇھىم نىشانىغا ئايلىنىپ قالدى . شۋېتسىيىلىك ئېكسپېدىتسىيىچى سىۋېن ھېدىن 1899 - يىلى 8 - ئايدا لوپ كۆلىنىڭ يۆتكىلىش مەسىلىسىنى تەتقىق قىلىش ۋە تارىم ، كۆنچى دەريالىرىنىڭ ئاياق ئېقىنلىرىنى قىدىرىپ تەكشۈرۈش مەقسىتىدە ئىككىنچى قېتىملىق ئىلمىي تەكشۈرۈشنى باشلاپ ، لوپ ئېلىگە كەلگەندە ، كىشىلەردىن ئۆردەك ئالتۇننىڭ ئوۋچىلىق ، ئىزچىلىقتا مول تەجرىبىگە ئىگە ، زېرەك ، قورقۇمسىز ، جاپاغا چىداشلىق مەرد يىگىت ئىكەنلىك تەرىپلىرىنى ئاڭلاپ ، ئۇنى ئۆزلىرىگە يول باشلىغۇچىلىققا تاللايدۇ . 1900 - يىلى تۇزسىز كۆل _ قاراقوشۇن كۆلىنىڭ تارىختىكى لوپ كۆلى ياكى ئەمەسلىكىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن ئەترەتنى باشلاپ يولغا چىقىدۇ . 3 - ئاينىڭ 27 - كۈنى ( سەيشەنبە ) ئۇلار قاراقوشۇن كۆلىگە تەخمىنەن 3 - 4 كۈنلۈك يول قالغاندا ، بىر يۇلغۇنلۇققا كېلىپ ، قۇدۇق قېزىپ سۇ ئالماقچى بولىدۇ . بىراق شۇ چاغدا ئۆزلىرىدىكى بىردىنبىر قېزىش قورالى _ تۆمۈر گۈرجەكنىڭ ئالدىنقى قونالغۇدا ( خارابىدە ) ئۇنتۇلۇپ قېلىنغانلىقى مەلۇم بولىدۇ . كېيىنكى سەپەرلىرىدە بۇ گۈرجەك بولمىسا زادىلا بولمايدىغانلىقتىن ، سىۋېن ھېدىن "" قۇملۇقتا تەرەپلەرنى خۇددى كومپاستەك پەرقلەندۈرەلەيدىغان "" ئۆردەكنى بىر ئات بىلەن گۈرجەكنى تېپىپ كېلىشكە ئەۋەتىدۇ . ئۆردەك يولغا چىقىپ ئىككى سائەتلەردىن كېيىن كۈن كەچكە قىيىلىدۇ ۋە غۇر - غۇر چۆل شامىلى چىقىپ ، قۇم - شورلارنى ئۇچۇرۇپ ، مېڭىشنى قىيىنلاشتۇرۇشقا باشلايدۇ . بارغانسېرى ئەدەۋاتقان قۇم ، بوران ئىچىدە ئۆردەك ئۆز تۇيغۇسى ۋە تەجرىبىسىگە تايىنىپ ، بورانغا قارشى قىيپاش ئىلگىرىلەيدۇ . چۆل شامىلى كېيىن قارا بورانغا ئۆزگىرىپ ئالەمنى قۇم - توپا قاپلايدۇ . ئۆردەك چىشىنى چىشىغا بېسىپ ئىلگىرىلەپ بىر يارداڭلىققا بېرىپ قالىدۇ - دە ، يارداڭلىقتا بوراندىن دالدىلىنىپ بىر كېچىنى ئۆتكۈزىدۇ . تاڭغا يېقىن بوران توختاپ ئەتراپ يورۇيدۇ . ئۆردەك ئەتراپقا سىنچىلاپ قاراۋېتىپ ، بىردىنلا ئىلگىرى بوۋىسى ئوماق ئۆتەڭ تەرىپىنى قىلىپ بەرگەن خارابىلىككە بەك ئوخشىشىپ كېتىدىغان كۆرۈنۈشلەر ئارىسىغا كېلىپ قالغانلىقىنى بايقايدۇ . ئۇ خارابىلىكتىن نەپىس ياسالغان ياغاچ بېزەكتىن ئىككىنى ئېلىپ ، خارابىلىك ئەتراپىدىكى مۇھىم بەلگىلەرنى ئېسىگە پۈكۈۋېلىپ گۈرجەكنى ئىزدەشكە ماڭىدۇ . ئۇ گۈرجەكنى باشقا خارابىلىكتىن تاپقاندىن كېيىن ، يېڭى چۈشكۈنگە يەتكۈچە ھەر بىر قۇم بارخانى ، ھەر تۈپ يۇلغۇن ، توغراق ۋە چوقچىيىپ تۇرغان ھەر بىر تال دوقال - تۆمبەللەرگە بەلگە سېلىپ ماڭىدۇ . ئۆردەكتىن بارلىق تەپسىلاتنى ئاڭلىغان سىۋېن ھېدىن ئورنىدىن چاچراپ تۇرۇپ ، قوللىرىنى توختاۋسىز ئىشقىلاپ تۇرۇپ ، چالا - بۇلا ئۇيغۇرچە تىلدا : "" شۇ ! دەل شۇ ! "" دەپ توۋلاپ كېتىدۇ ۋە ھايالسىز ئەترەتنى باشلاپ ئۆردەك بايقىغان ھېلىقى خارابىلىككە قاراپ يۈرۈپ كېتىدۇ . خارابىلىككە ئاز قالغاندا ، ئۇ باشقىلارنى نېرىدا توختىتىپ قويۇپ ، خارابىلىككە ئاۋۋال ئۆزى بارىدۇ . خېلى ئۇزاققىچە ئايلىنىپ ، ئۇ يەرنى كولاپ ، بۇ يەرنى ئاقتۇرۇپ ، ئۇنى - بۇنى يىغىدۇ . ئاندىن باشقىلارنى چاقىرىپ ، ئۆزى ئۈستىدە كۆرسىتىپ تۇرۇپ قازدۇرىدۇ ، يىغدۇرىدۇ . ئۆزى خېلى كۆپ نەرسىلەرنى يازىدۇ ، سىزىدۇ . ئۇنىڭ قازدۇرغانلىرى ئاز ئەمەس ئىدى . بۇ نەرسىلەرنى ساندۇقلارغا ئاۋايلاپ پۇختا قاچىلىتىدۇ .
    بۇ دەل 1900 - يىلى 3 - ئاينىڭ 28 - كۈنى ( چارشەنبە ) ئىدى . سىۋېن ھېدىن ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى بىر تۇرنىڭ يېنىدىكى يارداڭلىقتا كېسەكتە قوپۇرۇلغان ئەگمىلىك بىر يەرنى بايقاپ كولايدۇ . بىر ئۆينىڭ ئىشىكى پەيدا بولىدۇ . ھېچكىم ئىشىكتىن كىرىپ بېقىشقا پېتىنالمايدۇ . ئاخىرىدا سىۋېن ھېدىن بىلەن ئۆردەك ئىشىكتىن كىرىدۇ . قارىسا ، ئۆي ئىچى ئانچە چوڭ ئەمەس . ئۆيدە ئۆرە تىكلەپ قويغان ، ئادەمنىڭ قۇچىقىغا بىر كەلگۈدەك بىر غۇلاچ ئېگىزلىكتىكى ئىچىنى ئويۇپ ياسىغان ساندۇقسىمان جاھازىنىڭ تۇرغانلىقىنى كۆرىدۇ . ئۇنى سىرتقا ئېلىپ چىققاندىن كېيىن ، باشقىلارنى كەتكۈزىۋېتىپ سىۋېن ھېدىن ئۆزى ئېغزىنى ئېچىپ كۆرىدۇ . يەنە قايتا ئېتىۋېتىپ ئېلىپ ماڭىدۇ . . . سىۋېن ھېدىن سۇ ، ئوزۇق ، قاتناش ۋاسىتىلىرى چەكلىمىسى تۈپەيلىدىن بۇ قېتىمقى كېزىشنى بولدى قىلىپ ، كېلەر قېتىم قايتا كېلىشنى كۆڭلىگە پۈكۈپ يولغا چىقىدۇ . كېيىنكى يىلى بۇ خارابە قايتا قىدىرىپ تەكشۈرۈلۈپ ، ئۇنىڭ غايىب بولغىنىغا مىڭ نەچچە يۈز يىل بولغان مەشھۇر قەدىمكى شەھەر كروران ئىكەنلىكى ئىسپاتلىنىپ دۇنيانى تاڭ قالدۇرىدۇ . شۇ قېتىمدا بۇ خارابىنى بايقاپ ئۆزىنى باشلاپ بارغانلىقى ۋە كۆمۈلۈپ قالغان ئۆيگە قورقماي كىرىپ ساندۇقسىمان جاھازىنى تېپىشىپ بەرگەنلىكى ئۈچۈن ، سىۋېن ھېدىن ئۆردەككە باشقىلارغا قارىغاندا كۆپ ھەق بېرىدۇ . بۇ دەل ئۆردەكنىڭ 38 ياشقا كىرگەن ، ئۆزىنى توختاتقان ، تازا كۈچىگە كەلگەن بەردەم چاغلىرى ئىدى . دېمەك ، ئۆردەك 38 يېشىدا پەۋقۇلئاددە بىر بايقاش بىلەن يېڭى تاش قوراللار دەۋرىدىن ئىلگىرىلا بەرپا بولۇپ ، مىلادىيە 5 - ئەسىرلەردە دۇنيادىن 15 ئەسىر ئىز - دېرەكسىز يوقاپ كەتكەن قەدىمىي مەدەنىيەت بۆشۈكى ، سىرلىق تەكلىماكان شەھىرى _ كروراننى تېپىپ ، دۇنيانىڭ قەدىمىي مەدەنىيەت تارىخى ئۈچۈن ئۆچمەس تۆھپە قوشقان ، سىۋېن ھېدىنگىمۇ دۇنيا ئىلىم - پەن ساھەسى