تەۋىسىيە
ئىزدەش

ئۇيغۇرلارنىڭ دورىلىق چاي مەدەنىيىتى

تۈرى : مەدەنىيەت يوللىغۇچى : ۋاقتى : 2015-02-02 04:50:04

\
ئۇيغۇرلار ئاجايىپ مېھماندوست ھەم چايخۇمار خەلق. ئۇيغۇرلارنىڭ مېھماندوست، چايخۇمارلىقى ئۇزاق مۇددەتلىك تارىخىي تەرەققىيات، ئىشلەپچىقىرىش پائالىيىتى ۋە كىشىلىك تۇرمۇش مۇناسىۋەتلىرى جەريانىدا تەدرىجىي شەكىللەنگەن. شۇنىڭدەك ئەجدادلاردىن ئەۋلادلارغا ئۈزلۈكسىز داۋاملىشىپ ۋە مۇكەممەللىشىپ كېلىۋاتقان ئۆرپ- ئادەت خاراكتېرىنى ئالغان ئېسىل مەدەنىيەتلەرنىڭ بىرىدۇر.
ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكىدە دورىلىق چاي يەنە چاي دورىسى ۋە چايلىق دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئۇ ساقلىقنى ساقلاش، مىجەزنى تەڭشەپ، سالامەتلىكنى ئاسراش، كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش قاتارلىق خۇسۇسىيەتلەرگە ئىگە دەپ قارىلىدۇ.
ئۇيغۇر خەلقى دورىلىق چاينى ئىستېمال قىلىشتا پەسىلگە قاراپ تەڭشەشكە، ھەر قايسى پەسىللەردە شۇ پەسىلگە قاراپ ماس دورىلىق چايلارنى ئىچىشكە ئادەتلەنگەن. ياز پەسلىدە بەدەنگە ھۆللۈك يەتكۈزۈپ قاننى سوۋۇتقۇچى، ئۇسسۇزلۇقنى پەسەيتكۈچى دورىلىق چايلارنى، كۈز پەسلىدە ھەزىم قىلىشنى ياخشىلايدىغان، تەبىئىتى قۇرۇق ئىسسىق بولغان دورىلىق چايلارنى، قىش پەسلىدە بەدەننى قىزىتىپ قاننىڭ ئايلىنىش سۈرئىتىنى تېزلىتىدىغان، تەبىئىتى قۇرۇق ئىسسىق دورىلىق چايلارنى، ئەتىياز ېەسلىدە بولسا، بەدەننى كۈچەيتىدىغان، تەبىئىتى قۇرۇق سوغۇق بولغان چايلارنى تەڭشەپ ئىچىشكە ئادەتلەنگەن.
قىسقىسى، ھەر بىر كىشى چاي دورىسىنى پەسىلگە، ئۆزىنىڭ تەبىئىتى، مىجەزىگە قاراپ تەڭشەپ ئىچىشكە ئەھمىيەت بەرگەن. دورىلىق چايلار مېڭە، يۈرەك ۋە ئاشقازاننى قۇۋۋەتلەيدىغان چايلار، ئورۇقلاشقا، تاماكا تاشلاشقا ياردەم بەرگۈچى دورىلىق چايلار، باش ئاغرىقى، نېرۋا كېسەللىكلىرى، نەپەس يولى كېسەللىكلىرى، يۈرەك، مېڭە قان تومۇر توسۇلۇش كېسەللىكلىرى، ئۈچەي كېسەللىكلىرىگە شىپا بولىدىغان دورىلىق چايلار، جىگەر، ئۆت كپسەللىكلىرى، بۆرەك، سۈيدۈك يولى كپسەللىكلىرى، تېرە، بوغۇم كېسەللىكلىرى، بەش ئەزا كېسەللىكلىرى، بالىلار كېسەللىكلىرى، شۇنىڭدەك ئاياللار كېسەللىكلىرىگە شىپا بولىدىغان دورىلىق چايلار، ئۇنىڭدىن باشقا، بىر قىسىم مېۋە ھەمدە مېۋە قىقى دەملەنمىسى قاتارلىق دورىلىق چاي تۈرلىرىمۇ بار. پەن - تېخنىكىنىڭ ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، ئۇيغۇر تېبابىتى ساھەسىدىكى تېببىي خادىملار دورىلىق چاي مەدەنىيىتى ئۈستىدە ئەتراپلىق ئىزدىنىپ، چوڭقۇر تەتقىقات ئېلىپ بېرىپ، ئىلغار تېخنىكا ئارقىلىق ئۇيغۇر دورىلىق چاي مەدەنىيىتىنىڭ گۈللىنىشىگە زور ھەسسىلەرنى قوشماقتا.

ئەلدىيار تورى ئۈندىدار سالونى : eldiyar99

ساغلاملىق

ئوقۇشلۇق

تور بىكەتنىڭ بارلىق ھوقۇقى شىنجاڭ ئەلدىيار مەدەنىيەت تارقىتىش شىركىتىگە مەنسۇپ

© 2014 ELDIYAR.COM 备案/许可证编号:新ICP备15003605号 组织机构代码证:328862907

广告部:18999993541 新闻部:13899903541 监督举报:13325555422 QQ \ Wechat :2663600

تور بىتىمىزگە يوللانغان مەزمۇنلار توردىن توپلانغان، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

本站的所有内容,视频,音频,图片,文字均从互联网上收集而来,作品版权归作者所有。如发现版权问题请及时联系站长

新公网安备 65010202000093号