تەۋىسىيە
ئىزدەش

يازدا توڭلاتقۇ كېسىلىدىن ئېھتىيات قىلىڭ

تۈرى : تۇرمۇش يوللىغۇچى : ۋاقتى : 2015-05-03 22:21:22

توڭلاتقۇ «بىخەتەر ساندۇق»ئەمەس. توڭلاتقۇ پەقەت باكتېرىيىنىڭ كۆپىيىشىنى تېزگەنلەيدۇ، باكتېرىيەنى توڭلىتىپ ئۆلتىرەلمەيدۇ. ھەتتا بەزى باكتېرىيەلەر توڭلاتقۇدا كۆپىيىپ، يېتىلىپ، كىشىلەرنىڭ سالامەتلىكىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ. توڭلاتقۇدا ساقلىغان يېمەكلىكلەر مۇۋاپىق ئىستىمال قىلىنمىسا، ئاشقازاق ياللۇغى، ئۈچەي ياللىغۇنى پەيدا قىلىشى مۇمكىن. بەزى باكتېرىيە ۋە كۆكەرتكۈچى باكتېرىيەلەر تۆۋەن تېمپۇراتورىدا ناھايىتى تېز كۆپىيىپ، مېۋە - چېۋە، كۆكتات، بېلىق ۋە سۈت مەھسۇلاتلىرى قاتارلىقلارنى ئاسانلا بۇلغايدۇ. بۇنداق يېمەكلىكلەر ئوبدان ئىستىلىپ ياكى پىشۇرۇلۇپ ئېستىمال قىلىنمىسا، ئۈچەي ياللىغۇنى پەيدا قىلىپ، قورساق ئاغرىش ۋە ئىچى سۈرۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئەگەر توڭلاتقۇدا ساقلانغان يېمەكلىك ھەددىدىن كۆپ ئېستىمال قىلىنسا، ئاشقازان بىلەن ئۈچەي تۆۋەن تېمپۇراتورىنىڭ غىدىقلىنىشىغا ئۇچراپ، قان تومۇرلار بىردىنلا قۇرۇلۇپ كېتىتۇ -دە، قان ئايلىنىش نورمال بولمايدۇ. ئاشقازان، ئۈچەي يوللىرىنىڭ ھەزىم قىلىش سۇيۇقلىقىنى ئاجرىتىپ چىقىرىشىمۇ توختاپ، كۆكرەك تۇيۇقسىز ئاغرىش، قۇسۇش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ. ئاشقازان ياللۇغىغا گىرىپتار بولغان بالىلار سوغۇق ساقلانغان يېمەكلىكلەرنى ئېستىمال قىلىپ يېرىم سائەتتىن كېيىن، كۆڭلى ئىلىشىش، قۇسۇش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ.
ئەلدىيار تورى ئۈندىدار سالونى : eldiyar99

ساغلاملىق

ئوقۇشلۇق

تور بىكەتنىڭ بارلىق ھوقۇقى شىنجاڭ ئەلدىيار مەدەنىيەت تارقىتىش شىركىتىگە مەنسۇپ

© 2014 ELDIYAR.COM 备案/许可证编号:新ICP备15003605号 组织机构代码证:328862907 公安备案号:6501201406006

电话:13325555422 0991-2506623 QQ:2663600

تور بىتىمىزگە يوللانغان مەزمۇنلار توردىن توپلانغان، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

本站的所有内容,视频,音频,图片,文字均从互联网上收集而来,作品版权归作者所有。如发现版权问题请及时联系站长