تەۋىسىيە
ئىزدەش

مەرھۇم ئەھمەد زىيائى ئۇستازنى ئەسلەيمىز

تۈرى : ئەدەبىيات يوللىغۇچى : ئابلەت نۇرمۇھاممەد ۋاقتى : 2016-04-29 13:28:01

                                                                      \
2015–يىل 27–ئۆكتەبىر، 20-ئەسىر ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ مەشھۇر ۋەكىلى، زور شۆھرەتكە ئىگە شائىر، يازغۇچى، دىراماتورگ، ئالىم ۋە جامائەت ئەربابى، مەرھۇم ئەھمەد زىيائى ئۇستاز ۋاپاتىنىڭ 26 يىللىق خاتىرە كۈنى. مەرھۇم ئەھمەد زىيائى ئۇستاز توغرىسىدا ئاشكارا نەشر قىلىنغان كىتابلارنىڭ ئاز بولۇشى، ۋىجدانلىق زىيالىيلار قاتارىدا ئىنتايىن ئاز تىلغا ئېلىنىشى سەۋەبلىك، مەرھۇم ئۇستاز ھاياتى ۋە ئۇنىڭ ئىجادىي ئەمگەكلىرى ھەققىدىكى تەپسىلاتلارنى كۆپ قىسىم ياشلىرىمىز ئانچە بىلىپ كەتمەيدۇ.

دوكتور زۇلپىقار بارات ئۆزباش مۇئەللىم باشچىلىقىدا ئۇيغۇر تارىخىدىكى بۈيۈك سىمالارنى خاتىرىلەش تەشەببۇسى چاقىرىلىپ، تۇنجى قېتىمدا مەرھۇم ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر ئۇستاز ۋاپاتىنىڭ 20 يىللىقىغا ئاتالغان ئىلىم چېيى شەكلىدىكى ئەمەلىي پائالىيەتلەر مۇۋەپپەقىيەتلىك ئېلىپ بېرىلدى. بۇ قېتىم مەرھۇم ئەھمەد زىيائى ئۇستازنى خاتىرىلەش، ئەسەرلىرىنى ئوقۇش ۋە تەھلىل قىلىش، مەرھۇم ئۇستازنىڭ ئۇيغۇر يېقىنقى زامان تارىخىدىكى ئورنىنى تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرگە بىلدۈرۈش مەقسىتىدە ئېلىپ بېرىلىدىغان «ئۆزباش ئىلىم چېيى» ئاخىرقى تەييارلىق باسقۇچىدا تۇرۇۋاتقان مۇشۇنداق پەيتتە ھەرقايسى مۇنبەر تورلىرىدىن مەرھۇم ئەھمەد زىيائى ئۇستازغا دائىر يازمىلار توپلىنىپ، مۇشۇ جەھەتتىكى ئازغىنە بولسىمۇ ئۇچۇرلارنى بېرىش مەقسىتىدە مەزكۇر تېما ئىشلىنىپ تارقىتىلدى.



تېما: پېشقەدەم شائىرلارنىڭ ئۈمىدى (ئەسلىمە) | ئاپتور: ماخمۇتجان ئىسلام | ئەسلى ماقالىدىن ئەھمەد زىيائىغا مۇناسىۋەتلىك قىسمى ئېلىندى | ئەسلى مەنبە: «تارىم» ژۇرنىلى، 1997–يىل 6–سان، تور مەنبە: ئانا تۇپراق تورى، يوللىغۇچى: bayawan

 

ئەدەبىياتىمىزنىڭ گۈللىنىشى ئۈچۈن بىر ئۆمۈر ئەجىر سىڭدۈرگەن، ئۆچمەس تۆھپىلىرى، شۇنداقلا ھەققىي ئادەمگە ۋە ئەدىبكە خاس پەزىلەتلىرى بىلەن خەلقىمىز قەلبىدىن مۆھتەرەم ئورۇن ئالغان پېشقەدەم شائىرلىرىمىز تېيىپجان ئېلىيوپ، ئەلقەم ئەختەم، ئەھمەد زىيائىلارنىڭ ئالەمدىن ئۆتكىنىگە بىر قانچە يىل بولۇپ قالدى. ئەمما، مەن ئۇلار ھايات ۋاقتىدا كۆرۈشكەن چاغلىرىمدا، ئۇلارنىڭ ئەدەبىياتىمىزنى گۈللەندۈرۈش توغرىسىدا قىلغان سۆزلىرى ھېلھەم قۇلاق تۈۋىمدە جاراڭلاپ تۇرىدۇ. مەن ئۇلارنىڭ سۆزلىرىدىن بىر خىل ھاياتى كۈچ ئالىمەن، شۇڭا ئۇلارنى كۆپچىلىك بىلەن ئورتاقلىشىشىنى لايىق تاپتىم. بۇ پېشقەدەم شائىرلارنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيەت داۋامىدا ھاسىل قىلغان تەجرىبىلىرى بىزنىڭ ئۆگىنىشىمىزگە ئەرزىيدۇ ۋە ئەدەبىياتىمىزنى گۈللەندۈرۈشكە مۇئەييەن تۈرتكە بولىدۇ، دەپ قارايمەن. — ماخمۇتجان ئىسلام


