تەۋىسىيە
ئىزدەش

كەلپىن قوشۇقى ۋە ئۇنىڭ ئالاھىدىلىكى

تۈرى : مەدەنىيەت يوللىغۇچى : ۋاقتى : 2015-02-04 01:55:21

\
 قوشۇق ئۇيغۇرلارنىڭ ئائىلىسىدە كەم بولسا بولمايدىغان كۈندىلىك تۇرمۇش بويۇملىرىنىڭ بىرى. ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى قوشۇقچىلىق ھۈنەر- سەنئىتى ئۇزۇن يىللىق تارىخقا ئىگە. بۇلارنىڭ ئىچىدە كەلپىن قوشۇقى ئاپتونوم رايونمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ياسىلىۋاتقان ۋە ئىشلىتلىۋاتقان قوشۇقلار بىلەن كۆپ جەھەتتىن ئۆزگىچە پەرقلەنگەچكە، يېقىندا شەرەپ بىلەن ئاپتونوم رايون بويىچە غەيرىي مادددىي مەدەنىيەت مىراسى بولۇپ رەسمىي ئېتىراپ قىلىنىپ، كەلپىندىكى ھەر مىللەت ئاممىسىغا زور شان - شەرەپ ۋە ئىپتىخارلىق بەخىش ئەتتى. ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
كەلپىن قوشۇقىنىڭ ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ باشقا جايلىرىدىكى قوشۇقلار بىلەن پەرقلىنىدىغان يېرى شۇكى، ئۇ كەلپىننىڭ يەرلىك ئالاھىدە مەھسۇلاتى بولغان تەبىئىي ئۆرۈك ياغىچىدىن ياسىلىدۇ. قوشۇق دەستىسىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 15 سانتىمېتىردىن 20 سانتىمېتىرغىچە كېلىدۇ. قوشۇق بېشى بىرقەدەر چوڭ ۋە چوڭقۇرراق بولۇپ ، دىئامېتىرىنىڭ ئۇزۇنلۇقى تۆت- بەش سانتىمىتىر كېلىدۇ. قوشۇق دەستىسى بىلەن بېشى تۇتىشىدىغان ئورنى ئۆزگىچە نەقىشلەنگەن بولۇپ بەكمۇ نەپىس كۆرۈنىدۇ. يېڭى ياسالغان قوشۇقلار سەل ئاقۇش بولۇپ، قانچە ئۇزۇن ئىشلەتكەنسېرى شۇنچە قىزغۇچ كۆرۈنىدۇ. مەلۇم سەۋەبلەردىن سۇنۇپ كەتمىسىلا ئادەتتە 100 يىل ئىشلىتىلسىمۇ ھېچقانداق بۇزۇلۇش ئالامتى كۆرۈلمەيدۇ. قوشۇق ياساشقا ئادەتتە ھەرە، پالتىچاق كاشكات قاتارلىقلار ئىشلىتىلىپ پۈتۈنلەي قول ئەمگىكى ئارقىلىق ياساپ چىقىلىدۇ. قوشۇق ياساشتا ئالدى بىلەن ئەلا سۈپەتلىك ئۆرۈك ياغىچى تەييارلىنىدۇ. ئاندىن ئۆرۈك ياغىچى 15 سانتىمېتىردىن 20 سانتىمېتىرغىچە ئۇزۇنلۇقتا يەتتە سانتىمېتىر كەڭلىكتە كەسلەپ پارچىلىنىدۇ، ئاندىن كېيىن پالتىچاق بىلەن ياغاچ تەكشى تۈزلەنگەندىن كېيىن قوشۇق بېشى قىسمى چوڭ، دەستە قىسمى كىچىكرەك قىلىپ قوشۇق جازىسى شەكىللىنىدۇ. ئاندىن كېيىن ئاتالگا بىلەن قوشۇق بېشى قىسمى چىرايلىق ئويۇلىدۇ، ئەڭ ئاخىرىدا كاشكات بىلەن قوشۇق بېشى ۋە دەستىسى چىرايلىق ياسىلىپ سېلىقلاشتۇرۇلىدۇ- دە، ئۆلچەملىك قوشۇق پۈتۈپ چىقىدۇ، بىر كۈندە تېخنكىدا يېتىلگەن بىر ئادەم 100 دانە ئەتراپىدا قوشۇق پۈتتۈرەلەيدۇ. كەلپىن قوشۇقىنىڭ ياسىلىش جەريانىدا ھېچقانداق خىمىيىۋى تەركىب قوشۇلمايدۇ. قوشۇقنىڭ رەڭگى تەبىئىي قىزغۇچ بولۇپ، چىرايلىق، زىيانسىز يېشىل مەھسۇلات، بەدەنگە ھېچقانداق ئەكس تەسىرى يوق، ساپ، نەپىس قول ھۈنەرۋەنچىلىك مەھسۇلاتى ھېساپلنىدۇ. