تەۋىسىيە
ئىزدەش

ئىككى تاماقخانا مىكىرو ھېكايە

تۈرى : ئەدەبىيات يوللىغۇچى : ۋاقتى : 2015-02-02 02:09:59

ئا : ئاداش جۇرۇڭلا تاماق يەپ كېلىمىز 
ب : بولىدۇ ماڭىلى ئەمسە 
ئىككەيلەن تائاملار كوچىسىغا يېتىپ 
كەلدى، كوچىنىڭ بېشىدا ئىككى مىللى ئاشخانا تۇراتتى 
ئا : قايسىغا كىرىمىز ئاداش ؟
ب : مەنمۇ تازا بىلمىدىم شۈبھىدىن خالى ئاشخانا بولسا بولىۋېرەتتى، ماۋۇ «تەبەسسۇم تاماقخانىسى» كىرەيلىمۇ ؟ 
ئا : «تەبەسسۇم» دېگەنگە قارىغاندا ئىگىسى ئىشەنچىسىزمۇ نېمە ؟
ب : قانداق قىلىمىز ؟ 
ئا : ئاۋۇ «مۇتتەقىيلەر تاماقخانىسى»غا كىرەيلى، ئىسمىدىنلا ئىسلامى پۇراق چىقىپ تۇرىدۇ، قارا ئىگىسىمۇ ساقال قويۇۋاپتۇ ئىككى دوست خوشال ھالدا «مۇتتەقىيلەر تاماقخانىسى»غا كىرىپ كەتتى . 
ئارىدىن بىر ئاي ۋاقت ئۆتتى ب ئىش بىجىرىش ئۈچۈن شۇ يەردىن ئۆتۈپ قالدى سائىتىگە قارىسا چۈش بولۇپ قالغان، ب تاماق يەپ كېتەي دەپ تائاملار كوچىسىغا كىردى، ئۇ قارىسا ئۇيغۇرلار ئاچقان ئىككى ئاشخانىنىڭ ھەر ئىككىلىسى تاقالغان، ب ھەيران قېلىپ يول بويىدا گازىر سېتىپ ئولتۇرغان بوۋايدىن سورىدى 
ب : ئاكا ماۋۇ ئىككى ئاشخانا تەڭلا تاقىلىپ قاپتۇ نېمە بولغاندۇ ؟
بوۋاي :ــــ ھەي بالام نېمىسىنى دەيسىز، «مۇتتەقىيلەر»نىڭ خوجايىنى كۆڭلى قارا ئادەمكەن، ئاشخانىسىغا «يۇندا ياغ» ئىشلىتىپتىكەن سەھىيە ئورگىنى پىچەتلەپ تاقىدى، كېيىن جەرىمانە تۆلەپ ئاچقان بولسىمۇ، كىشىلەر ئەپتى بەشىرىسىنى بىلىپ قالغاچقا خېرىدار كىرمەي زىيان تارتىپ تاقىلىپ قالدى 
ب : نىڭ كۆڭلى ئېلىشقاندەك بولدى، شۇنداقتىمۇ ئۆزىنى تۇتىۋېلىپ سورىدى : «تەبەسسۇم تاماقخانىسى» شۇ سەۋەبتىن تاقالدىمۇ ؟
بوۋاي :ـــ ياق  «تەبەسسۇم»نىڭ خوجايىنى بەكمۇ ئوبدان ئادەم ئىدى، ئاشخانامغا شۈبھىلىك نەرسىلەرنى ئىشلەتمەيمەن دەپ كېتەرلىك خۇرۇچلارنىڭ ئىشەنچىلىكىنى تاللاپ ئىشلىتەتتى، ئىشەنچىلىك خۇرۇچلار قىممەت بولغاچقا، تاماق باھاسى باشقا ئاشخانىلاردىكىدىن باھاسى يۇقىرى بولدى، ئەرزانغا ئۆگىنىپ قالغان خەلىق بۇ باھانى قوبۇل قىلمىدى نەتىجىدە كىرىم چىقىمنى قامدىيالمىدى ،
ب : ئىغىر ئۇھسىندى، بوۋاي بىلەن خوشلىشىپ ئېغىر قەدەملەر بىلەن يۈرۈپ كەتتى . 
 
ئەلدىيار تورى ئۈندىدار سالونى : eldiyar99

ساغلاملىق

ئوقۇشلۇق

تور بىكەتنىڭ بارلىق ھوقۇقى شىنجاڭ ئەلدىيار مەدەنىيەت تارقىتىش شىركىتىگە مەنسۇپ

© 2014 ELDIYAR.COM 备案/许可证编号:新ICP备15003605号 组织机构代码证:328862907

广告部:18999993541 新闻部:13899903541 监督举报:13325555422 QQ \ Wechat :2663600

تور بىتىمىزگە يوللانغان مەزمۇنلار توردىن توپلانغان، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

本站的所有内容,视频,音频,图片,文字均从互联网上收集而来,作品版权归作者所有。如发现版权问题请及时联系站长

新公网安备 65010202000093号