ئەدىب ئانا تىلنىڭ ساپلىقىنى قوغدىشى كېرەك

 

بىر كۈنى مەن «ئەھمەد زىيائى ئەسەرلىرى»نى تەھرىرلەشتە يولۇققان ئەرەبچە، پارسچە سۆزلەرگە ئىزاھات يازدۇرۇش ئۈچۈن ئەھمەد زىيائىنىڭ ئۆيىگە باردىم. ئۇ سۆزلەرگە ئىزاھات بېرىۋاتقاندا، مەن چاقچاق ئارىلاش:

 

— زىيائى ئاكا، سىلى "كىلاسسىك ئەدەبىياتىمىزنىڭ قەدىمىيلىكى ۋە ئۇنىڭ چەت تىل تەسىرىگە ئۇچراش جەريانى" دېگەن ماقالىلىرىدە ئەدەبىياتتا ئانا تىلنىڭ پاكلىقىنى ساقلاشنىڭ زۆرۈرلىكىنى تەكىتلەپ، ئانا تىلنىڭ ساپلىقىنى بۇزغانلارنى ئەيىبلەپ، قوغدىغانلارنى ماختىغان ئىدىلە، ئەمما، بۇنىڭغا ئۆزلىرى ئەمەل قىلماپلىغۇ؟ -دېدىم.

 

— بۇ ئىشتا ئىنتايىن خىجىلمەن، ئۇكام، -دېدى شائىر خۇرسىنغان ھالدا، -ئەسەرلىرىمدە ئەرەبچە، پارسچە سۆزلەر خېلى كۆپ. بۇ سۆزلەرنى ئىشچى-دېھقانلارنىڭ، ياش –ئۆسمۈرلەرنىڭ تولۇق چۈشىنىپ كېتەلىشى قىيىن. ئەسەر يازغاندا ساپ ئانا تىل بىلەن يازاي دەيمەنۇ قەلەم تەۋرەتكەندە يەنىلا غەيرىي سۆزلەر ئارىلىشىپ قالىدۇ. چۈنكى مەن ئۆسمۈر، ياش چاغلىرىمدا ئاشۇ تىل، يېزىق بىلەن ساۋات چىقارغان، ئاشۇ تىلدا يېزىلغان ئەسەرلەرنى ئوقۇغان، بىلىپ –بىلمەيلا ئاشۇ تىلدىكى سۆزلەرنى ئارلاشتۇرۇۋېتىپ ئەسەر يازغان. ھازىر بىزنىڭ ياش ئەدىبلىرىمىز ئۆزىنىڭ ئەسەرلىرىگە ئەرەبچە، پارسچە، رۇسچە ۋە باشقا تىللاردىكى سۆزلەرنى ئارلاشتۇرۇۋېلىۋاتىدۇ. بىزغۇ كونا ئادەملەر، ئاشۇ ياشلار نېمىشقا ئارلاشتۇرۇۋالىدۇ؟ بەلكىم ئۇ بىزدىن يۇققان كېسەل بولسا كېرەك. مەن ئاخىرقى ئۆمرۈمدە بولسىمۇ بۇ كېسەلنى ساقايتىش ئۈچۈن ئاز-تولا ھەسسە قوشمىسام بولمايدۇ. شۇڭا «رابىيە-سەئىدىن» ۋە «ئىلمىي ئابىدىلىرىمىزنىڭ قۇرغۇچىلىرى يۈسۈپ ۋە مەھمۇت» ناملىق داستانلىرىمدا، تىلىمىزغا تامامەن ئۆزلىشىپ كەتكەن چەت ئەل تىلىدىن باشقا، يات سۆزلەرنى زادىلا ئىشلەتمىدىم.

