تەۋىسىيە
ئىزدەش

يۆتەل توختىتىش دورىلىرىنى قالايمىقان ئىچمەسلىك كېرەك

تۈرى : ساغلاملىق يوللىغۇچى : ۋاقتى : 2015-05-03 22:24:26

يۆتەل كۆپ كۆرۈلىدىغان كىلىنىكىلىق ئالامەت بولۇپ، نېرۋا رېفلېكس يايى تەرىپىدىن ئورۇنلىنىدىغان، كۆپ ھاللاردا بەدەنگە پايدىلىق بولغان بىر خىل مۇرەككەپ فىزىيولوگىيەلىك جەريان.ئادەتتە، نەپەسلىنىش يولىغا يىغىلىپ قالغان بەلغەم ياكى نەپەسلىنىش يولىغا كىرگەن نەرسىلەر يۆتىلىش ئارقىلىق بەدەن سىرتىغا چىقىرىلىپ، نەپەس يولىنىڭ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىشىنىڭ ئالدى ئېلىنىدۇ. ئەمما بەزىلەر ئۆزى ياكى بالىلاردا يۆتىلىش كۆرۈلسە، دەرھال يۆتەل توختىتىش دورىسىغا مۇراجىئەت قىلىدۇ، بۇنداق قىلىش توغرا ئەمەس، بۇنىڭدا يۆتەل توختىغان بىلەن نەپەسلىنىش يولىغا يىغىلىپ قالغان باكتېرىيە، ۋىرۇس قاتارلىق كېسەل پەيدا قىلغۇچىلار نەپەسلىنىش يولىدا يىغىلىپ قېلىپ، ۋاقتىدا بەدەن سىرتىغا چىقىرىۋېتىلمەي، كېسەل ئەھۋالىنى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدۇ. شۇڭا يۆتەل توختىتىش دورىلىرىنى قالايمىقان ئىچمەسلىك كېرەك. ئايرىم ئەھۋاللاردا، مەسىلەن: يۇتقۇنچاق يەللىكى قاتارلىق كېسەللەردە كىشى قۇرۇق يۆتىلىدۇ.
بۇنداق ئەھۋالدا يۆتەل توختىتىش دورىلىرىنى ئىچسە بولىدۇ، چۈنكى بۇنداق يۆتەل بىز يۇقىرىدا تىلغا ئالغان يۆتەلگە ئوخشاش زىيانلىق تەركىبلەرنى بەدەن سىرتىغا چىقىرىۋېتىش مەقسىتىدىكى يۆتەل بولماستىن، بەلكى يۇتقۇنچاقنىڭ غىدىقلىنىشى سەۋەبىدىن بولغان يۆتەلدۇر. قۇرۇق يۆتەل توختىتىلمىسا، نەپەس يولى توقۇلمىلىرى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرايدۇ. شۇڭا يۆتەل ئېغىر بولسا، دوختۇرنىڭ مەسلىھەتىنى ئېلىپ، دورىنى توغرا ئىچىش كېرەك.
ئەلدىيار تورى ئۈندىدار سالونى : eldiyar99

ساغلاملىق

ئوقۇشلۇق

تور بىكەتنىڭ بارلىق ھوقۇقى شىنجاڭ ئەلدىيار مەدەنىيەت تارقىتىش شىركىتىگە مەنسۇپ

© 2014 ELDIYAR.COM 备案/许可证编号:新ICP备15003605号 组织机构代码证:328862907 公安备案号:6501201406006

电话:13325555422 0991-2506623 QQ:2663600

تور بىتىمىزگە يوللانغان مەزمۇنلار توردىن توپلانغان، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

本站的所有内容,视频,音频,图片,文字均从互联网上收集而来,作品版权归作者所有。如发现版权问题请及时联系站长