تەۋىسىيە
ئىزدەش

ئاياللاردىكى خاتا قاراش ئۇلارنى نىكاھتا بەختسىز قىلىپ قويىدۇ

تۈرى : تۇرمۇش يوللىغۇچى : ۋاقتى : 2015-04-10 20:43:11

* نىكاھتىن كېيىنكى تۇرمۇشۇم باشقىلارنىڭكىدەك كۆڭۈللۈك ئەمەس.
  ھەر بىر ئادەمنىڭ تۇرمۇشتىكى خۇشاللىققا بولغان قارىشى ئوخشاش بولمايدۇ. ئېرىڭىزنىڭ نەزىرىدە سىز ئەتكەن مەززىلىك تاماقنى يېيىشنىڭ ئۆزى بىر بەخت. لېكىن سىز كوچىدا، ئېسىل پىكاپلاردا ئولتۇرۇشنى بەخت دەپ بىلگەچكە، نىكاھىڭىزدىن خۇشاللىق تاپالمايسىز.

  * ئاياللار توي قىلىپلا مۇز چىراي بولۇپ قالىدۇ.
  ئاياللار توي قىلغاندىن كېيىن، ئۆز خاھىشى بويىچە ئىش قىلالمايدۇ. ئۆزىگە ئاجراتقان ۋاقتى ئازلاپ كېتىپ، تۇرمۇشتىكى خۇشاللىقتىن مەھرۇم قالغاندەك ھېس قىلىدۇ. ئاياللار، ئەڭ ياخشىسى، نىكاھنى ئۆزىگە بېسىم قىلىۋالماسلىقى كېرەك.

  * مەن چوقۇم مۇكەممەل ئەر تېپىپ ياتلىق بولىمەن.
  نۇرغۇن قىزلار ياخشى يىگىت تېپىش ئۈچۈن، ئۆزىگە نۇرغۇنلىغان بەلگىلەرنى تۈزۈۋالىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئارىلىشىش جەريانىدا توختىماي يىگىتىدىن قۇسۇر ئىزدەپ، ياراتماي، تېخىمۇ مۇكەممەل يىگىت تېپىشنى ئويلايدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇنى، بۇنى تاللاپ يۈرۈپ، تەلىپىگە ماس كەلگەن نامزاتلاردىنمۇ قۇرۇق قالىدۇ. شۇڭا مۇكەممەل ئەر تاپىمەن دېمەي، سىزنى چىن دىلىدىن سۆيىدىغان ئەرنى تېپىڭ، ئۇ سىزنىڭ ئەڭ چوڭ بەختىڭىزدۇر.


  * نىكاھنىڭ ئۇزاق ۋاقىت داۋاملىشىشى ئۆزىگە ئەڭ ماسلاشقان جۈپتىنى تاپقانلىقىدىندۇر.
  نىكاھنىڭ ئۇزۇن داۋاملىشىشى ھەرگىزمۇ بىر تەرەپنىڭ كۈچىشى بىلەن ئەمەلگە ئاشمايدۇ، ئۇ ئىككى تەرەپنىڭ تەڭ تىرىشىشىغا موھتاج.


ئەسلى مەنبە: خەلق تورى
ئەلدىيار تورى ئۈندىدار سالونى : eldiyar99

ساغلاملىق

ئوقۇشلۇق

تور بىكەتنىڭ بارلىق ھوقۇقى شىنجاڭ ئەلدىيار مەدەنىيەت تارقىتىش شىركىتىگە مەنسۇپ

© 2014 ELDIYAR.COM 备案/许可证编号:新ICP备15003605号 组织机构代码证:328862907 公安备案号:6501201406006

电话:13325555422 0991-2506623 QQ:2663600

تور بىتىمىزگە يوللانغان مەزمۇنلار توردىن توپلانغان، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

本站的所有内容,视频,音频,图片,文字均从互联网上收集而来,作品版权归作者所有。如发现版权问题请及时联系站长