 

ئەھمەد زىيائى ئۇيغۇر ئەدەبىياتى تارىخىدىكى ئانا تىل ساپلىقىنى قوغداشقا مۇناسىۋەتلىك ۋەقەلەرنى ئەسلەپ ئۆتۈپ، سۆزىنى مۇنداق داۋام قىلدى:

 

— تىل بىر مىللەتنىڭ روشەن بەلگىسى. ئۆز تىلىنى يوقاتقان ھەر قانداق بىر مىللەت باشقا ھەر قانداق نەرسىسىنى، ئاخىرقى ھېسابتا ئۆزىنىمۇ يوقىتىپ قويىدۇ. ئەدىب-تىل ئۇستىسى. ئۇنىڭ بۇرچى ئانا تىل بايلىقىنى قېزىش، بېيىتىش، گۈللەندۈرۈش، ئۇنىڭ گۈزەللىكى، ئەۋزەللىكلىرىنى نامايان قىلىش، ئانا تىل ئارقىلىق ئەل يۇرتى ئۈچۈن ئۈنۈملۈك خىزمەت قىلىش. ئانا تىلنىڭ ساپلىقىنى قوغدىيالمىغان ئەدىبنى ھەققىي، پىشقان ئەدىب دەپ كەتكىلى بولمايدۇ. چۈنكى، ئانا تىلنى سۆيۈش ئۆز ئانىسىنى، ئۆز مىللىتىنى، ئەل يۇرتىنى سۆيۈش بىلەن چەمبەرچاس باغلىنىپ كەتكەن. ئانا تىلنى سۆيمىگەن ئادەمدىن باشقا سۆيۈشلەرنى كۈتكىلى بولمايدۇ. شۇڭا سىلەر ياشلار بىزنى دورىماڭلار، ئانا تىلنى ياخشى ئۆگىنىڭلار.

 

ياشلارنى ئەيىبلەۋېرىش زىيانلىقكى، پايدىلىق ئەمەس

 

ئەھمەت زىيائى ئازاتلىقتىن ئىلگىرىلا «ياش ئەدىبلەرگە ياردەم» دېگەن بىر يۈرۈش ماقالە ئېلان قىلىپ، ياش ئەدىبلەرنىڭ ئۆگىنىشىگە كۆڭۈل بۆلگەنىدى. شۇڭا مەن ئۇنىڭ ھازىرقى ياشلارغا بولغان قارىشىنى بىلىپ بېقىش نىيىتىدە:

 

— زىيائى ئاكا، سىلى ھازىرقى ياشلار يېزىۋاتقان يېڭىچە، يەنى "گۇڭگا" دەپ ئاتالغان شېئىرلارغا قانداق قارايلا؟ -دەپ سورىدىم.

 

— ئۇ شېئىرلارنىڭ ياخشى–يامانلىقىنى ئوقۇرمەنلەر باھالىشى، ئەمەلىيەت ئىسپاتلىشى كېرەك، -دېدى شائىر، -لېكىن ياشلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىش روھىغا ئىلھام بېرىش زۆرۈر. "ياش" دېگەن سۆز جۇشقۇن، ئالغا ئىنتىلىش، يۇقىرى ئۆرلەش دېگەن مەنىگە ئىگە. ياشلار ھامان ئالغا ئىنتىلىپ، يېڭىلىق يارىتىش يولىدا ئىزلىنىپ تۇرۇشى كېرەك.

 

— تېيىپجان ئاكىمۇ ياشلار تىرەجەپ تۇرۇۋالسا، قۇشقۇنغا ئولتۇرۇۋالسا بولمايدۇ، دېگەنىدى، - دېدىم مەن.

 

— بۇ تازىمۇ جايىدا گەپ بوپتۇ. ئەھۋال ھەقىقەتەن شۇنداق بولۇپ قالسا، جەمئىيەتمۇ، ئەدەبىياتمۇ تەرەققىي قىلمايدۇ. ئەدەبىيات ھەۋەسكارلىرى جۇشقۇن بولۇشى، ھارماي-تالماي ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان بولۇشى كېرەك. توغرا، ياشلاردا تەجرىبىسزلىك تۈپەيلىدىن بەزى نۇقسانلار بولىدۇ. لېكىن قايسىبىر پېشقەدەم ياشلىق چاغلىرىدا نۇقسان سادىر قىلمىغان؟! ھازىرمۇ قايسىبىر پېشقەدەم نۇقسانىم يوق دېيەلەيدۇ؟! شۇڭا، ياشلارنى يا ئۇنداق، يا مۇنداق نۇقسانى تۈپەيلى ئەيىبلەۋېرىش زىيانلىقكى، ھەرگىزمۇ پايدىلىق ئەمەس. ئۇلارغا زۆرۈرى –سەممىي ياردەم.

