تەۋىسىيە
ئىزدەش

ئەنجىلىنا جۇلى «دۇنيادىكى ئەڭ ھۆرمەتكە سازاۋەر ئايال» بولۇپ باھالاندى

تۈرى : مەدەنىيەت يوللىغۇچى : ۋاقتى : 2015-02-02 21:44:44

\
جۇڭگو ئاخبارات تورىنىڭ 2-فېۋرال خەۋىرى: ئەنگلىيە ئەل رايىنى تەكشۈرۈش ئورگىنى YouGov ئېلىپ بارغان بىر تۈرلۈك تەكشۈرۈشتە، ئامېرىكىدىكى داڭلىق ئايال چولپان ئەنجىلىنا جۇلى ئەنگلىيەنىڭ ئايال پادىشاھى ئېلزابىت II، نوبىل مۇكاپاتىنىڭ ساھىبى مالالا ۋە ئامېرىكىنىڭ سابىق دۆلەت كاتىپى ھىلارى كىلىنتوننى يېڭىپ «دۇنيادىكى ئەڭ ھۆرمەتكە سازاۋەر ئايال» بولۇپ باھالاندى.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، YouGov پۈتۈن دۇنيادىكى 32 دۆلەتتە جەمئىي 25 مىڭغا يېقىن ئادەمنى زىيارەت قىلغان. تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، فىلىم نازارەتچىسى، ئالتە بالىنىڭ ئانىسى ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ خەير-ساخاۋەت ئەلچىسى ئەنجىلىنا جۇلى  «دۇنيادىكى ئەڭ ھۆرمەتكە سازاۋەر ئايال» شەرىپىگە ئېرىشكەن.
بۇ تەكشۈرۈشكە ئاساسلانغاندا، 2014-يىللىق تىنچلىق نوبېل مۇكاپاتىنىڭ ساھىبى، پاكىستانلىق قىز مالالا ۋە ئامېرىكىنىڭ سابىق دۆلەت كاتىپى ھىلارى كىلىنتون ئايرىم ئايرىم ھالدا ئىككىنچى، ئۈچىنچى ئورۇنغا تىزىلغان، ئۇنىڭ كەينىدىن ئەنگلىيەنىڭ ئايال پادىشاھى ئېلزابىت، ئامېرىكىنىڭ بىرىنچى خانىمى مېچىل قاتارلىقلار تىزىلغان. ئەمما ئەنگلىيەدە ئايال پادىشاھ ئېلزابىت يەنىلا ئەڭ ھۆرمەتكە سازاۋەر ئايال ئىكەن.
تۆۋەندىكىلەر YouGov ئېلان قىلغان «دۇنيادىكى ئەڭ ھۆرمەتكە سازاۋەر ئاياللار رەت تەرتىپى» دىكى ئالدىنقى 10 ئايال:
1. ئەنجىلىنا جۇلى (Angelina Jolie)
2. مالالا يۈسۈفزاي (Malala Yousafzai)
3. ھىلارى كىلىنتون (Hillary Clinton)
4. ئېلزابىت II (Queen Elizabeth II)
5. مېچىل ئوباما (Michelle Obama)
6. سېلىن دىيون (Celine Dion)
7. ئوپراھ ۋىنفرەي (Oprah Winfrey)
8. جۇلىيا روبېرتىس (Julia Roberts)
9. ئاڭسەن سۇكى (Aung San Suu Kyi)
10. ئانجىلا مېركول (Angela Merkel)

ئەلدىيار تورى ئۈندىدار سالونى : eldiyar99

ساغلاملىق

ئوقۇشلۇق

تور بىكەتنىڭ بارلىق ھوقۇقى شىنجاڭ ئەلدىيار مەدەنىيەت تارقىتىش شىركىتىگە مەنسۇپ

© 2014 ELDIYAR.COM 备案/许可证编号:新ICP备15003605号 组织机构代码证:328862907

广告部:18999993541 新闻部:13899903541 监督举报:13325555422 QQ \ Wechat :2663600

تور بىتىمىزگە يوللانغان مەزمۇنلار توردىن توپلانغان، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ

本站的所有内容,视频,音频,图片,文字均从互联网上收集而来,作品版权归作者所有。如发现版权问题请及时联系站长

新公网安备 65010202000093号