تۈرى : ساغلاملىق يوللىغۇچى : ئابلەت نۇرمۇھاممەد ۋاقتى : 2016-04-12 00:37:20
ئورۇقلاۋاتقان نۇرغۇن كىشىلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا توغرا قوبۇل قىلىنغان ماي سالامەتلىككە پايدىلىق بولۇپ، ماددا ئالمىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ماينى كۆيدۈرۈشكە پايدىلىق. يېقىندا ئوزۇقلۇق سالامەتلىك مۇتەخەسىسى ئاننا لاۋلىسى ئۇرۇقلاشقا ياردەم بېرىدىغان ئالتە خىل يېمەكلىكنى يەكۈنلىگەن.
1. بوتېروسېپىروموم مېۋىسى. بۇ خىل مېۋىنىڭ تەركىبىدە مول تويۇنمىغان ماي بولۇپ، خۇلىتسېرىننى تۆۋەنلىتىش رولىنى ئوينايدۇ. ناشتىدا بوتېروسېپىروموم مېۋىسىنى تۇخۇم بىلەن قوشۇپ ئىستېمال قىلسا بولىدۇ.
2. سەنۋېن بېلىقى. بۇ خىل بېلىق ئومىگا 3 ماي كىسلاتاسىنىڭ مۇھىم مەنبەسى بولۇپ، قاندىكى گىلىتسېرىن كىسلاتاسى قاتارلىق زىيانلىق ماينى چىقىرىۋېتىشكە ياردەم بېرىدۇ.سۈرلەپ پىشۇرغان سەنۋېن بېلىقىغا سالات قۇشۇپ ياكى تۇخۇمنى زاكۇسكا قىلىپ ناشتىدا ئىستىېمال قىلسا بولىدۇ.
3. زەيتۇن يېغى. زەيتۇن يېغى تەركىبىدە تويۇنمىغان ماي بولۇپ، ئۇنى ئادەم بەدىنى ئاسان قوبۇل قىلىدۇ. تاماق ئەتكەندە زەيتۇن يېغىدىن پۇرچاق يېغى ئايرىۋالغىلى بولىدۇ. سالات ياسىغاندا زەيتۇن يېغى بىلەن ئاچچىقسۇنى ئارلاشتۇرسا بولىدۇ.
4. زىغىر يېغى. زىغىر يېغىنىڭ تەركىبىدە ئومىگا 3 ماي كىسلاتاسى مول. ئۇنى سالات بىلەن تەم تەڭشىگۈچ قىلغىلى بولىدۇ، ناشتىدا سۇلۇ يارمىسىغا بىر قۇشۇق سالسا بولىدۇ.
5. تۇخۇمنىڭ سېرىقى. نۇرغۇن كىشىلەر تۇخۇم ئىستېمال قىلغاندا سېرىقىنى يېمەيدۇ. بۇ توغرا ئۇسۇل ئەمەس. تەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشىچە، تۇخۇمنىڭ سېرىقى ماي ۋە شېكەرنى تۆۋەنلىتىش رولىنى ئوينايدىكەن. تۇخۇمنىڭ سېرىقىدا يەنە مايدا ئېرىيدىغان ۋىتامىن A، D،E،K ۋە كالتسىي، تۆمۈر، سىنىك، فولىك كىسلاتاسى ۋە B ئۇرۇقىنىڭ ۋىتامىنى بار.
6. قاتتىق مېۋە قىيامى. بىر كۈندىكى ئۈچ ۋاقلىق تاماقتا قاتتىق مېۋە قىيامى ئىستېمال قىلغاندا ئاچلىقنى بېسىپ قوساقنى تويغۇزۇپلا قالماستىن، بەلكى كۆپ خىل ئوزۇقلۇق تەركىبلىرىنى تولۇقلىغىلى بولىدۇ. بىراق دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، كۆپ ساندىكى قاتتىق مېۋە قىيامىنى ئۆزى ئۆيدە تەييارلاش كېرەك.ئۇنداق بولمايدىكەن بۇنىڭ ئىچىگە قوشۇلغان تەركىبلەر تەسەۋۋۇردىكىدىن ئېشىپ كېتىدۇ. شۇڭا سېتىۋالغاندا تەركىبى جەدۋىلىنى تەپسىلىي كۆرۈش ياكى ئۆيدە ئۆزى تەييارلاش كېرەك.
ئەگەر قارچۇق ئەينىكى تاقايدىغان بولسىڭىز، ئۇنداقتا، زۇكام دو
سولياۋ خالتىلارنىڭ زەھەرسىزلىكىنى ئاددىي ئۇسۇلدا پەرقلەندۈرۈش
تور بىكەتنىڭ بارلىق ھوقۇقى شىنجاڭ ئەلدىيار مەدەنىيەت تارقىتىش شىركىتىگە مەنسۇپ
© 2014 ELDIYAR.COM 备案/许可证编号:新ICP备15003605号 组织机构代码证:328862907
邮箱:global@eldiyar.com 广告部:18999993541 新闻部:13899903541 监督举报:13325555422 QQ \ Wechat :2663600
تور بىتىمىزگە يوللانغان مەزمۇنلار توردىن توپلانغان، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ
本站的所有内容,视频,音频,图片,文字均从互联网上收集而来,作品版权归作者所有。如发现版权问题请及时联系站长