 

ئەمدى ئالدى بىلەن چىن ئادەم بولۇشى كېرەك

 

سۆھبەتتە يەنە ئەدىبنىڭ پەزىلىتى ھەققىدە گەپ بولۇپ قالدى.

 

—ئەدەبىيات قوشۇنىدىكى بەزىلەردە ھەرخىل ناچار ئىللەتلەر مەۋجۇت. ئۇلارنىڭ يازغىنى باشقا، ئەمەلىيەتتە ئۆزىنىڭ قىلۋاتقانلىقىنى باشقا، -دېدىم مەن.

 

—توغرا ئۇكام، مۇنداق ئەدىبلەر يوق ئەمەس، - دېدى ئەھمەد زىيائى، — بەزى ئەدىبلىرىمىزنىڭ تىلى باشقا، دىلى باشقا. ئەسلىدە ئەدىبلەر پەرىشتىلەر قاتارىدا تىلغا ئېلىناتتى، ئىنسان روھىنىڭ ئىنژىنېرى دەپ تەرىپلىنەتتى. ئۇلارنىڭ پاك، سەمىمىيلىكىدىن شۇنداق ئاتالغان. ھازىر بەزىلەر ئۇنداق ئەمەس. ئۇلارنىڭ ئەدىب بولۇشىدىكى نىيىتى باشقا. ئۇلار نام –شۆھرەت، مەنسەپ-ئەمەل، مال-دۇنيا كۆزلىگەن، ئەدەبىياتنى ئاشۇنداق مەقسىتىگە يېتىشنىڭ پەلەمپىيى، شوتىسى قىلۋالغان. شۇڭا بەزىلەر چېقىمچىلىق، پىتنە تارقىتىش، مەزھەپچىلىك، خۇشامەتچىلىك قىلىدۇ؛ بەزىلەر "دېھقان ئوغلىمەن" دەپ ۋارقىرايدۇ-يۇ، پۇرسەت تاپسىلا دېھقاننى شۈلىدۇ. ئەدىب بولماق ئانچى قىيىن ئەمەس. ئەمما چىن ئادەم بولماق قىيىن، ھەققىي ئەدىب بولاي دېگەن ئادەم ئالدى بىلەن چىن ئادەم بولۇشى، ھەممىنى ۋىجدان تارازىسىدا ئۆلچەپ كۆرۈشى كېرەك. چىن ئادەمنىڭ بەلگىسى پاك، سەممىي، ھالال بولۇش، بىر ئىرادە تىكلەش ۋە ئۇنىڭدىن تايماسلىق، تىلى بىلەن دىلى ببىردەك بولۇش، باشقا قىلىچ كەلگەندىمۇ راسىت گەپ قىلىشتۇر. مۇشۇنداق ئادەم بولالىغان ئەدىبنىڭ ئەسىرى ئەل كۆڭلىگە ياقىدۇ. ئادىمىيلىك نۇقتىسىدىن ئالغاندا، قايسى مىللەت بولۇشىدىن قەتئىنەزەر، ئاساسىي تەلەپ ئوخشاش بولىدۇ. سېنىڭ ئادىمىيلىكىڭ ئەسىرىڭدىكى مىللىيلىك ئارقىلىق نامايەن بولسا، سېنى ئاندىن باشقىلار ئەدىب ھېسابلايدۇ. (ئەسلى نەشرى مەنبە: تارىم ژۇرنىلى1997-6-سان)



مەڭگۈلۈك زىيالىي، مەرھۇم ئەھمەد زىيائىي ئۇستاز تەۋەللۇتىنىڭ 100يىللىقىغا بېغىشلايمەن | ئەسلى مەنبە: «شىنجاڭ ياشلىرى» ژۇرنىلى 2012-يىل 4-سانى، تور مەنبە: مىسرانىم مۇنبىرى، ماقالە ئاپتورى ۋە مىسرانىم مۇنبىرىگە يوللىغۇچى ئىسىم–فامىلىسى نامەلۇم


ئەھمەد زىيائىي(1913-1989يىللار) 20-ئەسىر ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ مەشھۇر ۋەكىلى، زور شۆھرەتكە ئىگە شائىر، يازغۇچى، دىراماتورگ، ئالىم ۋە جامائەت ئەربابى. ئۇ مۇرەككەپ ۋە ئەگرى-توقاي ھايات مۇساپىسىدە بىر تەرەپتىن دەۋر، جەمئىيەت يۈكلىگەن خىلمۇ خىل ئىجتىمائىي، سىياسىي خىزمەتلەرنى ئارتقۇزغان بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن قولىغا قەلەم ئېلىپ، ئەدەبىياتنىڭ ھەر خىل تۈر ۋە ژانىرلىرىدا سۈپەتلىك ئەسەرلەرنى يېزىپ، جامائەتنىڭ دىققىتىگە سۇنۇپ، جەمئىيەتتە كۈچلۈك تەسىر قوزغاپ كەلگەن.


