1-خوجايىنى بىلەن ئاستىرىتتىن تېپىشىش
ئادەم نامراتلىق پاتقىقىغا پېتىپ قالغاندا بايلار كۆزىگە سىغمايدىغان،بايلارنىڭ غەيۋىتىنى قىلىۋالمىسا ئارام تاپالمايدىغان بولۇپ قالىدۇ،ھەتتا بايلارنى ئۆزىنىڭ مال مۈلكىنى بۇلىۋالغاندەك ئۆچ كۆرىدىغان بولۇپ كېتىدۇ.ئەگەر بىرەر باينىڭ قولىدا ئىشلەپ قالسا،ئۆزىنى خوجايىنىدىن قاچۇرىدۇ،خوجايىنى ئىككى ئېغىز تەنقىدلەپ قويسا ئىچىدە ئۇنىڭغا غۇم ساقلاپ،ئىشتا ھورۇنلۇق قىلىدۇ.
ئەمىلىيەتتە بۇ نامراتلارغا خاس پىسخىكا بولۇپ،باشقىلار خوجايىنلارغا يېقىنلىشىشقا تىرىشىۋاتسا ئۇلار قېچىشقا ئۇرۇنىدۇ،باشقىلار ئىشىنى ياخشى قىلىپ،نەتىجە يارىتىشقا تىرىشسا،ئۇلار ئىشنى ئاقسىتىپ خوجايىنغا ئاۋارىچىلىق كەلتۈرۈشنىڭ كويىدا بولىدۇ.بۇنداق قىلىشنىڭ ئاقىۋىتىدە گەرچە خوجايىن بولغۇچى ئازدۇر-كۆپتۇر زىيانغا ياكى ئاۋارىچىلىققا ئۇچرىغاندەك قىلسىمۇ،لېكىن زىيىنى تۆت تال تەڭگە بىلەنلا چەكلىنىدۇ،ئاخىر زىيان تارتقۇچى يەنىلا نامرات پىسخىكىدا بولغۇچى،ئۇنىڭ ئىشى راۋاج تاپمايدۇ،ۋاقتى ئىسراپ بولىدۇ،خالاس.
2 -باشلىقى بىلەن تۆھپە تالىشىش
ئاكتىپ تەپەككۇر قىلغۇچىلار ھەممە ئىشتا ئىش باشقۇرغۇچىغا يار-يۆلەك بولۇپ،نەتىجە يارىتىشقا تىرىشىدۇ،ھوقۇق تۇتقۇسى كەلگەن تەقدىردىمۇ،باشلىقىنى يۆلەپ ئۆستۈرۈۋېتىپ،ئاندىن بىكار بولغان ئورۇنغا ئولتۇرىدۇ.ئەمما، ئارىمىزدا بىر قىسىم ئۆزىنى ئەقىللىق سانايدىغان،ئەمىلىيەتتىمۇ ئەقىللىق كىشىلەر ئۆزىگە تەمەننا قويىدۇ،ئىش بېشىدىن تۆھپە تالىشىدۇ،ھەتتا ئاستىرىتتىن ھوقۇق تالىشىدۇ،تالاشمىسا زىيان تارتقاندەك تۇيغۇدا بولىدۇ،شۇڭا ئەقىللىق بولسىمۇ بۇنداقلار رەھبەرلىك ۋە خىزمەتداشلىرىنىڭ چەتكە قېقىشىغا ئۇچراپ،ئۆز ئىقتىدارىنى جارى قىلدۇرۇش پۇرسىتىگە ئېرىشەلمەي ئۆتۈپ كېتىدۇ.نەتىجىدە ئۆزىنىڭ ئىستىقبالىنىمۇ،كوللىكتىپنىڭ مەنپەئەتىنىمۇ زىيانغا ئۇچرىتىدۇ.