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان كەلپىن ناھىيىسىدىكى مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار ناھىيىلىك پاتكوم، خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشى ئارقىسىدا، بۇ خىل ئۆزگىچە ئەنئەنىۋى قول ھۈنەرۋەنچىلىك كەسپىنى قوغداش ۋە سىرتقا نامايەن قىلىش ئۈچۈن مەخسۇس خىزمەت گۇرۇپپىسى قۇرۇپ، ناھىيەنىڭ ئەنئەنىۋى قوشۇق ياساش تېخنىكىسىنى ئەۋلادمۇ ئەۋلاد داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن نۇقتىلىق يېزا- گەزلىك يېزىسىنى ئاساسىي نۇقتا قىلىپ، ئەنئەنىۋى قوشۇق ياساش تېخنىكىسى ۋە قوشۇققا مۇناسىۋەتلىك زور تارىخىي ماتېرىياللارنى توپلىدى. قوشۇق ياساش سايمانلىرىى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى ۋە مەخسۇس ئارىخىب ئامبىرى قۇردى. شۇ ئاساستا ناھىيىنىڭ يەرلىك ئەنئەنىۋى، ئۆزگىچە قوشۇقچىلىق تېخنىكا، ھۈنەر- سەنئىتىنى ۋىلايەت ۋە ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان غەيرى ماددىي مەدەنىيەت مىراسى تۈرىگە ئىلتىماس قىلىپ، ۋىلايەت ۋە ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراس ئېتىراپنامىسىگە ئېرىشتى. بۇنىڭ بىلەن نۆۋەتتە كەلپىن ناھىيىسىنىڭ بۇ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسى ئۈنۈملۈك قوغدىلىپ، بۇ ناھىيىنىڭ ئېسىل يەرلىك مەدەنىيەت مىرسىغا ۋە ساياھەت بايلىقىغا ئايلاندى. كەلپىن قوشۇقىنىڭ رايونىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا سېتىلىش مىقدارىمۇ كۈنسايىن ئاشماقتا. بىز ھەممىمىز ئىز تورىنى ياخشى كۆرىمىز!

ئەلدىيار تورى ئۈندىدار سالونى : eldiyar99

ساغلاملىق

ئوقۇشلۇق

تور بىكەتنىڭ بارلىق ھوقۇقى شىنجاڭ ئەلدىيار مەدەنىيەت تارقىتىش شىركىتىگە مەنسۇپ

© 2014 ELDIYAR.COM 备案/许可证编号:新ICP备15003605号 组织机构代码证:328862907

广告部:18999993541 新闻部:13899903541 监督举报:13325555422 QQ \ Wechat :2663600

تور بىتىمىزگە يوللانغان مەزمۇنلار توردىن توپلانغان، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

本站的所有内容,视频,音频,图片,文字均从互联网上收集而来,作品版权归作者所有。如发现版权问题请及时联系站长

新公网安备 65010202000093号