تۈرى : ساغلاملىق يوللىغۇچى : ئابلەت نۇرمۇھاممەد ۋاقتى : 2016-04-14 00:52:27
كۆزىتىپ تەكشۈرۈش ئۇسۇلى:
زەھەرسىز سولياۋ خالتىلار ئادەتتە رەڭسىز، يېرىم سۈزۈك ياكى سۈت رەڭ ھالەتتە كۆرۈنىدۇ. قول بىلەن سىلىغان ۋاقىتتا بىر خىل سىلىق بىلىنىدۇ. زەھەرلىك سولياۋ خالتىلارنىڭ رەڭگى دۇغلىشاڭغۇ ھالەتتە بولۇپ، قول بىلەن سىلىغاندا قولغا چاپلىشىپ قالغاندەك سېزىم بېرىدۇ.
سولياۋ خالتىلارنى سىلكىپ تەكشۈرۈش ئۇسۇلى:
سولياۋ خالتىنىڭ بىر ئۇچىدىن تۇتۇپ كۈچەپ سىلكىگەندە، زىل ھەم جاراڭلىق ئاۋاز چىقارغىنى زەھەرسىز سولياۋ خالتا، يېقىمسىز ئاۋاز چىقارغىنى زەھەرلىق سولياۋ خالتا بولىدۇ.
كۆيدۈرۈپ تەكشۈرۈش ئۇسۇلى:
زەھەرسىز سولياۋ خالتىلار ئاسان كۆيىدۇ. ئوت يالقۇنى كۆك رەڭدە كۆرۈنىدۇ. كۆيگەن ۋاقىتتا شامغا ئوخشاش ئېرىپ چۈشىدۇ ھەم پارافىن پۇرىقى چىقىرىدۇ. زەھەرلىك سولياۋ خالتىلار زەھەرسىز سولياۋ خالتىغا قارىغاندا سەل تەسرەك كۆيىدۇ. ئوتتىن يىراقلاشتۇرۇلسىلا ئۆچۈپ قالىدۇ ھەم بىر خىل غىدىقلىغۇچى گاز پۇرىقى ھاسىل قىلىدۇ.
سۇدا تەكشۈرۈش ئۇسۇلى:
سولياۋ خالتىلارنى سۇغا سېلىپ، ئاستىغا بېسىپ قويۇپ بەرسەك، زەھەرسىز سولياۋ خالتىلار سۇ يۈزىگە ئاسانلا لەيلەپ چىقىدۇ. ئەمما زەھەرلىك سولياۋ خالتىلار سۇ يۈزىگە لەيلەپ چىقمايدۇ.
ئەگەر قارچۇق ئەينىكى تاقايدىغان بولسىڭىز، ئۇنداقتا، زۇكام دو
سولياۋ خالتىلارنىڭ زەھەرسىزلىكىنى ئاددىي ئۇسۇلدا پەرقلەندۈرۈش
تور بىكەتنىڭ بارلىق ھوقۇقى شىنجاڭ ئەلدىيار مەدەنىيەت تارقىتىش شىركىتىگە مەنسۇپ
© 2014 ELDIYAR.COM 备案/许可证编号:新ICP备15003605号 组织机构代码证:328862907
邮箱:global@eldiyar.com 广告部:18999993541 新闻部:13899903541 监督举报:13325555422 QQ \ Wechat :2663600
تور بىتىمىزگە يوللانغان مەزمۇنلار توردىن توپلانغان، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ
本站的所有内容,视频,音频,图片,文字均从互联网上收集而来,作品版权归作者所有。如发现版权问题请及时联系站长