تەۋىسىيە
ئىزدەش

كىتاب ئوقۇشنىڭ جىسمانىي ساغلاملىققا بولغان پايدىسى

تۈرى : تۇرمۇش يوللىغۇچى : ۋاقتى : 2015-05-03 22:15:12

مېدىتسىنا ئىلمىدە چوڭ مېڭىنىڭ ساغلاملىقى پۈتۈن ئورگانىزمغا بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىدۇ، دەپ قارىلىدۇ. بىئولوگىيە ئىلمىدە «ئىشلىتىلسە راۋاج تاپىدۇ، بىكار قويسا چېكىنىپ كېتىدۇ» دەيدىغان قاراش بار. دېمەك، ئورگانىزم دائىم ئىشلەپ تۇرسا، ساغلام تۇرىدۇ، ئاز ئىشلىتىلسە ياكى داۋاملىق ئىشلىتىلمىسە ساغلاملىقى چېكىنىپ كېتىدۇ. تېببىي ئالىملار تەكشۈرۈش ئارقىلىق، كىتاب ئوقۇشنى ياخشى كۆرىدىغان، ئەقلىي ئەمگەك بىلەن شۇغۇللىنىدىغان نۇرغۇن كىشىنىڭ مېڭە نېرۋىسىنىڭ ئوبدان تەرەققىي قىلىدىغانلىقىنى، قېرىپ كەتكەندىمۇ، مېڭە نېرۋىسىنىڭ ئاجىزلاپ كەتمەيدىغانلىقىنى ئىسپاتلىغان.ھاياتلىق ھەرىكەتتە، ئەقلىي قابىلىيەت ھەرىكەتچانلىقتا بولىدۇ. كىتاب ئوقۇش، ئۆگىنىش مېڭە نېرۋا سىستېمىسىنىڭ ئورگانىزمنى كونترول قىلىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇشقا پايدىلىق بولۇپ، ئۇ نېرۋىنى ساغلاملاشتۇرۇش، بەدەننى كۈچلەندۈرۈش، كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى ياخشى رېتسېپ ھېسابلىنىدۇ.كىتاب ئوقۇش روھىي ساغلاملىققىمۇ پايدىلىق، ھازىرقى زامان تېببىي ئىلىم تەتقىقاتىدىن قارىغاندا، دائىم كۆرۈلىدىغان كېسەللەرنىڭ كۆپىنچىسى پسىخىكىلىق ئامىللار بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن. نۇرغۇن كېسەل روھىي جەھەتتىن داۋالىنىش ئارقىلىق، دورا يېمەيمۇ ئۆزلۈكىدىن ساقىيىپ كېتىدۇ، بەزى كېسەللەر روھىي ھالەت ياخشى بولمىغان ئەھۋالدا پەيدا بولىدۇ ياكى تېخىمۇ يامانلىشىپ كېتىدۇ، ياخشى كىتابلار بىر خىل مەنىۋى دورا، روھىي ئوزۇق بولۇپ، ئۇ كەيپىياتنى تەڭشەش ئىقتىدارىغا ئىگە، دائىم كىتاب ئوقۇش ئادەمنىڭ كەيپىياتىنى مۇقىملاشتۇرۇشقا، روھىي ھالىتىنى پاكلاشتۇرۇشقا، روھىي ۋە جىسمانىي ساغلاملىقنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پايدىلىق.كىتاب ئوقۇش ئۆمۈرنى ئۇزارتىشقىمۇ پايدىلىق، تەكشۈرۈلۈشىچە ، ئەڭ ئۇزاق ئۆمۈر كۆرىدىغانلار پەيلاسوپلار، ئۇنىڭدىن قالسا ئالىملار ۋە سەنئەتكارلار ئىكەن. بۇ ئۇلارنىڭ ئىزچىل كىتاب ئوقۇشى، يېزىقچىلىق قىلىشى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولغان.
ئەلدىيار تورى ئۈندىدار سالونى : eldiyar99

ساغلاملىق

ئوقۇشلۇق

تور بىكەتنىڭ بارلىق ھوقۇقى شىنجاڭ ئەلدىيار مەدەنىيەت تارقىتىش شىركىتىگە مەنسۇپ

© 2014 ELDIYAR.COM 备案/许可证编号:新ICP备15003605号 组织机构代码证:328862907 公安备案号:6501201406006

广告部:18999993541 新闻部:13899903541 监督举报:13325555422 QQ \ Wechat :2663600

تور بىتىمىزگە يوللانغان مەزمۇنلار توردىن توپلانغان، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

本站的所有内容,视频,音频,图片,文字均从互联网上收集而来,作品版权归作者所有。如发现版权问题请及时联系站长