تەۋىسىيە
ئىزدەش

تۇرپاندىن 2400 يىل بۇرۇن تېرىق ئۇنىدىن تەييارلانغان چۆپ بايقالدى

تۈرى : مەدەنىيەت يوللىغۇچى : ۋاقتى : 2015-02-02 00:56:28

تۇرپاندا بايقالغان2400يىل بۇرۇن تېرىق ئۇنىدا يۇغۇرۇلۇپ تەييارلانغان چۆپ دۇنيادىكى ئون چوڭ ئارخېئولوگىيىلىك بايقاشنىڭ بىرى بولۇپ باھالاندى

\
ياشىن تورى خەۋىرى:
«ئارخېئولوگىيە»ژورنىلى خەۋىرى،شەنشى ۋە شىنجاڭدىكى قەدىمىي قەبرىلەردىن كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان يېمەكلىك قالدۇقى بايقالغان.شەنشىدىكى مەلۇم بىر جەنگو دەۋرىدىكى قەبرىدىن قەدىمكى كىشىلەر تەييارلىغان شورپا بايقالغان.بۇ شورپىغا قوشۇلغان ماتىرىياللار ئېھتىمال ئىت سۆڭىكى قاتارلىقلار بولۇشى مومكىن ئىكەن.
\
ئۇنىڭدىن باشقا يەنە بىر ئارخېئولوگىيە گۇرۇپپىسى تۇرپاننىڭ سۇ بېشى يېزىسىدىكى قەبرىستانلىقتىن 2400ئىلگىرىكى تېرىق ئۇنىدا يۇغۇرۇلۇپ تەييارلانغان چۆپنى بايقىغان.بۇ چۆپ ئىنتايىن مۇكەممەل ساقلانغان بولۇپ،ئارخېئولوگلار بۇ خىل چۆپنى تەييارلاپ تېتىپ بېقىش ئارقىلىق قەدىمكى كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشىنى ھۇزۇر ئالماقچى بولغان.

ئىگىلىنىشچە،ئامېرىكىنىڭ ئارخېئولوگىيە كومىتېتى باش بولۇپ ئۇيۇشتۇرغان يىلدا بىر قېتىم ئېلىپ بېرىلىدىغان دۇنيا ئارخېئولوگىيىلىك بايقاشلارنى تاللاش پائالىيىتى بولۇپ،2008-يىللىق ئارخېئولوگىيىلىك بايقاشلار ئىچىدىن جۇڭگودىكى ئەڭ قەدىمكى ئاياغ تاللانغان ئىدى.بۇ قېتىم تۇرپاننىڭ سۇ بېشى يېزىسىدىكى قەبرىستانلىقتىن 2400ئىلگىرىكى تېرىق ئۇنىدا يۇغۇرۇلۇپ تەييارلانغان چۆپ دۇنيادىكى ئون چوڭ ئارخېئولوگىيىلىك بايقاشنىڭ بىرى بولۇپ باھالانغان .بۇ قېتىملىق تاللاشتا جۇڭگو تەرەپ مەدەنىي يادىكارلىقلار تارماقلىرى ياكى ئارخېئولوگىيە ئورگانلىرى ماتىرىيال بىلەن تەمىنلىگەن بولماستىن بەلكى،ئامېرىكا ئارخېئولوگىيە كومىتېتى خەلقىئارادىكى ھەرقايسى ئارخېئولوگىيە ژورناللىرىدا ئېلان قىلىنغان ئىلمىي ماقالىلەرنى ئاساس قىلىپ تۇرۇپ،باھالاش ئوبېكتىنى بىۋاستە تاللىغان.بۇ قېتىمقى باھالاشقا قاتناشتۇرۇلىدىغان قەدىمىي يادىكارلىقلاردىن يەنە،شوتلاندىيىدىن بايقالغان مىڭ يىللىق تارىخقا ئىگە دېڭىز قاراقچىلىرى پاراخوتى،ئىئوردانىيىنىڭ جەنۇبىدىن تېپىلغان12000يىللىق تارىخقا ئىگە يېڭى تاش قوراللار دەۋرىدىكى مەھەللە،جەنۇبىي ئافرىقىدىن تېپىلغان مىليۇن يىللىق تارىخقا ئىگە ئىنسانلار ئەجدادلىرىنىڭ تېرىسى،مايانىڭ سىرلىق ئايال ھۆكۈمرانىنىڭ قەبرىسى قاتارلىقلار بار ئىدى.

ئەلدىيار تورى ئۈندىدار سالونى : eldiyar99

ساغلاملىق

ئوقۇشلۇق

تور بىكەتنىڭ بارلىق ھوقۇقى شىنجاڭ ئەلدىيار مەدەنىيەت تارقىتىش شىركىتىگە مەنسۇپ

© 2014 ELDIYAR.COM 备案/许可证编号:新ICP备15003605号 组织机构代码证:328862907 公安备案号:6501201406006

电话:13325555422 0991-2506623 QQ:2663600

تور بىتىمىزگە يوللانغان مەزمۇنلار توردىن توپلانغان، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

本站的所有内容,视频,音频,图片,文字均从互联网上收集而来,作品版权归作者所有。如发现版权问题请及时联系站长