تەۋىسىيە
ئىزدەش

قاراقاش ناھىيەسىدە «مەرىپەت بېغىدا نورۇز» پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى.

تۈرى : مەدەنىيەت يوللىغۇچى : ئابلەت نۇرمۇھاممەد ۋاقتى : 2016-03-22 13:56:07

\
تەكلىپلىك مۇخپىرىمىز غۇجىئابدۇللا مەمىتىمىن خەۋىرى ،فوتوسى :
3-ئاينىڭ 21-كۈنى،قاراقاش ناھىيەلىك 5-ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ تەنتەربىيە مەيدانى 15 مىڭدىن ئارتۇق ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلار.ئاتا-ئانىلار،پىشقەدەم كادىرلار،دىنىي زاتلار بىلەن قاينام-تاشقىنلىققا چۆمگەنىدى.بۇ يەردە قاراقاش ناھىيەسىنىڭ بۇ يىللىق نورۇز بايرىمىنى تەبرىكلەش پائالىيىتى بولغان «مەرىپەت بېغىدا نورۇز» داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى.ئالدى بىلەن مەكتەپتىكى 3000 مىڭدىن ئارتۇق ئوقۇغۇچى چىرايلىق بايراملىق كىيىملىرىنى كىيىپ سىنىپ كوللىكتىپى بويىچە پاراتتىن ئۆتتى،ئۇلار ئايرۇپىلان،تانكا قاتارلىقلارنىڭ  مودىللىرىنى  ھەم نان قاتارلىق يەرلىك مەھسۇلاتلارنى   كۆتۈرۈپ مەيداندىن ئۆتۈپ،«بىز ۋەتەننىڭ ياخشى بالىسى» دېگەن ناخشىغا كوللىكتىپ ھالدا ئۇسسۇل ئويناپ ، ئۆزلىرىنىڭ جۇشقۇن روھى كەيپىياتىنى ئىپادىلەپ،نورۇز بايرىمىنى تەبرىكلىدى.مىللىيچە چېلىشىش،خوراز چوقۇشتۇرۇش،قوچقار ئۈسۈشتۈرۈش،شار دەسسەش قاتارلىق ئاممىۋى تەنتەربىيە پائالىيەتلىرى نورۇز كەيپىياتىنى يۇقىرى پەللىگە كۆتۈردى. كۆپچىلىك بىرلىكتە نورۇز ئېشىغا ئېغىز تەگدى.ئوقۇغۇچىلار مېھمانلارغا دوپپا تەقدىم قىلدى. ئەدەبىيات-سەنئەت پائالىيىتىدە ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلار ئۆزلىرى تەييارلىغان سەر خىل ناخشا-ئۇسسۇل،مۇزىكا،ئېتوت نومۇرلىرىنى يۇقىرى سەۋىيەدە ئورۇنداپ ،نورۇز ئەھلىگە ئېستېتىك زوق بېغىشلىدى.ئاخىرىدا كۆپچىلىك بىرلىكتە مەشرەپ ئويناپ،نورۇز بايرىمىغا تەنتەنە قىلدى.

\\\\\\\\\\\\\\\\\\\\\
سۈرەتتە: قاراقاش ناھىيەسىنىڭ «مەرىپەت بېغىدا نورۇز» پائالىيىتىدىن نادىر كۆرۈنۈشلەر
 
ئەلدىيار تورى ئۈندىدار سالونى : eldiyar99

ساغلاملىق

ئوقۇشلۇق

تور بىكەتنىڭ بارلىق ھوقۇقى شىنجاڭ ئەلدىيار مەدەنىيەت تارقىتىش شىركىتىگە مەنسۇپ

© 2014 ELDIYAR.COM 备案/许可证编号:新ICP备15003605号 组织机构代码证:328862907

广告部:18999993541 新闻部:13899903541 监督举报:13325555422 QQ \ Wechat :2663600

تور بىتىمىزگە يوللانغان مەزمۇنلار توردىن توپلانغان، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

本站的所有内容,视频,音频,图片,文字均从互联网上收集而来,作品版权归作者所有。如发现版权问题请及时联系站长

新公网安备 65010202000093号