تەۋىسىيە
ئىزدەش

ئائىلە ئىستىلى ئۈنسىز تەربىيەدۇر

تۈرى : تۇرمۇش يوللىغۇچى : ئابلەت نۇرمۇھاممەد ۋاقتى : 2016-04-25 23:44:18

                                                  \
   ئائىلە جەمئىيەتنىڭ ئاساسلىق ھۈجەيرىسى، ئىنسانلارنىڭ تۇنجى مەكتىپى. دەۋر ۋە تۇرمۇش ئەندىزىسىدە قانچىلىك ئۆزگىرىش يۈز بەرسۇن، ھەممىمىز ئائىلىگە، ئائىلە تەربىيەسىگە، ۋە ئائىلە ئىستىلىغا ئەھىمىيەت بېرىشىمىز كېرەك.

    ئائىلە تەربىيەسى ماددىي قاتلامغا مەنسۇپ ئەمەس، ئۇ ئائىلە ياكى جەمەتنىڭ باي – كەمبەغەللىكى، جەمئىيەتتە تۇتقان ئورنىنىڭ يۇقىرى – تۆۋەنلىكى بىلەن مۇناسىۋەتسىز. ئائىلە ئىستىلى بىر خىل مەنىۋى روھ ۋە مەدەنىي قاتلامدىكى نەرسە بولۇپ، ئاڭ فورمىسى دائىرىسىگە مەنسۇپ، ئۇنى يەنە ئائىلە مەدەنىيىتى دەپ ئاتاشقىمۇ بولىدۇ. ئىنسان مەلۇم بىر ئائىلىدە ئۇزاق ۋاقىت ياشىغاچقا، كۆرگەن، ئاڭلىغانلىرى ئاستا – ئاستا تەسىر قىلىپ، بىلىپ – بىلمەي ئائىلە ئىستىلىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدۇ ۋە تاۋلىنىدۇ.

    بالا پاسسىپ ھالدا ئاتا – ئانىنىڭ ئۆز خاھىشى بىلەن باشقۇرۇشىنى، تەربىيەلىشىنى، يارىتىپ چىقىشىنى قوبۇل قىلماستىن، بەلكى ئاتا – ئانا بىلەن ئاكتىپ ھالدا پىكىرلىشىش جەريانىدا ئۆسۈپ يېتىلىدۇ. ئاتا – ئانا ئۆز ھەيۋىسى، ھوقۇقىغا تايىنىپ، بالىغا بىر تەرەپلىمىلىك، مەجبۇرلاش خاراكتېرلىك تەربىيە بېرىشكە بولمايدۇ، ئائىلىدە ياخشى بولغان كىشلىك مۇناسىۋەت، ياشاش ئۇسۇلى، تۇرمۇش ئادىتى قاتارلىقلارنى شەكىللەندۈرگەندە، ئاتا – ئانا بىلەن بالا ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىقنى ئوڭۇشلۇق داۋاملاشتۇرغىلى بولىدۇ.

    بۈگۈنكى كۈندە بالىلارنىڭ ياشاش مۇھىتىدىكى ئۆزگىرىشنىڭ بارغانسېرى كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، ئۇنى مۆلچەرلەش ۋە تىزگىنلەش تەسكە چۈشمەكتە. ئائىلە تەربىيەسى، مەكتەپ تەربىيەسى ۋە جەمئىيەت تەربىيەسى ھەر بىر بالىنىڭ چوقۇم باشتىن كەچۈرىدىغان ‹‹پىششىقلاپ ئىشلەش قۇرۇلۇشى››، ئائىلە تەربىيەسى بۇنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ مۇھىم قۇرۇلۇش بولۇپ، ئاساسلىقى بالىغا ئۇل سالىدۇ. ئۇل ياخشى بولغاندا، كېيىن ناچار تەسىرگە ئۇچراپ يولدىن چىقىپ كېتىشتىن ساقلانغىلى بولىدۇ. ئۇل ياخشى بولمىغاندا، كېيىن تۈزىتىشمۇ تەسكە توختايدۇ.

    ھەر بىر ئائىلە جەمئىيەت بىلەن ئۆز – ئارا مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ، ھەرقانداق بالا چوڭ بولغاندىن كېيىن جەمئىيەتكە چىقىدۇ. ئائىلە ئىستىلىنى تىكلەشتە، چوقۇم جەمئىيەتنىڭ تەرەققىيات يۆنىلىشى ۋە كەلگۈسىدىكى ئەزالارغا بولغان تەلىپىنى ئىگىلەپ، ئىندىۋىدۇئاللىق خۇسۇسىيەتكىمۇ ئىگە، شۇنىڭ بىلەن بىللە، جەمئىيەتنىڭ ئېھتىياجىغىمۇ ماسلىشالايىدىغان ئائىلە ئىستىلى قۇرۇپ چىقىشى كېرەك.

    ئائىلە ئىستىلى ئائىلىدىكى بارلىق ئەزالار بىرلىكتە تۈزگەن، بىرلىكتە ئەمەل قىلدىغان قېلىپلاشقان بىر خىل ھەرىكەت مىزانى. ئەمما ئائىلە ئىستىلىنى بېكىتكۈچى يەنىلا ئاتا – ئانا. شۇنىڭ ئۈچۈن ئاتا – ئانىنىڭ سەۋىيەسى ئىنتايىن مۇھىم. 

ئەلدىيار تورى ئۈندىدار سالونى : eldiyar99

ساغلاملىق

ئوقۇشلۇق

تور بىكەتنىڭ بارلىق ھوقۇقى شىنجاڭ ئەلدىيار مەدەنىيەت تارقىتىش شىركىتىگە مەنسۇپ

© 2014 ELDIYAR.COM 备案/许可证编号:新ICP备15003605号 组织机构代码证:328862907

广告部:18999993541 新闻部:13899903541 监督举报:13325555422 QQ \ Wechat :2663600

تور بىتىمىزگە يوللانغان مەزمۇنلار توردىن توپلانغان، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

本站的所有内容,视频,音频,图片,文字均从互联网上收集而来,作品版权归作者所有。如发现版权问题请及时联系站长

新公网安备 65010202000093号