بويىچە كاتتا شۆھرەت تاجى كىيدۈرگەن . سىۋېن ھېدىن كېيىن ئۆزىنىڭ 2 - قېتىملىق ئوتتۇرا ئاسىيا ئېكسپېدىتسىيىسى توغرىسىدا باشقا ئالىملار بىلەن ھەمكارلىشىپ 8 توملۇق "" 1889 - 1902 - يىللاردا ئوتتۇرا ئاسىيانى تەكشۈرۈشتىن ئىلمىي نەتىجىلەر "" ناملىق تەكشۈرۈش دوكلاتى توپلىمىنى تۈزۈپ ، 1904 - ، 1907 - يىللىرى نەشر قىلدۇرىدۇ ۋە ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدا ئۆزىنىڭ لوپ ئېلىدىكى ئىككى قېتىملىق مۇشەققەتلىك ئېكىسپىدىتسىيىدە سادىق يولباشلىغۇچى ، ياخشى دوست ، ئىشەنچلىك مەسلىھەتچى بولغان ئۆردەكنىڭ بالا - چاقىلىرىغا ۋە ئۇنىڭ يۇرتىغا ئۆز فوندىدىن مەلۇم مىقداردا پۇل ئاجرىتىپ بېرىشنى ۋەسىيەت قىلىدۇ .
    ئۆردەك 1901 - يىلى 12 - ئاينىڭ 29 - كۈنى قەشقەردە سىۋېن ھېدىن بىلەن خوشلاشقاندىن كېيىن ، يۇرتىغا قايتىپ كېلىدۇ ۋە كېيىن بىر قانچە قېتىم ئۆزى قۇملۇقنىڭ ئىچكىرىگە كىرىپ ئېكسپېدىتسىيە قىلىدۇ ھەمدە 1910 - يىللىرى ئەتراپىدا بىر قۇم بارخانلىرى ئۈستىدىكى قەبرىستانلىقنى بايقايدۇ . بۇ كېيىنكى يىللاردا "" ئۆردەك قەبرىستانلىقى "" ، "" 5 - نومۇرلۇق قەبرىستانلىق "" ، "" كىچىك دەريا قەبرىستانلىقى "" دەپ ئاتالغان قەبرىستانلىق ئىدى . 1927 - 1935 - يىللىرىغىچە داۋاملاشقان جۇڭگو - شۋېتسىيە بىرلەشمە ئېكسپېدىتسىيە ئەترىتى تۇرپانغا كەلگەندە ، تارىم ۋە كۆنچى دەريالىرىنىڭ 1921 - يىلىدىن باشلاپ قۇم دەريا ( قۇرۇق دەريا دەپمۇ ئاتىلىدۇ ، كۆنچى دەرياسىنىڭ ئەسلى ئېقىنى ) ئارقىلىق تارىختىكى لوپ كۆلىگە قۇيۇلىدىغانلىقىدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن ، بىر گۇرۇپپا كېمە ئەترىتى سۇ يولى بىلەن لوپ كۆلىگە قاراپ ئاتلىنىدۇ . 1934 - يىلى 4 - ئايدا ، سىۋېن ھېدىننىڭ كەلگەنلىكىدىن خەۋەر تاپقان چارادىكى ئۆردەك ئوغلى سادىق بىلەن ئاتلىق يولغا چىقىپ ، دەريادا كېتىۋاتقان سىۋېن ھېدىنلار بىلەن كۆرۈشىدۇ ھەمدە ئايرىلىشقاندىن كېيىنكى 30 يىللىق كەچۈرمىشلىرىنى ۋە ھېلىقى قەبرىستانلىقتا كۆرگەنلىرىنى سۆزلەپ بېرىدۇ . سىۋېن ھېدىن ھەمراھى ، شۋېتسىيىلىك ئارخېئولوگ فون برگمان باشچىلىقىدا بىر گۇرۇپپا تەشكىللەپ ، ئۆردەكنىڭ يول باشلىشىدا نەچچە ئون كۈنلۈك مۇشەققەتلىك ئىزدەشلەر ئارقىلىق 1934 - يىلى 6 - ئايدا ئاخىرى ھېلىقى قەبرىستانلىقنى تاپىدۇ . بۇ قەبرىستانلىقمۇ كروران قەدىمىي شەھىرى بىلەن دەۋرداش ھەم بىر مەدەنىيەت سىستېمىسىغا تەۋە بولۇپ ، قەدىمكى لوپ رايونىدىكى كىشىلەرنىڭ مەدەنىيىتىنى چۈشىنىشتە ئىنتايىن زور قىممەتكە ئىگە ئىدى . بۇ قەبرە قېدىرىلغان چاغدا ئۆردەك ئالتۇن 70 نەچچە ياشلاردىكى بوۋايغا ئايلىنىپ قالغان ئىدى .
