تەۋىسىيە
ئىزدەش

كۆيۈنۈشمۇ چەكتىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك

تۈرى : تۇرمۇش يوللىغۇچى : ئابلەت نۇرمۇھاممەد ۋاقتى : 2016-04-25 23:43:13

                              \
  كىشىلەر: ‹‹مۇۋەپپەقىيەت قازانغان ئادەمنىڭ جورىسى ئۇنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشىدا مۇھىم رول ئوينايدۇ›› دەپ قارايدۇ، بۇ خاتا قاراش ئەمەس. بىراق ئامېرىكىلىق ئالىملارنىڭ ئەڭ يېڭى تەتقىقات نەتىجىسىگە قارىغاندا، ئەگەر جورىسىغا ياردەم بېرىش ئۇسۇلى مۇۋاپىق بولمىسا، ياردەمدىن ئۈنۈم كۆرۈنمەستىن، بالا–قازا كېلىدىكەن.

    ئەنگىلىيەدىكى ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ خەۋىرىدە مۇنداق دېيىلدى: ئامېرىكىدىكى دۇك ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پىسخولوگىيە مۇتەخەسسىسلىرى ئەر–خوتۇن مۇناسىۋىتىگە ئالاقىدار تەجرىبە ئىشلىگەندىن كېيىن، سىناققا قاتناشقانلارغا سىناق داۋامىدا جورىسى ھەمراھ بولسا ، ئۇلاردا ئۆزىمۇ سەزمىگەن ھالدا تايىنىۋېلىش كەيپىياتى پەيدا بولىدىكەن. تەتقىقاتچىلار سىناق داۋامىدا سىناقنى قوبۇل قىلغۇچىنىڭ چېنىقىش ياكى ئوقۇش پىلانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشغا جورىسى ياردەم بەرسە، ئۇلارنىڭ ئۆزىگە قويغان تەلەپنى بوشاشتۇرۇپ ، ئۆگىنىش ياكى چېنىقىش ۋاقتى ۋە سىجىللىقىنى ئازايتىدىغانلىقىنى، ھەتتا بىر قىسىم مەسئۇلىيەتنى جورىسىغا ئىتتىرىپ قويىدىغانلىقىنى، ئاخىرىدا نىشانىنىڭ بوشاڭلىق ۋە سۆرەلمىلىك سەۋەبىدىن ئەمەلگە ئاشمايدىغانلىقىنى بايقىغان.

    تەتقىقاتچىلار مۇنداق دېيىشتى: بۇ نەتىجە جورىسى بەرگەن ياردەمنىڭ ئارتۇقچە ئىكەنلىكىدىن دېرەك بەرمەيدۇ، ئەكسىچە ئەر – خوتۇنلار ئارا مۇۋاپىق ياردەم بېرىش ئىنتايىن مۇھىم. بەزىدە بىر–بىرىنىڭ كۆڭلىنى چۈشەنگەن ئاساستا بېرىلگەن ياردەمنىڭ ئۆز ئارا بۇيرۇق چۈشۈرگەندىن ياخشى ئۈنۈم بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.

ـــ «ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى»دىن

   
ئەلدىيار تورى ئۈندىدار سالونى : eldiyar99

ساغلاملىق

ئوقۇشلۇق

تور بىكەتنىڭ بارلىق ھوقۇقى شىنجاڭ ئەلدىيار مەدەنىيەت تارقىتىش شىركىتىگە مەنسۇپ

© 2014 ELDIYAR.COM 备案/许可证编号:新ICP备15003605号 组织机构代码证:328862907

广告部:18999993541 新闻部:13899903541 监督举报:13325555422 QQ \ Wechat :2663600

تور بىتىمىزگە يوللانغان مەزمۇنلار توردىن توپلانغان، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

本站的所有内容,视频,音频,图片,文字均从互联网上收集而来,作品版权归作者所有。如发现版权问题请及时联系站长

新公网安备 65010202000093号