تەۋىسىيە
ئىزدەش

بەك كەچ ئۇخلاش بەدەنگە قانداق تەسىر كۆرسىتىدۇ ؟

تۈرى : ساغلاملىق يوللىغۇچى : ۋاقتى : 2015-06-12 19:43:40

\
دائىم كەچ ئۇخلىغاندا قۇلاققا قان يېتىشمەي، ئاڭلاش ئىقتىدارىغا زىيان يېتىدۇ، ئېغىر بولغاندا كىشى گاس بولۇپ قالىدۇ. ئ‍ەڭ يامىنى ئىممۇنىتېت كۈچى تۆۋەنلەپ، زۇكام ۋە زىيادە سېزىمچانلىق كېسىلىگە گىرىپتار بولىدۇ. يەنە مىجەزى ئوساللىشىپ، ئىچكى ئەزالار تەڭپۇڭسىزلىشىدۇ، بۇنىڭ بىلەن يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپى كۈچىيىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، كەچ ئۇخلايدىغانلار كەچلىك تاماقتىن خالىي بولالمايدۇ، بۇ تاماق ھەزىم بولمايلا قالماستىن ئىشتىھا تۇتۇلۇش، ئوزۇقلۇق تەڭپۇڭلىقى بۇزۇلۇش ۋە سېمىزلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. 
تېرە كەچ سائەت 8:00-9:00لاردا كۈتۈنۈش ھالىتىگە كىرىدۇ، دائىم كېچىسى ئۇخلىمىغاندا، ئىچكى ئاجرالمىلار ۋە نېرۋا سىستېمىسى تەڭپۇڭسىزلىشىپ، تېرە قۇرغاقلىشىپ، داغ ۋە سەپكۈن چۈشىدۇ. كىشىنىڭ سىمپاتىك نېرۋا سېستىمىسى كېچىسى ئاكتىپلىشىدىغان بولغاچقا، كېچىسى ئۇخلىمايدىغانلار كۈندۈزى روھسىز يۈرىدۇ، ئۇلارنىڭ بېشى قايىدۇ، ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتى ناچارلىشىپ، ئىنكاسى ئ‍استىلايدۇ، ئېغىر بولغاندا نېرۋا زەئىپلىشىپ، ئۇيقۇسىزلىق كېسىلىگە گىرىپتار بولىدۇ. 

ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى
ئەلدىيار تورى ئۈندىدار سالونى : eldiyar99

ساغلاملىق

ئوقۇشلۇق

تور بىكەتنىڭ بارلىق ھوقۇقى شىنجاڭ ئەلدىيار مەدەنىيەت تارقىتىش شىركىتىگە مەنسۇپ

© 2014 ELDIYAR.COM 备案/许可证编号:新ICP备15003605号 组织机构代码证:328862907 公安备案号:6501201406006

电话:13325555422 0991-2506623 QQ:2663600

تور بىتىمىزگە يوللانغان مەزمۇنلار توردىن توپلانغان، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

本站的所有内容,视频,音频,图片,文字均从互联网上收集而来,作品版权归作者所有。如发现版权问题请及时联系站长