    دۇنيا ئارخېئولوگىيە تارىخىدىكى 1500 يىللىق سىرنىڭ ئېچىلىشىغا سەۋەب بولغان خىسلەتلىك ئادەم ئۆردەك ئالتۇن ئۆمرىدە بىر ئوغۇل ، بىر قىز _ ئىككى پەرزەنت كۆرگەن . قىزى گۆدەك ۋاقتىدىلا ئۆلۈپ كەتكەن . يالغۇز ئوغلى سادىق ئۇنىڭغا ئەگىشىپ دەشت - باياۋان ، ئىپتىدائىي جاڭگاللارنى كېزىپ ھەقىقىي تەكلىماكان ئوغلىغا ئايلانغان . 1934 - يىلى ئاتىسى ئۆردەك بىلەن كروران قەدىمىي شەھەر خارابىسىگىچە بىللە بارغان . ئۇ ئاۋرىل ستەينگىمۇ يول باشلىغۇچى بولغان . بىراق ئۇ ئاتىسىدىن ئىلگىرى ، يەنى 1940 - يىلى 2 - ئاينىڭ 28 - كۈنى ئالەمدىن ئۆتكەن . سادىقنىڭ قىزى نىيازخان ھازىرمۇ ھايات ، ئۇ 70 نەچچە ياشلاردا بولۇپ ، لوپنۇر ناھىيە شىڭپىك يېزا تۇڭچىكە كەنتىدە ئولتۇرىدۇ . نىيازخاننىڭ تەربىيە ئوغلى ئىسمائىل سادىق لوپنۇر تاشيول ئۇچاستىكىسىنىڭ پېشقەدەم ئىشچىسى بولۇپ ، پېنسىيىدە . خوتۇن - بالىلىرى ئاخىرقى ئۆمرىنى كۆڭۈللۈك ئۆتكۈزمەكتە .
    گەپنى يەنە ئۆردەك ئالتۇننىڭ ئۆزىگە قايتۇرساق ، ئۇ ئۆمۈر مۇساپىسىنىڭ ئاخىرقى يىللىرى چارا ، يېڭىسۇ ، ئابدال ، ئارغان ئارىلىقلىرىدا كېلىپ - كېتىپ ، تەكلىماكاننىڭ بىپايان قۇملۇقلىرىدا ، بۆك ئىپتىدائىي توغراقزارلاردا ۋە توقاي - جاڭگاللاردا يېڭى ئىزلىرىنى قالدۇرغان . ئۇ 1944 - يىلى 84 يېشىدا يېڭىسۇ ، ئارغان ئارىلىقىدا ئالەمدىن ئۆتكەن . ھازىر لوپنۇر ناھىيىسىدە ئۆردەك ئالتۇن نامىدا بىر ساياھەت ئورنى قۇرۇلۇپ ، ئۆردەك ۋە لوپ ئېلى مەدەنىيىتىگە ئائىت ئەسلى ھەم تەقلىدىي بۇيۇملار يىغىلغان . بۇ ساياھەت نۇقتىسى بارغانسېرى كىشىلەرنىڭ قىزىقىشىغا ۋە چۈشىنىشىگە ئېرىشمەكتە .
    ئۆردەك _ لوپ ئېلىدە تۇغۇلۇپ ، تەكلىماكاندا ھايات كۆچۈرگەن ، "" قۇملۇقتىكى يوللارنى بەش بارماقتەك بىلىدىغان "" ( فون بىرگمان ) ، دۇنيانىڭ قەدىمكى مەدەنىيەت تارىخىغا پۈتۈلگەن ، ئېلىمىزنىڭ ئارخېئولوگىيە ئىشلىرىغا گەۋدىلىك تەسىر كۆرسەتكەن ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئېكسپېدىتسىيە تارىخىدا ئىنتايىن مۇھىم ئورۇن تۇتىدىغان مەشھۇر تارىخىي شەخستۇر !!
    مەنبە:تۇرپان مائارىپ تورىدىن


    收藏到:Del.icio.us




كۆرىۋاتقانلار: نەپەر