ئامېرىكا ۋيومىنگ ئىشتاتىدا بىر كىشلىك بىر بازار بار بولۇپ، بازاردىكى بىردىنبىر ئاھالە بولغان سالمونس بۇ بازارنىڭ ئىگىسى ئىكەن. بۇ جاينىڭ نامى بيۇفورد بولۇپ، دېڭىز يۈزىدىن ئىگىزلىكى 24.8 مېتىر كېلىدۇ. سالمونس ئەسلىدە ئايالى بىلەن لوس-ئانژىلىستا تۇرىدىغان بولۇپ، 1980-يىلى ئاۋات شەھەر تۇرمۇشىدىن قېچىپ ئالتە دانە قۇرۇلۇش بار بۇ بيۇفوردنى سېتىۋېلىپ، مۇشۇ يەرگە كېلىپ ئورۇنلاشقان. ئۇ، بۇ يەر گەرچە كىچىك بولسىمۇ، لىكىن مەن كېلىپلا بۇ يەرنى ياقتۇرۇپ قالدىم، بىز بۇ يەرگە كەلگەندىن كىيىن ئات باقتۇق، ئىت، مۆشۈكلەرنى باقتۇق، شۇنداقلا ئاستا رېتىملىق تۇرمۇشتىن ھوزۇرلاندۇق، دىگەن.
ئۇلار بۇ بازارغا دەسلەپتە كەلگەندە 7 ئادەم بار بولۇپ، يېقىن ئەتراپتىكى بىر تۆمۈر يولغا قارايدىغانلار ئىكەن. ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 90-يىللىرىدا بۇ كىشىلەرمۇ بۇ يەردىن كەتكەن.
15 يىل بۇرۇن سالمونسنىڭ ئايالى ئالەمدىن ئۆتكەن بولۇپ، ئۈچ يىل بۇرۇن ئۇنىڭ ئوغلىمۇ كۆچۈپ كەتكەن. شۇنىڭ بىلەن ئۇ بۇ بازارنىڭ بىردىنبىر ئاھالىسىگە ئايلىنىپ قالغان.
80-نومۇرلۇق ئىشتاتلار ئارا تاشيول بۇ بازاردىن ئۆتىدۇ. سالمونسنىڭ بۇ يەردە بىر ماي قاچىلاش پونكىتى ۋە بىر كىچىك دۇكىنى بار، دۇكان گەرچە كىچىك بولسىمۇ، لىكىن مال تۈرلىرى خېلى تولۇق، كىتاپ-ژورنال، ئىچىملىك، كىيىم-كېچەك قاتارلىق تۇرمۇش بويۇملىرىنىڭ ھەممىسى دىگۈدەك بار ئىكەن.
سالمونس مۇشۇ كىچىك بازاردا خۇشال خورام ھالدا ياشاپ يۈرمەكتە. گەرچە بۇ يەردە پەقەت بىرلا ئادەم ۋە ئالتە دانە قۇرۇلۇشلا بولسىمۇ.

ئەلدىيار تورى ئۈندىدار سالونى : eldiyar99