تەۋىسىيە
ئىزدەش

تاماكا تاشلىغاندىن كېيىن بەدەندە كۆرۈلىدىغان ئۆزگىرىشلەر

تۈرى : ساغلاملىق يوللىغۇچى : ۋاقتى : 2015-05-03 22:17:17

ئامېرىكا كېسەلنى كونترول قىلىش ۋە ئۇنىڭدىن ساقلىنىش مەركىزىنىڭ ئېلان قىلغان ئەڭ يېڭى ماتېرىيالىدا كۆرسىتىلىشىچە، تاماكىنى تاشلىغاندىن كېيىنكى 20 مىنۇت ئىچىدە بەدەندە تۆۋەندىكىدەك ئۆزگىرىشلەر كۆرۈلۈشكە باشلايدىكەن: 20 مىنۇتتىن كېيىن قان بېسمى، تومۇرنىڭ ھەرىكىتى نورماللىشىپ، قول ۋە پۇتلارنىڭ تېمپېراتۇرىسى ئەسلىگە قايتىپ، سەككىز سائەتتىن كېيىن قاندىكى كاربون چالا ئوكسىدىنىڭ سەۋىيەسى تۆۋەنلەپ نورماللىشىدىكەن، 42 سائەتتىن كېيىن يۈرەك كېسىلىنىڭ قوزغىلىش خەۋپى تۆۋەنلەشكە باشلايدىكەن. 48 سائەتتىن كېيىن نېرۋا شاخچىلىرىنىڭ ئۇچى يېڭى باشتىن ئۆسۈشكە باشلايدىكەن. پۇراش ۋە تەم ئىقتىدارى كۈچىيىدىكەن، ئۈچ ئايدىن كېيىن قان ئايلىنىش ياخشىلىنىپ، ھەرىكەتلىنىش ئىقتىدارى كۈچىيىپ، ئۆپكىنىڭ ئىقتىدارى %30 ئاشىدىكەن. بىر ئايدىن توققۇز ئايغىچە بولغان ۋاقىتتىن كېيىن يۆتىلىش، بۇرنى قىزىرىش، چارچاش، نەپەس تىقىلىش يېنىكلەپ، ئۆپكىنىڭ تاشقى پەردىسىدىكى كېلتكا تالچىقلىرى قايتىدىن ئۆسۈشكە باشلايدىكەن. شىلىمشىق سۇيۇقلۇقىنى سىرتقا چىقىرىش ئىقتىدارى ئاشىدىكەن، يۇقۇملىنىش ئازىيىدىكەن. بەدەننىڭ ئومۇمىي زېھنىي كۈچى ئاشىدىكەن، بىر يىلدىن كېيىن تاجىسىمان يۈرەك كېسىلىنىڭ قوزغىلىش خەۋپى تاماكا چەككۈچىلەرنىڭكىدىن %50 تۆۋەنلەيدىكەن، بەش يىلدىن كېيىن، ئەسلىدىكى ھەر يىلى بىر قاپ تاماكا چەككۈچىلەرنىڭ ئۆپكە راكى بىلەن ئۆلۈش نىسبىتى%50 تۆۋەنلەيدىكەن. سەكتە كېسىلىنىڭ قوزغىلىش خەۋپى تاماكا تاشلىغان بەش يىلدىن ئون بەش يىلغىچە بولغان ۋاقىت ئىچىدە تۆۋەنلەپ، تاماكا چەكمەيدىغانلارنىڭ سەۋىيەسىگە يىقىنلىشىدىكەن. ئېغىز راكى، كاناي راكى ۋە قىزىلئۆڭگەچ راكى بولۇش خەۋپى تۆۋەنلەپ، تاماكا چەككۈچىلەرنىكىدىن %50 ئازلايدىكەن، ئون يىلدىن كېيىن ئۆپكە راكى بولۇپ ئۆلۈش نىسبىتى تاماكا چەكمەيدىغانلار بىلەن ئوخشاش بولىدىكەن. راك بولۇش ئالدىدىكى كىلىتلار نورمال كىلىتلارغا ئۆزگىرىپ، ئېغىز راكى، كاناي راكى، قىزىلئۆڭگەچ راكى، دوۋسۇن راكى، بۆرەك راكى ۋە ئاشقازان ئاستى بېزى راكى بولۇش خەۋپى تۆۋەنلەيدىكەن، 15 يىلدىن كېيىن تاجىسىمان يۈرەك كېسىلى بولۇش خەۋپى تاماكا چەكمەيدىغانلار بىلەن ئوخشاش بولىدىكەن.
ئەلدىيار تورى ئۈندىدار سالونى : eldiyar99

ساغلاملىق

ئوقۇشلۇق

تور بىكەتنىڭ بارلىق ھوقۇقى شىنجاڭ ئەلدىيار مەدەنىيەت تارقىتىش شىركىتىگە مەنسۇپ

© 2014 ELDIYAR.COM 备案/许可证编号:新ICP备15003605号 组织机构代码证:328862907 公安备案号:6501201406006

电话:13325555422 0991-2506623 QQ:2663600

تور بىتىمىزگە يوللانغان مەزمۇنلار توردىن توپلانغان، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

本站的所有内容,视频,音频,图片,文字均从互联网上收集而来,作品版权归作者所有。如发现版权问题请及时联系站长