ئەھمەد زىيائىي بەدىئىي ئىجادىيەت ساھاسىدە ئىزدىنىپ، «گۈل ۋە بۇلبۇل» ناملىق داستاننى، «رابىئە ۋە سەئىدىن» ناملىق ئوپىرانى، «مۇھەببەت ۋە ھايات»، «توزىماس چېچەكلەر» ناملىق شېئىرلار توپلاملىرىنى، «ۋىجدان ۋە مۇھاكىمە» ناملىق نەزەرىيەۋى كىتابنى، «لاداخ يولىدا كارۋان» ناملىق ساياھەتنامىنى، «ئەھمەد زىيائىي ئەسەرلىرى»، «يۈسۈپ ۋە مەھمۇد»، «رابىئە ۋە سەئىددىن» ناملىق تارىخى داستانلارنى، «تۆت قېتىم ئۆلۈپ، بەش قېتىم تىرىلگەن ئادەم» ناملىق تارىخىي رومانلارنى يېزىپ قالدۇرغان. ئۇ «دىۋانى لۇغەتىت تۈرك»، «قۇتادغۇبىلىك»، «تارىخىي رەشىدى» قاتارلىق ئۇيغۇر ئەدىب، ئالىملىرىنىڭ ئەسەرلىرىنى بۈگۈنكى زامان ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىپ چىققان. چەت ئەل ئالىملىرى تەرىپىدىن يېزىلغان «ئىسلام پەلسەپە تارىخى»، «قۇتادغۇبىلىك ئىندىكىسى»، «قۇتادغۇبىلىك ئىنجۈمەلىرى»، «بۈيۈك ھون ئىمپېراتۇرلىقى» قاتارلىق ئەسەرلەرنى تۈركچىدىن ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلغان. «رەۋزەتۇسسەفا» ناملىق كىتابنىڭ شىنجاڭ ۋە ئوتتۇرا ئاسىياغا مۇناسىۋەتلىك قىسمىنى، جۈملىدىن ئۇيغۇرلارغا دائىر ئەپسانە-رىۋايەتلەرنى پارس تىلىدىن ئابدۇرېشىت ئىسلامى بىلەن بىرلىكتە بۈگۈنكى زامان ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىپ چىقىپ، ئىلمىي خادىملارنىڭ پايدىلىنىشىغا قولايلىق يارتىپ بەرگەن. «رابىئە ۋە سەئدىن»، «لەيلى ۋە مەجنۇن» (ئابدۇرېھىم نىزارى ئەسىرى)، «زەپەرنامە» (موللا شاكىر ئەسىرى)، «غەزەللىيات»، «چاڭموزا يۈسۈپخان» (موللا بىلال ئەسىرى) قاتارلىقلارنى نەشىرگە تەييارلاپ ئېلان قىلدۇرغان.


ئەھمەد زىيائىي شائىر، يازغۇچى، دىراماتورگ، ئالىم، جامائەت ئەربابى بولۇشى بىلەن بىللە، 20-ئەسىر شارائىتىدا مەملىكىتىمىز مىقياسىدا ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمكى ئەدەبىياتى ھەققىدە ئىزدىنىشكە ئەڭ بۇرۇن كىرىشكەن، بۇ ساھەدە ئەھمىيەتلىك نۇرغۇن نەتىجە ياراتقان مۆتىۋەرلىرىمىزنىڭ بىرى. ئۇ 1930-يىللىرى دادىسى، مۇددەرىس ۋە شائىر ھاجاخۇن ھاجى (1879-1952 يىللار)نىڭ خۇسۇسىي كۇتۇبخانسىدا ئابدۇرېھىم نىزارىنىڭ «رابىئە ۋە سەئىددىن» ناملىق ئەسىرىنىڭ قوليازمىسنى كۆرۈپ، ئۇنى بېرىلىپ ئوقۇغان. شۇنىڭ بىلەن بىرگە 1930-يىللارنىڭ ئاخىرىدا ئۇنى ئۆزلەشتۈرۈپ «رابىئە ۋە سەئىددىن» نامىدا ئوپىرا يازغان. «رابىئە ۋە سەئىددىن» ناملىق بۇ ئوپىرا 1940-يىللاردىن باشلاپ شىنجاڭ سەھنىلىرىدە ئوينىلىش بىلەن بىللە، ئايرىم كىتابچە قىلىنىپ، 1946-يىلى نەنجىڭدىكى «ئالتاي نەشىرىياتى» تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان، «توزىماس چېچەكلەر» ناملىق توپلام تەركىبىدە 1947-يىلى «قەشقەر گېزىتى» باسمىخانسى تەرىپىدىن بېسىپ تارقىتىلغان. 1960-يىلى مىسىر پايتەختى قاھىرەدە باشقا ئەسەرلىرى بىلەن بىرلىكتە توپلام قىلىپ نەشر قىلىنغان.


