سىز بەلكىم بىلمەسلىكىڭىز مۇمكىن، 2015-يىلى خوجايىنلارنىڭ كۈنى ئۇنداق ئاسان ئۆتمىدى. تور بىلەن ئىقتىسادنىڭ قوش بېسىمى ئاستىدا 80%تىن ئارتۇق خوجايىنلار ئىقتىساد كىرزىسىغا ئۇچرىدى. ئىگىلىك باشقۇرۇش قىيىنلاشتى، شىركىتىنىڭ تاقىلىپ قېلىش خەۋپى كۈندىن-كۈنگە ئېغىرلاشتى. خىزمەتچى بولغان سىز خوجايىنىڭىز بىلەن بىر نىيەت بىر مەقسەتتە كىرزىسقا تاقابىل تۇردىڭىزمۇ ياكى قول قوۋۇشتۇرۇپ تۇردىڭىزمۇ؟
دېڭىز ئاۋارىيىسى بولغاندا ئەڭ ئېغىر ئازاپقا دۇچ كېلىدىغىنى كېمە باشلىقى. چۈنكى ئۇ ئۆزى مەسئۇل بولغان شۇ كېمىنى تاشلاپ كېتىشكە چىدىمايدۇ. كېمە خادىملىرى بولسا پەقەت ئۆزىنىڭ خىزمىتىنى ياخشى قىلىپ قۇتۇلدۇرىلىشنى كۈتسە بولىدۇ. كېمە باشلىقىمۇ ئەلۋەتتە ئۇلارنى ھالاكەتكە سۆرەپ ئەكىرىشنى خالىمايدۇ. شىركەت پايدىغا ئېرىشكەندە، خىزمەتچىلەرنىڭ ئويلايدىغىنى پايدىدىن تەڭ بەھرلىنىش،لېكىن زىيان تارتقاندىچۇ؟ ھەرگىزمۇ خوجايىنغا زىياننى تەڭ تارتىشىپ بەرمەيدۇ.
خىزمەتچى بولغان سىز كۆرگىنىڭىز خوجايىننىڭ ھازىرى. ئۆتمۈشىچۇ؟ئۇنىڭ قانچىلىك جاپالارنى تارتىپ بۈگۈنگە كەلگەنلىكى،قايسى تامغا ئۇرۇلۇپ سوقۇلغانلىقىنى بىلمەيسىز ،ئەلۋەتتە.
بارلىق خوجايىنلارنىڭ ھەممىسىدە دېگۈدەك ئاشقازان ياللۇغى بار. نېرۋا جىددىيلىشىش، ئۇيقۇسىزلىق،بۇرۇقتۇرمىلىق، تەشۋىشلىنىش...
خوجايىنىڭىز ھەقىقەتەنمۇ ھاياتى بەدىلىگە ئىگىلىك تىكلىگۈچىدۇر. شۇڭا ئۇنىڭغا ياخشى مۇئامىلە قىلىڭ. ئۇ خۇددى بىر دەرەخكە ئوخشايدۇ. رىقابەت مەيلى قانچىلىك كەسكىن بولسۇن، رەقىبى مەيلى قانچىلىك كۈچلۈك بولسۇن، بازاردىكى ئۆزگىرىشلەر مەيلى قانچىلىك تۇراقسىز بولسۇن ، ئۇ ئۆرۈلۈپ چۈشمىسىلا ھەممىگە دالدا بولالايدۇ،تاقابىل تۇرالايدۇ. ئۆزىنىڭ ئەزاسى بولغان شاخلىرىنى قوغداپ قالالايدۇ. مەيلى ئۇ دەرەخ چوڭ ياكى كىچىك بولسۇن، شامال-بوراننى توسىيالايدۇ، ياخشى ياكى يامان بولسۇن ، سايىدىغىلى بولىدۇ. لېكىن ئۇ ئۆرۈلۈپلا چۈشتىما ھېچنىمە قىلغىلى بولمايدۇ. خوجايىنىڭىزغا ياخشى مۇئامىلە قىلىڭ. خىزمەت ۋاقتىدا سىز تېلىفون ئويناۋاتقاندا، خوجايىنىڭىز بىر توختامغا ئېرىشىش ئۈچۈن باش قاتۇرىدۇ؛ سىز ئىللىق ئۆيىڭىزگە قايتقاندا، ئۇ ئاخىرى چىقماس سورۇنلاردىن قايتالمايدۇ؛ خىزمىتىڭىزدە كۆڭۈلسىزلىك بولغاندا سىز ئىستىپانامىدىن بىرنى تاپشۇرۇپلا كېتىپ قالسىز، لېكىن خوجايىنىڭىز سىزنىڭ تاشلاپ كەتكەن قالدۇق خىزمەتلىرىڭىزنى بىر تەرەپ قىلىدۇ؛
خوجايىن بولغاننىڭ نېمە گۇناھى بار؟ ئۇ پەقەت بارلىقىدىن كېچىپ، ئىگىلىك تىكلەش يولىغا ماڭغان، تىرىشىپ ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ھاياتىنى ئۆزگەرتمەكچى بولغان خالاس.
خوجايىنىڭىزغا ياخشى مۇئامىلە قىلىڭ.
ھېچكىم كۈن بويى باشقىلار تەرىپىدىن قەرز سۈيلىنىپ ئۆتۈشنى خالىمايدۇ. قەرز قايتۇرۇش ۋاقتىنىڭ ئۆتۈپ، قايتۇرىدىغانغا پۇل قالمىغان كۈن كېلىشىنى خالىمايدۇ. كىممۇ بىر كۈنلەردە مەغلۇب بولۇپ ، كوچىلاردا سەرسان بولۇشنى خالىسۇن. ئۇلار ئائىلىسىنى، سالامەتلىكىنى، ۋاقتىنى قۇربانلىق قىلدى. 2015-يىلى مەيلى كىمگىلا بولمىسۇن ياخشى ئۆتمىدى. بۇ يىل خوجايىنىڭىز مەسئۇلىيىتىدقىن قاچمىغان بولسىلا، بارلىق قىيىنچىلىقلارغا چىشىنى چىشىنى چىشلەپ تاقابىل تۇرىۋاتقان بولسىلا ئۇنىڭ ئازابىنى، بېسىمىنى چۈشىنىپ قويۇڭ.
2016-يىلى خوجايىنىڭىزغا ياخشى مۇئامىلە قىلىڭ.

ئەلدىيار تورى ئۈندىدار سالونى : eldiyar99