3- پىكىر قوبۇل قىلماسلىق
ھەممە ئىشتا باشقىلارنىڭ ماختىشىغا ئامراق،ئەمما پايدىلىق بولغان تەنقىد-پىكىرلەرگىمۇ قۇلاق سېلىشنى خالىمايدىغانلار بار.ئەمىلىيەتتە بۇخىل پىسخىكىدىكى كىشىلەر ھېچ ئىشنى ئاقتۇرالمايدۇ. چۈنكى ئادەم باشقىلارنىڭ تەنقىد-پىكىرلىرى،رەھبەرلەرنىڭ قاتتىق تەلىەپلىرىدىن ئايرىلىپ قالسا ئالغا بېسىش ئىمكانىيىتىدىن مەھرۇم بولۇپ قالىدۇ.
4-بانا تېپىپ مەسئۇلىيەتتىن قېچىش
خىزمەتتە بەزىلەر ئامال قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىش ئۈچۈن تىرىشىدۇ،ئەپسۇسكى تېخىمۇ كۆپ كىشىلەر بولسا بىرەر بانا تېپىپ مەسئۇلىيەتتىن قېچىشنىڭ،ئارام ئېلىپ كۈن ئۆتكۈزۈشنىڭ كويىدا بولىدۇ.ئەمىلىيەتتە ئامال قىلغىلى بولمايدىغان ئىشنى رەھبەرلەرمۇ ئورۇنلاشتۇرمايدۇ،ئورۇنلاشتۇرغان تەقدىردىمۇ خادىملىرى تىرىشىپمۇ ئامال قىلالمىغان شارائىت ئاستىدا يەنىلا ئۆز خادىملىرىنىڭ تىرىشچانلىقىدىن تېخىمۇ بەك مەمنۇن بولىدۇ.
5-پىرىنسىپقا ئەمەس ھېسياتقا بېقىش
بايلار ھەممە ئىشتا قائىدە-پىرىنسىپقا ئەمەل قىلىدۇ،ئۆزىنىڭ ئوبرازىغا دىققەت قىلىدۇ،كەمبەغەللەر بولسا ھېسياتقا بېقىپ ئىش قىلىدۇ،قائىدە-پىرىنسىپلارنى ئېتىۋارغا ئېلىپ كەتمەيدۇ،ئوبرازىغا دىققەت قىلمايدۇ.شۇڭا خوجايىن ياكى رەھبەرلىرىنىڭ موھىم ئىشلارغا قويۇش پۇرسىتىدىن مەھرۇم بولۇپ قالىدۇ.
6-مەبلەغ سېلىشنى خالىماسلىق
بايلار ئۆز ئىشلىرى ياكى پەرزەنتلىرى ئۈچۈن مەبلەغ سېلىشقا ھېرىسمەن،لېكىن كەمبەغەللەر بولسا،قولىغا پۇل چۈشسىلا ياكى خەجلەپ تۈگۈتىۋېتىدۇ ياكى بولمىسا بانكىغا قويۇپ ئۆي سېتىۋېلىش ئۈچۈن توپلايدۇ،ھەرگىزمۇ تاپقان پۇلىنىڭ بىر قىسمىنى ئاجرىتىپ ئۆزىنىڭ ۋە پەرزەنتلىرىنىڭ ساپاسىنى ياكى تۇرمۇش سەۋىيىسىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن مەبلەغ سېلىشنى خالىمايدۇ.ئەڭ يامىنى پەرزەنتلىرىگىمۇ بۇ نامراتلار تەپەككۇرىنى مىراس قالدۇرۇپ كېتىدۇ.
يۇقۇرىدىكى 6 خىل تەپەككۇر ئۇسۇلى نامراتلارغا خاس تەپەككۇر بولۇپ،ئادەمنى كۈندىن-كۈنگە نامراتلاشتۇرۇۋېتىدۇ،نامراتلىق بولسا پەرزەنتلەرگە مىراس قالىدۇ.نامراتلىقتىن نېرى تۇراي دېسىڭىز چوقۇم يۇقۇرقى ئىللەتلەردىن نېرى تۇرۇڭ.
ئاكتىپ تەپەككۇر ئېڭى ھەممىمىزگە يار بولسۇن!

ئەلدىيار تورى ئۈندىدار سالونى : eldiyar99