ئەھمەد زىيائىينىڭ «توزىماس چېچەكلەر»، «ۋىجدان ۋە مۇھاكىمە» قاتارلىق ئەسەرلىرى «قەشقەر گېزىتى» ئىدارىسى تەرىپىدىن 1947-يىلى بېسىلغان. «لاداخ يولىدا كارۋان» ناملىق ساياھەتنامىسى 1940-يىلىلارنىڭ ئاخىرىدا «كاشغەر گېزىتى»دە ئېلان قىلىنغاندىن باشقا، خەنزۇ، ئىنگلىز، ئوردۇ قاتارلىق تىللارغا تەرجىمە قىلىنىپ ئېلان قىلىنغان. بۇ كىتابنىڭ ئەسلىي قوليازمىسى شىۋېتسىيەدىكى بىر ئالىي مەكتەپ كۇتۇبخانسىنىڭ قوليازمىلار بۆلۈمىدە ساقلانماقتا.


ئەھمەد زىيائىي 1946-يىلى يازدا ئۈرۈمچى شەھرىنىڭ نەنلىياڭ (ئاياغ مەھەللە ياكى ئۈچتاش مەھەللىسى) كوچىسىدىكى «يۈسۈپ خاس ھاجىپ كۇتۇبخانسى»غا قويۇلغان «قۇتادغۇبىلىك»، «دىۋانۇ لۇغەتىت تۈرك» قاتارلىق كىتابلارنى كۆرۈپ، نامىنى ئۇزاقتىن بىرى ئاڭلىغان، بىراق ئۆزىنى كۆرمىگەن بۇ ئىستېداتلىق ئىلمىي ئابىدىمىز بىلەن تۇنجى قېتىم تونۇشۇپ، قاتتىق ھاياجانلانغان. 1951-يىلى شىنجاڭ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ مەسئۇلى بۇرھان شەھىدى قاتارلىقلارنىڭ كۆرسەتمە بېرىشى، جەنۇبىي شىنجاڭ مەمۇرىي مەھكىمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ ۋالىيسى سەيدۇللا سەيپۇللانىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە ئەھمەد زىيائىي «دىۋانۇ لۇغەتىت تۈرك»نى ئەرەب تىلىدىن، «قۇتادغۇبىلىك»نى ئەرەب يېزىقى ئاساسىدىكى كونا ئۇيغۇر يېزىقى شەكلىدىن يېڭى دەۋر ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىشتەك شەرەپلىك ئىشنى قولىغا ئېلىپ، 1953-يىلى 9-ئايدا «دىۋانۇ لۇغەتىت تۈرك»نىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىنىڭ دەسلەپكى نۇسخىسىنى قولىدىن چىقارغان. ئاكىسى مۇھەممەد پەيزى(1909-1975 يىللار) تەرجىمە نۇسخىنى ئۇدۇللۇق تەھرىرلەپ، ئاق قەغەرگە كۆچۈرۈپ تۈپلەپ چىققان. شۇنىڭ بىلەن بىللە يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ تەشكىللىشى بىلەن ئەينى چاغدىكى قەشقەر شەھرىدىكى ئەرەب تىلىنىڭ مۇكەممەل ئۇستىلىرى، ئۆلما-مۇددەرىسلەردىن مۇھەممەد پەيزى، مۇھەممەتئىمىن ھاجىم ۋە ياسىن ئاخۇن ئۇزۇن قاتارلىقلار بۇ تەرجىمە نۇسخىنى تەپسىلى تەكشۈرۈپ، ئۇنىڭ دۇرۇس ۋە ساپلىقىغا تامامەن قوشۇلۇپ، ئىسپات يېزىپ، ئۆز مۆھۈرلىرىنى بېسىپ بەرگەن. بۇ نۇسخىنى سەيدۇللا سەيپۇللايۇپ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت مەسئۇلىنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە چامادانغا سېلىپ، قەشقەردىن ئايروپىلان بىلەن ئۈرۈمچىگە ئېلىپ كېلىپ مەدەنىيەت نازارىتىدىكى مۇناسىۋەتلىك خادىملارغا تاپشۇرۇپ بەرگەن.

