تەۋىسىيە
ئىزدەش

ئۇيغۇرلاردا ھويلا-ئاران مەدەنىيىتى

تۈرى : مەدەنىيەت يوللىغۇچى : ئابلەت نۇرمۇھاممەد ۋاقتى : 2016-03-13 18:12:56

\

مۇھەممەدتۇرسۇن ھەسەن

   ئۇيغۇرلار ئەزەلدىن تۇرمۇش شارائىتىنى ياخشىلاش يولىدا ئۈزلۈكسىز ئىزدىنىپ ئۆزىگە خاس بولغان ئىشلەپچىقىرىش، كىيىم – كېچەك، يېمەك – ئىچمەك، ئۆرپ – ئادەت، ھۈنەر – سەنئەت، ھويلا – ئاران مەدەنىيىتىنى بەرپا قىلغان. تۆۋەندە ئۇيغۇرلارنىڭ ھويلا – ئاران مەدەنىيىتىگە ئائىت بىر نەچچە تەرەپنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمىز.

   ھويلىدا ئۈزۈم ئۆستۈرۈش ئادىتى

   ئۇيغۇرلارنىڭ ھويلىدا ئۈزۈم ئۆستۈرۈش ئادىتى ئۇزاق تارىخقا ئىگە بولۇپ، ئۇيغۇرلار ئۆينىڭ ئالدىنى كۈن چىقىش تەرەپكە ئۇدۇل قىلىپ ئورۇنلاشتۇرىدۇ، شۇنداقلا ھويلىنىڭ كەڭ، ئازادە بولۇشىغا ئەھمىيەت بېرىدۇ. ئۈزۈم بىۋاسىتە ئىقتىسادىي قىممەت ياراتقاندىن باشقا، ياز كۈنلىرىدە ئۇنىڭ سايىسى ھويلىغا ئۆزگىچە زىننەت بېغىشلايدۇ، ھويلا سالقىن بولۇپلا قالماي، ئۆي ئىچىمۇ سالقىن، ھاۋاسى ساپ بولۇپ، ئادەمگە ھۇزۇر بەخش ئېتىدۇ.

   ھويلىدا كاۋا، قاپاق ئۆستۈرۈش ئادىتى

   ئۇيغۇرلار ھويلىدا كاۋا، قاپاق ئۆستۈرۈشنى ياخشى كۆرىدۇ، ئەتىياز كىرىشى بىلەن ھەممە ئائىلىلەر مەيلى ئۇ باي ياكى نامرات بولسۇن، ھويلىسىغا چەللە ياساپ كاۋا، قاپاق تېرىپ پەرۋىش قىلىدۇ. كاۋا، قاپاق پېلەك سوزۇپ ئۆسىدىغان بولغاچقا، ياز پەسلىدە ھويلىغا سايە تاشلايدۇ، ھويلىنىڭ ھاۋاسىنى ساپلاشتۇرۇپ، ئادەمگە سالقىنلىق ئاتا قىلىدۇ. قاپاق ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزىگە خاس تۇرمۇش قورالى بولۇپ، ئۇيغۇرلار نەچچە مىڭ يىللاردىن بۇيان ئۇنىڭ رولىدىن ياخشى پايدىلانغان. ھويلىدا كاۋا، قاپاق ئۆستۈرۈلسە ھويلىنىڭ مەنزىرىسى كىشىگە ھۇزۇرلۇق بىلىنىدۇ.

   ھويلىدا مېۋىلىك دەرەخ ئۆستۈرۈش ئادىتى

   ئۇيغۇرلارنىڭ گۈزەللىك ئېڭى يېشىللىق بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. ئۇيغۇرلار ھويلىسىغا كۆپىنچە ئۈجمە، ئۆرۈك، ياڭاق دەرىخى تىكىشنى ياخشى كۆرىدۇ. چۈنكى ئۈجمە ئەتىياز پەسلىدە، ئۆرۈك ياز پەسلىدە، ياڭاق كۈز پەسلىدە پىشىدۇ. دېمەك، ئۈچ پەسىلنىڭ ھەممىسىدە مېۋىلەردىن ھۇزۇرلانغىلى بولىدۇ. ئۇيغۇرلار دەرەخنىڭ بۇنداق ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن ھويلىدا ئوخشاش بولمىغان پەسىللەردە پىشىدىغان مېۋىلىك دەرەخلەرنى ئۆستۈرۈپ، ماددىي ئېھتىياجىنى قامدىغان.

   ھويلىدا گۈل ئۆستۈرۈش ئادىتى

   ئۇيغۇرلارنىڭ ھويلىدا گۈل ئۆستۈرۈش ئەنئەنىسى گۈزەللىك ئېڭى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. ئۇيغۇرلار ھويلىدا ئاق، سېرىق، قىزىل ئېچىلىدىغان گۈللەرنى كۆپرەك ئۆستۈرىدۇ. يەنە كېلىپ گۈلنى بىۋاسىتە تۇپراققا تېرىپ ئۆستۈرىدۇ. بۇنداق گۈللەر شوخ، باراقسان ئۆسىدۇ، باش باھاردىن كەچ كۈزگىچە ئېچىلىپلا تۇرىدۇ. ئۇيغۇرلار ئاق رەڭنى پاكلىقنىڭ سىمۋولى دەپ قارايدۇ. سېرىق، قىزىل رەڭلەرمۇ ئادەتتە مېھىر – مۇھەببەت، سۆيگۈنىڭ سىمۋولى. شۇڭا ئۇيغۇرلار سېرىق سەمبەل گۈل، ھەشقىپىچەك گۈل، ئاق لەيلى گۈل قاتارلىقلارنى ھويلىغا تېرىپ ئۇنىڭدىن ھۇزۇرلىنىدۇ. ھازىر گۈلنى تەشتەكتە ئۆستۈرۈش ئادەتكە ئايلانغان بولسىمۇ، لېكىن سەھرالاردا گۈل يەنىلا ھويلىدا تۇپراققا تېرىپ ئۆستۈرۈلۈۋاتىدۇ.


ئەلدىيار تورى ئۈندىدار سالونى : eldiyar99

ساغلاملىق

ئوقۇشلۇق

تور بىكەتنىڭ بارلىق ھوقۇقى شىنجاڭ ئەلدىيار مەدەنىيەت تارقىتىش شىركىتىگە مەنسۇپ

© 2014 ELDIYAR.COM 备案/许可证编号:新ICP备15003605号 组织机构代码证:328862907

广告部:18999993541 新闻部:13899903541 监督举报:13325555422 QQ \ Wechat :2663600

تور بىتىمىزگە يوللانغان مەزمۇنلار توردىن توپلانغان، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

本站的所有内容,视频,音频,图片,文字均从互联网上收集而来,作品版权归作者所有。如发现版权问题请及时联系站长

新公网安备 65010202000093号