تەۋىسىيە
ئىزدەش

ئائىلەڭ-مۇھەممەتجان راشىدىن

تۈرى : ئەدەبىيات يوللىغۇچى : ۋاقتى : 2015-02-02 03:03:52

ئائىلەڭ
 
مۇھەممەتجان راشىدىن
 
ھىدلىماققا گۈلۈڭ بار، گۈلزارىڭدۇر ئائىلەڭ،
شاھ تاجىغا زوقلانما، گۈلتاجىڭدۇر ئائىلەڭ،
كۈندە سۆيسەڭ ئەرزىيدۇ، دىلدارىڭدۇر ئائىلەڭ،
كۈندە كۆيسەڭ ئەرزىيدۇ، گۈلخانىڭدۇر ئائىلەڭ،
ھۆسۈن قوشقان ھۆسنۈڭگە بىر خالىڭدۇر ئائىلەڭ.
 
 
قەدرىن بىلسەڭ، مەھبۇبەڭ بىللە چۈشكەن مەپە ئۇ،
بىلگەنلەرگە ئۆمۈرلۈك بىر مېھنەتتىن شەپە ئۇ،
جاھان شۇنداق گاھ ساراي، گاھ خارابە كەپە ئۇ،
سېنى قىلار نەۋرىلىك شۇ كەچمىشتە ئەتە ئۇ،
تەزكىرەڭدىن تەلتۆكۈس ئىزھارىڭدۇر ئائىلەڭ.
 
 
كەتتى دېمە ياشلىقنى، ۋىسال دېگەن شۇنىڭدا،
نەدە ھوزۇر ئۇنىڭسىز يالغۇز كىيگەن تونۇڭدا؟
ياخشى كۆرگەن يايرىڭ بار، دېمەك قۇرغۇي قولۇڭدا،
سېنىڭ ئۈچۈن پىدائى، ئۇچۇپ يۈرەر يولۇڭدا،
قاناتلىقسەن ئۇ بىلەن، شۇڭقارىڭدۇر ئائىلەڭ.
 
 
ھېكمەتلىرى كۆپ ئۇنىڭ، غەمدىن تولا شادلىقى،
تاڭلىيىڭدىن كەتمەيدۇ تائامىنىڭ تاتلىقى،
مېھمان كەلسە خىزمەتتە چويلا بىلەن ساپلىقى،
شاتلىقىغا بىللىدۇر سېخىيلىقى، پاكلىقى،
دوستلار بىلەن چالارغا دۇتتارىڭدۇر ئائىلەڭ.
 
 
يايرىڭ يۆلەك بارچىدە، تەڭ تارتىدۇ جاپانى،
ئادەت قىلغان بىر ئۆمۈر سېنىڭ ئۈچۈن ۋاپانى،
كەچۈرىدۇ ئۇرساڭمۇ، سەندىن ئۆتكەن خاتانى،
دېۋەيلىسەڭ، دوستۇڭدەك كۆرسىتىدۇ ساپانى،
ئاۋۋال يايرىڭ سۇغارغان بوستانىڭدۇر ئائىلەڭ.
 
 
ئۇمۇ ئەزىز، سەن ئەزىز ئۈژمە كۆڭۈل بولمىساڭ،
يېتەكلىسە شاياتۇن، پىنھانلاردا قونمىساڭ،
ئايلانمىساڭ ئاسىيغا، دەستە گۈللەر سۇنمىساڭ،
ئىشەنچ بىلەن گۈللەيدۇ ۋېسال دىگەن، ئويلىساڭ،
ساداقەتتە سېلىنغان مۇنارىڭدۇر ئائىلەڭ.
 
 
تۆكەلەيسەن تالادا تۆكەلمىگەن سىرىڭنى،
يۇيالايسەن يالغۇز باش يۇيالمىغان كىرىڭنى،
تاپالايسەن تەسەللى، بىرىڭ سىلاپ بىرىڭنى،
كۆرسىتىسەن يىرتىلغان تىكەن كىرگەن يېرىڭنى،
ئۆزگىلەرگە ئوخشىماس ئۆز يايرىڭدۇر ئائىلەڭ.
 
 
ئائىلەڭدەك نەدە بار ئىسسىق ماكان، ئىسسىق جاي،
مۇزلاپ كەلسەڭ ئالدىڭغا قۇيىلىدۇ ئىسسىق چاي،
دېرىزەڭدىن زوقلۇنۇپ قارىشىدۇ تۈندە ئاي،
ئىناق جۈپلەر بەختىيار، ئىناق جۈپلەر ئۆتەر باي،
شۇڭا، ئېيتقان دەردىڭگە دەرمانىڭدۇر ئائىلەڭ.
 
 
ئۇ بولمىسا باغرىڭنىڭ پاراغىتى - بالاڭ يوق،
ئۇ بولمىسا قوي - قوزا، مۆرەپ تۇرغان كالاڭ يوق،
ئۇ بولمىسا ھويلاڭ يوق، ئالما - ئۈرۈك باراڭ يوق،
ئۇ بولمىسا سېنىڭدە كەلگۈسىدىن پاراڭ يوق،
شۇلار ئۈچۈن ئاجايىپ ئىمكانىڭدۇر ئائىلەڭ.
 
 
قەدىناس يوق قەلبىدە قەدىرسىزنى ياقتۇرماس،
ئەمگەكچانغا ئاشىق ئۇ، ئەجىرسىزنى ياقتۇرماس،
قوي بولغىچە قوزىسى، تەخىرسىزنى ياقتۇرماس،
گاھى كەلگەن قازاغا سەۋرىسىزنى ياقتۇرماس،
ساڭا ھاردۇق يەتكۈزمەس ھەمكارىڭدۇر ئائىلەڭ.
 
 
دەستۇرى بار مەكتەپ ئۇ دىيانەتتىن - ئەخلاقتىن،
سەھىپىسى سۆزلەيدۇ دىلغا چىراغ ياقماقتىن،
سالام - سائەت بېشارەت ئەلدە ھۆرمەت تاپماقتىن،
بالاڭ شۇڭا يىراقتۇر ئەگىزلەردە ئاقماقتىن،
ئۆزۈڭ ياققان سېنىڭمۇ بىر شامىڭدۇر ئائىلەڭ.
 
 
سۆيەلمەيدۇ ھاياتنى ئۆز ئۆيىنى سۆيمىگەن،
سۆيەلمەيدۇ ۋەتەننى ئائىلىگە كۆيمىگەن،
شۇ سۆيگۈدىن مەھرۇملار نەدە ياشناپ گۈللىگەن،
گۈللىمىگەن ھويلىدا نەدە كەپتەر ئۈنلىگەن؟
مەيلى سۇلسۇن، كۆكلىسۇن ئۆز نامىڭدۇر ئائىلەڭ.
ئەلدىيار تورى ئۈندىدار سالونى : eldiyar99

ساغلاملىق

ئوقۇشلۇق

تور بىكەتنىڭ بارلىق ھوقۇقى شىنجاڭ ئەلدىيار مەدەنىيەت تارقىتىش شىركىتىگە مەنسۇپ

© 2014 ELDIYAR.COM 备案/许可证编号:新ICP备15003605号 组织机构代码证:328862907

广告部:18999993541 新闻部:13899903541 监督举报:13325555422 QQ \ Wechat :2663600

تور بىتىمىزگە يوللانغان مەزمۇنلار توردىن توپلانغان، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

本站的所有内容,视频,音频,图片,文字均从互联网上收集而来,作品版权归作者所有。如发现版权问题请及时联系站长

新公网安备 65010202000093号