 

ئەھمەد زىيائىي 1980-يىللار ئىچىدە يۈسۈپ خاس ھاجىپ ۋە مەھمۇد كاشغەرىنىڭ تارىخى ئورنىنى، كىشلەر قەلبىدىكى ئوبرازىنى تېخىمۇ يۇقرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن «يۈسۈپ ۋە مەھمۇد» ناملىق ئون نەچچە مىڭ مىسرالىق كاتتا داستان يازغان. يەنە يۈسۈپ خاس ھاجىپ ۋە «قۇتادغۇبىلىك» ھەققىدە ئاز سانلىق مىللەت پەلسەپە ئىدىيەسى تارىخى توغرىسدا 1980-يىللارنىڭ ئاخىرىدا قەشقەر ۋە يەنبىيەن شەھەرلىرىدە ئېچىلغان شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون ۋە مەملىكەت دەرىجىلىك ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرىدا ئىلمىي ماقالە ئوقۇپ، قىزغىن قارشى ئېلىنغان.


دېمەك، ئەھمەد زىيائىي بۈگۈنكى زامان ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتى تەتقىقات ئىلىمىنىڭ بارلىققا كېلىشى، ھازىرقى زامان ۋە بۈگۈنكى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ شەكىللىنىشى ۋە تەرەققىي قىلىشىدا ئالاھىدە تۆھپىلەرنى قالدۇرۇپ كەتكەن ئالىملىرىمىزنىڭ بىرى. بۇ توغرىلىق مەخسۇس توختىلىش مۇئەييەن ئىلمىي  ۋە تارىخى قىممەتكە ئىگە بولغانلىقى ھەم ئالىمنىڭ تەۋەللۇتىنىڭ 100 يىللىقى(2013–يىلى)خاتىرىلەش مۇناسىۋىتى بىلەن بۇ ماقالە تەييارلاندى.(ئەسلى مەنبە: «شىنجاڭ ياشلىرى» ژۇرنىلى 2012-يىل 4-سانى، تور مەنبە: مىسرانىم مۇنبىرى، ماقالە ئاپتورى ۋە مىسرانىم مۇنبىرىگە يوللىغۇچى ئىسىم–فامىلىسى نامەلۇم)



مەرھۇم ئەھمەد زىيائى ئۇستاز ھاياتى ھەققىدە:


ئەھمەد زىيائى 1913-يىلى قەشقەرنىڭ يېڭىشەھەر ناھىيەسىنىڭ قومۇشئېرىق يېزىسىدا دېھقان ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. 1928- يىلىغىچە دادىسى موللاخۇن ھاجىمدىن بىلىم ئالغان، موللاخۇن ھاجىم بىلىملىك زات بولۇپ، پارس ۋە ئەرەبچە كىتابلارنى كۆپ ئوقۇغان ھەم ساقلىغان كىشى ئىدى. زېرەك ئەھمەد ئوغۇل پەرزەنتلەرنىڭ ئىككىنچسى بولۇپ، كىچىكىدىن باشلاپلا ئاتىسىنىڭ كىتابلىرىنى كۆرەتتى، ئاتىسى بىلەن شېئىر–قوشاقلار توغرۇلۇق پاراڭلىشاتتى. ئەھمەد زىيائى 10 يېشىدىن باشلاپ شېئىر يېزىشقا كىرىشكەن. 15ياشلىق ئەھمەد «گۈل ۋە بۇلبۇل» داستانىنى زىيائى «نۇر» تەخەللۇسى بىلەن تاماملاپ، قول يازمىسىنى خەلق ئىچىگە تارقاتقان. بۇ داستاننى كۆرگەن شۇ چاغدىكى ئەدىبلەر ياش ئەھمەدكە يۇقىرى باھا بەرگەن، 1935-يىلى«يېڭى ھايات»تا ئېلان قىلدۇرغان. شۇ يىلى ئەھمەد زىيائىنى «يېڭى ھايات» گېزىتىنىڭ تەھرىرلىك خىزمىتىگە تەكلىپ قىلغان.


