تەۋىسىيە
ئىزدەش

ياپونىيىلىك ئەرلەر نېمىشقا ئاسانلا تالاغا قارايدۇ؟

تۈرى : تۇرمۇش يوللىغۇچى : ئابلەت نۇرمۇھاممەد ۋاقتى : 2016-01-11 20:51:50

\

بىرىنچىدىن، ئاياللىرىنىڭ ئۆيدە تاماق ئەتمەسلىكى.

ھازىر ياپونىيەدە ئەر-ئايال تەڭ خىزمەت قىلىدىغان ئائىلىلەر كۆپىيىۋاتقان بولۇپ، ئاياللارمۇ بىر كۈن سىرتتا جاپالىق ئىشلىگەن بولغاچقا، ئىشتىن چۈشكەندىن كېيىن ئۆيىدە بىرەرىنىڭ كۈتۈشىنى خالايدىغان بولۇپ قالغان.

ئىككىنچىدىن، ئايالىنىڭ ئۆزىنىڭ كىرىمىدىن رازى بولماسلىقى.

 ياپونىيەدىكى كۆپىنچە توي قىلغان ئايال ئائىلە ئايالى بولۇپ، بەزىلىرىنىڭ شۆھرەتپەرەسلىك ئىدىيەسى كۈچلۈك بولغاچقا، بىلىپ-بىلمەي ئەتراپتىكىلەر بىلەن سېلىشتۇرۇپ قالىدىكەن. شۇ سەۋەبتىن ئېرى ئۆيگە قايتىپ كەلگەندە ئوچۇق چىراي ئاچمايدىكەن.

ئۈچىنچىدىن، ئاياللارنىڭ پەرزەنتلىك بولغاندىن كېيىن ئېرى بىلەن كارى بولماسلىقى. ياپونىيەلىك ئاياللار پەرزەنتلىك بولغاندىن كېيىن پۈتۈن زېھنىنى بالىغا قارىتىپ، ئېرى بىلەن ئانچە كارى بولمايدىكەن ھەمدە ئۆزىنى قاچۇرۇپلا يۈرىدىكەن.

تۆتىنچىدىن، ئايالىنىڭ توي قىلىشتىن ئىلگىرى ۋە تويدىن كېيىنكى ئوبرازىدىكى ئۆزگىرىشنىڭ زور بولۇشى. بەزى ياپونىيەلىك ئاياللار توي قىلىشتىن بۇرۇن ناھايىتى مودا يۈرىدىكەن، توي قىلغاندىن كېيىن ئۆزىنى تۈزەشتۈرۈپ يۈرمەيدىكەن.

«قانۇنچىلىق گېزىتى»دىن ئېلىندى

ئەلدىيار تورى ئۈندىدار سالونى : eldiyar99

ساغلاملىق

ئوقۇشلۇق

تور بىكەتنىڭ بارلىق ھوقۇقى شىنجاڭ ئەلدىيار مەدەنىيەت تارقىتىش شىركىتىگە مەنسۇپ

© 2014 ELDIYAR.COM 备案/许可证编号:新ICP备15003605号 组织机构代码证:328862907 公安备案号:6501201406006

广告部:18999993541 新闻部:13899903541 监督举报:13325555422 QQ \ Wechat :2663600

تور بىتىمىزگە يوللانغان مەزمۇنلار توردىن توپلانغان، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

本站的所有内容,视频,音频,图片,文字均从互联网上收集而来,作品版权归作者所有。如发现版权问题请及时联系站长