قۇتلۇق ھاجى شەۋقىنىڭ مەسئۇل مۇھەررىرلىكىدە چىقىدىغان «يېڭى ھايات» گېزىتى پۈتۈن شىنجاڭغا ۋە ئوتتۇرا ئاسىياغا تارقىلاتتى. بۇ گېزىت جاھالەتكە ۋە نادانلىققا قارشى كۈرەش قىلىشنى ئاساس قىلغاچقا، خەلق ئاممىسىنى ئويغىتىش، تەرەققىيات ۋە يېڭىلىققا يېتەكلەشتە غايەت زور رول ئوينىغانىدى. ئەھمەد زىيائى 1947-يىلى «ئون بىر بىتىم» مۇناسىۋىتى بىلەن «قەشقەر گېزىتى» نىڭ مەسئۇللىقىنى 1952-يىلغىچە قىلىدۇ. 1957-يىلدىن 1960-يىلغىچە شىنجاڭ ئەدەبىيات بىرلەشمىسىدە ئىشلەيدۇ. 1980-يىلى شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسىگە يۆتكىلىپ «قۇتادغۇبىلىك»نىڭ ھازىرقى زامان يەشمىسىنى ئىشلەشكە قاتناشقان.


ئەھمەد زىيائىنىڭ ساقلىنىپ قالغان ئەسەرلىرى: «كۆرۈپ ئىلمىي چېچەكلەرنى»، «بۇلبۇلغا خىتاپ، »، «رابىيە–سەئىدىن»، «ھايات جەڭ» قاتارلىق شېئىر–داستانلاردىن 100پارچىدىن ئارتۇق يازغان. «ئىسلام پەلسەپە تارىخى» قاتارلىق 10 دىن ئوشۇق كىتابنى پارسچىدىن تەرجمە قىلغان. «ياش يازغۇچىلارغاياردەم»، «‹قۇتادغۇبىلىك› كىمنىڭ ۋە ئۇنىڭ تىلى قايسى تىل» قاتارلىق 10 دىن ئارتۇق ماقالە يازغان. يۇقىرىقىلار ئەھمەد زىيائىنىڭ تىپىك ئەسەرلىرى. بىزگە مەڭگۈ تۈگىمەس مەنىۋى بايلىقلارنى قالدۇرغان شائىر، ئەدەبىياتشۇناس، دىراماتورگ ئەھمەد زىيائى ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ تەرەققىياتىغا ئۆلمەس تۆھپىلەرنى قوشقان. موللاخۇن ھاجى ئوغلى ئەھمەد زىيائى ھاجىم 1989-يىلى 10–ئاينىڭ 27–كۈنى 89 يېشىدا تۈگىمەس مىراسلارنى قالدۇرۇپ بىزدىن ئايرىلدى. (مەنبە: شىنجاڭ يازغۇچىلار تورى. bbs.xjzjxh.com، يوللىغۇچى: ئەزىز ئەيسا. مۇنبەر دائىملىق ئەزاسى)



مەرھۇم ئەھمەد زىيائى ئۇستاز شېئىرلىرىدىن پارچىلار:


يۇرت-ئەل ئۈچۈن تارتقان ئەلەمنى،

شاھلىق تەختىگە قىياس ئەتكۈلۈك.

خەلق يولىدىكى بىر مىنۇت قايغۇ،

مىڭ يىللىق راھەت ئۈچۈن يەتكۈلۈك.


تۈلكىلىك قىلىپ ھايات سۈرگىچە،

شىركەبى سۆلەت بىلەن ئۆلگۈلۈك.

ئەلنىڭ بەختىنى كۆزلەپ ئەي زىيا،

يىغلىسا يىغلاپ، كۈلسە كۈلگۈلۈك..

ئەلدىيار تورى ئۈندىدار سالونى : eldiyar99

ساغلاملىق

ئوقۇشلۇق

تور بىكەتنىڭ بارلىق ھوقۇقى شىنجاڭ ئەلدىيار مەدەنىيەت تارقىتىش شىركىتىگە مەنسۇپ

© 2014 ELDIYAR.COM 备案/许可证编号:新ICP备15003605号 组织机构代码证:328862907

广告部:18999993541 新闻部:13899903541 监督举报:13325555422 QQ \ Wechat :2663600

تور بىتىمىزگە يوللانغان مەزمۇنلار توردىن توپلانغان، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

本站的所有内容,视频,音频,图片,文字均从互联网上收集而来,作品版权归作者所有。如发现版权问题请及时联系站长

新公网安备 65010202000093号